bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 04:19:08

ئاق قان راكىغا قارشى باكتېرىيە (چاتما مىدىتسىنا خەۋەرلىرى)

1. UCLA (كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-لوس ئانجىلىس) تەتقىقاتچىلىرى ئۈچەيدىكى مەلۇم خىل باكتىېرىيەلەرنىڭ ئاق قان راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى



كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-لوس ئانجىلىس نىڭ جونسون ئۇنىۋىرسال راك تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بۈگۈن داڭلىق مىدىتسىنا ئىلمىي ژورنىلى Cancer Research (راك تەتقىقاتى) دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان چاشقاننىڭ ئۈچىيىدە مەلۇم تۈردىكى باكتىرىيەلەر بولسا، بۇ چاشقانلار شۇ خىل باكتىرىيەلەرگە ئىگە بولمىغان چاشقانلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردىكەن. بۇ ئۈچەيدىكى مەلۇم خىل مىكروبلارنىڭ ئاق قان راكىغا قارشى تۇرۇش ياكى كېچىكتۈرۈش رولى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئادەم بەدىنىدە 100 تىرىليوندىن ئارتۇق باكتىرىيە (ئادەم تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەر سانىنىڭ 90%نى ئىگەللەيدۇ) ياشايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بوۋاق ۋاقىتلىرىدا قايسى خىل باكتىرىيەلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتېرىيە تۈرلىرى ۋە سانلىرى ئوخشىمايدىكەن. ئادەم ئۈچىيدىكى باكتىرىيە تۈرلىرى بىلەن سېمىزلىك كېسىلى ۋە ئىپىدىرما راكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقى بۇرۇنلا بايقالغان بولۇپ، ئاق قان راكىغا قارشى باكتىرىيەلەرنىڭ بايقىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىمۇ شۇ خىلدىكى ئاق قان راكىغا قارشى باكتىرىيەلەر بولسا، ئۇ ھالدا شۇ باكتىرىيەلەرنى بىمار بەدىنىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

http://newsroom.ucla.edu/portal/ ... between-245945.aspx



2. ئەنگىلىيە ئالىملىرى ئىنسانلاردا سېمىزلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  بىر خىل گېننىڭ ۋارىيانتىنى ئېنىقلاپ چىقتى



بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مىدىتسىنا ئىلمىي ژورنىلى بولغان Journal of Clinical Investigation ( كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ژورنىلى) دا ئېلان قىلىنغان سېمىزلىك كېسلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر گېن توغرىسىدىكى ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.  بۇ ماقالىدە ئەنگىلىيە لوندون ئىنىستىتۇت ئۇنىۋىرستتى University College London ئالىملىرى ئىنسانلاردىكى FTO دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېننىڭ ئىككى ۋارىيانتى (AA, TT) ئىچىدە AA ۋارىيانتىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. FTO گېنىنىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھايۋانلاردا نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىنىپ ئېنىقلاپ چىقىلغان بولسىمۇ، ئىنسانلاردا بۇ خىل گېننىڭ ئوخشاش رولى بار-يوقلۇقى نامەلۇم بولۇپ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان. FTO گېنى بولسا باشقا گېنلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشىدىكى مىتىل گۇرۇپپىسنى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىپادىلىنپ چىقىشىنى قوزغىتىش رولىغا ئىگە گېن بولۇپ، بۇ خىل گېن قورساق ئاچقاندا ئاشقازاندا ئىشلەپچىقىرىلىپ مېڭىگە يىتىپ بىرىپ ئىشتىھانى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇن گرەلىن (ghrelin) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەن. قىزىقارلىق يىرى، بۇ گېننىڭ AA ۋارىيانتىغا ۋارىسلىق قىلغان كىشىلەر TT-ۋارىيانتىغا ۋارسىلىق قىلغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئىشتىھانى ئاچقۇچى ھورمۇن گرەلىننى سېنتىزلەيدىغان بولغاچقا، بۇ تۈركۈمدىكى كىشلەر تەبىئىلا سەمىرىپ كىتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كىين كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل گېننىڭ قايسى ۋارىيانتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ سەمىرىپ كىتىش ئېھتىماللىقىنى ئالدىنىئالا بىلەلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ سەۋەبتىن سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەرگە مۇشۇ خىل گېنغا قارشى دورىلارنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ئورۇقلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

http://www.jci.org/articles/view/44403

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 09:59:10

مەن ماۋۇ گەپكە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن :

بوۋاق ۋاقىتلىرىدا قايسى خىل باكتىرىيەلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتېرىيە تۈرلىرى ۋە سانلىرى ئوخشىمايدىكەن.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 10:20:32

ئەسسالام،

-----

ئادەم بەدىنىدە 100 تىرىليوندىن ئارتۇق باكتىرىيە (ئادەم تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەر سانىنىڭ 90%نى ئىگەللەيدۇ)

-----

دىگەن سانلاردىن گۇمانلىنىپ ئىزدەپ باقسام،100 كىلولۇق ئادەمنىڭ ھۈجەيرە سانى تەخمىنەن 100 تىرليون بولىدىكەن(مەن ئالدىنقى ھەپتە دوكلات يازغاندا 60 تىرلىيون دەپ ئىشلەتكەن). يەنە ئادەم تېنىدىكى باكتىرىيەلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئادەم ئېغىرلىقىنىڭ 1%-3% ئەتراپىدا بولىدىكەن، بۇ سانلار توغرا بولغاندا «ئادەم تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەر سانىنىڭ 90%نى ئىگەللەيدۇ»دىگەن گەپ تازا توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇ، ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟



پايدىلانغان بەت:

http://van.physics.illinois.edu/qa/listing.php?id=17726

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 10:27:32

@facebook،


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇ سۆزنى مەن ئېيتمىغان، بەلكى شۇ ماقالىدىن تەرجىمە قىلغان. ئاشۇ گەپنىڭ ئاستىدا بىرىلگەن ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ بىقىڭ. ئاندىن ئۇ ماقالىنىڭ ئىچىدىكى پايدىلانغان ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۆرسىڭىز چوقۇم ئىشەنچلىك مەنبەسىنى تاپالايسىز. سىز قالدۇرغىنى بىر فىزىكا تورىكەن...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 11:00:35

تېمىڭىزنى يۆتكەپ كەتتىم بىلگەجان. \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 23:28:03

ئامرىكا ماسساچۇسېتىس خەلق دوختۇرخانىسى \"\" غول ھۆجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسان يۈرىكىنى ياساپ چىققان. بۇنىڭ تەپسىلىي جەريانى تۆۋەندىكى ۋىدىئودا كۆرسىتىلگەن:



http://pinterest.com/pin/200128777164431960/

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 23:44:27

تۆۋەندىكىسى kapapo دەپ ئاتىلىدىغان يىڭى زىللاندىيەدىكى بىر چوڭ، ئۇچالمايدىغان شاتۇت. دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان سانى 124.



\"45381_10151735894669271_1231288744_n.jpg\"



bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 23:48:19

تۆۋەندىكىسى تەبىئەت ژورنىلى ۋىدىئو قانىلى ئىشلەپچىقارغان ئاق قان راكى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان ۋىدىئوكەن. ئەگەر بىرەرىڭلار ۋىدىئوغا قانداق ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىتىپ قويساڭلار، مەن سۆزلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇرچە خەت چىقىدىغان قىلىپ ئوڭشاپ ئاندىن يوللىسام تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرۈپ چۈشىنەلەيتتى ھەم ئاق قان راكى توغرىسىدا بەك ئوبدان بىلىمگە ئىگە بولاتتتى.



http://www.nature.com/nature/videoarchive/leukaemia/index.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 00:04:20

ئەركەكلىرى ھامىلدار بولىدىغان جانلىقلار:



http://www.nature.com/nature/vid ... pipefish/index.html

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 09:36:48

ئاللاھ بۇ كېسەلنىڭمۇ شىپاسىنى بېرەر  يېڭى خەۋەركەن!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 08:22:05

«تەبىئەت» ژورنىلى خەۋىرى:



7-ئاينىڭ 26-كۈنى كانادانىڭ مونتىرىيول شەھرىدە ئىچىلغان «كۆپىيىش بىئولوگىيسى ئىلمىي جەمئىيتى» نىڭ 47-قېتىملىق يىللىق يىغىنىدا ئامرىكا جونز خوپكىنىس ئۇنىۋىرستىتى (Johns Hopkins University) دىن كەلگەن ئىممۇنولوگىيە پرافىسورى دوكتۇر سابرا كلەيىن (Sabra Klein) ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىىسنى دوكلات قىلىپ، ئالىملارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى يىشەلمىگەن بىر سىرىنى يىشىپ بەردى. ئادەتتە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا زۇكام قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گرىپتار بولۇش نېسبىتى يۇقىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ياللۇغ ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ماس ھالدا ئەرلەردىن ئېغىرراق بولىدىكەن. دوكتۇر كلەيننىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇمدىنى ئىلىۋىتىلگەن ئاياللاردا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىر-يىنكلىك دەرىجىسى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاياللىق جېنىسىي ھورمۇن ئېستروگېن ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرستىشىنىڭ باش سەۋەبكارى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:





http://www.nature.com/news/women ... c_id=FBK_NatureNews



PS: مەن يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان جەمىئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، ھەم يىلدا قاتنىشىۋاتقان ئىدىم. بۇ يىل ئوقۇشۇم پۈتۈشى سەۋەبلىك بارالمىغان. بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ شۇنچە نۇرغۇن يىڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەرسىز قالدىم دەپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى...خەپ، كىلەر يىل بىرىشقا نېسىپ بولار، ئىلاھىم.
بەت: [1]
: ئاق قان راكىغا قارشى باكتېرىيە (چاتما مىدىتسىنا خەۋەرلىرى)