sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 11:06:44

رامىزان ناخشىسى

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 18:02:55

كىچىك چاغلىرمىدا ، رامزان ئېيتىمىزدەپ مەھەللىدىكى بالار بىلەن نەمۇ نەگە كېتەتتـۇق ، سۇ سەپسە ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر ۋاقىراپ - جاقىراپ باشقا ئۆيگە باراتتۇق ، بەش مو پۇل بېرىپ قالسا خوش بولۇپ ئاخىردا ، پۇل تالىشىپ جىدەل \"\"

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 18:37:24

1- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارات كېچىسى ناخشىسىدۇ ؟

كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ‹بارات كەلدى بۈگۈن كېچە ، ئۇخلىماڭلار تاڭ ئاتقىچە ..› دەپ مەھەللىمۇ مەھەللە توۋلاپ چىقاتتۇق . چوڭلار ئۆيدىن چىقىپ پوشكال تارقىتاتتى ...تېخى خوشنا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن توپلىشىپ ئۇرۇشاتتۇق ...



ۋوي ئابدۇشۈكۈركامغۇ بۇ؟تىشلىقمۇ ئاكا؟



سىلەرنىڭ يۇرتتا بارائەت ئۆتكۈزۈش ئادىتى يوخكەن ھە؟بىزنىڭ يۇرتتا رامىزان كىلىشنىڭ 10نەچچە كۈن ئالدىدا ھەممە ئائىلىلەردە قۇيماق پىشۇرۇپ بارائەتنى كۈتىۋالاتتۇق،ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوخلايتتۇق...



سىلەرنىڭ مەھەللىدە سىز كىچىك چاغلاردىكىدەك قۇيۇق مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت،مىللىيچە پۇراقلار يۇقۇلۇشقا باشلاپتۇ،،خەنلەرنىڭ مەدەنيىتى تېىىمۇ قۇيۇقلۇشۇشقا يۈزلىنىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى چىكىنىشكە باشلاپتۇ،،خۇددى خەنزۇلار شۇ يۇرتنىڭ يەرلىك ئىگىللىرىدەك،ئۇيغۇرلار سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەندە بىر خىل مەنزىرە شەكىللىنىپتۇ....



نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ،،مۇشۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق قانداق؟


قېنى ھەممىمىز قىزغىن چاۋاكلار بىلەن بېغىر ئەپەندىمنى ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلايلى

function يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 20:43:24

تولۇق 1-يىللىقنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە توۋلىغاندىن بۇيان توۋلاپ باقمىدىم، چەكلىدى، توۋلىغىلى قويمىدى... ھازىر 10 يىللار بولۇپ كېتىپتۇ، رامىزان توۋلاشقىمۇ ئىگە بولالمىدۇق.... شۇنداق ئېسىل توۋلاشلار ئىدى ...

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 13:10:26

كىچىك چاغدا شۇ قىلغاننى ھازىر قىلىدىغان بولسىڭىز «قانۇنسىز دىنىي پالىيەت ئۆتكۈزگەن» بولىسىز....  {:90:}   {:92:}
بەت: [1]
: رامىزان ناخشىسى