atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 20:46:02

‏‏سىمسىز تور ئۈسكىنىلىرىدىن چۈشەنچە ياردىمى سورايمەن[تېخنىكا]

‏مۇنداق ئىشتى كۆپچىلىك،ئۆيۈم بىلەن ئىشخانامنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدۇ ئارلىقتا چوڭ توسالغۇ يوق،ئىشخانامدا 10جاۋ سۈرئەتتىكى تور بار،ئىشخانامدىن بىكارلىق تورنى ئۆيۈمگە ئەكەلمەكچى ئىدىم.يېقىندا تاۋباۋدا سىمسىز ئاپ دەيدىغان بىر نەرسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،بەش كىلومېتىرغىچە تور يولىيالايدۇ دەپتۇ،مۇشۇنىڭدىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم،ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلە ئىككىلەندۈرىدۇ.
‏1.مۇشۇ ئۈسكىنە راستىنلا مۇشۇنداق ئۇزۇن ئارلىققا سىمسىز تور يوللىيالامدۇ؟

‏2.سىمسىز تور كارتىسى مۇشۇ ئۈسكىنە يىراقتىن يوللىغان تورنى قۇبۇل قىلالامدۇ،يەنى ئادەتتە تورغا چىقىش قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ،ئۇ ئۈسكىنە يوللىغان بىلەن تور كارتىسىمۇ ئاشۇ ئۈسكىنىگە سىگىنال يوللاش لازىم.يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىغاندا  تېلفۇندا تورغا چىققاندىمۇ تېلفۇن شۇنچە يىراقتىن سىگىنالنى قۇبۇل قىلالايدىكەن ۋە سىگىنال يوللىيالايدىكەن،سىمسىز تور كارتىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ تېلفۇننىڭ تور يوللاش خۇسۇسىيىتىگە ئوخشامدۇ


‏ئەگەر سىمسىز ئاپ يوللىغان ئۇچۇرنى يىراق ئارلىقتىن تور كارتىسى نورمال قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتەلىسە سىمسىز ئاپ دىن بىرنىلا ئالسام بولىدۇ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىككىنى ئېلىپ ئىككى نوقتىغا قويىمەن.

‏ئازراق گىرىلىك قىلغۇم جاپادا تاپقان پۇلۇمنى ئاياپ قالغۇم كەلدى ياردەم قىلساڭلار

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 07:54:08

http://bbs.bilik.biz/forum-13-1.html



http://bbs.bilik.biz/thread-25307-1-1.html



ناھايىتى ياخشى جاۋاپلار بار ئىكەن.


atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 09:23:11

1- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://bbs.bilik.biz/forum-13-1.html



http://bbs.bilik.biz/thread-25307-1-1.html



ناھايىتى ياخشى جاۋاپلار بار ئىكەن.



گەرچە مەن سورىغان سۇئاللارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بولسىمۇ،مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىمنىڭ ئۈزىگە ئالاقىدار ئەمەسكەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 09:35:42

نۇر كابىل ئورناتساڭلار قانداق بولار ...

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 09:45:41

سىمسىز تور سىگنالىنى كۈچەيتكىلى بولارمۇ؟


دىكى ئىنكاسقا قاراڭ، يۇلغۇننىڭ ئىنكاسىغا

misranjan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 12:19:23

بۇلىدۇ لىكىن شۇ تورنىڭ تارتىشىغا باغلىق تارتقان ۋاقىتتا پىرسەنگە قارساقلا بۇلىدۇ نۇرمال بۇلسا 95% دىن يۇقۇرى بۇلسا ئاندىن بۇلىدۇ لىكىن ئۇ ئۇسكىنە تازا ئىشەنچىلىك ئەمەس

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 17:42:02

‏‏سۇئالىمغا يەنىلا ئۆزۈم جاۋاب بېرەي،كۆپچىلىككە ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.بۈگۈن ئىككىلەنمەي بۇ ئۈسكىنىدىن بىرنى سېتىۋالدىم،ئىشخانامنىڭ ئۆگىزىسىگە قادىدىم.بەش يۈز مېتىر يىراقتىن (ئارلىقتا توسالغۇ يوق)تېلفۇندا ۋە پەدتە تورغا چىقسام ئاتتەك چىقتى،شۇنىڭغا قارىغاندا سىگىنال يىتىپ بارالىسىلا تېلفۇن ۋە باشقا سىمسىز تېرمىناللار تورغا چىقالايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ كومپىيوتېرغا ئۇلىسام سىمسىز تورنى تاپالمىدى،ئۆگىزەمگە چەقەپ پەد بىلەن چىقسام راۋان چىقمىدى،ئەمما يەنىلا ئۇلىنالايدىكەن.چۈنكى ئارلىقتا دەل دەرەخ قاتارلىق توسالغۇ جىسىم بار ئىدى.ئەگەر تورغا چىقىش كەلسىمۇ ئۆگىزەمدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقسام بولغۇدەك.شۇڭا سىمسىز ئاپ دىن يەنە بىرنى ئېلىپ ئۆگىزەمگە قاداپ شۇ ئارقىلىق ئۆيۈمگە ئېلىپ كىرسەم ۋە ئۇنىڭدىن قۇبۇل قىلغان سىگىنالنى يەنە سىمسىز تارقىتىپ ئۆيۈمدىكى بارلىق تېرمىناللاردا خالىغانچە تورغا چىقسام بولغۇدەك.خۇلاسەم

‏1.توسالغۇ بولمىسا ھەر قانچە ئۇزۇن ئارلىققىمۇ سىگىنال يوللىغۇلى بولغۇدەك

‏2.تېلفۇن ۋە پەد قاتارلىق تېرمىناللار سىگىنال يىتىپ كېلەلىسىلا تورغا چىقالايدىكەن.(ھەيران قالغىنىم قۇبۇل قىلغۇچە تەرەپمۇ شۇنچىلىك ئارلىققا سىگىنال تارقىتالىسا ئاندىن تور ئالاقىسى قىلغىلى بولىدۇ،سىمسىز تور كارتىسى ۋە پەد،تېلفۇن قاتارلىقلار ئۇنچىلىك ئارلىققا سىگىنال يوللىيالمايدۇ دەپ ئويلايىتتىم،مۇشۇنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم)

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 17:56:59

http://tradearchive.taobao.com/trade/detail/tradeSnap.htm?spm=a1z09.2.9.27.umimNe&tradeID=176709584630439

ماۋۇ نەرسىنى مەن ئىشلىتىۋاتىمەن. بىر كىلومىتېردا ئاتتەك ئىشلەيدۇ. نەزىرىيەدە 3 كىلومېتىركەن. مەن بىر كىلومېتىر ئەتراپىدا سىناپ باقتىم. بۇ قوبۇل قىلغۇچ .ئۆيىڭىزنىڭ ئۆگزىسىگە قىلىپ ئىشلىتىسىز. 10 مېتىرلىق usb سىمدا نورمال. 15 مېتىر قىلسام كومپىيۇتېر تونىمايدىكەن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 19:11:02

سىمسىز تور كارتىسى ۋە پەد،تېلفۇن قاتارلىقلار سىگىنال يوللىمايدۇ. پەقەت تارقاتقۇچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرى يىتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە شۇ سىگىنال يولى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ناۋادا ئارىلىقتا توسالغۇ بولمىسا ئون نەچچە كىلومىتېر دائىرىسىگىمۇ يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ھەممە گەپ شۇ تارقاتقۇچى تەرەپتە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 19:32:46

8- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىمسىز تور كارتىسى ۋە پەد،تېلفۇن قاتارلىقلار سىگىنال يوللىمايدۇ. پەقەت تارقاتقۇچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرى يىتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە شۇ سىگىنال يولى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ناۋادا ئارىلىقتا توسالغۇ بولمىسا ئون نەچچە كىلومىتېر دائىرىسىگىمۇ يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ھەممە گەپ شۇ تارقاتقۇچى تەرەپتە.



تېما ئىگىسى پەد دىگەندەكلەر بىلەن تورغا چىققانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئۇ چوقۇم تور ئادرىسىنى كىرگۈزىدۇ، بەلكىم ئىزدەش، تىزىملاش مەشغۇلاتلىرىنىمۇ قىلالىغان بولۇشى ئېھتىمال، يەنە كېلىپ، مەنبە DHCP دىن IP ئادرىسقا ئېرىشەلمىسە مەڭگۈ تورغا چىقالمايدۇ، بۇ خۇددى يانفۇن ئۇرسىڭىز ئۇلانمىسا سۆزلىشەلمەيدۇ دىگەندەك ئىشقۇ..


شۇڭا، @kokkaptar نىڭ چۈشەندۈرىشىدە تېخنىكىلىق كەمتۈك بار بارغۇ دەيمەن. تور كېلىشىمى، سانلىق بولاق قاتارلىقلار قوش يۆنىلىشلىك خىزمەت قىلىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 19:48:04

WIFI سىمسىز تورنىڭ يەتكۈزىلىشى، بىرسىنىڭ كىلىپ ئىشىك چەككىنىگە ئوخشايدىكەن. سىگىنال ئەتراپنى قاپلىغان ھالەتتە، بىزنىڭ ئۈسكۈنە سىگىنالنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئۇلىنىش ئىلتىماسى سۇنىدىكەن، سىگىنال مەنبەسى، سىگىنالنى ئەۋەتىدىكەن، سىگىنال كىلىپ ئىشىكنى چەككەندە، ئۈسكۈنىمىز ئۆزىنىڭ قىسمەن ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدىكەن (MAC ئادىرىسى) دىگەندەك، بۇ ئۇچۇرنى سىگىنال ئەۋەتكۈچى كۆرۈپ ئۇلىنىشقا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سىلىشتۇرىدىكەن، ئۇلىنىشقا ئىجازەت بىرىلسە، سىگىنال ئەۋەتكۈچى تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ IP ئادىرىسى بارمۇ يوق تەكشۈرەيدىكەن، IP بولسا باشقا ئۇچۇر لىنىيەسى نورمال ئىشقا كىرىشىدىكەن، IP بولمىسا، IP نى تەقسىملىگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇچۇر لىنىيەسى قۇرۇلىدىكەن. ئۇچۇر لىنىيەسى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئاندىن قوش يۆنىلىشلىك خىزمەت قىلىش رەسمىي ئەمەلگە ئاشىدىكەن. ئۇچۇر لىنىيەسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، سىگىنال قوبۇل قىلغۇچىنىڭ قىلالايدىغان ئىشى پەقەت، ئىشكنى ئېچىپ مىھماننىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئىلتىماس قىلىشلا خالاس.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 19:50:37

سىمسىز سېگنال مەنبەسىدىن ئارىلىق بىر ھەسسە يىراقلاشسا، سېگنال ئۈچ ھەسسە ئاجىزلايدۇ، شۇڭا، شار يۈزلۈك تارقىلىش بوشلۇقىدا، ئارىلىقتا ھېچقانچە توسالغۇ بولمىسىمۇ، ئۈسكۈنە قوللانمىسىدىكى ئارىلىق چېكىدىن ئاشقاندا، سېگنال پەرقلەندۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاجېزلايدۇ.

يانفۇن قاتارلىق ئۇچلار (ئۇچ ئۈسكۈنىلەر، يۇپۇرماقلار، مىۋىلەر، ئۈزۈملەر، گىلاسلار..) سېگنال مەنبەسى بىلەن ئۇلىنىش داۋامىدا، ئۆزى تارقاتقان سېگنالنىڭ كۈچىنىمۇ تەڭشەپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، لېفىتتا، مىترودا، پويىزدا، ئالەم ئايرۇپىلانىدا، ۋاقىت ماشىنىسىدا، يانفۇنمۇ غەزەپلەنگەن توشقاندەك ئۆزى تارقىتىدىغان سېگنالنى كۈچەيتىدۇ، بۇ جايلاردا ئۇزۇن سۆزلىشىش، تورغا چىقىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.. بۇ خۇددى، ئىشىكنى چېكىپ: «مەن باچكا» دسەم، ئاپام:« كىمۇ؟..» دىسە، مەن ۋاقىراپ تۇرۇپ: « مەن باچكا!..» دىگەندەك بىر گەپ. مىترو ۋە ئايروپىلاندىكى WIFI باشقا گەپ.

پەقەت، GPS, Glonss گالىلىي قاتارلىقلارنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېگنالىنى قۇبۇل قىلىدىغان ئۆزەكلەرلا مەنبەگە سىمسىز سېگنال قايتۇرمايىتۇ، بۇ خىلى تاق يۆنىلىشلىك بولىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ تېلېفۇنى بولسا مىكرو دۇلقۇن ئىشلىتىدۇ، بۇ يانفۇن چاستۇتىسىدىن كۆپ يۇقىرى.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 19:55:27

خىزمەت ئورنۇمدا قۇرغان wifi نىڭ پارولى ئىنتايىن ئاددى، ھەتتا ئاندىروئىد مۇھىتىدىكى پارول ئىزدەيدىغان قوراللار يىشەلىگۈدەك دەرىجىدە. بىراق، پارولنى باشقىلار بىلگەن تەغدىردىمۇ مەن MAC ئادىرىسىنى قوشۇپ بەرمىگەن ئەھۋالدا تورغا ئۇلىنالمايدۇ. پارول سالماسلىقنىمۇ ئويلىغان، لىكىن:

wifi تارقاتقۇچىغا 10 ئادەم ئۇلىنىشقا ئىلتىماس قىلغان بولسا، پارول بولمىسا، 10 ئادەمنىڭ ھەممىسى MAC تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈسكۈنە MAC نى سىلىشتۇرۇپ بولالماي چارچاپ كىتىدۇ. MAC تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىغا ئاددىيراق بولسىمۇ پارول تەكشۈرۈشتىن بىرنى قوشسام، 10 نىڭ ئىچىدە تۆت ئادەم پارول تەكشۈرۈشتىلا شاللىنىدۇ. قالغان ئالتە ئادەمدىن ئۈچ ئادەم MAC تەكشۈرۈشتە شاللىنىدۇ. دىمەك ئاخىرىدا كىلىپ ئۇلىنالايدىغىنى ئۈچلا ئادەم بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۈسكۈنىنىڭ خىزمەت بىسىمىمۇ يەڭگىللەيدۇ.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 20:36:29

مەن  تىلگىراف chinanet نىڭ سىملىق ھەم سىمسىز سىگنال تارقىتىدىغان مۇدىممىدىن تۇرغا چىقىمەن،بورۇن بىرلا ۋاقىتتا تۆت ياكى بەش كومپىيۇتىر بىلەن تۇرغا چىقالايتىم (سىناپ باققان)،لىكىن ھازىر ئىككىدىن ئېشىپ كەتسىلا،ئۈچۈنچى قېتىم ئۇلانغان كومپىيوتىرغا،تىلگىرافنىڭ ئۇلۇنىش سانى ئېشىپ كەتتى دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ.

بۇنى تەڭشىگىلى بۇلامدۇ؟يەنە مۇشۇ مۇدىمغا ئۇلانغان كومپىيوتىرلارنىڭ ئۇچىرىنى كۆرگىلى ھەم تور سۈرئىتىنى تەڭشىگىلى بۇلامدۇ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 21:53:42

9- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىمسىز تور كارتىسى ۋە پەد،تېلفۇن قاتارلىقلار سىگىنال يوللىمايدۇ. پەقەت تارقاتقۇچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرى يىتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە شۇ سىگىنال يولى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ناۋادا ئارىلىقتا توسالغۇ بولمىسا ئون نەچچە كىلومىتېر دائىرىسىگىمۇ يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ھەممە گەپ شۇ تارقاتقۇچى تەرەپتە.



تېما ئىگىسى پەد دىگەندەكلەر بىلەن تورغا چىققانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئۇ چوقۇم تور ئادرىسىنى كىرگۈزىدۇ، بەلكىم ئىزدەش، تىزىملاش مەشغۇلاتلىرىنىمۇ قىلالىغان بولۇشى ئېھتىمال، يەنە كېلىپ، مەنبە DHCP دىن IP ئادرىسقا ئېرىشەلمىسە مەڭگۈ تورغا چىقالمايدۇ، بۇ خۇددى يانفۇن ئۇرسىڭىز ئۇلانمىسا سۆزلىشەلمەيدۇ دىگەندەك ئىشقۇ..


شۇڭا، @kokkaptar نىڭ چۈشەندۈرىشىدە تېخنىكىلىق كەمتۈك بار بارغۇ دەيمەن. تور كېلىشىمى، سانلىق بولاق قاتارلىقلار قوش يۆنىلىشلىك خىزمەت قىلىدۇ.



‏مەندە بۇرۇنلا مۇشۇ مەسلىدە  پىكىر يۇلۇم ئېنى ئەمەستى،ئەمما خەنزۇچە تورلارنى ئىزدىسەم تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇر تارقىتىدۇ دېگەن گەپلەر بار ئىكەن،يەنى كۆك كەپتەرنىڭ پىكىرىنى قوللايدىكەن.يەنە بىر مىسال ئايپەدۋە تېلفۇندا 3گ ئارقىلىق تورغا چىققاندا تور تارقاتقۇچىدىن (تىلگىراف تارقىتىش مۇنارىدىن)ئون ئونبەش كىلومىتىر يىراقتا بولسىمۇ تورغا چىقالايدۇ،مېنىڭچە بۇ ئۈسكىنىلەر ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنچە ئۇزاققا ئۇچۇر يوللىيالماس دەيمەن.كۆك كەپتەرنىڭ گىپى خاتا بولسا بۇ خىل تورغا چىقىش قانداق ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 23:28:57

@atella0997 سىز ئۇنىڭدا قايسى تور بېكەتكە چىقتىڭىز؟

tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 01:15:59

سىز ئۆگزىدە تورغا چىقالىغان بولسىڭىز سىمسىز تورغا ئۇلاش كارتىسىنى ئۆگزىگە قويۇڭ.. ئاندىن uap سىم بىلەن كومپىيوتىرغا ئۇلاڭ.. ئادەتتە 10 مىتىردىن ئېشىپ كەتسە نۇرمال ئىشلىمەيدۇ.. يەنە تورغا چىقىش كارتىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.. ئاندىن كۈچەيتىش ئۈچۈن سۈنئى ھەمرا تېلىۋىزور قۇبۇللاش قازىنىنىڭ ئوتتۇرىغا كارتىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ  ئىشخانىڭىزغا ئۇدۇللاڭ.. مىنىڭچە 2 كىلومىتىر دائىرىدىمۇ تورغا چىقالايسىز.. مەن ئىككى يىلدىن بىرى مۇشۇ ئىشلارنى سىناۋاتىمەن.. تور تارتماسلىقتىن ئەمەس قىززىقىش سەۋەپلىك..

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 08:07:27

15- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@atella0997 سىز ئۇنىڭدا قايسى تور بېكەتكە چىقتىڭىز؟

‏خالىغان تورغا چىقتىم،مانا ھازىر ئىزدىنىشقا دېگەندەك

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 08:32:49

يانفون، پەد قاتارلىق تىلگىراف شىركىتى ئارقىلىق تورغا ئۇلىنىدىغان (سۆزلىشىش ۋە تورغا چىقىش) ئۈسكۈنىلەر 3G، GPRS, GSM, EDGE دىگەندەك تېخنىكىلارنى ئىشلىتىدۇ. WIFI تېخنىكىسىنى بۇلارغا سىلىشتۇرۇش ئەسلا مومكىن ئەمەس، ھەم بۇلار پۈتۈنلەي ئايرىم ئۇقۇم ۋە تېخنىكىلار، مەسىلەن: GSM سىگىنالىنىڭ رادىئوس (نەزەرىيە جەھەتتىكى) ئارلىقى كەم دىگەندە بەش كىلومىتېر بولىدۇ. (ئۆلچەم شۇنداق لىكىن ئون كىلومىتېرغىمۇ تارقىتىمىز دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم.) بەزىدە سىز يىزىلارغا چىقىۋالسىڭىز، ئىككى تەرەپتىكى GSM مۇنازىرىنى كۆرەلىسىڭىزمۇ يانفون سىگىنالى ئاجىز بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇ، سىزنىڭ ئورنىڭىز بەلكىم ئىككى چەمبەرنىڭ ئارلىقىدىكى بىر بىرىگە تىگىشمەيدىغان ئورۇنغا كىلىپ قالغان گەپ. ئالدىڭىزغا ياكى كەينىڭىزگە تۆت بەش مىتېر ماڭسىڭىز يانفونغا سىگىنال چىقىدىغان ئىشلار شۇ سەۋەبتىن. بۇ سىگىناللار ھىلىقى ئىگىز ئىگىز ئانتىنىلار ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. (شەھەر ئىچىلىرىدە بىنانىڭ ئۆگىزىسىگىلا ئورۇنلاشتۇرۋالىدىغان بولۇپتۇ.) بۇنىڭغا ئۈسكۈنىمىزنى ئۇلاشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش قىلالمايمىز، سىگىنالنى ئۇلاپ تارقىتالمايمىز، كۈچەيتەلمەيمىز دىگەندەك....

ئەمدى تىلگىراف ئورۇنلىرىنىڭ تارقاتقان CMCC, ChinaUnicom, ChinaNET قاتارلىق سىگىناللىرى (ۋە ئۆزىڭىز ئاپپارات ئارقىلىق تارقاتقان سىمسىز تور سىگىنالى) بولسا، تىپىك WIFI سىگىنالى، بۇلار بىز كۆرىدىغان ئىگىز تارقىتىش مۇنارلىرى ئارقىلىق تارقىتىلمايدۇ. پەقەت قۇۋىتى يۇقۇرىراق AP ئانتىنا ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. ئۇزىتىش ئارلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس (بەزى جايلاردا بۇرۇنقى كىچىك زىرەكنىڭ ھىلىقى كىچىك ئانتىلىرىنىڭ ئورنىغا مۇشۇنداق WIFI ئانتىنىسى ئورنىتۋاتقاننىڭ گىپى بار.)

قايسى كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتى ئىچىدىكى بىر بىنادا ئىمتاھان بىرىپ قالدىم، چوڭ زال ئىكەن، زالنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە بىر قانچە ئانتىنا ۋە H3C نىڭ AP ئاپپاراتى بىكىتىلىپتۇ. بۇلار CMCC, ChinaUnicom, ChinaNET دىگەندەك سىگىناللارنى تارقىتىدىكەن. زالنىڭ ئىچىدە ئۇيان بۇيان مېڭىپ باقسام، ئۇزىتىش ئارلىقى ئانچە يىراق ئەمەسكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 10:42:45

13- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن  تىلگىراف chinanet نىڭ سىملىق ھەم سىمسىز سىگنال تارقىتىدىغان مۇدىممىدىن تۇرغا چىقىمەن،بورۇن بىرلا ۋاقىتتا تۆت ياكى بەش كومپىيۇتىر بىلەن تۇرغا چىقالايتىم (سىناپ باققان)،لىكىن ھازىر ئىككىدىن ئېشىپ كەتسىلا،ئۈچۈنچى قېتىم ئۇلانغان كومپىيوتىرغا،تىلگىرافنىڭ ئۇلۇنىش سانى ئېشىپ كەتتى دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ.

بۇنى تەڭشىگىلى بۇلامدۇ؟يەنە مۇشۇ مۇدىمغا ئۇلانغان كومپىيوتىرلارنىڭ ئۇچىرىنى كۆرگىلى ھەم تور سۈرئىتىنى تەڭشىگىلى بۇلامدۇ؟



تېلېفرافنىڭ سىمسىز سىگنال تارقىتالايدىغان مودىمىنىڭ سىمسىز تارقىتىش ئىقتىدارى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇنى پەقەت مودىم ئورنىدىلا ئىشلىتىپ، 150سوم پۇلغا چىداپ300لىك سىمسىز روتېردىن بىرنى ئېلىڭ. مەنغو ئادەتتە TP-Link نى ئىشلىتىتىم، يارىمىغان يېرىنىمۇ ھېس قىلمىدىم، پىنھان D-Link نى ماختاپ ھازىر D-Link نى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇمۇ بەك مۇقىم ئىشلەۋاتىدۇ.
بەت: [1] 2
: ‏‏سىمسىز تور ئۈسكىنىلىرىدىن چۈشەنچە ياردىمى سورايمەن[تېخنىكا]