سىزىك ھەققىدە مەسلىھەت سورايمەن.
سىزىك مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان قانداق ئىشلار بار، كۆپچىلىكنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى. سىزىك بەك قاتتىق بولسا بىرەر چارە بارمۇ؟ قۇرۇق قۇسۇش كۈچلۈك بولسا، ھالسىزلىنىش، باش قېيىش بولسا قاندق دورىلارنى يىېسە بولىدۇ؟
رەھمەت.
408980097@qq.comغا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇڭ، مەن سىزگە بىر ماتېريال يوللاپ بېرەي. ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا بېرىڭ، لىكىن مېنىڭچە ئۇلارمۇ چىداپ ئۆتكۈز دىيشى مومكىن، مېنىڭ ئايالىممۇ ئەينى ۋاقىتلاردا 4 ئاي قاتتىق سېزىك ئازابىنى تارىتقان، قىلمىغان چارە سورمىغان مەسلىھەت قالمىغان ، 4 ئايدىن كىيىن ئوڭشالغان، بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولىشى مومكىن، يىگۈدەك ماجاكىڭىز بولسا يەڭ، ياندۇرسىڭىز يەنە يەڭ! دىگەندەك! ھەراس، بويىڭىزدا قالغاندا قالايمىقان دورا-ئوكۇل ئىشلەتسىڭىز قەتتئىي بولمايدۇ... (بەزى دوختۇرلار بەزى دورا-ئوكۇللارنى بېرىشى مۇمكىن، لىكىن يەنىلا دىققەت قىلىش كېرەك) مىنىڭ سېزىكىممۇ بەك قاتتىقتى ،سېزىكنى ئۈزۈلكېسىل يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس دورا ئىشلىتىشكە قەتئى بولمايدۇ ،مەن ھەرۋاق تاماق بىلەن جۈزە شۆپىكى زەنجىۋىل قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان ،سىلەرمۇ سىناپ بېقىلار. سىرىك دەپ ئوقۇپ كىرىپتىمەن
![\"\"](\"images/face/qq/018.gif\"/)
-ئايال كىشى ئېغىر ئاياق بولغان چاغدا سېزىكلىكى قاتتىق بولىدۇ،ئەگەر پۇتىدىكى،قولدىكى گۆشنى يەيمەن دېسىمۇ كېسىپ بەرمەكلىك بار،سېزىكلىك دېگەن شۇنداق يامان نېمە،ئايالىڭلارنىڭ سېزىكلىكى تۇتۇپ كەتسە ئاچچىق نەرسە بولامدۇ ياكى قانداقلا يەيدىغان نەرسىگە خۇمار بولسا توسماڭلار،شۇنى ئەپ بېرىڭلار ياكى تېپ بېرىڭلار.بولمىسا بالاڭلار كەمتۈك تۇغۇلۇپ قالىدۇ-دەپتىكەن رەھمەتلىك.
مەن بۇ گەپلەرنى ئۆي تۇتۇۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان.
گېپىم تۈگدى.مەن توي قىلمىغان جۇمۇ،ئىزدىنىشتىكى بويتاقلار جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى مەن
![\"\"](\"images/face/qq/002.gif\"/)
مۇبارەك بولسۇن .
بەك ئىسسىق كېلىپ خاپا قىلمىسا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ زەنجىۋىل شەربىتىنى ئىستىمال قىلىڭ ، ئاندىن بىھى شەربىتى ، بىھى مۇرابباسى دېگەندەك نەرسىلەر بولسىمۇ بولىدۇ ...
يۇقارقى رىتسىپنىڭ خالىغان بىرىنى قىلىشقا ياكى ئىككىسىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ... ئامالىنى قىلىپ بېقىڭ، ھىچ بولمىسا بۇ جەرياندا ئايالىڭىز سىزنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىڭىزنى ھىس قىلىدۇ. ئەڭ لازىملىق شۇدۇر بەلكىم.
![\"\"](\"images/face/qq/030.gif\"/)
ئاللا ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!!!
بەت:
[1]