oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 17:33:02

QQئۇيغۇرچە قوللىغاندەك قىلىدۇ

بۈگۈن مىسرانىمغا كىرسەم شۇنىڭ گېپى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ پىنگىۋىنىدا ئىشخانامدىكىلەرگە خەت يازسام مۇزدەك بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا ئىزدىنىش ئەھلىگىمۇ خەۋەر بېرىۋېتىش نىيىتىگە كىلدىم


ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىت:


پىنگىۋىننىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى(2013نۇسخىسى بولسىلا بولىدىغان چىراي)


يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ(مەسىلەن : ئەلكاتىپ 5.5، 5.7، چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈگۈچى، ئويغان دېگەندەك)


قالغىنىنى سىناپ بېقىپ بىر نېمە دېيىشەلا

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 20:15:35

مۇشۇ پىنگىۋىن نومۇسمۇ قىلمىدى.بايام قارىسام كانادا ئەلچىخانىسىنىڭمۇ ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئۇيغۇرچە رامىزانلىق تەبرىكنامىسىنى كۆردۈم.

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 20:17:33

مەنمۇ سىناپ باقتىم ، ھەقىقەتەن راستكەن ، ئون نەچچىگە كىرگەن پىنگىۋىن ئاخىرى ئۇيغۇرنى تونۇپتۇ ... \"\" \"\" \"\" \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 20:25:49

تونىسا نىم بولاپتۇ تونىمىسا نىم بولاپتۇ

ماڭا بەرىبىر

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 20:49:58

بەزى ئىشلانىڭ ياخشىىلىقىدىن ،يامانلىقى جىقراق.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 02:24:17

‹‹ئە›› ھەرپى چىقمايدىغۇ؟

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 04:19:28



ئۇيغۇرچە ئۇچۇرنى نازارات قىلىش ئەمەلگە ئاشقان ئوخشىمامدۇ ؟ ئىلگىرى چۈشنەلمەي چازىدىن ئۆتكۈزمىگەن چېغى......

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 11:11:15

ئۇيغۇرچىنى تونىغانلىقى، نازارەت قىلىش تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن، تورغا چىقىپ چ چ دا پاراڭ قىلغۇچىلارنىڭ غىت قىسىشى كېرەكلىكدىن دېرەك بېرىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 11:13:42

ھېلىقى پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى يەنە بىر ئەمەلىي قوللىنىشقا ئېرىشىپتۇ-دە.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 12:41:05

9- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگىنى ئۆزى بىر ياخشى ئىش ئەمەسمۇ ؟ ئەمدى مۇشۇنىڭدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپ ئاغرىنىپ ، سېسىق گەپ قىلىشىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ ؟

نازارەت قىلسا قىلمامدۇ ؟ قانۇنغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلمىساڭلار بولىۋېرىدىغۇ؟ ئىچىڭلىغا پاتمىغان گەپ بولسا ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشىتىش ، سۈپەتلەش ، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلار بەك نۇرغۇنغۇ ....

مۇڭداشقۇنىڭ ئۇيغۇرچىلاشقىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغىنى . بۇنى بىلىۋېلىڭ !



سەل ھاياجانلىنىپ كەتتۇقمۇ يا؟ ئۇيغۇرچىلاشتى دىمىگەنتىغۇ تېما ئىگىسى...

jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 14:41:40

9- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگىنى ئۆزى بىر ياخشى ئىش ئەمەسمۇ ؟ ئەمدى مۇشۇنىڭدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپ ئاغرىنىپ ، سېسىق گەپ قىلىشىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ ؟

نازارەت قىلسا قىلمامدۇ ؟ قانۇنغا خىلاپ سۆزلەرنى قىلمىساڭلار بولىۋېرىدىغۇ؟ ئىچىڭلىغا پاتمىغان گەپ بولسا ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشىتىش ، سۈپەتلەش ، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلار بەك نۇرغۇنغۇ ....

مۇڭداشقۇنىڭ ئۇيغۇرچىلاشقىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغىنى . بۇنى بىلىۋېلىڭ !

قەشقەرنىڭ سېسىق پاراڭلىرىنىڭ بازىرى چىقىدىكەندە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 16:29:25

لېكىن بۇ تۈردىكى تەتقىقات چوقۇم قىلىنىشى كېرەك، بۇ ھازىرقى زامان ئېلېكتروون تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى، يېزىق پەرقلەندۈرش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، ئىلغار تېخنىكىلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىر پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. نازارەت قىلىدۇ دەپ بۇنى يامان كۆرگىلى بولماس، خۇددى نازارەت قىلىنىپ باقمىغاندەك.

پىتنىڭ ئاچچىقىدا ئىشتاننى ئوتقا سالسا، شامالداپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 17:36:33

مەيلى نېمىلا بولسۇن قېرىنداشلار. ئالدى بىلەن خوشال بولايلى. مەن ئەتىگەن شۇنداق خوشال بولۇپ، مانا ھازىر كومپىيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلدىم. چ چ توپقا ماڭمايدىكەن. ئىككى چ چ رىم ئارقىلىق ئۆز-ئارا بىر -بىرسىگە ئەۋەتسەم مېڭىۋاتىدۇ... تېزىراق راۋان بولۇپ قوللىنىپ كەتسە ياخشى بولاتتى...

function يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 20:47:39

ھەممە يەردە نازارەتكە ئېلىنغان خەقنىڭ نازارەت قىلىشىدىن ئەندىكىدىغان بولۇپ قېلىشى نورمال ئەھۋال، خاپولاشماڭلار باللا. يولدىن ئۆتسەك يانفۇننى پەيچۇسۇدىكىلەر ھەممە ئادەمنى توسۇپ يانفۇننى بىرنىمىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تەكشۈرۈپ، ئىچىدىن سۆزلىشىش كارتىسى بىلەن سىغىم كارتىسىنى ئېلىپ بىرنىمىگە سېلىپ تەكشۈرۈپ دېگەندەك، بۇنداق تەكشۈرۈشلەر ئۇزۇن بولدى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئارتۇق-تۆشۈك گەپ قىلماي ئۇيغۇرچە ئىشلىتىپ يۈرسەك بولدى ئەمەسمۇ.

yahxiukax يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 14:16:14

مەنمۇ سىناپ باقتىم راسلا ئۇيغۇرچە قوللاپتۇ!@

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-7-14 23:58:20

بىزمۇ بەزىبىر ئىسسىق - سۇغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاران تەستە تورغا چىقالايدىغان بولدۇق مانا \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 10:59:17

16- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزمۇ بەزىبىر ئىسسىق - سۇغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاران تەستە تورغا چىقالايدىغان بولدۇق مانا \"\"

مەن تېخى خوتەنلىكلەرنى قېيداپ تورغا چىققىلى ئۇنىماي تۇرىۋالامىكى دېسەم\"\"
بەت: [1]
: QQئۇيغۇرچە قوللىغاندەك قىلىدۇ