tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 18:56:04

دادام خاتۇن ئالىمەن دەپ ...

ئەسسەلامۇ - ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن دىدارلاشمىغىلى خېلى ۋاقىت بوپقاپتۇ . گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەم - ھەممىڭلار بىلىسىلەر ؛ مەن ئائىلىمىزدىكى يەتتە پەرزەنىتنىڭ ئالتىنچىسى ، ھەممىمىز بىر ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرى بولىمىز ھەم ھەممىمىزنىڭ ئۆيى ، تۇرمۇشى ئۆز ئالدىغا ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۋاتاتتۇق . قەدىرلىك ئانام مۇشۇ ئالتىنچى ئاينىڭ بېشىدا 61 يېشىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغاندىن بۇيان ، ئىچ - ئىچىمدىن بىر خىل يىغا قايناپلا تۇرىدۇ ، مەن باشقا چوڭ بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ69 ياشقا كىرگەندادامنى يالغۇزسىراپ قالمىسۇن دەپ لايىقىدا ئۆيلەپ قويۇشنى رامىزان كىرىشتىن بۇرۇنلا مەسلىھەت قىلىشقان ھەم دادامغا ئېيىتقان بولساقمۇ دادام ككزىگە ئىسسىق ياش ئىلىپ << مەن 45 يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن قەدىرلىك خاتۇنۇمدىن ئايرىلىپ ، كىرپىكىگە توپا قونماستا ئۆيلەنسەم ياخشى بولمايدۇ ، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئويلىشاي >> دىدى . بىز پەرزەنىتلەرمۇ دادامنىڭ بۇ گىپىدىن تەسىرلىنىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈشكەن ئىدۇق ھەم ئىلگىركىگە ئوخشاش مەيلى رامىزان ئېيى بولسۇن ياكى رامىزاندىن بۇرۇنقى چاغلار بولسۇن خۇددى ئىلگىركىدەكلا بالىلار بەس -بەستە تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتۇق ( گەرچە دادامنىڭ تېنى ساغلام ، ئىقتىسادى يېتىپ ئاشقۇدەك بولسىمۇ ) ، مانا بۈگۈن دادام تۇيۇقسىزلا چوڭ ئىككى ئاچامغا تېلىفۇن قىلىپ << مەن بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كەلدىم ، بۈگۈن قانداق قىلسام خاتۇن ئالمىسام بولمايدۇ ، ئالدىنقى ھەپتە سىلەر گېپىنى قىلغان ئايالنى دەرھال ئۇقۇشۇپ ئىشنى پۈتتۈرۈڭلار ، كەچتە يۆتكەپ ئەكىلىۋالايلى >> دەپتۇ . ئاچىلىرىم ئۇ ئايال بىلەن ئالاقىلىشىپ سۆزلەشسە ئۇ ئايال << مېنىڭ يىرىم يىلغىچە ئارلىقتا ئۆيلىنىش خىيالىم يوق ھەم ھازىر داۋالىنىۋاتاتتىم >> دەپتۇ . ئاچىلىرىم دادام بار ئۆيگە كىلىپ ئۇ ئايالنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كىيىن دادام : << ئۇ چوكان 40 ياش ئەتراپىدا ئىكەن ، مەن ئويلىغان ياش قورامىدىن خېلى ھالقىپ كېتىپتۇ ، مەن 25-30 ياشقىچە ئارلىقتىكى ئايالغا ئۆيلەنسەم بولاتتى >> دەپتىكەن ، ئاچىلىرىم باياتىن گىپىنى قىلغان ئايالمۇ ھازىر سىز بىلەن ئۆي تۇتالمايدىكەن بىز يەنە باشقا لايىقىدا ئاياللارنى ئۇقۇشايلى دەپلا ، دادامنىڭ قېشىدىن يېنىپ چىقىپ ماڭا ئەتتىگەندىن بۇيانقى گەپلەرنىڭ ھەممىنى دەپ بەردى ، مەن ئويلاپ قالدىم : خوتۇن دېگەن ھە دەپلا ئالىدىغان تاۋار مال بولمىسا ، بۇ دادامنىڭ نېمە قىلغىنى ؟ رامىزان ئىلگىرى دىگەن گەپلىرى قېنى ؟ قانداق قىلساق بىز پەرزەنىتلەر دادامنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش بىلەن بىللە ئۆزىمىزمۇ خوش بولغۇدەك ياخشى ھەمراغا ئۆيلەپ قويالايمىز ...؟

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 12:50:46

مەن 5 يىل ئارىلاشقان قىز دوستۇم بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ ، ھازىرغىچە باشقا قىزلارغا قارىغىممۇ كەلمەيدۇ ...

تۇرۇپ تۇرۇپ ماڭا ھەجەپ قىلغانتى ئاۋۇ دەپ تۇيۇقسىزلا باشقا بىرىنى تاپقىم كەپ قالىدۇ ... \"\"



ئوغۇللاردىكى 更年期 دەمدۇق بۇنى ... بەلكىم 2 ، 3 كۈنلۈك ...



توۋا 60 تىن ئىشىپ 20 ، 30 ياشلىق خوتۇن تېخى \"\"

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 13:02:33

دادىڭىزنىڭمۇ ئۇيلىغىنى باردۇ .ئىزدەپ بىقىڭلار ،

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 13:07:57

دادىڭىز 69 غا كىرىپتۇ، ئىسلامىي قائىدىلەرنى قانچىلىك بىلىدۇ، قانچىلىك ئەمەل قىلىدۇ، ئەمەل قىلىشى قانچلىك؟

مېنىڭچە مۇھىمى يۇقاقىلار ، شۇلاردىكى بىلىشى ( ئەمىلى ) قانچە كۆپ بولسا دادىڭىزنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىڭلار.

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 14:16:32

تىزراق ئىشنى پۈتتۈرمىسەڭلا چاتاق چىقمىسۇن يەنە ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 14:35:42

قانداق پەرزەنت ،قانداق دادا بۇ ....... ئاپىسى كۆز يۇمۇپ ئاي توشماستا دادىسىنى ئۆيلەپ قويۇشماقچى بوپتۇ،ماۋۇ دادا 45 يىللىق ھەمرىيىنىڭ قىرقىنى توشقۇزۇشقا ئارانلا چىداپتۇ{:107:}.......... تازا ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇيا ما ئىشلار

function يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:07:43

69 ياشلىق ئادەمگە 25-30 ياشقىچە بولغان ئايال زاتىنىڭ نىيىتى دۇرۇس ھالەتتە تېگىشى بەسى مۈشكىلدۇر. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن دادىنىڭ تەلىپىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈپ 40 ياشلىق بىرەر تۇل خوتۇنغا ماقۇل كەلتۈرۈڭلار.

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:14:19

خوتۇن ئېلىشى ئىنتايىن نورمال، شەرىئەتتە ۋاقىت چەكلىمىسى بارغۇ دەيمەن، شۇنىڭغا رىئايە قىلىپلا ئالسا بولىۋېرىدۇ، ۋاقىتمۇ لېكىن قىسقىلا، نۇرغۇن كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، ئەمما ئىنسانغا نىمىنىڭ ياخشى، نىمىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، بىز بىلمەيمىز.

بۇ يەردە ھەممىدىن چاتاق يەنە بىر مەسىلىلەر بار، بۇ بۇرادىرىمىز ئاستا ئاستا كۆرىدۇ، خوتۇن ئالغۇچە- تەگمەكچى بولغان خوتۇن مال دەۋاسى قىلىدۇ، يەنە كېلىپ ئاز يەردىن چۈشمەيدۇ، زىمىن دەۋالىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، سەن ئۆلسەڭ ماڭا بالىلىرىڭ نىمە بېرىدۇ، شۇڭا سەن ھايات ۋاقتىڭدا بېرىدىغاننى بەر دەيدۇ بوۋايغا.

مىڭبىر دەتالاشلار بىلەن بۇ بوۋاي بالىلىرىغا يالغان سۆزلەپ، خوتۇننى خوش قىلىمەن دەپ، ئۇنىڭغا ۋەدىلەر بېرىپ ئاقىۋەتتە خوتۇننى ئالىدۇ، ئەمما بۇ تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى.

قالغىنىغا مەنمۇ ئاستا ئاستا كېلەي،،،،{:92:}

ئىشقىلىپ سەگەك بولۇڭ، ھەققىڭىزنى قوغداشنى ئۇنۇتماڭ، ئاتىڭىز يامان تىلخەتلەرنى يېزىۋېتىپ سىلەرنى ئاقتا قويمىسۇن، ئاللاھنىڭ مىراس قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئۆزىڭىزنى قوغداڭ، ھەم كەلمەكچى بولغان خوتۇننىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىڭ، يەنە كەڭ قوساق بولۇڭ، سىزنىڭ دۈچ كەلگەن مەسىلىڭىز ئىنتايىن ئازاپلىق ئىشلارغا، كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، بۇنى ئۆز بېشىغا كەلمىگىچە ھىچكىم بىلمەيدۇ، ئەگەر ئىشلار مەن دىگەندەك بولماي، ياخشى سالىھ بىر ئايال ئاتىڭىزغا نېسىپ بولسا، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى تېخىمۇ شۈكرانىلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ، ھەم ئۇلارنى قەدىرلەڭ.

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 12:48:38

بولسا تىزرەك خوتۇندىن بىرنى ئىلىپ بىرىڭلار بولسا ياشراق بولسا تىخى ياخشى

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:17:01

دېسەم سەت گەپ بۇلىدۇ، ھەممىزنىڭ ئاتا-ئانىسنى تەڭ قېرىغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئەممازە 25-35 ياشقىچە دېگەن خاتۇنلارنىڭ تازا دەرەخ ئۇچىدىكى ۋاقتى دەيدىكەن، ئەمما بوۋاي بولسا ... بىكار قېرىغاندا سەت نامغا قالمىسۇن دەيمىنا!ئەڭ ياخشىسى گۇڭۇر مۇڭۇر قىلىشقىلى، تاھارىتىگە سۇ بەرگىلى 50ياشتىن ئاشقان مىھرىبان ئايالدىن بىرنى تېپىپ بېرىڭلار!

police110 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:28:20

بۇ قانۇنغىمۇ دىنغىمۇ خىلاپ بولمىغاندىكىن داداڭىز 25-30 ياشلىق قىز چوكانلاردىن تېپىپ كەلسە ئۆيلەپ قۇيۇڭلار بولمىسا.

ھە راس .... يەنە بىر ئامال تويلۇقنى يۇقىرىراق باھا بىلەن ئۇچۇر تورىنىڭ لايىق ئىزدەش سەھپىسىگە ئىلان بىرىپ بېقىڭلا .

\"\" \"\" \"\"

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:32:01

توۋا . مۇشۇمۇ مۇنبەردە سورايدىغان گەپما ؟ قارىغاندا سىزنىڭ ئايالىڭىز بار ئوخشايدۇ . سىزگە خوتۇن لازىم بولغاندەك دادىڭىزغىمۇ لازىم بولغاندۇ ؟ ئۇ ئىشنى مەسلىھەت قىلماي دادىڭىز كىمنڭ ئالىمەن دىسە يولىنى مىڭىپ ئىلپ بىرىپ تۇرمۇشىغا سىلەر ئارىلاشمىساڭلارلا ياخشى ھەل بولىدۇبۇ مەسىلە .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:44:58

{:92:}،،،،،زەپەرنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق ،،،دادىڭىز ياشىنىپ قاپتۇ ،،ئايال كىشى دىگەن شەيتان نەرسەئوپتانراق ئويلۇشۇڭلا بولمىسا كىيىن قورساق كۆپىكى تارتىۋالدىغان ئىش چىقمىسۇن يەنە \"\"

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 15:47:42

خۇتۇننىمۇ ئۇنىڭغا بۇنىڭغا مەسلەت سېلىپ ئالدىغان نەرسمۇ؟ توردا سازايى قىلمايلا پەرزەتلىرى ئۆزى ھەل قىلسا بۇلدىغان مەسلە ئۇ، ھە قىلالمىغۇدەك ۋەياكى توردا تەشۋىق قىلىپ كەتكىدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن

بۇپتۇ ئەمدى مەسلھەتمۇسوراپ بۇپسىز مەسلىھەت بىېرەي دادىڭىز ياش خۇتۇن ئالمەن دىمەي ئۆزىگە چۇشلۇق خۇتۇن ئالسۇن ، ياش خۇتۇنى ئېلىپ قۇيۇپ ھۆدىسدىن چىقالمىسا بىركار سەتلىشىپ قالدىغان ئېش چىقىدۇ،

دادىڭىز قۇلغا قۇل پۇتىغا پۇت بولغۇدەك ساغلام ئوماق مومايدىن بىرنى ئالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ ياخش مەسلىھەت شۇ

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 16:26:18

6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداق پەرزەنت ،قانداق دادا بۇ ....... ئاپىسى كۆز يۇمۇپ ئاي توشماستا دادىسىنى ئۆيلەپ قويۇشماقچى بوپتۇ،ماۋۇ دادا 45 يىللىق ھەمرىيىنىڭ قىرقىنى توشقۇزۇشقا ئارانلا چىداپتۇ \"\" .......... تازا ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇيا ما ئىشلار

گەپ دەل مۇشەدە.


ئەمدى گۇمانىي پاراڭ قىلاي:


ئاتالمىش ۋاپادار پەرزەنتلەر دادىنى ئۆيلەشكە ئالدىرىدى، دادا ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ ئانىسىدىن قالغاننى ئايرىۋاشلىشى كېرەك، بۇلارنى ئويلىغان دادا 20-25 ياشلىق بىرسىگە ئۆيلەنمەك ( بېشىنى سىلىماق) چى بولدىمۇ قانداق؟




تېما يوللىغۇچى، تېمىسىدا دادىسىنى بېقىش، ۋاپادارلىق قىلىش ھەققىدە كىشى قايىل بولغۇدەك ( ئىشەنگۈدەك ) بايان بەرمىگەن، ھازىردىن 30 مىنۇتچە بۇرۇن بۇ تېمىغا نەزەر سالغان بولسىمۇ ئىنكاسلارغا ئىنكاس قايتۇرمىغان بولغاچقا يۇقارقى پەرەزنى يازدىم...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 17:19:31

ۋاي ئىزدىنىش قىزىپ يۈردى -دە مۇشۇ كۈنلەردە ...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 17:53:00

بىزمۇ ئانام تۈگەپ كەتكەن 10 يىلدىن بېرى دادامغا 9 خاتۇن ئېلىپ بەردۇق، داداممۇ 75 ياشقا كىرىپ قالغان، بولسا بۇنداقلارغا 20 ياشلىق قىز ئېلىپ بەرسەك رازى بولىدىغان چىراي، ئەمما ھازىرقى تۇل خاتۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالمىغاندىكىن بىرىنچىدىن باھاسى بەكلا قىممەتكەن، ئىككىنچىدىن بۈگۈنى كېلىپ ھەپتىن كىيىنلا كېتىپ پۇلنى پادىشاھتەك خەجلەپ يۈرىۋېردىكەن، باللار بېرىپ بىر نىمە دەي دىسە دادىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئىشى بولغاچ ئارلىشالمايدىكەن، بۇ خاتۇنلارمۇ دەل مۇشۇ ئاجىزلىقتىن پايدىلىنىپ يۇۋاشلارنى بوزەك قىلىدىكەن خالاس.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 20:37:06

13- قەۋەتتىكى TAWPIKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خۇتۇننىمۇ ئۇنىڭغا بۇنىڭغا مەسلەت سېلىپ ئالدىغان نەرسمۇ؟ توردا سازايى قىلمايلا پەرزەتلىرى ئۆزى ھەل قىلسا بۇلدىغان مەسلە ئۇ، ھە قىلالمىغۇدەك ۋەياكى توردا تەشۋىق قىلىپ كەتكىدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن

بۇپتۇ ئەمدى مەسلھەتمۇسوراپ بۇپسىز مەسلىھەت بىېرەي دادىڭىز ياش خۇتۇن ئالمەن دىمەي ئۆزىگە چۇشلۇق خۇتۇن ئالسۇن ، ياش خۇتۇنى ئېلىپ قۇيۇپ ھۆدىسدىن چىقالمىسا بىركار سەتلىشىپ قالدىغان ئېش چىقىدۇ،

دادىڭىز قۇلغا قۇل پۇتىغا پۇت بولغۇدەك ساغلام ئوماق مومايدىن بىرنى ئالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ ياخش مەسلىھەت شۇ



ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھاساغلام ئۇماق مۇمايدىن بىرنى ئېلىپ بىرىڭدەڭ،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى\"\"\"\"



ما تىمىنى ئوقۇپ ھەجەپ كۈلگۈم كەپ قالدىم..69ياشلىق بۇۋايغا 25ياشلىق چوكان تەككىلى ئۇنامدۇ زادى؟.....قارىغاندا دادىڭىز يولۋاستەك تازا قاۋۇل بۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 20:59:46

دادىڭىزيىقىننىياقى تىۋىپقا كۆرۆنۆپ باققانمۇيا ؟

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 21:07:04

نېمانداق كۈلكىلىك ئىنكاسلار بۇ ،مېنىڭچىمۇ بۇ بوۋايغا ساغلام ئۇماق موماي لايىق . 25-30 ياش چوكانلارنىڭ ئاتتەك شاش ۋاقىتلىرى دەيمەن ، بوۋاي ئىككى ئايدا تەييا بوپ قالامىكىن.ھا ھا ھ ا ھا
بەت: [1] 2
: دادام خاتۇن ئالىمەن دەپ ...