balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 11:23:55

يېڭى زاماندىكى باللىلار چۆچەكلىرى

يەنە شۇ بالىلىقىڭلارنى بومباردىمان قىلاي……



بىر بوۋاي دەريادىن بىلىق تۇتىۋىتىپ،بىر ئالتۇن بېلىق تۇتىۋاپتۇ،ئالتۇن بىلىق زۇۋانغا كېلىپ:

-ھەي،بىلىقچى،مىنى قويىۋەتسەڭ،مەن سىنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن!!

بوۋاي بۇرنىنى كوچىلاپ تۇرۇپ:

-ئۇنداق بولسا،سەن بىر تەخسە سۈەن لا يۈ غا ئايلىنە!!




شۇنىڭ بىلەن بېلىق قورساققا كىرىپ كېتىپتۇ،بوۋايمۇ كەمبەغەل پېتى ئۆتىۋىرىپتۇ




مانا بۇ ،ئىنسانلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتى……




ئۇيقۇدىكى سايىپجامال

ئوماق مەلىكە رەھىمسىز جادۇگەرنىڭ سېھرىگە ئۇچراپ،ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇغا كېتىپتۇ،……

ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن،بىر باتۇر شاھزادە ھەرخىل قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،مەلىكە ئۇخلاۋاتقان قەلئەگە كىرىپتۇدە،ئۇخلاۋاتقان مەلىكىنى كۆرۈپ،پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ،تىۋىش چىقارماي،مەلىكىنىڭ ئالتۇن،زىبۇ زىننەت،ھالقا مارجانلىرىنى ئوغۇرلاپ،خالتىغا قاچىلاپتۇ،ھەمدە قولىغا قەلەم ئېلىپ،مەلىكنىڭ يۈزكۆزىنى بوياپ،بۇرۇتلارنى سىزىپ،كۆزەينەكلەرنى سىزىپ چىقىپ كېتىپتۇ……

بۇ بىزگە شۇنى بىلدۈرىدىكى،كۆپ ئۇخلايدىغان ئايالنى،ئەرلەر ياقتۇرمايدۇ……




ئالتۇن كەش

كۈل قىز چۈشۈرۈپ قويغان ئاياقنى كۆتىرىپ،شاھزادە شەمۇ شە،نەمۇنە ئۇ قەزنى ئىزدەپ ،ئاخىرى ئاقكۆڭۈل،ئىشچان ،مېھرىبان كۈلقىزنى تېپىپتۇ،شاھزادە قىز چۈشىرىپ قويغان ئاياقنى قىزغا شۇنداق كىيدۈرەي دىگەندە،قىزنىڭ پۇتىنىڭ تىرنىقى شاھزادىنىڭ قولىنى شارتلا قىپ تىلىۋىتىپتۇ،شاھزادە ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ،ئوردىغا كېتىپ قاپتۇ……




ئاقكۆڭۈل،مېھرىبان بولۇشتىن سىرت،تىرناقنى ۋاقتىدا ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم!




قاغا بىلەن تۈلكە

گۆش چىشلەپ تۇرغان قاغىنى كۆرگەن تۈلكە ،شۇ گۆشنى ئېلىۋىلىش ئۈچۈن قاغىنى ئالداپ:

-سىنىڭ ئاۋازىڭ بەك مۇڭلۇق،ناخشا ئېيتىپ بېرە -دەپتۇ

قاغا قاق قىلىپ ئاغزىنى ئېچىپتىكەن،گۆش ئاغزىدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ،تۈلكە مەغرۇر گۆشنى چىشلەپ قېچىپ كېتىپتۇ.

ئازراق ماڭمايلا ،بىر بۆرە چىقىپ ،تۈلكىنى بىر شاپىلاق سەپتۇ

-ئەكە شۇم،گۆشنى مەن يەيمەن!!

بۆرە ئۇزۇن ماڭماي،شىر چىقىپ بۆرىنى بىر شاپىلاق ساپتۇ:

-تاتە قولۇڭنى شۇم،گۆشنى مەن يەيمەن!!

شىر ئۇزۇن ماڭماي،ۋاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر ئوۋچى يۈگۈرۈپ كەپتۇ:

-ئۆلە شۇم،ۋاھاھاھاگۆش مىنىڭ بولدى……

ئادەم گۆشنى بىر چىشلەم يەپلا ،قورسىقى ئاغرىپ ئۆلۈپ قاپتۇ،ھېلىقى نۇچۇپ كېلىپ گۆشنى چىشلەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ……




شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،ساختا گۆش،ساختا يىمەكللىككە ىقەتئىي زەربە بېرەيلى




قار مەلىكە




قار مەلىكە زەھەرلىك ئالمىنى يەپ،ئۆلگەندە،شاھزادە ئۇنى قۇتقۇزىۋاپتۇ،ئۇلار بىر بىرىنى ياخشى كۆرىشىپ قاپتۇ،شاھزادە قار مەلىكنى ئېلىپ ماڭماقچى بولۇپ،ئاتقا مىبگەشتۈرۈپتۇ،ماڭىدىغان چاغدا شاھزادە:

-مەلىكەم،سىزيەتتە پاپا دەۋاتاتتىڭىز،بۇلار سەككىز تۇرىدىغۇ؟

-ۋاي كارىڭىز بولمىسۇنا،ماڭايلى تېزراق،بولىڭە چاپسان،

ئىككىيلەن مېڭىپ ئۇزاپ كەتكەندە،پاپىلار ئارىسىدىن يىغلىغان ئاۋاز چىقىپتۇ:

-ئاپا!ئاپا!مىنى تاشلاپ كەتمەڭ!جىنىم ئاپا!!

مانا بۇ سىەككىزىنچى “پاپا”




ھەي ،بۇ جەمئىيەتنىزە……




ئۇر توقماق

بوۋاي قاغىدىن ئۇر توقماقنى ئېلىپ،ئىشلىتىش ئەپسۇنىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن،قايتىپ كېلىپ ،بازار باشقۇرۇش ئەترىتىگە قاتنىشىپ،تەنزىچى،يايمىچى ،باققال دىگەنلەرنى ئۇرۇپ،سۇندۇرپ،چېقىپ،مەھەللىدە ئابروي تېپىپتۇ……

ھازىر ئۇلارنى چىڭ گۇەن دەپ ئاتايدىكەن……




بۆرە بىلەن قوزا

بۆرە قوزىنى يەۋەتمەكچى بولۇپ،باھانە ئىزدەپتۇ،قوزا سۇ ئىچىۋاتقاندا بۆرە سەكرەپ چىقىپتۇ:

-ھەي ھارىمى ،سەن مەن ئىچكەن سۇنى بۇلغىۋەتتىڭغۇ

-كۆزۈڭگە قۇم كىرىپ كەتكەنمۇ سىنىڭ،ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە جۇمۇ،سەن ئۈستىدىن ،مەن پەستىن ئىچكەن تۇسام،ئاناڭنىڭ قېشىدا سۇنى بۇلغامدىم،سىنىڭ شالۋىقىڭنى ئىچتىم دەپ مەن زارلىسام بولىدۇ……

بۆرە:

-ماشۇمنى،خورىكىڭ يوغىناپ قاپتىغۇ،قايسى بىر چاغدا داداڭ مىنى بەك تىللىغان،شۇڭا سىنى يەيمەن!!

قوزا مانا يە دەپ،بىرلا مەرەپتىكەن،شىر ،يولۋاس،ئېيىق دىگەنلەر چىقىپ،بۆرىنى دەسسەپ،چەيلەپ،خېمىر قىلىۋىتىپتۇ




كىمنىڭ چىشىغا تەگسىڭىز مەيلى،ئەمما 富二代بىلەن官二代نىڭ چىشىغا تەگمەڭ




پارول

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 12:01:48

مەنبە : ئۈندىدار چەمبىرىكى

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 14:38:43

سەككىزىنچى پاپا...{:92:}



بۇنى يازغان كىشىنىڭ ۋەھشەت كاللىسى ئىشلەيدىكەن-جۇمۇ!
بەت: [1]
: يېڭى زاماندىكى باللىلار چۆچەكلىرى