uyghurluq يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 11:46:49

پاراسەت ۋە تاكتىكا

پاراسەت ۋە تاكتىكا




كىچىك سىناق




سىز پاراسەت ئىگىسىمۇ ؟ سىناپ بېقىڭ :




بىر قېتىم سىز سىرىتقا چىققاندا بىر قەدىمىي كۆۋرۈكتىن ئۈتۈشىڭىزگە توغرا كەلدى ، كۆۋرۈك ناھايىتى كونا بۇلۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئۆتمىگىنىگە ئۇزۇن بولغاندەك ، ئادەم دەسسىسىلا سۇنۇپ كىتىدىغاندەك كۈرۈنەتتى . سىز گاڭگىراپ قالدىڭىز ، قانداق قىلىسىز ؟

A . كۆپ ئويلانمايلا ، باتۇرلۇق بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۈتىسىز .B . كۆز ئالدىڭىزدىكى مەنزىرە سىزنى قورقۇتۇپ قويدى ، قانداق قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي قالىسىز.

C . ئاۋال كۆۋرۈكتىن ئۆتمەي تۈرۈپ ، يېقىن ئەتراپتا ئولتۇردىغان كىشىلەردىن بۇ كۆۋرۈكتىن ئۈتۈشكە بولىدىغان -بولمايدىغانلىقىنى تىڭ-تىڭلايسىز . ئەگەر كىشىلەر كۈندە بۇ كۆۋرۈكتىن ماڭسا ، بۇ يەردىن مېڭىشتىن قورقۇشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟

D . بۇ كۆۋرۈك بەك خەتەرلىك ، شۇڭا ئۆتمەي ، يۇقىرغا ياكى تۈۋەنگە مېڭىپ بېقىپ ، باشقا كۆۋرۈك تېپىپ ئۈتىسىز .

نەتىجە تەھلىل




جاۋابىنى يۇشۇرۇن قىلىپ تەڭشەپ بىرىلگەن بولسا ، رەھمەت !




A جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز ، بۇ سىزنىڭ ئىنتايىن باتۇر ئادەملىكىڭىزنى چۈشەندۈردۇ . بىراق سىز باتۇر ، لىكىن تەدبىرسىز ئادەم ئىكەنسىز ، شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ، تۇرمۇشتا سىز بىر جۈرئەتلىك ئادەم ئادەم ئىكەنسىز .ئۇنداقتا ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشتا جۈرئەتلىك بۇلۇش سەۋەپتىن نۇرغۇن قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆردىڭىزمۇ ؟




ئەگەر B جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز ، سىز بىر ئىرادىسىز ئادەم بۇلۇپلا قالماي ، بەلكى يەنە بىر ئەزمە ئادەم ئىكەنسىز . قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە سىز دائىم قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدىكەنسىز .




ئەگەر سىز C جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز . بۇ سىزنىڭ خېلى ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈردۇ . بىراق يۈزەكى ئەقىللىقلىقتىن ئىبارەتتۇر . چۈنكى سىز پەقەت باشقىلارنىڭ كۈچىگە تاياندىڭىز . ئۆز كۈچىگە كۈچىڭىزگە تايىنىپ مەسلىنى ھەل قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز ، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، سىز بىر پۇرسەتپەرەس ئادەمكەنسىز ، سىز دائىم باشقىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ، مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولىدىكەنسىز . بىراق ، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپمۇ غەلبە قازىنالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىمايدىكەنسىز .




ئەگەر D جاۋابنى تاللىغان بولسىڭىز ، بۇ سىزنىڭ بىر جانلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ، شۇنداقلا خېلى ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈردۇ .







مەنبە : ھاياتلىق ھەقىقىتى




تەييارلىغۇچى : ئۇيغۇرلۇق

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 14:30:54

باشقۇرغۇچىلار خاپا بولۇشمىساڭلار مۇشۇنداق بىمەنە تىمىلارنىمۇ تەستىقلاپ مۇنبەرنىڭ ساندانىنى ئىسراپ قىلمىغان بولساڭلار

بەكمۇ ياخشى بولارئىدى

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 14:53:56

F .ئەگەر سىز كۆرۇكتىن ئۆتمەي كەينىگە يانسىڭىز

G.ئەگەرسىز كۆرۇكتىنمۇ ئۆتمەي ياكى كەينىڭىزگىمۇ ماڭماي باشقىلاردىن سورىماي بىرسىنىڭ كىلىپ ئاۋال بۇ كۆۋرۇكتىن ئۆتۇشىنى ساقلىسىڭىز

J.ئەگەر يىنىڭىزدا بىرەرسى بولسا ئاۋال شۇنى ئۆتۇپ بىقىشقا ئۇندىسىڭىز ياكى مەجبۇرلىسىڭىز

H.ئەگەرسىز ھەممىنى قىلالمىسىڭىز 110 ياكى يول قاتناش تارماقلىرى ياكى شۇ يىزىنىڭ باشلىقلىرىغا تىلفۇن قىلىپ بۇ كۆۋرۇكنىڭ پۇختا ياكى ئەمەسلىكى بۇرۇن ۋەقە چىققان چىقمىغانلىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتىسىڭىز بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىڭىزنى سورىماقچى بولسىڭىز



جاۋابى

F. بۇ سىزنىڭ جۇرئەتسىز ئادەملىكىڭىزنى بىلدۇردۇ شۇنىڭ ئۇچۇن سىز ئاۋال كۆرۇكتىن ئۆتۇپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى كۆرسۇتۇپ قويىشىڭىز كىرەك

G.سىزبىر مەسئۇلىيەتسىز كىشى سىز ئەڭ ياخشىسى لىفىڭ  لەينىڭدىن ئۇگۇنۇپ كىلىپ ئاندىن بۇ كۆۋرۇكتىن ئۆتۇڭ

J.بۇ سىزنىڭ بىر قارانىيەت ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇردۇ شۇڭا سىز ئاۋال پارتىيەگە كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇنداق ئۆيلىغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن تەكشۇرۇش نامە يىزىپ ئۇنىڭدىن كىيىن سىياسى ئۇگۇنۇشنى بىرنەچچە يىل قىلىپ ئاندىن تەكشۇرۇش نامە يىزىپ ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ كۆۋرۇكتىن ئۆتۇڭ

H.بۇسىزنىڭ ياخشى پۇخرا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇردۇ لىكىن بۇسىزنىڭ مىھىر شەپقەتسىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇردۇ شۇنۇڭ ئۇچۇن سىز تىزدىن بىرىپ ئىئانە توپلاپ بۇ كۆۋرۇكنى

رىمىنۇت قىلدۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى پۇخرا ئىكەنلىكىڭىزنى باشقىلارغا بىلدۇرۇپ قويىشىڭىزكىرەك

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن سۇئال جاۋاپلار بار خالىساڭلار قالغىنىنى سىلەر يوللاپ قويۇڭلار

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 16:51:09

ياز ۋاقتى بولسا سەگىدىگەچ ئۈزۈپ ئۆتىمەن، قىش ۋاقتى بولسا باللىقمنى سىغىنغاچ تېيلىپ ئۆتىمەن  {:92:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 18:48:54

ھى ھى ھى ھى مەن س جاۋاپنى تاللىغانتىم،،ھەرھالدا يامان ئەمەس يىگىتكەنمەن \"\"  {:107:}   {:92:}  \"\" \"\" \"\" \"\"

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 00:46:25

نەتىجە ۋە تەھلىلگە پەقەتلا قايىل بولمىدىم.

uyghurluq يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 09:32:06

6- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەتىجە ۋە تەھلىلگە پەقەتلا قايىل بولمىدىم.


ئىنساندارچىلىقتا نەدىمۇ 100 % لىك ئىش بولسۇن ، بۇ دېگەن پەقەت پىسخىكىلىق سىناق .





bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 10:09:02

مەن د نى تاللىغان.

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 11:34:15

خەتكۈچ..........

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 12:19:16

مەن e جاۋاپنى تاللىدىم.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 17:25:09

ھەر قانچە بولسىمۇ شۈنچە يوغان بىر كۆۋرۈك بىر ئادەمنى قورىقماي كۆتۈرىدۇ ، مەن بولسام قىلچە ئىككىلەنمەي تىز سۈرئەت بىلەن كۆۋرۈكنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ سىزنى ساقلىغان بولاتتىم ، دىققەت قىلىش كېرەككى بۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلاشقا بولمايدۇ .
بەت: [1]
: پاراسەت ۋە تاكتىكا