iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 19:39:52

ياردەم !!!

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ئىزدىنىشتىكى دوستلار، ھەرقايسىڭىزلاردىن سورايدىغان مۇنداق مەسلەھەت بار ئىدى. بىر-ئىككى يىل بولدى چېچىم بەكلا چۈشۈپ كەتتى، بېشىمنىڭ چوققىسىدا چاچ قالمىغىلى تۇردى. 30 ياشقا كىرە كىرمەيلا بۇنداق بولغىلى تۇرسا، يەنە بەش ئون يىلدىن كىيىن پاينەك باشقىلا ئايلانغۇدەكمەن. بۇمۇ قىزىىق ئىشكەن، بەزى ئاغىنىلەرنىڭ پىشانىسىنىڭ ئۈستىدىكى چېچى قالمىغىلى تۇرۇپتۇ. بەزىلىرىنىڭ ماڭا ئوخشاش بېشىنىڭ چوققىسىدا چاچ شالاڭلىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇرۇن چېچىم بەك قۇيۇق ئىدى، يېقىنقى بىر -ئىككى يىلدىن بۇيان چېچىم شالاڭلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچنىڭ قۇۋىتى يوق، ئەتىگىنى ئورنىمدىن تۇرغاندا چېچىم ياستۇقتا بېسىلىپ بەك سەت بۇلۇپ قالىدۇ.


چېچى شالاڭلاپ چۈشۈپ كەتكەن بىر نەچچە ئاغىنەم بار، قىلمىغان دورىسى قالمىدى، قىشتا چېچىنى چۈشۈرتىۋىتىپ، تاقىرباش بۇلۇپ، بېشىغا زەنجىۋىل سۈرۈپ باقتى( مۇشۇنداق قىلسا چاچ چىقارمىش)،لىكىن ئۈنىمى بولماپتۇ. بەزىلەر تېلىۋىزور ياكى گىزىتلەردىكى دورىلارنى ئىشلىتىپ بېقىپتۇ،  چېچى يەنىلا چۈشۈۋىرىپتۇ. بىرەيلەن ماڭا چاچ قۇۋەتلەيدىكەن، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن دەپ بىر دورىلىق چاچ سوپونى بەرگەن ، ئۆزىمىزنىڭ بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان شىركەت ئىشلىگەن ئىكەن، پۇرىقى بەكلا سېسىق، شۇنى ئىشلىتىپ كۆرگەن، ئۈنىمى بولغاندەك ئەمەس.


ئاراڭلاردا ماڭا ئوخشاش چېچى چۈشۈپ كىتىۋاتقان ئاغىنىلەرمۇ باردۇر، ياكى بېشىڭلارنىڭ چوققىسىدا ياكى ئالدىدا دىگەندەك، سىلەر قانداق سەۋەب قىلىۋاتىسىلەر؟ بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باقساق.


دادامغۇ < چېچىڭ بىلەنلا قالىدىكەنسەن، نىمە قىلىسەن ئەركىشى تۇرۇپ، چاچ دىگەن چۈشىدۇ > دەپ جىلى قىلىدۇ مىنى. لىكىن  مۇشۇنداق قىران ۋاقتىمدا    چېچىم چۈشۈپ كەتسە .....ھەي.


قېنى ئاغىنىلەر، مەسلەھەتىڭلارنى ، يەرلىك رىتسىپلارنى ياكى چاچ سوپۇننىڭ قاتىلىدىن بولسا تونۇشتۇرساڭلار.......

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 01:28:40

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 02:30:56

مەندىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ توغرىدا دوستلۇرۇم ۋە باشقىلار نۇرغۇن قېتىم مەسلىھەت سورىغان ئىدى، بۇ مېنىڭ كەسپىم دائىرىسىگە كىرىدىغان چۈشەنچە بولغاچقا (مەن ئىچكى ئاجراتماشۇناسلىقنى بەك ياخشى كۆرىمەن ۋە ناھايتى سىستىمىلىق ئۆگەنگەن) ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ سىز ۋە ئوخشاش مەسلىگە يولۇققانلارغا بىر چۈشەندۈرۈپ قوياي:



ياشلاردا چاچ چۈشۈپ تاقىرباش بوپقىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەرلىك جىنىسىي ھورمۇننىڭ نورمالسىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر سىز ئەمدى 30 ياشقا كىرگەن بولسىڭىز، ئائىلىڭىزدە بۇ بىر ئېرسىي كېسەللىك بولمىسا، ھەم سالامەتلىكىڭىز ياخشى، تۇرمۇشتا زىيادە ئېغىر روھىي بېسىم (ئېنىقكى چېچىڭىز چۈشۈپ كىتىشتىن بولغان بېسىمدىن باشقا \"\") بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن تېستوستېرون (testosterone) نىڭ مىقدارى نورمالدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لىكىن شۇنداقتىمۇ روھى بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك ھورمۇن كورتىزول (cortisol)، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە مىتابولىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ھورمۇن قالقانسىمان بەز ھورمۇنى (thyroid hormone) نى تەكشۈرتۈپ (بۇ ھورمۇنلارنى مەن تەجىرىبخانىدا دائىم ئۆلچەپ تۇرىمەن، ئازراق قان ئالسىلا بىر دەمدە نەتىجىسى چىقىدۇ) نورمال چىقسا، ئۇ ھالدا بۇ چوقۇمكى تېستوستىروننىڭ مىقدراىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ.



ئەرلىك جېنىسي ھورمۇن تېستوستېرون ئادەتتە ئىككى خېل ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە باشقا ئىككى جېنسىي ھورمۇنغا ئايلىنىش ئارقىلىق فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ئاروماتەيىز (aromatase) دەپ ئاتىلىدىغان ئېنزىم بولۇپ بۇ ئېنزىم تېستوستېروننى ئاياللىق جېنسىي ھورمۇن ئېستېروگېن (estrogen) غا ئايلاندۇرىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا 5-ئالفا رىداكتەيىس (reductase 5-a) دەپ ئاتىلىدىغان ئېنزىم بولۇپ، بۇ ئېنزىم بەدەندىكى تېستوستېروننى ئەرلىك ئىككىلەمچى ئالاھىدىلىكلەر ۋە بارلىق ئەرلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ھورمۇن دى-ھېدرو-تېستوستېرون (dehydrotestosterone) غا ئايلاندۇرىدۇ. دىمەك ئاياللار بەدىنىدە ئاروماتەيىس ئېنزىمى كۆپ بولغاچقا تېستوستېروننى دەرھال ئېستىروگېنغا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، لىكىن يەنىلا ئاياللاردىمۇ تۆۋەن مىقداردا تېستوستېرون بولىدۇ، ئەگەر ئازلاپ كەتسە ئاياللاردىكى جېنىسىي سۇسلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەر بەدىنىدە بولسا 5-ئالفا رىداكتەيىس ئېنزىمىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا (سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) تېستوستېروننى دەرھال دى-ھېدرو-تېستوستېرون غا ئايلاندۇرىدۇ.



ئەگەر ئەرلەر بەدىنىدە تېستوستېروننىڭ مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ ھورمۇن دى-ھېدرو-تېستوستېرون مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋىىتىدۇ. يۇقىرى مىقداردىكى دى-ھېدرو-تېستوستېرون (dehydrotestosterone) ئەرلەردە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندىن كىيىن مۇشۇ سەۋەبتىن چاچ چۈشكەنكىلى ئېنىق بولسا، ئۇ ھالدا سىز داۋالىنىمەن دىسىڭىز دوختۇر سىزگە Finasteride) 非那雄胺) دىگەندەك دورىلارنى بىرىشى مۇمكىن. چاتاق يىرى بۇ خىل دورىلار تېستوستىروننى دى-ھېدرو-تېستوستېرون غا ئايلاندۇرىدىغان 5-ئالفا رىداكتەيىس ئېنزىمىنى چەكلەش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يىتىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھالدا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئەرلىك جېنىسىي ھورمۇننىڭ مىقدارى جىددىي تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ ئەكىس تەسىرى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس بولۇپ، بەلكىم سىز چاچ چىقىرىش ئۈچۈن بىر ياش ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ئەكىس تەسىرلىرىگە بەرداشلىق بىرىشنى تاللىماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، گەپنى يىغقاندا، سىز ئەڭ ياخشىسى دادىڭىز ئېيتقاندەك ئەر كىشى بولغاندىكىن شەپكىدىن بىرنى كىيىپ يۈرىۋىرىڭ. ئەڭ ساغلام ئۇسۇل شۇ، قالغىنى دورا يەيمەن دىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، لىكىن مەن بۇنى ھەرگىز تەۋسىيە قىلمايمەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 03:16:28

مەن چوڭ بالامنى يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل چېچىم چۈشۈپ كەتكەنتى، شۇ چاغلاردا مەنمۇ تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى دېگەنلەرگە كۆرۈنۈپ، نېمە چاچقا پايدا قىلىدىغاندۇ، دەپ تولا ئىزدىنىپ يۈرگەن. بالا ئېمىتىۋاتقان بولغاچقا دوختۇر دورا يېزىپ بېرىشنى ئېيتقاندا رەت قىلغان ئىدىم. كېيىن ئىچكى ئاجراتما سېستېمام نورماللاشتىمۇ ئىشقىلىپ چۈشكەن يەرگە ئۇششاق چاچلار قايتىدىن چىقتى، ئاللاھقا شۈكۈر.

مەن ئۇچراتقان رېتسىپلار ئىچىدە، سىناقتىن ئۆتكەن، قالتىس پايدىسى بار، دەپ خەق مەيدىسىگە ئۇرغان رېتسىپ ئىككى، لېكىن ئىككىلىسىنى سىناپ باقمىدىم.

1. بۇنى ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ھەدىمىز دەپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە چېچىغا ھەم ئاق كىرىپ، ھەم چۈشۈپ كېتىپتىكەن، باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە بادامنى كۆيدۈرۈپ ئېزىپتۇ، سىياداننى ئېزىپتۇ، ئاندىن يەنە ئازراق سىيادان مېيى ۋە زەيتۇن مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق مەلھەم قىلىپ، چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بېشىغا كۈندە بىر قېتىمدىن سۈرۈپ بېرىپتۇ، چاچ سەل چىققاندا يەنە چۈشۈرۈپ، جەمئىي ئۈچ قېتىم چۈشۈرۈپتۇ. مەن كۆرگەندە ئالتە ئاي بولدى، ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرگىلى دېگەن ئىدى. چاچلىرى ئاجايىپ قويۇق ھەم قاپقارا چىقىپتىكەن، ھەم بەكلا تېز ئۆسۈپتىكەن، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەكلا.

2. بۇنى ئاپامنىڭ بىر خىزمەتدىشى تەۋسىيە قىپتىكەن، كۈندە بىر دانە ۋىتامىن B6, بىر دانە بېلىق مېيى، بىر دانە 胱氨酸 دېگەن دورىنى يەيدىكەنمىز، ئىككى ئايلاردىن كېيىن ئوبدانلا ئۈنۈمى بولىمىش. كېيىن توردىن ئاختۇرۇپ باقسام، بۇ ئۇسۇل ئادەتتە ئەرلەرگە كار قىلىدۇ، دەپتۇ. يەنە كېلىپ تېرىسى ئالاھىدە مايلىق بولغانلىق سەۋەبىدىن چاچ چۈشۈشكە تەسىر قىلىمىش. ئەگەر خوشياقسا سىناپ بېقىڭ. بۇ دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىمۇ يوق. قارىسام يېقىندا ۋېيشىندىمۇ تارقىلىپ يۈرىدۇ.

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 09:22:50

4- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزىلەر پاينەكباش ئەرلەرنىڭ ئەرەنلىك ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ دەيدىكەن . بەلكىم يوقارقى قەۋەتتىكى مەلۇم تورداش ئېيتقاندەك بۇ ئەرلىك ھورمۇنى بىلەن باغلىقمىكىن .

چۆچەك ئوقۇمىغانما؟


پاينەكباشنىڭ ئەمەس، تازنىڭ شۇنداق

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 09:46:37

6- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى Bihayatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزىلەر پاينەكباش ئەرلەرنىڭ ئەرەنلىك ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ دەيدىكەن . بەلكىم يوقارقى قەۋەتتىكى مەلۇم تورداش ئېيتقاندەك بۇ ئەرلىك ھورمۇنى بىلەن باغلىقمىكىن .

چۆچەك ئوقۇمىغانما؟


پاينەكباشنىڭ ئەمەس، تازنىڭ شۇنداق


پاينەكباشنى كېتىپ بېرىپ تاز دەيمىزغۇ ئاخىر \"\"






ئۇرۇشۇپ قالغاندا دەيدىغان گەپ ئۇ. ( سەكسەن خالتىنى شۇنداق تىللىغانمۇيا؟)\"\"


بىرسى پاقىرايدۇ ( پاشا قونسا تېيىلىپ كېتىدۇ)  بىرسى پاقىرىمايدۇ ( مەدەك سۈرسە كىپەك چۈشۈدۇ).

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 10:01:41

ئەڭ ياخشى رېتسىپ:يېڭى تۇغقان موزايلىق كالىغا بېشىڭلىنى يالىتىڭلار،چاچ چىقىدۇ.مەن سىناپ باقمىغان،لىكىن باشقىلار سىناپ مۇۋاپپىقيەت قازنىپتىكەن جۇمۇ \"\" \"\" \"\" \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 10:32:21

ئەمەلىيەتتە 40 ياشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن چاچ چىقىشى مۇمكىن.

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 12:44:48

مەنچە ئۇنى بۇنى قىلمەن دەپ يۇرمەي يالغان چاچتىنلام بىرنى ئېلىڭ راس چاچتىن چانمىغۇدەكىلىرى بار. بولمسا ئازراق چاچنى چىقىرمەن دەپ تاقىرباش بۇلۇپ قالسڭىزغۇ مەيلى كالڭىزغا تەمرەتكە ۋە ياكى باشقا كېسەلىك پەيدا قىلۋالماڭ مىنىڭ بىر دوستۇم شۇنداق بولغان.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 13:00:07

ئات گۆشى ساتدىغان قاسساپلارنڭ ئالدىغا بېرىپ سورىسىڭىز بەك نوچى يەرلىك رىتسىپتىن بىرنى دەپ بىرىدۇ. بۇ يەردە دەي دىسەم خىجىل بولدۇم. بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك. بىزنىڭ يۇرتتا كۆپلىگەن چېچى چۈشۈپ كەتكەن خانىم قىزلار، ئەركەكلەر قوللۇنۇپ مۇۋاپىقيەت قازانغان رىتسىپ بۇ.

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 13:57:42

11- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئات گۆشى ساتدىغان قاسساپلارنڭ ئالدىغا بېرىپ سورىسىڭىز بەك نوچى يەرلىك رىتسىپتىن بىرنى دەپ بىرىدۇ. بۇ يەردە دەي دىسەم خىجىل بولدۇم. بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك. بىزنىڭ يۇرتتا كۆپلىگەن چېچى چۈشۈپ كەتكەن خانىم قىزلار، ئەركەكلەر قوللۇنۇپ مۇۋاپىقيەت قازانغان رىتسىپ بۇ.

چاقچاقمۇ يا \"\"

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 14:14:35

چاقچاق ئەمەس.  مۇشۇ رىتسىپنى بىلىدىغانلار ئات سويىدىغان قاسساپلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئاتنىڭ پالانى يېرىنى بەرسە، چېچىم چۈشۈپ كەتكەن شۇنىڭغا پايدا قىلىدىكەن دەپ سورايدۇ. شۇڭا ئات سويىدىغانلاردىن سوراڭ دىدىم.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 14:43:44

بىزنىڭ يۇرتتىكى تۇققاننىڭ بىر قىزى بارتى ،چېچې ئۇچ ياش ۋاختىدا پۇتۇنلەي چۇشۇپ كېتىپ، چوققىسىدا ئۇچ-توت تاللا چاچ قالغان .قالغان يېرى پاقىراپ تۇردۇ ،پاشا قونالمىغىدەك ھالەتتە. شۇنچە داۋالاپمۇ ھېچ ئامال قىلاممىدى، چېچېىم چىقىپ ئۇلەپ قالغان بولساممۇ رازىتىم دەپ يۇرۇيدۇ مۇشۇكەمگىچە، لېكىن يېشى چوڭ بولمىغان بىلەن ئۇچ ئەرگە تېگىپ ئاجىرشىپ بولدى، تاز بولغان بىلەن ئەقىللىق ھەم تېتىك ، مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن ياكى تازنىڭ ئوتى يامان بولامدىكىن،ئۇچىلا ئېرىسنىڭ تاز تۇققىنىمىز بىلەن يارىشىۋالغۇسى بار . لېكىن ھېچقايسىنى يېقىن كەلدۇرمەي يۇرۇيدۇ.

police110 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:01:37

چاچ چۈشۈشكە ئەڭ پايدا قىلىدىغان رىتسىپ ئىككى

       بىرىنچىسى - ئەتراپىڭىزدا چېنىقىش مەركىزى بولسا ئىككى يىللىق پۇل تۆلەپ كۈندە 30 مىنۇت تۈۋەن سۈرئەت بىلەن           يۇگرەپ پۈتۈن بەدەننى تەرلىتىش .

بۇنىڭدا تەر ئالدى بىلەن باشتىن چىقىدۇ بۇنىڭ تۈك چىقىدىغان باشقا نىسبەتەن پايدىسى بەك چوڭ،

ئىككىنچىسى- ھېچقانداق خېميەلىك تەركىپ بولمىغان تاغدا مىنرال ماددىلارنى ئۇزۇق يامغۇرسۈيىنى ئۇسسۇلۇق قىلىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈك بىلەن گۈلشىرنىسىنى خام ماتىريال قىلغان ھەقىقى ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپ چىقارغان ھەسەل بىلەن رەئىس ئەزالارنى تەڭشەپ ئىچكى ئورگانىزىنمى تەڭشەيدىغان دورا ياسىتىپ كۈندە ئىستىمال قىلىپ بىرىش .

  بۇئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالتە ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىز بەدىنىڭىز شەكىل تارتىدۇ ، ئالتە ئايدا باشلىق قۇرساقتىن Yشەكىلگە بىر يىلدا T شەكىلگە كىلىسىز ئاندىن ئۈزۈڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئون ھەسسە ئاشىدۇ ئىرادىڭىز بەش ھەسسە كۈچىيىدۇ ،تۇرمۇشتىكى خىزمەتتىكى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش كۈچۈڭىز ئاشسا ئەستە ساقلاش قابىلىيتىڭىز يۇقۇرى كۈتۈرلۈپ كەيپىياتىڭىز كۆترەڭگۈ يۈرىيسىز.

  مۇشۇ رىتسىپ بىلەن بىريىل داۋالانسىڭىز ئۈزۈل كىسىل ساقىيىپ كىتىسىز .

  مانا مەنمۇ ھازىر بېشىمنى ھەپتىدە بىر چۈشرۈپ يۇرۈيمەن ، چېنىقىۋاتقىلى بىريىل بولدى ، مىجەزىمگە قارىتا ماددەتۇل ھايات ياساپ يەۋاتىمەن . بۇرۇن قۇرساق سېلىپ كەستون كىيەلمەتتىم ، ھازىر مودا كىيىملەرنى كىيىپ بېشىمنى پاقىرتىپ كۆزەينەك تاقاپ كوچىغا چىقسام قىزلار ھەۋەس بىلەن قارايدۇ ، بۇرۇن بىرەر قىز قارىسا مىنى مازاق قىلىپ قارىغان ئوخشايدۇ دەپ خۇدۈكسىرەپلا يۇرەتتىم .

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:32:02

مۇشۇ تېمىدا جىق بىلىملەرنى ئىگەللەپ چاچسىز قېلىش خەۋپىدىن قۇتۇلسام دەيمەن  {:92:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 18:22:54

شاپتۇل ئۇرۇقچىسىنى يىغىڭ، چالا كۆيدۈرۈپ يېغىنى سۈرتىسىز.

ياڭاق يەڭ، قۇرۇق سايۋا ئۈزۈمنى قوشۇپ يەيسىز. بۇنى قىش پەسلىدە قىلىدۇ دەيدۇ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 20:01:52

مىنىڭچە بۇ نىيتىڭلاردىن ۋاز كىچىپ بەك ئويلاپ كەتمەي يۈرىۋىرىڭلار، تىز سۇرئەتتە چۇشۇپ كەتكەن چاچ بولسا ئۈنۈشى ئاسان، لىكىن ئۇزۇن مۇددەت ئاستا ئاستا چۇشكەن چاچنىڭ ئۈنمىكى بەزى مۇشكۇلدۇر.

‏نۇرغۇن پۇلدارلار، چولپانلار، پۇتپول چولپانلىرىدىنمۇ تازلار جىق ، ئەگەر سەۋەپ قىلالىسا شۇلار قىلالىسا بۇلاتتى.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 23:40:57

‏كاللاڭلىغا ھەسەل سۈرتۈپ قارا كىگىزدە موللاق ئېتىڭلا  {:92:}   {:92:}

para يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 23:53:29

تازنىڭ بېشى موكىدەك

كو جۇۋازنىڭ ئوقىدەك

كېچە ياتمايدۇ

كۈنجۈر يىگەن بوقىدەك

  {:92:}  

ئەلئارا تېكسىت ھە ، تىللاپ كەتمەڭلار. بىلگەجان بەك ئىلمىي چۈشەندۈرۈپتۇ! چاچقا زار بولسىڭىز .......دىن كېچىدىغان گەپ! يەنىلا قىسقا ياسىتىپ پاكىز يۈرۈۋېرىڭ! شىنجاڭ تازلىرىنىڭ پەخرىلىكىنى ئەختەمكامدىن تارتىۋالامسىز تېخى  {:90:}

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 11:44:43

ئىشقىلىپ تېمىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماي ئوتتورىغا قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بولسا ئاخىرىدا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ دىيىلگەن گەپلەرنى ياكى ئۆز بىلىمى بىلەن يىغىنچاقلاپ ئوتتورىغا قويسىكەن دەيمەن. \"\"
بەت: [1] 2
: ياردەم !!!