چاي پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرماقچى ئىدىم
چاي پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرماقچى ئىدىم ،مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى قانداق بېجرىشنى بىلمىدىم ،ۋاكالتەن بېجردىغانلار 20000سوم ئېلىپ بېجرىپ بېرمىز دەيدۇ . مىنىڭچە خەق قىلغاننى مەن نىمىشقا قىلالمايمەن دەپ ئويلىدىم .مۇشۇ ئىشتىن خەۋىرى بار بۇرادەرلەر بولسا ئۇچۇر بەرسەڭلار سودا- سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈڭ. ئامال بار ئۈزىڭىز تۇرۇشلۇق رايۇندىكى سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈڭ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس . بىكار پۇلنى خەققە خەجلەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق .ئەگەر خەنزۇچىدىن خەۋىرىڭىز بولسا ماۋۇ توربەتكە كىرىپ قانداق ماتىرىيال لازىم بۇلىدىغاننى، قايسى تەرتىپلەرنى باسىدىغانلىقىڭىزنى كۈرەلەيسىز . ماۋۇ سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ توردا ئىش بىجىرىش زالىنىڭ ئادرىسى .
http://222.82.232.227:9991/i!index.action
شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن بۇيەرلەرنى كۈرۈڭ . http://222.82.232.227:9991/bszn!ywbl.action
ئۇيغۇرچىسى مانا . http://222.82.232.227:9991/bszn!detail.action?bszn.blznId=2
سۈرۈشتۈرۈش تېلفۇنى : 0991-2842918
نۇنىڭغا ئۇنچە كۆپ پۇل كەتمەيدۇ ، رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن دىمەكچىمەن . ئالدى بىلەن ماركىنى ئەنگە ئالدۇرغانمۇ يوق ؟ ئەگەر ماركىنى ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ سودا -سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كىرسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشنى بىجىرىدىغان مەخسۇس ئىشخانىسى بار . سىز ئەھۋالنى دىگەندىن كېيىن ، 50 تۈرگە يېقىن ، ئېنىقى 45 تۈرغۇ دەيمەن ، شۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى سىزنىڭ قۇرماقچى بولغان كارخانىڭىز ۋە بېجىرمەكچى بولغان ماركىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك تۈرنى ئۆزىڭىزگە تاللاتقۇزىدۇ .ناۋادا سىز تاللىغان ماركا باشقىلار تەرىپىدىن ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ بولمىغانلا بولسا 2200 يۈئەن پۇل تۆلىسىڭىز ( پەقەت بىر تۈر ئۈچۈن ) بۇ رەسمىيەتنى ئۆتەپ قولىڭىزغا قەغەز بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلىك مۇددەتتە تەستىقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا سالىدۇ . بۇنىڭغا پەقەت بىرەر سائەت ئەتراپىدىلا ۋاقتىڭىز كېتىدۇ . ئۇندىن باشقا قۇرۇلىدىغان زاۋۇتنىڭ ئورنى ، ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش ئىشى ، مۇھىت بولغاش دەرىجىسى قاتارلىق ئىشلاردا ئوخشىمىغان ئورۇنلارغا بېرىپ ئۆتەيدىغان رەسمىيەتلىرىڭىزنى دائىرىلەر بىلەن كېلىشىپ قىلىسىز . بۇنىڭ تەرتىۋىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنىلا سودا - سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈڭ .
بەت:
[1]