adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 18:18:00

ماۋزىدۇڭنىڭ جەسىتى تەكلىماكانغا دەپنە قىلىنىشى كېرەك

‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۈنى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈپ باستى ۋە تارقاتتى.‹‹ئامېرىكا دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى››،‹‹سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتى››،كانادانىڭ چوڭ-چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى،‹‹ئاۋىستىرالىيە گېزىتى››،‹‹ئوۋمېن گېزىتى››،چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى‹‹ شەرىق سەھەر گېزىتى››،‹‹جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا گېزىتى›› ھەمدە ھەر قايسى چوڭ تور پونكىتلىرىمۇ ئۇنى بېسىپ،بىمەھەل قىزىق نۇقتىلىق ئاخباراتقا ئايلاندۇردى.

مەشھۇر پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:”جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،ئۇ ئەقىلغە سىغامدۇ-يوق،ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ-يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.“ دېدى.

جۇتاۋ ئالدىنقى كۈنى‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا”قۇملۇق قەبرىستانلىقى“ھەققىدىكى تەسەۋۇرىنى يەنىمۇ ئوچۇق شەرھىلەپ،ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە مەشخۇلاتچانلىقىنى يەنىمۇ كونكىرىتنى ئوتتۇرغا قويدى.جۇتاۋ بۇئىشتا بەش قولنىڭ ھەممىسىنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بوولمىغاندەك، زور كۆللەملىك جەسەت يۆتكەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،100مىليون ئەمەس 10مىڭ جەسەتنى يۆتكەپ كېلىشنىڭمۇ تەسلىكىنى ئېيىتتى.ئۇ تۇنجى قەدەمدە ئىشنى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن باشلىماي ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ موھىم سېياسىي ئەرباپلىرى،داھىلار،مەدەنىيەت ئەرباپلىرى،كىنو-تېلېۋىزىيە،تەن-تەربىيە چولپانلىرى، لېي فېڭدەك كىشىلەرگە ئوخشاش جەسەتنى مومىيا قىلىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە كىشىلەردىن باشلاش لازىملىقىنى،بۇنى”ئاممىۋى خارەكتىر“گە ئەمەس بەلكى ”مەدەنىيەت خارەكتىر“ىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇنىڭ پىكرىچە، ھەر قايسى ساھە،ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەبنە قىلىشقا بولىدىكەن.يەنە كېلىپ بۇ تېخىمۇ زور قاتلاملىق شەرەپلىك ئىشكەن.مۇشۇنداق بولغاندا يەنە 50يىل ھەتتا 100يىللاردىن كېيىنمۇ ھۆجەيرىلەرنى قايتا كۆكلىتىپ مارىيان.مونرو (ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى-تەرجىماندىن) لارنى قايتا ئاپرىدە قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ ئىشتا كۆلەمگە ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.


شۇڭا ئۇ ئالدى بېلەن ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا يۆتكەپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەبنە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ،دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا ھېچكىمنىڭمۇ جۇڭگونى بۆلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ،باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىقنى ئېيىتتى.جۇتاۋ تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى
:”خۇا گوفېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىت ۋە سېياسىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا قويۇلۇپ،خاتىرە سارىيى ياسالغان.بۇ پۈتۈنلەي تارىخنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار.ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋەرسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.شۇنچىلىك تۇرغىنىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.خەلق قەھرىمانلىرىنى خاتىرلەش ئابىدىسىنى قەيەرگە قويسا بولىۋېرىدۇ.چۈنكى، خاتىرلەيدىغانلار بەرىبىر خەلقتۇر.يەنە كېلىپ ئۇنداق يەرلەرگە بىر داھىنىڭ جەسىدىنى قويغاندا ئاز-تولا فېۋدال خاندانلىق تۈسىنىمۇ ئېلىپ قالىدۇ.مەيلى سىز دۆلەت قۇرۇشقا قانچە زور تۆھپە قوشقان بولماڭ شۇنداق ئىش رۇي بەرسىلا ئاكاڭ قارىغاي مۇشۇ دۆلەتنىڭ خوجىسى،دېگەن مەنادىن مۇستەسنا بولماق تەس. ئەمەلىيەتتە ،بىرەر ئادەمنىڭ بولمىغىنىغا دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ،فېۋدال خان-پادىشاھلارسىزمۇ دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن.دۇنيادا نەدىمۇ گۈلى گۈلىگە كېلىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن دەيسىز؟مېنىڭچە،بىراۋلار سىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭىزنى قانچە بىلىپ كەتكەنسېرى سىز شۇنچە بىئارام بولىسىزغۇ دەيمەن؟ “



   ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ئىشىدا گەرچە مۇمكىنچىلىك بەك ئاز بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.دېڭ شىياۋپىڭ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن،باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ،ئاۋال ئىدىيىرىمىزنى ئازات قىلىشىمىز كېرەك،ئىدىيىمىزنى ئازات قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتالايمىز؟تەسەۋۋۇر دۇنيانى يارىتىدۇ،كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئارىسالدى بولغاننىڭ پايدىسى يوق .



   جۇتاۋ مۇنداق دېدى : بەزىلەر مېنى ”ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ“ دەپ تەنقىدلەپتۇ(ئەمەلىيەتتە جۇداكې قاتارلىق ئالىملار جۇتاۋنى”ئالجىغان زىيالىي“ دەپ تەنقىدلىگەن-تەرجىماندىن )،ۋاڭ سۇمۇ‹‹يېڭى سەۋدايى خاتىرسى››دە پايتەخىت بېيجىڭنى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ،”غەربىي ئاستانە“گە ئايلاندۇرۇش تەسسەۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويغانغۇ؟ئۇنداقتا ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك ئالجىپتۇ-دە.




    جۇتاۋ،يازغۇچىلارئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەنئەت كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەسسەۋۋۇر ۋە ئوي-پىكىر بېلەن تەمىنلىشى كېرەك؛سېياسىيونلار مەسىلىلەرنى بەك كونكىرىتنى ئويلايدۇ،ئۇلار تۈزۈلمىنىڭ ئىچىدىكى يۇقۇرى-تۆۋەن يۈرۈشتۈرۈش بېلەنلا بولۇپ كەتكەچكە ئۇلاردا جانلىق تەپەككۇر،مول تەسسەۋۇر قىلىش كۈچى كەمچىل.سەنئەتكارلاردا بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پىلان-تەسەۋۋۇرلار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ناتايىن.كونكىرىتنى مەشخۇلاتتا يەنىلا سېياسىيونلارغا ،ئەمەلدارلار سىستېمىسىغا تايانماي بولمايدۇ،دەيدۇ.

   جۇتاۋ يەنە غەرىبنى ئېچىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: ”غەرىبنى ئېچىش شۇئارى پەقەت ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپكىلا ئايلىنىپ قالدى،بۇ شوئارنى شۇنچە يىللار كۈچەپ توۋلىغانسېرى پەرىق شۇنچە زورىيىپ باردى.سىزدە ئىرادە بولمىسا بۇنداق شوئارنى مىڭ كۈچەپ توۋلىسىڭىزمۇ بەرىبىر بىكار.سىز ئىرادەم بار دېگەن بېلەن كۈچىڭىز بولمىسا يەنە بىكار.شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كونا يولدا مېڭىۋېرىشكە بولمايدۇ.چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىك شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.“


   جۇتاۋ يەنە جۇداكې،ۋاڭ شاۋمىڭ،ئەي مومولارنىڭ گەرچە قۇرسىقىدا ئۇمىچى بولسىمۇ ،نەزەر دائىرسى كەڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ساغلام بولمىغان غەيرى روھى ھالەتتىكى كىشىلەردۇر ،مۇمداقچە ئېيىتقاندا،ئۇلار مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىنورماللاردۇر،دېدى.ئۇ يەنە، بۇنداق بىنورمال ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى كەم بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كەڭ دائىرىلىك نەزىرىمۇ ئامما بېلەن ،ئەمەلدارلارنىڭكى بېلەن ئوخشاش چىقماسلىقى تەبىئىي.ئۇلار تالىپ مىجەز،زەيپانە،ئىدىيىسى قاتىمال،ئىچىدە تۇڭگۇز قاترايدۇ.ئىش قىلىپ مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر سەركىلىككە يارىمايدۇ،ھەممىسى ئىچى قوتۇر ،چۈپرەندە چاشقانلاردۇر خالاس.ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا شۇنچە يىل جان ساقلىغانغا چۇشلۇق تورلاردا بىرەر قېتىم ھۆكۈمەت ۋە خەلققە نان تەگكۈدەك بىرەر تەكلىپ –پىكىر سۇنالىسا نېمە دەي،شۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگودا ئۇنۋېرسىتېت يوق ئوخشايدۇ، ، دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى يوق تاقا-تۇقۇ پاراڭلىرىدىن ئەمەلدارلارمۇ بىزار،دەيدۇ.



جۇتاۋ مۇنداق دەيدۇ: ” مېنىڭ سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇشۇم ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈندۇر،قانداقتۇر تەدبىر بەلگۈلەش ئۈچۈن ئەمەس.مېنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىم قانۇنلۇق،نېمە ئۈچۈن قانۇنلۇق؟ دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلۇق.بۇنىڭدىكى مەقسەت قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،شىنجاڭنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇر.“

ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە،ئۇنىڭغا قاتناشقانغا تۇشلۇق چوقۇم تېگىشلىك رول ئوينىماق لازىم.قانداقتۇر مۇزېيخانا سېلىش كېرەك ،دېگەندەك تولا تەكرارلاپ مەززىسى قالمىغان تەكلىپ –پىكىرلەرنى سۇنغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟سەن ئويلىغاننى خەقلەرمۇ ئويلىيالايدۇ،خەق ئويلىيالمىغاننى ئويلىيالىساڭ ئاندىن قالتىس ئىش قىلغان بولىسەن.“

قوشۇمچە:جۇتاۋ 1946-يىلى سەنشىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن.ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ كۇمىنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قەشقەر شەھەرلىك ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك كومېتىتى،شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا خىزمەت قىلغان.ھازىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى سېياسىي بۆلۈمى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى،1-دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى.1972-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلغان.1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن..

arkim يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 07:28:44

بۇ تەكلىپنى بەرگەن ئوڭچىل ئۇنسۇرنى تەكلىماكانغا ئەكىلىپ بېشىغا تۆگە تېرىسىنى تېڭىپ، ساراڭ قىلىۋەتسە بولغۇدەك! ئۇلۇغ داھىنىڭ بېيجىڭدا، پايتەخىتتە بەختلىك ياشاۋاتقان خەلقىنى كۆرگەچ خاتىرجەم يېتىشىغا دەخلى تەرۇز قىلغىلى ئۆزىنى نىمە چاغلايدۇ ئۇ؟!{:107:}

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 07:45:50

بىر ھەربىي تۇرۇپ، شۇنداقمۇ خۇدۈكسىرەپ يۈرگەن بارمۇ{:92:}، نومۇس، نومۇس \"\"

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 08:33:22

بۇ ماقالىنى سىز يازغانما؟

qayan444 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 08:51:49

1- قەۋەتتىكى arkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تەكلىپنى بەرگەن ئوڭچىل ئۇنسۇرنى تەكلىماكانغا ئەكىلىپ بېشىغا تۆگە تېرىسىنى تېڭىپ، ساراڭ قىلىۋەتسە بولغۇدەك! ئۇلۇغ داھىنىڭ بېيجىڭدا، پايتەخىتتە بەختلىك ياشاۋاتقان خەلقىنى كۆرگەچخاتىرجەم يېتىشىغا دەخلى تەرۇز قىلغىلى ئۆزىنى نىمە چاغلايدۇ ئۇ؟! \"\"



ماۋزىدوڭنىڭ جەسسىتىنى شىنجاڭغا ئەكەلسە شىنجاڭدىكى يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇنلارنى خەلىقنىڭ تۇرمىشىنى كۆرسە گۆردىن قوپۇپ قايتا ھاكىمىيەتكە چىقىپ شىنجاڭنى گۈللەندۇرەمىتى..........


Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 09:49:14

4- قەۋەتتىكى qayan444نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى arkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تەكلىپنى بەرگەن ئوڭچىل ئۇنسۇرنى تەكلىماكانغا ئەكىلىپ بېشىغا تۆگە تېرىسىنى تېڭىپ، ساراڭ قىلىۋەتسە بولغۇدەك! ئۇلۇغ داھىنىڭ بېيجىڭدا، پايتەخىتتە بەختلىك ياشاۋاتقان خەلقىنى كۆرگەچخاتىرجەم يېتىشىغا دەخلى تەرۇز قىلغىلى ئۆزىنى نىمە چاغلايدۇ ئۇ؟! \"\"



ماۋزىدوڭنىڭ جەسسىتىنى شىنجاڭغا ئەكەلسە شىنجاڭدىكى يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇنلارنى خەلىقنىڭ تۇرمىشىنى كۆرسە گۆردىن قوپۇپ قايتا ھاكىمىيەتكە چىقىپ شىنجاڭنى گۈللەندۇرەمىتى..........





بۇ يەردىكى ئەۋالنى كۆرسە


غاپپار، غۇلجىدىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كۇچادىن چىققاندەك ماۋزېدوڭمۇ تەكلىماكانغا كۆمۈلسە خېنەندىن چىقامىكى؟

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 10:21:07

مۇشۇ يېقىندىكى گەپمىكەن بۇ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 11:24:21

‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۈنى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈپ باستى ۋە تارقاتتى.‹‹ئامېرىكا دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى››،‹‹سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتى››،كانادانىڭ چوڭ-چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى،‹‹ئاۋىستىرالىيە گېزىتى››،‹‹ئوۋمېن گېزىتى››،چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى‹‹ شەرىق سەھەر گېزىتى››،‹‹جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا گېزىتى›› ھەمدە ھەر قايسى چوڭ تور پونكىتلىرىمۇ ئۇنى بېسىپ،بىمەھەل قىزىق نۇقتىلىق ئاخباراتقا ئايلاندۇردى.

مەشھۇر پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:”جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،ئۇ ئەقىلغە سىغامدۇ-يوق،ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ-يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.“ دېدى.

جۇتاۋ ئالدىنقى كۈنى‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا”قۇملۇق قەبرىستانلىقى“ھەققىدىكى تەسەۋۇرىنى يەنىمۇ ئوچۇق شەرھىلەپ،ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە مەشخۇلاتچانلىقىنى يەنىمۇ كونكىرىتنى ئوتتۇرغا قويدى.جۇتاۋ بۇئىشتا بەش قولنىڭ ھەممىسىنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بوولمىغاندەك، زور كۆللەملىك جەسەت يۆتكەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،100مىليون ئەمەس 10مىڭ جەسەتنى يۆتكەپ كېلىشنىڭمۇ تەسلىكىنى ئېيىتتى.ئۇ تۇنجى قەدەمدە ئىشنى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن باشلىماي ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ موھىم سېياسىي ئەرباپلىرى،داھىلار،مەدەنىيەت ئەرباپلىرى،كىنو-تېلېۋىزىيە،تەن-تەربىيە چولپانلىرى، لېي فېڭدەك كىشىلەرگە ئوخشاش جەسەتنى مومىيا قىلىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە كىشىلەردىن باشلاش لازىملىقىنى،بۇنى”ئاممىۋى خارەكتىر“گە ئەمەس بەلكى ”مەدەنىيەت خارەكتىر“ىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇنىڭ پىكرىچە، ھەر قايسى ساھە،ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەبنە قىلىشقا بولىدىكەن.يەنە كېلىپ بۇ تېخىمۇ زور قاتلاملىق شەرەپلىك ئىشكەن.مۇشۇنداق بولغاندا يەنە 50يىل ھەتتا 100يىللاردىن كېيىنمۇ ھۆجەيرىلەرنى قايتا كۆكلىتىپ مارىيان.مونرو (ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى-تەرجىماندىن) لارنى قايتا ئاپرىدە قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ ئىشتا كۆلەمگە ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

شۇڭا ئۇ ئالدى بېلەن ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا يۆتكەپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەبنە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ،دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا ھېچكىمنىڭمۇ جۇڭگونى بۆلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ،باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىقنى ئېيىتتى.جۇتاۋ تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى:”خۇا گوفېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىت ۋە سېياسىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا قويۇلۇپ،خاتىرە سارىيى ياسالغان.بۇ پۈتۈنلەي تارىخنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار.ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋەرسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.شۇنچىلىك تۇرغىنىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.خەلق قەھرىمانلىرىنى خاتىرلەش ئابىدىسىنى قەيەرگە قويسا بولىۋېرىدۇ.چۈنكى، خاتىرلەيدىغانلار بەرىبىر خەلقتۇر.يەنە كېلىپ ئۇنداق يەرلەرگە بىر داھىنىڭ جەسىدىنى قويغاندا ئاز-تولا فېۋدال خاندانلىق تۈسىنىمۇ ئېلىپ قالىدۇ.مەيلى سىز دۆلەت قۇرۇشقا قانچە زور تۆھپە قوشقان بولماڭ شۇنداق ئىش رۇي بەرسىلا ئاكاڭ قارىغاي مۇشۇ دۆلەتنىڭ خوجىسى،دېگەن مەنادىن مۇستەسنا بولماق تەس. ئەمەلىيەتتە ،بىرەر ئادەمنىڭ بولمىغىنىغا دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ،فېۋدال خان-پادىشاھلارسىزمۇ دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن.دۇنيادا نەدىمۇ گۈلى گۈلىگە كېلىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن دەيسىز؟مېنىڭچە،بىراۋلار سىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭىزنى قانچە بىلىپ كەتكەنسېرى سىز شۇنچە بىئارام بولىسىزغۇ دەيمەن؟ “



ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ئىشىدا گەرچە مۇمكىنچىلىك بەك ئاز بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.دېڭ شىياۋپىڭ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن،باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ،ئاۋال ئىدىيىرىمىزنى ئازات قىلىشىمىز كېرەك،ئىدىيىمىزنى ئازات قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتالايمىز؟تەسەۋۋۇر دۇنيانى يارىتىدۇ،كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئارىسالدى بولغاننىڭ پايدىسى يوق .



جۇتاۋ مۇنداق دېدى : بەزىلەر مېنى ”ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ“ دەپ تەنقىدلەپتۇ(ئەمەلىيەتتە جۇداكې قاتارلىق ئالىملار جۇتاۋنى”ئالجىغان زىيالىي“ دەپ تەنقىدلىگەن-تەرجىماندىن )،ۋاڭ سۇمۇ‹‹يېڭى سەۋدايى خاتىرسى››دە پايتەخىت بېيجىڭنى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ،”غەربىي ئاستانە“گە ئايلاندۇرۇش تەسسەۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويغانغۇ؟ئۇنداقتا ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك ئالجىپتۇ-دە.



جۇتاۋ،يازغۇچىلارئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەنئەت كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەسسەۋۋۇر ۋە ئوي-پىكىر بېلەن تەمىنلىشى كېرەك؛سېياسىيونلار مەسىلىلەرنى بەك كونكىرىتنى ئويلايدۇ،ئۇلار تۈزۈلمىنىڭ ئىچىدىكى يۇقۇرى-تۆۋەن يۈرۈشتۈرۈش بېلەنلا بولۇپ كەتكەچكە ئۇلاردا جانلىق تەپەككۇر،مول تەسسەۋۇر قىلىش كۈچى كەمچىل.سەنئەتكارلاردا بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پىلان-تەسەۋۋۇرلار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ناتايىن.كونكىرىتنى مەشخۇلاتتا يەنىلا سېياسىيونلارغا ،ئەمەلدارلار سىستېمىسىغا تايانماي بولمايدۇ،دەيدۇ.

جۇتاۋ يەنە غەرىبنى ئېچىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: ”غەرىبنى ئېچىش شۇئارى پەقەت ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپكىلا ئايلىنىپ قالدى،بۇ شوئارنى شۇنچە يىللار كۈچەپ توۋلىغانسېرى پەرىق شۇنچە زورىيىپ باردى.سىزدە ئىرادە بولمىسا بۇنداق شوئارنى مىڭ كۈچەپ توۋلىسىڭىزمۇ بەرىبىر بىكار.سىز ئىرادەم بار دېگەن بېلەن كۈچىڭىز بولمىسا يەنە بىكار.شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كونا يولدا مېڭىۋېرىشكە بولمايدۇ.چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىك شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.“

جۇتاۋ يەنە جۇداكې،ۋاڭ شاۋمىڭ،ئەي مومولارنىڭ گەرچە قۇرسىقىدا ئۇمىچى بولسىمۇ ،نەزەر دائىرسى كەڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ساغلام بولمىغان غەيرى روھى ھالەتتىكى كىشىلەردۇر ،مۇمداقچە ئېيىتقاندا،ئۇلار مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىنورماللاردۇر،دېدى.ئۇ يەنە، بۇنداق بىنورمال ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى كەم بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كەڭ دائىرىلىك نەزىرىمۇ ئامما بېلەن ،ئەمەلدارلارنىڭكى بېلەن ئوخشاش چىقماسلىقى تەبىئىي.ئۇلار تالىپ مىجەز،زەيپانە،ئىدىيىسى قاتىمال،ئىچىدە تۇڭگۇز قاترايدۇ.ئىش قىلىپ مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر سەركىلىككە يارىمايدۇ،ھەممىسى ئىچى قوتۇر ،چۈپرەندە چاشقانلاردۇر خالاس.ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا شۇنچە يىل جان ساقلىغانغا چۇشلۇق تورلاردا بىرەر قېتىم ھۆكۈمەت ۋە خەلققە نان تەگكۈدەك بىرەر تەكلىپ –پىكىر سۇنالىسا نېمە دەي،شۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگودا ئۇنۋېرسىتېت يوق ئوخشايدۇ، ، دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى يوق تاقا-تۇقۇ پاراڭلىرىدىن ئەمەلدارلارمۇ بىزار،دەيدۇ.



جۇتاۋ مۇنداق دەيدۇ: ” مېنىڭ سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇشۇم ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈندۇر،قانداقتۇر تەدبىر بەلگۈلەش ئۈچۈن ئەمەس.مېنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىم قانۇنلۇق،نېمە ئۈچۈن قانۇنلۇق؟ دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلۇق.بۇنىڭدىكى مەقسەت قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،شىنجاڭنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇر.“

ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە،ئۇنىڭغا قاتناشقانغا تۇشلۇق چوقۇم تېگىشلىك رول ئوينىماق لازىم.قانداقتۇر مۇزېيخانا سېلىش كېرەك ،دېگەندەك تولا تەكرارلاپ مەززىسى قالمىغان تەكلىپ –پىكىرلەرنى سۇنغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟سەن ئويلىغاننى خەقلەرمۇ ئويلىيالايدۇ،خەق ئويلىيالمىغاننى ئويلىيالىساڭ ئاندىن قالتىس ئىش قىلغان بولىسەن.“

قوشۇمچە:جۇتاۋ 1946-يىلى سەنشىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن.ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ كۇمىنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قەشقەر شەھەرلىك ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك كومېتىتى،شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا خىزمەت قىلغان.ھازىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى سېياسىي بۆلۈمى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى،1-دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى.1972-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلغان.1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن..


مەن پەقەت خەت نۇسقىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇيدۇم، مىنىڭ كومپىيۇرىتىمدا ياخشى چىقمىغان .

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 14:08:29

6- قەۋەتتىكى Musicfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ يېقىندىكى گەپمىكەن بۇ؟

ئەر لىڭ لىڭ با نيەن.. دىكى گەپكەن. تېمىدا بار

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 14:11:38

بوزقىرنىڭ تەرجىمىسىغۇ بۇ ، بوزقىر بۇنى توردا ئېلان قىلىپ بولغان .

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 15:53:42

9- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بوزقىرنىڭ تەرجىمىسىغۇ بۇ ، بوزقىر بۇنى توردا ئېلان قىلىپ بولغان .



    پالتاخۇن توغرا ئېيتىدۇ.


بۇنى مەن 2008-يىلىلا تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىغان.2010-يىلى سىمانەننىڭ مۇشۇ ماقالە ھەققىدە جۇتاۋنى قاتتىق تەنقىتلەپ يازغان بىر ماقالىسىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللىغان.


   ھازىر بەزى تور بەتلىرى مەنكى بوزقىرنىڭ تەرجىمە تېمىلىرىنى مەنبەسىز ۋە تەرجىمە ئاپتورىسىز ھالەتتە كۆچۈرۈپ باسماقتا. بوزقىر بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.تورمۇ بىر قانۇنلۇق نەشىر ئەفكار . يامىنى كەلسە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئوخشاشلا قوغدىلىدۇ.


bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 16:20:20

مەن بۇ تېمىنىڭ ئۆچۈرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

لازىم دېسەڭلار مەن بۇ تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرىتكەن ھالدا ئەسلىي تەرجىمە نۇسخىسىنى ۋە سىمانەننىڭ مۇشۇ ماقالە ھەققىدە جۇتاۋنى قاتتىق تەنقىتلەپ يازغان بىر ماقالىسىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ بېرەي.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 21:57:23

http://***.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=344

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 16:16:34

12- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


http://***.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=344


قىزىل تور بېكەتقۇ بۇ...


بەت: [1]
: ماۋزىدۇڭنىڭ جەسىتى تەكلىماكانغا دەپنە قىلىنىشى كېرەك