abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 12:25:20

ھامىلدار ئاياللارغا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛

renat218 خانىمنىڭ «سىزىك ھەققىدە» يازغان تېمىسىنى كۆرۈپ ،ئېلگىرى خوتۇنۇمنىڭ ھامىلدار مەزگىلدىكى ئالامەتلەرگە قانداق قاراش ھەققىدە بەزى ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بىر PDF قىلىپ قويغان ئېدىم، (خوتۇنۇمنىڭ سىزىك مەزگىلى ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا ئۇ توغۇرسىدا جىق ئىزدەنمەپتىكەنمەن...) renat218 خانىمنىڭ يازمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئاشۇ PDF نى يوللاپ بەرسەم پايدىلانغۇدەك يېرى بولسا پايدىلنار دەپ ئويلىغان ئېدىم...

ئەمدىلىكتە تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن بولۇپ بىرقانچەيلەن ئېلخەت يوللاپتۇ.... ئەمەلىيەتتە ئاشۇ PDFنىڭ مەتىنسىنى مۇشۇ توربەتكە يوللاپ قويساممۇ بولاتتى، ئەمما بەزىلەرنىڭ چىشلىۋىلىشىدىن، يەنە بەزىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن ئادەتتە تورغا تېما يوللىمايمەن (ئلگىرى تولا يوللاپ، تولا گەپ تالىشىپ... ۋاقىتتىن زىيان تارتقان..... شۇڭلاشقا توردا بىرەر كىم «ئانداق، مانداق...» دىسە «ھە سىزنىڭ راسىت...» دەپ جىق تالاشمايمەن....)

renat218 نىڭ مەسىلىسى بولسا بىر مۇسۇلماننىڭ (ھېچ بولمىسا بىر ئۇيغۇرنىڭ) نوپۇسىغا بېرىپ تاقىشىدىغان ئىش بولغاچقا ئازراق توختالغىم كەلدى....




ماڭا ئېلخەت يوللىغان قېرىنداشلارغا ئېلگىرى تەييارلاپ قويغان PDF نى ئەۋەتىپ قويدۇم، پايدىلانغۇدەك يېرى بولسا پايدىلنارسىلەر (تۇنجى توي قىلىپ تۇنجى ھامىلدار بولغانلارغا ماس كىلشى مۇمكىن)

«سىزىك» دىگەن بۇ ئۇقۇم ئاساسەن ئاياللارنىڭ ھامىلدار مەزگىلدىكى ئالاھىدە ئەھۋالىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن....

بەدىنىمزىڭ بىرەر يېرىگە تىرناقچىلىك ئۆسمە چىقىپ قالسا خېلى بىئارام بولىدىغان گەپ، (ئۇ يەر-بۇيەر لىرىمىزنى، ھىچ بولمىسا شۇ ئورۇننى ئانچە-مۇنچە سىلاپ، ۋايجانلاپ كېتىمىزغۇ...) ئەھۋال ئۇنداق بولغان ئىكەن قورساقنىڭ ئىچىگە بىرجان (سىز-بىزگە ئوخشا بىر پۈتۈن ئادەم) ئۈنۈش ئۈچۈن بىخلىنىۋاتقان يەردە بىئارامسىزلىنىش تەبىي ئەھۋال، شۇڭا كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەستىن، كۆڭۈلنى ئازادا تۇتۇش كېرەك.... ئەلۋەتتە كۆڭۈل تارتقان نەرسىنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا يەپ بەرسە تېخىمۇ ئازادە بولىشى مۇمكىن، ئەمما تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بەك جىق ئويلاپ كەتمەي دىققەتنى باشقا يەرلەرگە بېرىش كېرەكتە....

بىزنىڭغۇ ھازىرقى زاماندا قىشتا يازنىڭ، يازدا قىشنىڭمۇ مىۋىسىنى تاپالايمىز.... ئېلگىركى زامانلاردا، مەسىلەن كومىنا ۋاقتىنى مىسال ئالساق (كونىلار بۇنى كىپرەنسىيەمۇ دەپ قويىدۇ...) بىر-ئىككى نومۇرنى سەپ بىچارە جاپاكەش ئانىلىرىمىز قوساقتا بالا، دۈمبىدە تاغار.... ئاشۇنداق ئىشلەپ كىتەتتى، ئۇلاردىمۇ بار ئىدى شۇ قورساق، شۇلاردىمۇ بار ئىدى شۇ سىزىك، شۇ كۆڭۈل ئېلىشش....

ئادەم بەك بىكار بوپ كەتكەنسىرى يېڭى-يېڭى ئاۋارچىلىقلار ئويلىمغان يەردىن چىقىدۇ.... (خۇدايىم؛ «مۇشۇ بەندەم بىكار قېلىپ قىلغىلى ئىش تاپالماي قالمىسىۇن....» دەمدۇ يا؟ بىلمىدىم).

شۇڭا خانىملار بۇنداق چاغدا ئۇنداق بەك كۈچەپ بىر تەرەپلىمە بولىۋالماي سەۋىرچانلىقنى يىتىلدۈرشى كېرەك. «اَلْـجَــنَّــەُ تَحْتَ أَقْدَامِ اْلأُمَّــهَاتِ» دىگەن گەپ بىكار ئىيتىلمىغان، بەلكى ئانا بولۇش شۇنداق تەس، شۇنداق جاپالىق، ھەم مىننەتسىز ۋە شەرەپلىك...

ئەمدى سىزكتىن باشلاپ كۆز يورىغانغا قەدەر دەپ قويىدىغان ئالاھېدە گەپ يەنىلا شۇ «ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ (سىزىككە چۈشكەندىن باشلاپ) قالايمىقان دورا ئوكۇلنى قەتتىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك... تاكى بالا تۇغۇلغانغا قەدەر.....». ئەگەر زادى ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئىش بوپ قالسا پىششىقراق مۇسۇلمان دوختۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.... ئەمما Bچاۋ، Cچاۋ دىگەندەك نەرسىلەرگە تولا چۈشمەسلىك كېرەك....

بەلكىم بەزى دوختۇرلار پۇل ئېلىش مەقسىتىدە ياكى سىزگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن، ۋە ياكى بولمايدۇ بىرەر مەسىلە چىقپ قالسا مەسئۇلىيەتكە تارتىلىپ ئۆزىنىڭ قانۇن ئالدىدا جاۋاپكارلىققا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مەسىلنىڭ ئەڭ يامان تەرىپىنى ئانالىز قىلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا بالاڭ تەتۈركەن، ئاخكەن، كۆككەن.... دىيىشى مۇمكىن....... نىملا دېسە-دېسۇن ئىمكان قەدەر دورا ئوكۇل ئىشلەتمەي تەبىي ئۇسۇل بىلەن تەدبىر قوللىنىش يولىنى سوراش كېرەك، مەسىلەن: بالا 5-6ئايلىق بولغاندىن كىيىن دوختۇر «بالاڭ تەتۈركەن» دىيىشى مۇمكىن، دوختۇنىڭ دىگىنىمۇ خاتا ئەمەس، بەلكىم ئۇل دوختۇر بالىڭىزنىڭ شۇ تەتۈر ھالىتدە كۆرۈپ قالغان (سىزمۇ شۇنداق چاغدا دوختۇرخانىغا بارغان بولىشىڭىز مۇمكىن) بۇنداق چاغدا دارا-ئوكۇل تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى دارا-ئوكۇل بىلەن تەتۈر بالىنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ... كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇنداق شارائىت ئاستىدا دوختۇر سىزگە «ئۆمىلەپ بېرىڭ» دىيىشى مۇمكىن....

بەرھەق، بۇنداق چاغدا ئۆمىلەپ بېرىسىز ئەلۋەتتە، مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ تۇغۇتىغا ئاللاھنىڭ قانچىلىك ئاسانلىق بەرگىنىنى چۈشەندىڭىز بولغاي، ئۇلار نە Bچاۋ Cچاۋلارغا چۈشمەيدۇ، نە سۆزلىيەلمەيدۇ.... ھەرقانچە تۇنجى تۇغۇتى بولسىمۇ ئۆزى تۇغىدۇ....

ئۆزۈم تىببى كەسىپتە بولمىغاچقا ئول ساھادە بەك جىق بىرنىمە دىيەلمەيمەن..... (قالغىنىنى بىرزات بىلەن تادۇبەگ سۆزلىسىۇن)




بىزدە دوختۇرغا ھامىلدار ئاياللار دوختۇرغا بارسا بەزىدە دوختۇرلار «بالاڭنىڭ قۇلىقى يىتىلمەپتۇ، قولى ئۇنداخكەن، پاچىقى مانداقكەن، مانچە بارمىقى چاپلىشىپ قاپتۇ....» دىگەندەك ھەرخل ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغان دىئاگۇنۇزلارنى قويىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق بولىشى مۇمكىن، ئەمما يەنە بەزى كافىر دوختۇلار ئاشۇ دىئاگۇنۇزنىڭ كەينىدىنلا «بالىنى چۈشۈرۋەتكىن، ئېلۋەتمىسەك بۇ بالا دىگەن ئانداق مىيىپ تۇغۇلۇپ قالىدۇ، مۇنداق چولاق-توكۇر تۇغۇلۇپ قالدۇ....» دىگەندەك گەپلەرنى دەپ ئادەمنى يامانلىققا باشلايدۇ....(بىز بەزىلەرنىڭ ئاشۇنداق قىسمەتكە يولۇققىنىنى ئاڭلىغان)

ئۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالغانلارغا دەپ قويىدىغان گىپىمىز شۇكى، (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىسلامنىڭ گىپى):

قوساققا تۆرلىپلا بولغان ئىكەن، (ئادەتتە 120كۈنلۈك بولغاندا ھەقىيقى بىر ئىنساق قىياپىتىگە كىرىدۇ) ئۇنى ھەرقانداق ۋاستە بىلەن چۈشۈرۋىتىشكە بولمايدۇ، ھەرقانچە پۇتى-قولى يوق تۇغۇلىدىغان ئىش بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى چۈشۈرۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا پىلانلىق تۇغۇر دائىرلىرنىڭ جەرىمانىسىدىن، كەنىت باشلىقنىڭ ھەيۋىسىدىن، ياكى بىر بالا قۇچاقتا بولسا يەنە بىرسى تۇغۇلۇپ قالسا باقالماسلىقتىن ئەنسىرەپ..... ۋە ھاكازا.... ئىشقىلىپ ئۇنى چۈشۈرۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈشۈرۋەتكەنلەر بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرگەنىنىڭ جازاسى بويىنچە جازالىندۇ..... (بۇ دۇنيادا جازا تارتمىغان بولسا ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ جازالانماي قالمايدۇ.... ئاللاھ ياراتقانغا نارزاى بولۇپ ئۇنى چۈشۈرۋەتكەن (ئۆلتۈرۋەتكەن) نوچىلارئۆزىگە ھەرخىل يوللارنى تېپىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ جاھاندا سورىقى بولمايدىغان ئىش يوق!)، (ئەگەر شۇ بالىنى چۈشۈرۋەتمىسە ئانىسنىڭ ھاياتىغا خەۋپ بولىدىغانلىقى ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان دوختۇرنىڭ دىئاگۇنۇزى بىلەن ئىسپاتلانسا بۇ باشقا گەپ، چۈنكى ئىسلامدا ئىككى زىياندىن زادى بىرنى تاللاشقا دۈچ كەلسەك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن، ئىماندىن چىقىپ كەتمىگەن، يەنە بىر مۇسۇلمانغا زىيان سالمىغان ئەھۋالدا كىچىك زىياننى تاللساق بولىدۇ...).










مانا ھازىر ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك رامازان ئايلىرىدا تۇرۇپتۇق، بەزى ئاياللار مۇشۇ ئاي-مۇشۇ كۈنلەردە ھامىلدار بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، (ماڭا ئېلخەت يوللىغان بىرەيلەن مۇشۇ ھەقتە سوراپتىكەن).

ئۇنداق بولسا بۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرسىنىڭ 184-ئايىتىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن:

(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر.== [قۇرئان كەرىم سۈرە بەقەر 184-ئايەت]

(گەرچە يۇقارقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ھامىلدارلارنى «روزا تۇتسۇن ياكى تۇتمىسۇن...» دىمىگەن بولسىمۇ لىكىن بۇيەردە رامازان تۇتقان سەۋەپلىك شۇ ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە (ئاشقازاننىڭ كەينىگە كىرىش دىگەن گەپ ئەمەس) ئىغىر تەسىر يىتىدىغان ئىش بولسا، ۋەياكى شۇ سەۋەپتىن قورساقتىكى ھامىلىگە زەرەر يىتىدىغان ئىش بولسا ئۇ ھالدا بۇ ئايال يۇقارقى ئايەتنىڭ ھۆكۈمى بويىنچە ئىش كۆرسە بولىدۇ، يەنىي: بۇ چاغدا تۇتماي، كىيىن ساقايغاندا(بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندە) بىركۈنگە-بىر كۈن تولۇقلاپ تۇتىسا بولىدۇ.

ئەمدى بۇيەردە «ئەگەر بۇ ئايال روزا تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۆلۈپ كەتسە ئېرى ياكى باشقا بىرەر تۇققىنى ئۆزى خالىس تۇتۇپ قويسىا بولامدۇ؟ » دىگەن مەسىلە چىقىشى مۇمكىن،بۇ مەسىلە توغۇرلۇق ئېلگىرى مەن بىر كىتابتا كۆرگەن ئېدىم، ھازىر ئېنىق ئەسلىيەلمىدىم، شۇڭا بۇ توغۇرلۇق جاۋاپ بېرەلمەيمەن. (كىيىنچە ئاشۇ ھۆكۈمنى قايتىدىن كۆرگەندە ئاندىن دەلىللىرى بىلەن قوشۇپ يوللاپ قوياي...)

renat218 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 19:53:24

رەھمەت سىزگە!!!

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 21:25:24

ماڭىمۇ لازىمتى، ئايالىم ھامىلدار بولغىلى 5 ئاي بولغان.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 21:30:34

ماڭىمۇ لازىم... \"\"
بەت: [1]
: ھامىلدار ئاياللارغا