TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 09:10:10

كىچىكىنە تەسىرلىك ھىكايە

                                                                                      تەسىرلىك ھىكايە (يىغلاپ كەتتىم)[]                                                                              ئۆيگە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ئالاي دەپ ،دۇككانلارنى ئارىلاۋاتقىنىمدا بىر دۇككاننىڭ ئالدىدا تۇرغان5-6 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا بىلەن پىركازچىكنىڭ پارىڭىغا قۇلىقىم كىرىپ قالدى.

-ناھايىتى ئەپسۇس،پۇلۇڭ بەك ئازكەن ،بۇ قونچاقنى ساڭا سېتىپ بېرەلمەيمەن.

-راستىنلا يەتمەمدىكەن ھەدە؟

بالا شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئۇ دۇككاندا مال كۆرگەچ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىۋاتقان ماڭا قاراپ :«ھەدە ، سىز ساناپ بېقىڭچۇ ، راست كەملەمدىكەن پۇلۇم؟» دېدى.

مەن ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلغا قاراپ ئامال يوق دېگەن مەنىدە مۈرەمنى قىسىپ قويدۇم.

بالا يىغلىغىنىچە قونچاقنى قۇچاقلاپ تۇرىۋالدى ،مەن بۇ چاغدا ئالىدىغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ پۇل تۆلەش ئۈچۈن پۇكەيگە كەلگەنىدىم شۇ ئارىلىقتا بالىغا دېدىم:

-ئوغلۇم،ئوغۇل بالىمۇ قونچاق ئوينامدۇ، پۇلۇڭ يەتمىگەندىن ئالما بولدى،يىغلىما…

-سىڭلىم بۇ قونچاقنى بەكلا ياختۇرغانىدى،ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدىم،ئەمدى بۇ قونچاقنى ئانامغا بېرىمەن، ئانام ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بېرىپ قويىدۇ…

بالا تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

-سىڭلىم ئاللاھنىڭ يېنىغا كەتتى ،ئۇزاق قالماي ئاناممۇ ئاللاھنىڭ يېنىغا كېتىدۇ،ئانامنىڭ كېتىشىنى خالىمايمەن،ئەمما دادام،سىڭلىڭ كىچىك ئاناڭ سىڭلىڭغا قارىمىسا بولمايدۇ دېگەنىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كېتىشىگە رازى بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم

بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ ،كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.

-ئانامغا مەن قونچاقنى ئېلىپ كەلمىگۈچە كەتمەي تۇرىشىنى دەپ قويغانىدىم

بالا شۇ گەپنى دەپ بولۇپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى،ئۇنى باغرىمغا باستىم،ئۇنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن بىر دانە سۈرەت چىقىپ قالغانىدى،قارىسام سۈرەتتە قۇچىقىمدىكى بۇ بالا كۈلۈپ تۇرغانىكەن،ئۇنىڭغا ئاستاغىنە:

-ئوغلۇم،يىغلىمىغىن،قارا بۇ سۈرىتىڭدىكى ھالىتىڭدەك كۈلۈپ تۇرساڭ،تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كېتىدىكەنسەن،ئوغۇلبالا دېگەن يىغلامدۇ بولدى يىغلىما -دېدىم.

-بۇ رەسىمنىمۇ سىڭلىمغا ئەۋەتىش ئۈچۈن چۈشكەن ، ئۇ مېنىڭ چىرايىمنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن ،رەسىمنىمۇ ئاپامدىن ئەۋەتىمەن -دېدى.

بالا قۇچىقىمدىن يۇلقىنىپ چىقىپ بۇدرۇققىنە قوللىرى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتتى ۋە قولىدىكى قونچاققا غەمكىنلىك بىلەن قاراشقا باشلىدى.

-ئوغلۇم،بەلكىم بايا پۇلۇڭنى خاتا ساناپ قالغانسىلەر،ئەكىلە يەنە بىر قېتىم ساناپ باقايلى دېدىم،بالا پۇرلانغان پارچە-پۇرات پۇللارنى قولۇمغا تۇتقۇزدى،مەن سەزدۈرمەستىن ئۇ پۇللار ئارىسىغا پۇل قوشۇپ قويدۇم،پۇل قونچاققا يېتىپ ئېشىپ قالدى،بالا قونچاقنى قويۇپ قوللىرىنى ئېچىپ ئاسمانغا قاراپ:«رەھمەت سىزگە ئەي ئاللاھ،دادام ئاللاھ بەك شەپقەتلىكتۇر دېگەنىدى،راستىنلا بەك ياخشىكەنسىز،ماڭا پۇل بەرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت» دېدى.

ئاندىن ماڭا قاراپ:«ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاللاھتىن سىڭلىمغا قونچاق ئېلىپ ئەۋەتىشىم ئۈچۈن پۇل بېرىشىنى سورىغانىدىم،ئاندىن يەنە ئاپامغا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىشنىمۇ ئويلاشقانىدىم،ئاپام ئەتىرگۈلگە بەك ئامراق ئېدى،ئەمما كۆپ نەرسىنى سوراپ كەتمەي دەپ ئاللاھتىن بۇنى سوراشقا خېجىل بولغانىدىم،ئاللاھ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپتۇ،ئىچىمدىكىنىمۇ بىلىۋاپتۇ، قونچاقنىمۇ ئالدىم،يەنە ئەتىرگۈل سېتىۋالغۇدەك پۇل ئېشىپ قاپتۇ» دېدى.

بالا قونچاقنى ئېلىپ يۈگىرەپ چىقىپ كەتتى،مەنمۇ سودا-سېتىقنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىم،كۈن بويى كاللامدىن شۇ بالا ۋە ئۇنىڭ گەپلىرى ئۇنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرى كەتمىدى ،ئاشخانىدا كۆكتات ئادالاۋىتىپ تۇيۇقسىز،ئەخلەت چېلىكىگە تاشلانغان گېزىتتىكى چوڭ ماۋزۇغا كۆزۈم چۈشتى ،بۇ بىر ھەپتە ئىلگىرىكى گېزىت ئېدى ، گېزىتتە بىر ئادەمنىڭ ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەپ،پىيادىلەر كوچىسىداكېتىۋاتقان ئانا -بالىنى سوقىۋەتكەنلىكى ، ئۈچ ياشلىق كىچىك قىزنىڭ نەخ مەيداندا ئۆلگەنلىكى ئانىسىنىڭ بولسا ئېغىر يارىدار بولۇپ،دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقانلىقى،تېخىچە ھۇشىغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى يازغانىدى.

خەۋەرنى ئوقۇپ قوللىرىم تىترەپ كەتتى،دېمەك ئۆلۈپ كەتكەن قىز بۈگۈنكى ھېلىقى بالىنىڭ سىڭلىسى ھۇشىغا كەلمەيۋاتقان ئايال بولسا ئۇنىڭ ئاپىسى بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئېدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە شۇ گېزىتتە ھېلىقى ئايالنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى بېسىلدى.كۆز لىرىم پەيلى بۇزۇلغان قارا بۇلۇتتىن يامغۇر تۆكىۋەتكەندەك ياش تامچىلىرىنى تۆكىۋەتتى .

بىر قانچە كۈندىن كېيىن گېزىتتىكى ئادرىس بويىچە ،ئەتىرگۈلدىن بىر دەستە ئېلىپ قەبرىستانلىققا باردىم،قەبرە بېشىغا ھېلىقى ئوغۇلنىڭ كۈلۈپ تۇرغان رەسىمى ۋە شۇ كۈنى سېتىۋالغان قونچىقى بىلەن بىر تال ئەتىرگۈل قويۇپ قويۇلغانىدى.

مەن يۈزلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇپ قەبرىستانلىقتىن ئۇزاقلاشتىم،بۇ ۋەقە ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلدى ،ھېلىقى كىچىككىنە بالىنىڭ قەلبىدىكى سىڭلىسىغا ۋە ئانىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك ھارارىتى مېنىڭمۇ ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قىلاتتى.

ئۆتۈنۈپ قالاي ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمەڭلار،قەلىبلەرنى يىغلاتماڭلار،ئاكىلارنى سىڭلىسىدىن،ئاتىلارنى مېھرىبان ئاياللىرىدىن ئايرىماڭلار.

مەنبە:ئۇندىدار چەبرىكى

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 11:04:55

ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ دەيمەن دەپ تۇرۇپ ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى

راست بولغان ۋەقەمۇ نىمە ؟
بەت: [1]
: كىچىكىنە تەسىرلىك ھىكايە