TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 09:18:14

گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر قاغانلىقى

گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر قاغانلىقى


( 847 -1036 )


گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەشكىل قىلىنغان ۋاقتىنى بەزى تەتقىقاتچىلار 902 - يىلى، دەپ ھېسابلايدۇ.(1) بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ توغرا بولمىسا كېرەك. << يېڭى تاڭنامە >>دىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 840 - يىلى كېچىسى قىرغىزلارنىڭ قىلغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدا، قازا تاپقان قاغان خېساننىڭ جىيەنى پان تېگىن 15 ئۇيغۇر قەبىلىسىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ بەش ئۇكىسى ۋە ۋەزىر ساجى ( ساۋچ؟)لار بىلەن غەربىي يۇرتقا قارلۇقلار ئارىسىغا كۆچۇپ كەلگەن. داجۇن يىللىرى ( 847 - 860 )نىڭ باشلىرىدا پان تېگىن ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغان ۋە گەنجۇدا تۇرۇپ، چۆلنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنى باشقۇرغان >>(2).

<< كونا تاڭنامە >> دە 848 - يىلى ۋە 849 - يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەر مەزمۇنلۇق بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردە شۇ كىتابتىكى مۇشۇ ئەھۋال بايان قىلىنغان تېكىستنى تولۇق نەقىل كەلتۈرۈمىز: << داجۇننىڭ 2 - يىلى ( 848.11.9 - 849.1.27 ) ئەتىيازدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سەل كەم 500 نەپەر ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ۋاڭ ۋە مەشھۇر ئادەملىرى قالدى ( ئۇيغۇر قاغانى ئىنەننىڭ ئادەملىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ ). بۇلار ھەممىلا ئىشتا شىرۋېيلارغا تاياندى. شىرۋېيلار يۇجۇدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، جاڭ جۇنو ئۇلارنى ئوردىغا قايتىشقا، ئىنەن ۋە باشقىلارنى يۇجۇغا ئەكىلىشكە تاپىلىدى. ئىنەن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى ئاڭلاپ قۇرقۇپ كەتتى. شۇ كېچىسى ئىنەن خوتۇنى گېلۇ، ئوغلى دۇسى ۋە باشقىلار بولۇپ، جەمئىي 9 ئادەم غەرب تەرەپكە ئاتلىق قېچىپ كەتتى. قالغانلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ ماڭغانىدى، لېكىن ئۇلارغا يېتىشەلمىدى. ۋەزىرلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، تارخانلار، ياشانغان ۋە ياش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق يىغا - زار قىلىشتى. شىرۋېيلار قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنى يەتتە قىسىمغا بۆلدى، ھەر بىر قىسمىنى شىرۋىېيلارنىڭ يەتتە ئۇرۇقىغا تەقسىم قىلدى >>(3).

ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەمدىن كېيىن، قىرغىزلارنىڭ ۋەزىرى ئابو ھەر قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەن 70 مىڭ ئەسكەرنى باشلاپ تيەندې ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا يېتىپ كەلدى. ئابو ئىنەننى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدى. ئابو شىرۋىېيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئۇيغۇرلارنى يىغىپ، گوبى چۆلىنىڭ شىمال تەرىپىگە قايتۇرۇۋەتتى. ئەمما، مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن مەلۇم بىر قىسمى تاغ ۋە ئورمانلار ئىچىگە قېچىپ يۇشۇرۇنۇۋالدى. ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ جان بېقىپ يۇردى. ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پان تېگىن ئەنشى ( كۇچار )دىن بۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، دەپ ئۇمىدىنى غەرب تەرەپكە قاراتتى. پان تېگىن گوبى چۆلىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى قاغان دەپ ئېلان قىلدى.(4). مانا بۇنىڭدىن گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پان تېگىن تەرىپىدىن 847 -، 848 - يىللىرى تەشكىل قىلىنغانلىقى ئايان بولىدۇ.(5). مانا بۇ ۋەقە ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى ئۇيغۇرلارنى مىللىي ئەركىنلىككە ۋە ئۆزى ئۆزىگە خوجا بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئەمما، ئۇيغۇرلار گەنجۇدىن يىراق يەردە - تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىدا تۇرۇپ قالغاچقا، پان تېگىندىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ياردەمگە ئېرىشەلمىدى. ئۇيغۇر قاغانلىقى چۈشكۈنلۈكتىكى چاغلار ( 841 - 847 - يىللىرى ) دا چېگرىغا جايلاشقان يۇجۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۇنۋۇ ئۇ يەردە قالغان ئۇيغۇرلارنى مەغلۇپ قىلغان چاغلاردا، پان تېگىن ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى، دېگەن مەلۇماتمۇ ئۇچرايدۇ.(6). << بەش دەۋر تارىخى >> (75- جىلد ) دا ئۆگە قاغاننىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار تيەندې - يۇجۇ چېگرا رايونىدىكى تاڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قالغان قىسمى << غەرب تەرەپكە كەتتى ۋە تىبەتلىكلەرگە بويسۇندى. شۇ چاغدا، تىبەتلىكلەر خېشى ۋە لۇنيۇ تېررىتورىيىلىرىنى ئىگىلەپ تۇراتتى. ئۇيغۇرلار مۇشۇ يەرلەرگە تارقىلىپ ئورۇنلاشتى >> دەپ مەلۇمات بېرىلىدۇ. << بەش دەۋرنىڭ كونا تارىخى >> ( 138 - جىلد ) دا تىبەتلىكلەرگە بويسۇنغان ئۆگە قاغان قارىمىقىدىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇ رايۇنىغا كۆچۈرۈلدى، دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

دېمەك، جۇڭگو مەنبەلىرىدە كەلتۈرۈلگەن ماتېرىياللارنىڭ تەھلىلى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە گەنسۇغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ھامىيسى دەپ تونۇشقا مەجبۇر بولغان.(7) ئەمما، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرنىڭ ئاجىزلاشقان ۋاقتتىدىن پايدىلىنىپ، 847 - 848 - يىللىرىدىلا مۇستەقىل گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان(8). تىبەت بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر ساقلىنىپ قېلىۋەرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى لىڭجۇ ( گەنسۇ تەۋەسىدە ) دېگەن يەردە ياشاپ كەلگەنىدى. بۇ گەنسۇغا قوشنا جاي ئىدى. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسى لىڭجۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز يېرىگە قوشۇۋالماقچى بولغان بولسا كېرەك، شۇڭلاشقىمۇ پادىشاھ شۇەنزۇڭ ( 846 - 859 ) << يىراقتىكى يەرلەرنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن لىڭجۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلىشقا ئەلچى ئەۋەتىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلگەنىدى.(9) ئېھتىمال، بۇ نازارەتچى ئاخبارات بەرگۇچى بولۇپ، ئەلچى ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن. شۇ چاغدا پادىشاھ گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيغۇر قاغانىغا << ئۇلۇغ تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان >> دېگەن ئۇنۋاننى ئىنئام قىلدى.(10)

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلار خان سارىيىغا << يەرلىك مەھسۇلاتلار >> نى ئۇلپان سۈپىتىدە يوللاپ تۇردى. بۇ جۇملىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى ئۆزلىرىگە لازىم باشقا بۇيۇملارغا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن ئېلىپ باردى دەپ چۇشىنىش كېرەك. ئۇيغۇر قاغانى پەقەت ئۇلپان تۆلىگەنىلىكى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى پادىشاھنىڭ بېقىندىسى، دەپ ھېسابلىمايتتى. چۈنكى، بۇ دۆلەت ( تاڭ سۇلالىسى ) تەھدىت سېلىپ تۇرغىدەك ئەھۋالدا ئەمەس ئىدى ھەم ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ياردەممۇ كۆرسىتەلمەيتتى. تاڭ سۇلالىسى شۇ چاغلاردا خېلىلا قىيىنچىلىقتا قالغانىدى. ئەنئەنە بويىچە، << بىرەر سودا كارۋاىنىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەنزۇلار دائىم ئەلچىلىك ئۆمىكى يېتىپ كەلدى دەپ قارايتتى >>(11). ئېلىپ كېلىنگەن تاۋارلارنى خەنزۇچە << جىڭ گۇڭ >> ( 进贡 ) دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتايتتى. بۇ ئۇلپان، ئۇلپان ئېلىپ كېلىش دېگەنلىك بولاتتى.(12)

تارىخچىلار ئۇيغۇرلار جۇڭگوغا ئۇلپان تۆلەش ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىش ياكى باشقا بۇيۇملارغا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن كەلگەن، دېگەن پەرەزنى كونكرېت ماتېرىياللار بىلەن ئىسپاتلايدۇ. مەسىلەن، << كونا تاڭنامە >> ( 195 - جىلد، 13 - 14 - بەتلەر ) دە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى << ئوردىغا ئەلچى ئەۋەتەتتى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئات ھەمدە يەرلىك مەھسۇلات، تاۋارلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشقا بۇيۇملارغا ئالماشتۇرۇپ قايتاتتى >>: << يېڭى تاڭنامە >> ( 217 - جىلد، 1 - 4 - بەتلەر ) دە: << بەزىدە ئۇيغۇرلار چېگرا بويىغا جايلاشقان ۋىلايەتلەرگە كېلىپ، ئۇ يەرلەردە قاشتېشى ۋە ئاتلارنى سېتىپ كېلەتتى >> دەپ كۆرسىتىلىدۇ. خەنزۇلار چېگرا بويلىرىدا سودا - تىجارەتنى تىبەت، قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى، خوتەن ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ سودىگەرلىرى بىلەنمۇ قىلىشىپ تۇرغان.

ئۆگە قاغان تاڭ سۇلالىسى ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، گەنجۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى گۇرۇپپىلىرى كەلدى. بۇلار پان تېگىننىڭ مەۋقەسىنى كۈچەيتتى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ قاغان ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى تىبەتلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دەرىجىسىدە كۈچلۈك، دەپ ھېسابلىمايتتى. تىبەتلىكلەر بولسا، تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشتە جەڭگىۋار ئۇيغۇر قوشۇنلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئويلاتتى. << يېڭى تاڭنامە >> دە 847 - يىلى تىبەتلىكلەر خېشىدىكى خەنزۇلارغا قارشى يۈرۈشكە ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تارتىپ كەلگەنىدى، دەپ كۆرسىتىلىدۇ.(13) ئەگەردە مۇشۇ رايونلار << يېڭى بەش دەۋر تارىخى >> ( 74 - جىلد ) ۋە << كونا تاڭنامە >> ( 174 - جىلد 1 - 4 - بەتلەر ) دە كۆرسىتىلگىنىدەك، شۇ چاغلاردا تىبەتلىكلەرنىڭ تېررىتورىيىسى ھېسابلانغان بولسا، ئۇنداقتا خېشىنى بېسىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، << يېڭى تاڭنامە >> ( 172 - جىلد، 35 - بەت ) دە : << تىبەتلىكلەر تاڭغۇت ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە جەلب قىلىپ، خېشىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بېسىپ كىردى >> دەپ كۆرسىتىلىدۇ. خېدۇڭنىڭ سانغۇنى ۋاڭ زەي تىبەتلىكلەر ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بىرلىكتە قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى تۇرغان، ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۇ تىبەتلىكلەر بىلەن تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان بولسا كېرەك. جۇڭگو مەنبەلىرىدە بۇ توغرۇلۇق گەپ - سۆز يوق.

شۇنداق قىلىپ، بىر قاتار سەۋەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى: بىرىنچىدىن، تىبەتلىكلەرمۇ ۋە تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى جېدەل - ماجىرالىرى تۈپەيلىدىن بەك ئاجىزلاشقانىدى(14) : ئىككىنچىدىن، ئورخۇندىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بۇرۇن جايلاشقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر قوللاپ قۇۋەتلىدى: پان تېگىن بولسا مانا شۇ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنى تىبەتلىكلەرگە قارشى ئىتتىپاق قىلىپ ئۇيۇشتۇردى.

9 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يۇرگۇزدى. ئۆزلىرىنىڭ تېررىتورىيىلىرىنى قوشنىلىرىنىڭ تېررىتورىيىسى ھېسابىغا كېڭەيتتى.

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى 875 - يىلى تاڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىغان ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ، تاڭغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ، تيەندې ۋىلايىتىگە باستۇرۇپ كىردى. شۇ يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن تاۋارلىرىنى ئېلىپ تاڭ ھاكىمىيىتى تېررىتورىيىلىرىگە كېلىپ سودا قىلىپ، 10 مىڭ توپ يىپەك ئېلىپ كەتتى(15).

10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك دەرىجىدە قۇدرەت تاپتىكى، بەك ئاجىزلىشىپ كەتكەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىشلىرىغا ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئارلىشىپ كەلدى. 902 - يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەگەردە تاڭ پادىشاھى ماقۇل كۆرسە، تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ توغرۇلۇق << ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر >> دە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلىدۇ: << پادىشاھ خەنلىن بىلىم يۇرتىدىن بىۋاستە يوليۇرۇق ئېلىپ ئىشلەيدىغان خەن ۋۇغا رۇخسەت قىلىش توغرۇلۇق جاۋاپ خەت يېزىڭ >> دەپ تاپشۇرغان. 903 - يىل 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خەن ۋۇ پادىشاھقا تۆۋەندىكىچە دوكلات سۇنغان: << ياۋايىلارنىڭ يۈرىكى قارا كېلىدۇ. ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدە ئېسىل ئادەملەر ۋە بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى، شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بەك ناچارلىقىنى، مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ چۈشكۈن ھالىتىنى كۆرگەندە، بۇ ئادەملەردە جەزمەن تاڭ دۆلىتىنى كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئاچكۆزلۈك پەيدا بولىدۇ. ئۇلاردىن باشقا، خۇيچاڭ يىللىرى ( 841 - 846 - يىللىرى )، ئۇيغۇرلارنى تاڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇيغۇرلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ. قاغانغايازغان مەكتۇپتا تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك كۆلەمدە كېلىشىگە ماقۇل بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە كېلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا يازساق تۈزۈكرەك بولارمىكىن....... >> پادىشاھ بۇ تەكلىپكە قوشۇلدى.


دېمەك، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەكلىپى رەت قىلىندى. قاغانمۇ 756 - 764 - يىللىرى ئارلىقىدا ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي ياردەم كۆرسەتكەن مويۇنچۇر ۋە ئىدىگەن قاغانلارنىڭ سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. يۇقىرىقى قاغانلار شۇ چاغلاردا تاڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆزلىرىگە ئولپان تۆلەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.


0 1- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مەركىزى ئاسىيادا قىتانلارنىڭ يېڭى كۆچمەن دۆلىتى پەيدا بولدى. قىتانلاردا شەكىللەنگەن فېئوداللار سىنىپى ئۆزلىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە باشقا ئەللەر ھېسابىغا بېيىش قەقسىتىدە ئۆزلىرىگە قوشنا بولغان قەبىلىلەرگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى باشلىدى. قىتانلار مانجۇرىيىدىن باشلاپ يۇرۇش قىلىپ ئىچكى موڭغۇلنى بېسىۋالدى. بەشبالىق ۋە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلىۋەتتى. 908 - يىلىغا كەلگەندە، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىىنى قىتانلار تەۋەلىكىدىكى ئەل دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.(1) 924 - يىلى، قىتانلار شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، بۇرۇنقى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىلىرىنى بېسىۋالدى. قىتان خانىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ بۇرۇنقى پايتەختىدە ئۇيغۇر قاغانىنىڭ شەرىپىگە ئورۇنتىلغان يادىكارلىقتىكى خەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ‹‹ قىتان، تۈرك ۋە خەنزۇ تىللىرىدا قىتانلارنىڭ سەركەردىسىنىڭ تۆھپىلىرى ›› نى يازغۇزدى.(2) گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلى 200 يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ تۇردى ( 847 - 1036 - يىللىرى ). ‹‹ سۇڭ سۇلالىسى تارىخى ›› دىكى مەلۇماتلار گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شۇ چاغدىكى چېگرىسىنى ئېنىقلىۋېلىشقا ئىمكان بېرىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرىقى چېگرىسى بولسا، خۇاڭخې دەرياسىغىچە يەتكەن، غەرب تەرەپتىكى چېگىرىسى بولسا، قارلىق تاغقىچە ( ھىمالايا ) سوزۇلغان.


....داۋامى بار....


پايدىلانغان ماتىرىياللار:


(1).ئا. گ. مالياۋكىن: << 9 - 12 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرىيىل.


(2) << سۇڭ سۇلالىسى تارىخى >> 217 - جىلد، 1 - 4 - بەتلەر.


(3) ئا.گ.مالياۋكىن: << 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى >>، 30 -بەت، نوۋوسىبىرسك،1974 -يىل


(4)<< كونا تاڭنامە >> 217 - جىلد، 1 - 4 - بەتلەر.


(5)جۇڭگو تارىخچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا تەشكىل قىلىنغان ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى دائىرىسىگە قوچۇ ۋاڭلىقى ( 380 - 640 يىللىرى ) تېررىتورىيىسى كىرگەن. << كونا تاڭنامە >> دىكى تېكىستلەرگە قارىغاندا، كۇچار ۋە گەنجۇلارمۇ ئەنشى دائىرىسىگە كىرگەنىكەن.


(6) ئا.گ.مالياۋكىن: << 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى >>،نوۋوسىبىرسك،1974 -يىل


(7) م. ۋ. ۋوروبيېف: << جورجىتلار ۋە جىن دۆلىتى >>، 40 - بەت، موسكىۋا 1975 - يىل


(8) د. ئا. ئىسسىيېف: << گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەمۇرىي سىستېمىسى توغرىسىدا >>، (9-11- ئەسىرلەر )، 1 - قىسىم، 13 - بەت. ( << كافاروفنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىلمىدىكى تۆھپىلىرى >> ) ، (توپلام ) 1979 - يىل


(9) << يېڭى تاڭنامە >>، 217 - جىلد 1 - 4 - بەتلەر.


(10)<< يېڭى تاڭنامە >>، 217 - جىلد 1 - 4 - بەتلەر.: ج. ر. خامىلتون: << بەش دەۋر مەزگىلدىكى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلار >>، 142 - بەت، پارىژ، 1955 - يىل


(11) بارتولد ئەسەرلىرى، 2 - توم، 1 - قىسىم، 253 - بەت


(12) ئا.گ،.مالياۋكىن : << 840 - 848 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە جۇڭگو >>. ( << ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سىبىرىيە، مەركىزىي ۋە شەرىقى ئاسىيا >> ) ( توپلام ) ، 54 - بەت، نوۋوسىبىرسك، 1975 - يىل


(13) << يېڭى تاڭنامە >>، 8 - جىلد، 11 -، 39 - ، 218-، 49 - بەتلەر.


(14)<< يېڭى تاڭنامە >>، 216 - جىلد، 9 - بەت: ن. يا. بىچۇرىن: << قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان خەلقلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار توپلىمى >>، موسكۋا - لېنىنگراد، 1950 - يىل ، << كونا تاڭنامە >> 250 - جىلد، 9 - توم، 8113 - بەت


(15) << ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر >> 252 - جىلد 8182 - بەت


      مەكىزى ئاسىيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار << ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى >>، رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇر سايرانى





Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 00:30:08

گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەشكىل قىلىنغان ۋاقتىنى بەزى تەتقىقاتچىلار 902 - يىلى، دەپ ھېسابلايدۇ.(1) بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ توغرا بولمىسا كېرەك. << يېڭى تاڭنامە >>دىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 840 - يىلى كېچىسى قىرغىزلارنىڭ قىلغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدا، قازا تاپقان قاغان خېساننىڭ جىيەنى پان تېگىن 15 ئۇيغۇر قەبىلىسىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ بەش ئۇكىسى ۋە ۋەزىر ساجى ( ساۋچ؟)لار بىلەن غەربىي يۇرتقا قارلۇقلار ئارىسىغا كۆچۇپ كەلگەن.

--------------



ماۋۇ قاغاننىڭ جىيەنى پان تىگىن دىگەن سولتەك، 15 قەبىلە ئىلىپ يۇرىتنى تاشلاپ قاچقۇچە قىرغىزلار بىلەن جان تىكىپ ئىلىشسا نەتىجىسى قانداق بولاتتى ...

ماۋۇ تەيۋەننىڭ سەيدىق بالەيلىرىدەك ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 10:52:57

1- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەشكىل قىلىنغان ۋاقتىنى بەزى تەتقىقاتچىلار 902 - يىلى، دەپ ھېسابلايدۇ.(1) بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ توغرا بولمىسا كېرەك. << يېڭى تاڭنامە >>دىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 840 - يىلى كېچىسى قىرغىزلارنىڭ قىلغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدا، قازا تاپقان قاغان خېساننىڭ جىيەنى پان تېگىن 15 ئۇيغۇر قەبىلىسىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ بەش ئۇكىسى ۋە ۋەزىر ساجى ( ساۋچ؟)لار بىلەن غەربىي يۇرتقا قارلۇقلار ئارىسىغا كۆچۇپ كەلگەن.

--------------



ماۋۇ قاغاننىڭ جىيەنى پان تىگىن دىگەن سولتەك، 15 قەبىلە ئىلىپ يۇرىتنى تاشلاپ قاچقۇچە قىرغىزلار بىلەن جان تىكىپ ئىلىشسا نەتىجىسى قانداق بولاتتى ...

ماۋۇ تەيۋەننىڭ سەيدىق بالەيلىرىدەك ؟

پان تېكىن سىزگە قاچقاندەك كۆرۈنۈۋاتامدا؟

EltÜrk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 13:28:03

...گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقي چېگرىسى بولسا، خۇاڭخې دەرياسىغىچە يەتكەن، غەرب تەرەپتىكى چېگىرىسى بولسا، قارلىق تاغقىچە -سوزۇلغان شۇنداق بىر خانلىقنىڭ پۇخرالىرى ئىز -دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن بولغايمىتى...
بەت: [1]
: گەنجۇ ( كەڭسۇ ) ئۇيغۇر قاغانلىقى