Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 01:39:14

شاش ئۇسسۇلچىلارنى باشلاپلا كىردىم

يېقىندا ئابلاجاننىڭ يېڭى ناخشىسىدن ئىككىنى ئاڭلاپ قالدىم . ئەمما بۇ ناخشىلار ماڭا ۋەھشى ياراپ كەتتى . يارايسەن ئابلا دەپ قويدۇم ئىچىمدە .


مۇشۇ ئابلاجان بىلەن ھەزىرتىئېلى ۋە مەمەتجان ئابدۇقادىرلار ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ ئاخىرسىنى يېزىپ بولۇشقا ۋاقىت چىقمايلا بارماق دېسكىدا ساقلاپ قويسام يوقاپ كېتىپ ئەلەمدە قالدىم . شۇنىڭ بىلەن كۆتە كەشىڭنى دەپ ئۇ ماقالىنى قايتا يازغۇممۇ كەلمىدى .


ئەمما ئابلاجانغا بۇ يەردە ئىككى شىڭگىل پىكىر بېرىپ قوياي دەيمەن .


1 . ئابلاجان ، سىز ئەڭ ئەۋرىشىم ئاۋازلىق ناخشىچى بولۇشىڭىز ناتايىن ، ئەمما سىز تالانىتلىق ئىجادىيەتچى . بىز سىزنىڭ ئىاجادىيەتلىرىڭىزنى ياقتۇرىمىز . شۇڭا سىز ئاممىۋى سورۇنلاردا <<گوش>>(سازسىز ، تەييارلىقسىز دىمەكچى) ناخشا ئېيتىپ يۈرمەڭ . بەك بولمىغاندا ، گاچچىدە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ 32 سىكونت ئاۋاز مەشىقى قىلىۋېتىپ چىقىپ ئېيتارسىز . تەييارلىقسىز تۇرغان چاغدا ئاۋازىڭىزنى سەل قېيىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئۆزىڭىز ئازراق ھېس قىلىدىغانسىز بەلكىم . بۇ دىگىنىم سىزدە مەسىلە بار دىگىنىم ئەمەس ، ئوبراز مەسىلىسىگە دىققەت قىلىڭ دىمەكچىمەن . بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە تېخىمۇ ئىجابى رول ئوينىشى مۇمكىن .


2. ھە دىگەندە باشقىلارنىڭ باھاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ ، بولۇپمۇ قۇسۇر ئىزدەش ئارقىلىق پىسخىكىسىدكى دۈشمەنلىشىش خۇمارىنى باسىدىغان بالىلارنىڭ تۈكى يوق پاراڭلىرىغا . ناخشىنىڭ تېكىستى ۋە سەھنىدكى ئۇسسۇل ھەرىكىتى ۋە كىيىم كىچەكلەردە ئېتىقادقا زىددىيەتلىك بولمىسىلا خاسلىقنى ساقلاپ قېلىۋېرىڭ . ھەقىقى سەنئەتكار نىمە بازارلىق بولسا شۇنىڭغا يۈزلەنمەيدۇ بەلكى خەلق ھەقىقىي سەنئەتكارنىڭ ئەسىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ . نىمە بازارلىق بولسا شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان يولغا كىرىپ قالسىڭىز ھىچ قانداق خاسلىقى بولمىغان كوچا سەنئەتكارىغا ئايلىنىپ قالىسىز .


3. ئاممىۋى سورۇنلاردا ياكى سەھنىلەردە سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە چوڭقۇر مەنىلىك پەلسەپىۋى جاۋاپلارنى بېرىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ ، كۆڭلىڭىزدە نىمە بولسا شۇنى ئۇدۇل ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ . ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىزلا ئاددى سۆزلەر بىلەنمۇ پاساھەتلىك گەپلەرنى قىلالايسىز .


4. سەنئەت ئادەم تەربىيلىشى كىرەك دىگەن گەپلەرگە قۇلاق سالماڭ ، سەنئەت دىگەن پەقەت ئادەمگە ئىستىتىك تۇيغۇ بىرەلىسىلا بولدى . سەنئەتكە ئۇنچىۋالا ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەتلەرنى ئارتىپ قۇيۇشنىڭ ئۆزى ھاماقەتلىك . مەكتەپ ۋە ئائىلىدىن تەربىيەنى جايلاپ ئالالمىغانلار نسەنئەتتىن ھەرگىز تەربىيە ئالالمايدۇ . بۇ يەردە مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك . ئىدىيۋى تەربىيە دىگەن ئائىلە ۋە مەكتەپتە بولۇشى كىرەك . سەنئەتنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئىستىتىك زوق بېغىشلاشتۇر .


5 . بۇ تەكلىپ ، ناۋادا MV ئىشلىمەكچى بولۇپ قالسىڭىز سەھنىدە ئىشلەتكەن ئۇسسۇل ھەركەتلىرىگە ئازراق بەدىئىيلىك ۋە ماس كېلىدىغان دېكراتسىيەنى كىرىشتۇرۇپلا ئىشلسىڭىز بولىدۇ دەپ قارايمەن . سەھنىدكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىڭىز ئومۇمەن ياخشى چىققان بولۇپ ، ئىشلىمەكچى بولغان MV لارغا ۋەقەلىك قىستۇرۇشنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق . دىققەت قىلسىڭىز ئۆزبىكلەر ۋەقەلىك قوراشتۇرۇشقا كۆپرەك مايىل ، تۈركلەر رەڭ بىلەن ئىستىتىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ ، ياۋرۇ - ئامرىكا سەنئەتكارلىرى بولسا قەلبىدىكى يالىڭاچلىقنى سىڭدۈرىدۇ . مەسلەن PSY نى مىسال ئالساق ئۇنىڭ تەلۋىلەرچە ياشاشنى خالايدىغان ئىستىكىنى مەنمۇ تولىمۇ ياقتۇرىمەن . مېنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تەلۋىلەرچە ياشاپ باققۇم كېلىدۇ . سەنئەتكارغا خاس نەزىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كۈزەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ئۇسلۇب يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن دىتاللارنى بايقايسىز .


.....


باشقا تەكلىپلەر سىمىنا ئىشلەۋاتقانلىقتىن ۋە بالدۇرراق قايتىش ئېھتىياجى بىلەن ئۇنتۇلدى ۋە قىسقارتىلدى  ، ئىسىمگە كەلسە تولۇقلاپ ماڭارمەن .



گۇمان ۋە ئارمان(بۇ ناخشا ماڭا 10 نومۇرلۇق يارىدى )




تەتىل (بۇ ناخشىمۇ شۇ )




مۇشۇ ئىلھام بىلەن جىق نەرسىلەرنى يېزىۋېتىدىغاندەك قىلىمەن . بولدىلا .... ۋاقىت قىستاپ قالدى ، قالىغىنىنى كىيىنكى قېتىم يازارمەن .


ھە راست ، بۇ تېمىغا ئۇسسۇلچىلارنى تەق قىلىپ قويغان ئىدىم . ئۇسسۇلچىلارنى ئەتە باشلاپ كېلەي ، ۋاقىت قىستاپ كەتتى . مەن ئۇخلاي .





kantir2 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 08:20:00

10- قەۋەتتىكى tawlan4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلان دېگەن كۈچۈكنىڭ 4 -قەۋەتتىكى ئىنكاسى يەنە تۇرۇدىغۇ؟

چوڭ بېلىقچىغا كىچىك بېلىقچىنى ئەرز قىپسىز.


ئاۋارە بولماڭ، قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ.

kantir2 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 08:28:16

غالچىلارنىڭ خۇيى ئۆزگەرمەيدىكەن. نەدە بولسا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يۈرىدىكەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 03:27:52

پىنھاننىڭ تەھىللى خېلى جانلىق بوپتۇ. ئابلاجانمۇ نوۋتىدە بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ماڭغاندەك...لىكىن ۋاقىتلىقتەك.


zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 03:28:50

22- قەۋەتتىكى ozughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇنى ھەزرەت گرافىكى ئىشلەپتىكەن.


\"\"



پاھ-پىھ، ۋاھ -ۋىھ.. ئەي زىيالى، ناخشىچى بوپ كەتسەڭلىچۇ!!!\"\"

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 07:43:17

ئۇسۇلچىلارنى سەن باشلاپ كىرىپ بولغىچە قۇنەك لەڭپۇڭ سەكرەپ چۈشۈپ بۇلامىكىن \"\" \"\" \"\"

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 08:11:29

نېمە بولدى ئىزدىنىشقا، نەچچە ھەپتە ئېچىلماي تولىمۇ بىئارام قىلدىغۇ مېنى. ساناقلىق نەچچە مۇنبەرلا ئۇچۇق...

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 10:56:56

ماۋۇ ئادرېستىكى تۆت ياشلىق ئاۋغان ناخشىچى بالىنى ئۇستاز تۇتسا بولىدۇ بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز،،،

بۇ بالىنىڭ داڭقى بەك چىققان چىراي مۇنۇ كۈنلەردە،،،،  {:92:}

http://www.timeturk.com/tr/2013/07/09/bu-video-internette-paylasim-rekorlari-kiriyor.html

chilan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:11:24

4- قەۋەتتىكى tawlan5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يامغۇردا شورپا، قاردا پولا دەيدىغان گەپ بار، رامىزاندا يوللىغان نېمىسىنى ما خەقنىڭ .

غەرىپكە ساياھەتنىلا يوللىماپسىز

ۋاڭ تاۋلەن خېنىم پىشكە بىسەرەمجان بولىۋاتاملا...


ئۇنداق قىمىسلا ئالتۇن تەنلىرىنى ئايىسلا، بۇ ئۇلۇغ سەپەرلەردە سىلى بىزگە لازىم تېخى

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 13:12:11

ئابلاجاننىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ كۆرسىتىپ قويغۇدەك گەپلەركەن.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:04:17

مەن يەنىلا كەرولاين كوستانىڭ ناخشىلىرىغا ئامراق.


anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 17:14:02

رەخمەت ساڭا پىنھانكا،،،ماشتاق شاش ناخشىللىرىڭدىن بولسا يەنە يوللاپ تۇرە جۇما،،گازىر چاققاچ كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلايمىز  {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}  



يەنىمۇ شاش ناخشىلار بولسا ئايىماي يوللاپ تۇرساڭ بولاتتى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 17:14:20

ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرى ماشنىدا ئاڭلاشقا ياخشى.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 17:15:24

رەخمەت ساڭا پىنھانكا،،،ماشتاق شاش ناخشىللىرىڭدىن بولسا يەنە يوللاپ تۇرە جۇما،،گازىر چاققاچ كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلايمىز  {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}  



يەنىمۇ شاش ناخشىلار بولسا ئايىماي يوللاپ تۇرساڭ بولاتتى.

tawlan4 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 17:37:03

چىلان دېگەن كۈچۈكنىڭ  4 -قەۋەتتىكى ئىنكاسى يەنە تۇرۇدىغۇ؟

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 18:21:35

گۇمان ۋە ئارمان

بۇ ناخشا كاتتا بوپتۇ.

بىر قىتىمدا ئىككى ياكى ئۈچ قىزنى تەڭ ياخشى كۆرۈش چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئومومى ھادىسە.

ھازىر چىققان ئەڭ سەۋىيەلىك ناخشا بوپتۇ.

chilan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 22:52:41

10- قەۋەتتىكى tawlan4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلان دېگەن كۈچۈكنىڭ 4 -قەۋەتتىكى ئىنكاسى يەنە تۇرۇدىغۇ؟

جېنىم گۈلۈم مېنى چاقىردىڭما؟!!!

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 23:10:14

12- قەۋەتتىكى chilanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى tawlan4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلان دېگەن كۈچۈكنىڭ 4 -قەۋەتتىكى ئىنكاسى يەنە تۇرۇدىغۇ؟

جېنىم گۈلۈم مېنى چاقىردىڭما؟!!!

\"\"\"\"

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 23:28:29

‏‏تەڭرىقۇتنىڭ ئوبزورىدىن كىيىن ئوقۇغان ئىككىنجى ياخشى ئوبزور، فىچەت تەكلىپ بوپتۇ پ چ

tawlan4 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 14:10:12

15- قەۋەتتىكى kantir2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى tawlan4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلان دېگەن كۈچۈكنىڭ 4 -قەۋەتتىكى ئىنكاسى يەنە تۇرۇدىغۇ؟

چوڭ بېلىقچىغا كىچىك بېلىقچىنى ئەرز قىپسىز.


ئاۋارە بولماڭ، قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ.



رەھمەت.


بۇ دىڭدىڭلارنىڭ قانداق ئادەملىكىنى چۈشۈنىمەن.

بەت: [1] 2
: شاش ئۇسسۇلچىلارنى باشلاپلا كىردىم