TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 17:01:25

ھىندىستاندىكى قان چىقىرىپ داۋالاش ئۇسۇلى







ھىندى تىبابىتىمۇ دۇنياغا داڭلىق قەدىمى تىبابەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ھەر خىل غەلىتە داۋالاش ئۇسۇلى بار، بۇ يەردە سۆزلىنىدىغىنى، ئۇلارنىڭ بىر خىل غەلىتە داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، يەنى ئادەم بەدىنى كىسىپ قان چىقىرىپ داۋالاش ئۇسۇلىدۇر، يەنى ئادەم بەدىنىنىدىكى بولۇپمۇ قاندىكى زەھەرلىك ۋە كىرەكسىز مادىلارنى قان ئىقىتىپ سىرىتقا چىقىرىپ تاشلاشتۇر.بۇنداق داۋالاش رىماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، باش ئاغىرىش، يۇرەك كىسەلىكى ۋە قان راكىنىڭ ئالدىنى قاتارلىق كىسەلىككە شىپاھ قىلىدىكەن، بۇنداق داۋالاشنىڭ تىبابەتتە ئىلىمى ئاساسىي بارمۇ يوق بۇ ئىنىق ئەمەس، لىكىن كۆپلىگەن ھىندىستانلىقلار ئۆز رازىلىقى بىلەن جىنى شۇنچە قىيلانسىمۇ، بۇنداق داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كىسىلىگە شىپاھ تاپىدىكەن. بۇنداق داۋالاش بولسا قول ياكى پۇتنىڭ بىغىشىنى چىڭ بوغۇپ بىرىتىۋاھ بىلەن كىسىپ قان چىقىرىش، قان چىقىپ قان ئۆزى توختىغىچە چىداپ تۇرۇش، كىسىلگەن ئورۇندىكى قاننى تامامەن چىقىرىپ تاشلاپ كېرەك ئىكەن. بۇنداق داۋالاش ئەل ئارىسىدا شۇنداق قارشى ئىلىنىدىكەن.


سۇرەتتىكى دىھلىدىكى چوڭ مەسچىت ئالدىدا كىسەل داۋالاۋاتقان ھاجىم دوختۇر، ئۇ كىسەل داۋالىسا پۇل ئالمايدۇ، لىكىن بىمارلار ئۆزى خالاپ پۇل بەرسە ياق دىمەيدۇ. چۇنكى بۇنداق كىسەل كۆرسىتىدىغانلارنىڭ كۆپۇنچىسى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئىكەن، شۇڭا ئۇ ساۋاپلىق ئۇچۇن ،ئاساسەن ھەقسىز كىسەل كۆردىكەن.





مەنبە:http://finance.huagu.com/kj/1307/172351.html


siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 14:00:39

توۋا ماكارامەتنى ؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 14:18:23

كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام رەھمىتىنىڭ كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىغىلى تۇرسا، كىچىك بوۋام بىر ئۈسكۈنە بىلەن بوۋام رەھمىتىنىڭ پېشانىسىدىن قان ئاققۇزاتتى، مەن بەك قورقۇپ كېتەتتىم. بەلكىم، بۇنىڭمۇ مەلۇم بىر ئاساسى بار بولۇشى مۇمكىن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 14:29:09

قان چىقىرىپ داۋالاش قەدىمدىن بېرى بارلىق مەدىنىيەتلەرگە دىگۈدەك كەڭرى تارقالغان داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىرسى، ياۋرۇپادا تاكى ئونتوققۇزىنجى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر كەڭرى كۆرگىلى بولاتتى، ئافرىقا ئەللىرىدە ھېلىمۇ بار. يازغۇچى نىمىگە شۇنداق ھەيران بولۇپ كەتتىكىنا؟ مەخسۇس ھىندىستاننى ياۋايى قالاق كۆرسىتىش ۋەزىپىسى بارمىكىنە؟

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 15:56:22

3- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قان چىقىرىپ داۋالاش قەدىمدىن بېرى بارلىق مەدىنىيەتلەرگە دىگۈدەك كەڭرى تارقالغان داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىرسى، ياۋرۇپادا تاكى ئونتوققۇزىنجى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر كەڭرى كۆرگىلى بولاتتى، ئافرىقا ئەللىرىدە ھېلىمۇ بار. يازغۇچى نىمىگە شۇنداق ھەيران بولۇپ كەتتىكىنا؟ مەخسۇس ھىندىستاننى ياۋايى قالاق كۆرسىتىش ۋەزىپىسى بارمىكىنە؟




ھەيران قالغان ئىش يوققۇ بىلمىگەنلار بىلۋاسۇن دىدىم شۇ   .


يەنە كېلىپ ھىندىستاننى بۇيەردە بىرەسى قاللاق دىمىدى ؟


سىز مۇ بىلدىغانرىڭىزنى ياكى بايقغانلىرىڭىز يېزىڭ تەڭ بەھىرىمان بوللايلى.




matu يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 17:21:02

ئۇكام، رەنجىتىپ قويمىغاندىمەن؟ بۇ يەردە يوللىغۇچى ياكى تەرجىمە قىلغۇچىغا ئەمەس، يازغۇچى توغرىسىدا ئويلىنىش بولىۋاتىدۇ.

مەن بەزى ئىشلارنى، بەزى كىشىلەرنى سىزگە قارىغاندا ياخشىراق بىلىمەنچۇ.

tawlan4 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 19:35:20

2- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام رەھمىتىنىڭ كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىغىلى تۇرسا، كىچىك بوۋام بىر ئۈسكۈنە بىلەن بوۋام رەھمىتىنىڭ پېشانىسىدىن قان ئاققۇزاتتى، مەن بەك قورقۇپ كېتەتتىم. بەلكىم، بۇنىڭمۇ مەلۇم بىر ئاساسى بار بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىلمىنى داۋالاش ( بۇ بىر خخلى) دەيسدىغۇ دەيمەن. يەنى قاننىڭ قويۇقلىشىشىنى داۋالاش

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 20:32:37

كېسەل ئۈچ خىل يول بىلەن ساقىيىدۇ. بىرىنچىسى ھەسەل ئىچىش بىلەن ئىككىنچىسى قان ئېلىش بىلەن ئۈچىنچىسى ئوتتا داغلاش بىلەن. ئۈممىتىمنى ئوتتا داغلاپ داۋالاشتىن مەنئى قىلىمەن. دىگەن سەھىھ ھەدىس بار ئىدى سەھىھۇل بۇخارى دىگەن كىتاپتا.

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 11:31:33

5- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇكام، رەنجىتىپ قويمىغاندىمەن؟ بۇ يەردە يوللىغۇچى ياكى تەرجىمە قىلغۇچىغا ئەمەس، يازغۇچى توغرىسىدا ئويلىنىش بولىۋاتىدۇ.

مەن بەزى ئىشلارنى، بەزى كىشىلەرنى سىزگە قارىغاندا ياخشىراق بىلىمەنچۇ.



يا ق ياق ئاكا رەنجىگەن گەپ يوق مۇنداقلا دەپ قۇيدۇم خالاس

بەت: [1]
: ھىندىستاندىكى قان چىقىرىپ داۋالاش ئۇسۇلى