Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 00:17:52

ماشىنا ئالاي دىگەن

ئىككى يىلغا يېقىن جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كىچىك ماشىنا پىراۋىسنىمۇ ئالدىم. توردا ئاختۇرۇپ كۆرسەم ماشىنا تۈرى بەك جىق كۈزۈم ئالا چەكمەن بۇلۇپ كەتتى .ئىپى جىپىنى بىلدىغان تورداشلارنىڭ 7-8 تۈمەن ئەتراپىدىكى يېڭى ماشىنا،4-6 تۈمەن ئەتراپىدىكى نىمكەش ماشىنا تەۋسىيە قىلىشنى سورايمەن..چەتنىڭ ماشىنىسى بولسۇن. ھۆرمەت بىلەن كەنجى ئەپەندى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 09:30:36

قايسى ئىشقا ئىشلەتمەكچى ؟ ئىشقا بېرىشقىمۇ ياكى ساياھەتكىمۇ،قايسىسى كۆپرەك ؟

شەھەردە ماڭامدۇ، يېزىدىما، تاغدىمۇ، باغدىمۇ ؟

كۆپىنچە نەچچە ئادەم ئولتۇرىدۇ ؟ 1،2،3،4،5،6،7؟ ئۇرۇق تۇققانلار ئارىسىدا سىزنىڭلا ماشىنىڭىز بولسا، ئادەم كۆپرەك بولۇپ قالىدۇ.

يانچۇقتا نەچچە پۇل بار ؟

گاز قويماقچىمۇ ياكى قويماي ھەيدىمەكچىمۇ ؟

قانچە ئۇزۇن ھەيدىمەكچى؟



يۇقارقى سۇئاللار ماشىنا ئالغاندا ھەرگىز كاللىغا كىرمەيدۇ، ئەمما ئاۋۋال جاۋاپ بېرىپ بېقىش كىرەك. ماشىنا تۈرلىرى بەك كۆپ، ئېھتىياجىڭىزغا ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى شۇ.



K2 بەك نازۇك،نىپىز، كۇچانىڭ توپىلىرىغا، ئوي-كاتاڭ يوللىرىغا چىدىمايدۇ. Polo نىڭ ئىچى كىچىك، بىز كۆڭۈلچەك خەق، ماشىنىدا6-7 ئادەم ئولتۇرۇش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.

ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنا كۇچاغا ئارتۇق كېتىدۇ، 10مىڭ سومغا خوت سېتىۋالماي باشقا نەرسە سېتىۋالغان تۈزۈك، مەسىلەن يېڭىراق ماشىنا دىگەندەك. تۆمۈرنىڭ كونىسىدىن يېڭىسى ياخشى.

كۇچادا گازنىڭ ئەرزانلىقىدا گاز قويمىساق زايا كېتىدۇ،شۇڭا سېلىندىرنىڭ چوڭىدىن قورىقماي ئېلىش كىرەك. ئەڭ ماس كېلىدىغىنى ئىچى كەڭرى بولغان SUV ماشىنىغا گاز قويۇپ ھەيدەش.

SUV ئالمايتتىم دىسە كونا نۇسخىدىكى Jetta بىلەن Kia Cerato، Elantra ماشىنىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ، پۇختا چىقىدۇ، ئىچى كەڭرى، Santana نى ياقتۇرمايدۇ بەلكىم.

يۈكسەلجاننىڭ ئالغىنى تىپىك ئۈرۈمچىگە خاس ماشىنا ئىكەن، SUV خۇمارى قانغۇدەك، ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى سىغقۇدەكلا ماشىنا ئىكەن، باھاسىمۇ مۇۋاپىق، ئاپتوماتىك خوت بولۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەنتۇق.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 12:37:00





بۇرادەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغىنىغا تەشەككۈرلەر..



ئەرىكتىكىن بۇرادەر بۇلۇدۇ كۈرۈشپ باقسام،ئۇ ئاكىمىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشمەن؟



نىزامىدىن سىلى دىگەن سىۋىك(Civic)نى كۆرگەن ئىدىم 13 تۈمەن پىيازنىڭ گىپىنى قىلىدۇ. مەن شۇ پۇلغا قاشقاينىڭ ئالما رەڭ قىزىلىنى ئالالىغۇدەكمەن.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 14:50:08

بىر ئاغىنەم كىيا k2 نىڭ يېڭىسىنى سېتىۋالغان، گاز قويدۇرۇپتىكەنتۇق، شۇنىڭدىكىن جېدىلى تۈگىمەي بىرەر يىلچە باش ئاغرىقى تارتىپ ئاخىرى سېتىپ قۇتۇلدى

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 15:10:25

39- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل





بۇرادەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغىنىغا تەشەككۈرلەر..



ئەرىكتىكىن بۇرادەر بۇلۇدۇ كۈرۈشپ باقسام،ئۇ ئاكىمىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشمەن؟



نىزامىدىن سىلى دىگەن سىۋىك(Civic)نى كۆرگەن ئىدىم 13 تۈمەن پىيازنىڭ گىپىنى قىلىدۇ. مەن شۇ پۇلغا قاشقاينىڭ ئالما رەڭ قىزىلىنى ئالالىغۇدەكمەن.

شۇنداق، سىۋىكنىڭ ئادەتتىكىسى تېخى 13 تۈمەن..مەن ئالغان سىۋىكنى خەنزۇ قىزى 16 تۈمەنگە ئىلىپ 18 تۈمەن بىلەن يولغا چىقىپتىكەنتۇق. ئۆزى بەش ئاي ھەيدەپ ۋولكىس ۋوگون تۇرىگ دىن بىرنى ئىلىپ ماڭا 133 مىڭغا ساتقان.


قاتتىق تەۋسىيەرىم ھەرگىزمۇ يېڭى ماشىنا ئالماڭلا، نەق پۇلغا ئالىدىغان ئىش بولسا بىر يىل ياكى يېرىم يىل ھەيدىگەن ماشىنىلار ئۇچراپ قالسا بەك بولمىغاندا باج ۋە سۇغۇرتىدىن پايدا ئالغىلى بولىدۇ. بىر يىل ھەيدىگەنگە ماشىنا بەك ئۇپراپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچى قول بازاردا شىيەندەينىڭ ئىلانتىرا ۋە يۆدۇڭلىرى ئەرزان ئۇچقايدۇ...بولسا چىداپ يۆدۇڭ ئىلىڭلا بەك يۇمشاق ماشىنا...ياكى بولمىسا تويوتا ۋىئوس...نىسسان قاشقاي ئىچى سەل كىچىك..بالا ۋاقىلىق بولغاندا تارلىق قىلىدۇ...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 02:56:41

ياۋ.... ئىككى جاپالىق كۈرەش قىلىپ ...دىگەن جۈملىنىڭ بېشىنى ئوقۇپ نىمە پىراۋىدۇ بۇ دېسەم.... \"\" خېلى جاپادا ئاپسىزدە بۇ كىچىك ماشىنا پىراۋىسىنىمۇ ھە... بوپتۇ ھەنىمبوسا ئېلىۋاپسىز لېكىن... ئېلىۋالدىڭىزمۇ ئەمدىزە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېرىسىز قاچان ئىككى ئۈچ قىزىل چىراقنى دەسسىگىچە \"\" خۇدايىم ساقلسۇن جۇما... بۇ ئاۋارىچىلىقتىن



سىزگە مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، سىز دىگەن پۇلغا يېڭىنى ئالمىسىڭىزمۇ يىل سانى 3يىلنىڭ ئىچىدىكى ۋولكس ۋوگېن ماشىنىلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەسىلەن بۇنىڭ ماشىنىلىرىدىن بىرەر يىللىق بولغان بولو1.6لىك، ئىككى يىللىق ئەتراپىدا بولغان بورا 1.8لىك قاتارلىقلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ماركىنىڭ ماشىنىلىرىدىن ماشىنا ھەيدىگەندەكلا خۇش بوپ قالىسىز... پۇلسى مۇۋاپىق بولغىنى بىلەن يولغا چىقسا ئۈسكەننى چاقىدۇ، نى نى ماشىنىلارنى ئىنجىقلىماي تۇرۇپ قاتلايدۇ.... شۇنچىلىك. ئەمدى قالغىنىغا باشقىلارنىڭكىنى ئاڭلاپ باقىلى

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 09:13:30

بۇ تېما قاتتىق دىققەت ئۈستىدە...{:92:}

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 09:44:06

ھەي بىزلەرمۇ كىنىشكە ئالالماي يۇرگىلى نەچچە يىللار بولاپ كەتتى

بۇ كىنىشكە ئالماق خوتۇن ئالماقتىنمۇ تەسلىشىپ كەتتى دىسە مىنىڭچە بۇ پۇلغا سۇزۇكى تىيەنيۇ ئىلىڭ يىڭىسى كىلىپ قالغۇدەك

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:06:00

سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ،شۇڭا كۆڭۈل خۇش ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ ماشىنا توغرىلىق بىزە كاڭشىماقچى بولۇپ يۈرەتتىم،بۇگۈن مۆرىتى كەلگەن ئوخشايدۇ. ئەمما تۆۋەندە سۆزلەيدىغانلىرىم پۈتۈنلەي ئۆزەمنىڭ كۆر قاراشلىرى. شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئۆزىرە.يەنە كېلىپ ېنىڭ سۆزلەيدىغانلىرىم ھۆكۈمەتتىن لەڭ يەپ جان باقىدىغانلارغا بەكرەك ماس كېلىشى مومكىن. ئاغزىدىن نەچچە تۈمەننىڭ گېپى چىقىپ تۇردىغان بايلار خاپومايسىلەر ھە!

ماشىنا سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ1.باھاسى2.ماركىسى3.گاز چىقىرىش مىقدارى(ماي سەرپىياتى)4.سىرىتقى شەكلى(چوڭ-كىچىكلىكى)...قاتارلىقلار

ئادەتتە، مائاشلىقلارباھاسى5تۈمەندىن15تۈمەنگىچە بولغان ماشنلار بىر قەدەر مۇۋاپىق.بۇ خىل باھا ئىچىدە تۆۋەندىكى ماركىدىكى ماشىنىلارنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ

؛1.شاڭخەي ئاممىباپ ماركا ئاسىتىدىكى پولو،توۋران،يېڭى نۇسقىدىكى سانتانا،لاڭدا قاتارلىق تۆت خىل نوسقىدىكى ماشنىلار. يۇقارىقى ماشىنىلارنىڭ باھاسى 15تۈمەندىن تۆۋەن ھەم چىدامچانلىقى جوڭگۇدىكى ماشنىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.يەنە كىلىپ يۇقارىقى ماسىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 1.8دىن تۆۋەن بولۇپ مائاشلىقلار ئۇمۇمەن ماي بىلەنلا بېقىپ كېتەلەيدۇ.ھەم بۇخىلدىكى ھەربىر ماشىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىكلىكتىكى ،گاز چىقىرىش مىقدارى 1.4،1.6قاتارلىق نۇسقىلىرى بار،پولونىڭ ئىككى ساندۇقلىق،ھەم ئۈچ ساندۇقلىقلىرى،ھەم بىر ماشىنىنىڭ قول خوت،ئاپتۇماتىك خوتلىقلىرى بار

.2. شاڭخەي ھەممىباپ ئاسىتىدىكى چىۋورلىت-لوۋا،ئوسەي،كىرۇزو قاتارلىق ئۈچ خىل ماشىنا ھەم ھممىباپ بېك،(بېكنىڭ بىرلا خىلىنى يەنى گازچىقىرىش مىقدارى 1.5بولغان كەييۆ نى تاللاشقا بولىدۇ)

3.يىچى داجوڭ ماشىنىلىرى،جېدا،بورا،گولىف ،كورۇللا،ۋئىوس قاتارلىق بەش خىل ماشىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇسقىلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ.

4.شەرىق شامىلى نىسساننىڭ مارىچ،تىدا،لىۋىنا،سىلپىي،سۇننىي قاتارلىق بەش خىل ماشىنىنىڭ ئۇخشاش بولمىغان تىپلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ.

5.شەرىق شامىلى چىيا نىڭ سەيلاتۇ،چىيا2،روۋ،چىيا3،قاتارلىق تۆت خخل ماشىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىپلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ.

6.چاڭئەن ئاپتۇمبىل زاۋۇتىنىڭ سۇزۇكى تىيەنيۈ،لىڭياڭ،فورىت فۇكىس،ئاكۇراقاتارلىق بىر نەچچە خخل ماشىنىسى

7.گۇئاڭچى ئاپتۇبىللىرىدىن خوندا فىت،سىستىي قاتارلىق ئىككى خخل ئاپتۇمبىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان 7خىل نوسقىسىنى تاللاشقا بولىدۇ.

يۇقارىقى ماشىنىلار ئىچىدە مەيلى چىدامچانلىقى،سىرتقى كۆرۈنىشى،سۈپىتى جەھەتتە شاڭخەي ئاممىباپنىڭ ماشىنىلىرى ئەل ئالدىقى قاتاردە تۇرىدۇ.ئۇزۇن مەزگىل ھەيدەشكە تامامەن بولىدۇ. شاڭخەي ھەممىباپنىڭ سىرىتقى كۈرۇنىشى جەھەتتە بىر ئاز نوقسان بار، مەسلەن چىۋورلىتىنىڭ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ لەيھەسى بەك سەت،بىر قاراشتىلاكۆزگە سىغمايدۇ،ھەم ئۇزۇن مەزگىل ھەيدەشكە ماس كەلمەيدۇ .يىچى داجوڭنىڭ ماشىنىلىرى ئىچىدە جىدا،گولىق،ۋئىوس قاتارلىقلارنىڭ سىرىتقى كۆرۇنۇشى سەل سەت،يەنە كىلىپ ماۋۇ ۋئىوۇسنى ئىككى يىل ھەيدىسىڭىزلا سىرىتقى شەكلىدە ئۆزگىرىش پەيدە بولىدۇ،ماندەقچە ئېيىتسام ماشىنىنىڭ قېپى قېيىپ مايماق -سايماق بولۇپ قالىدۇ،كوروللامۇ شۇ. شەرىق شامىلى نىسساننىڭ ئاپتۇمبىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سىرىتقى لايھەسى كۆڭلدىكىدەك ئەمەس،شەرىق شامىلى چىيا مېنىڭ نەزرىمدە ئەڭ كۆلدىكىدەك تاللاش بولالايدۇ، قايسىلا جەھەتتە ئېلىپ ئېيىتماڭ نوقسا تاپقىلى بولمايدۇ.چاڭئەن ئاپتۇمبىللىرىنىڭ ھىملىنىشى يەنى سىرىتقى قىسمىدىكى ئۆز-ئارا ھىملىنىپ تۇردىغان ئورۇنلارنىڭ يۇچۇقى بەك چوڭ، بىر قاراشتىلا يىرتىلىپ كەتكەندەك كۆرۇنىدۇ، يەنە كىلىپ چاڭئەن باشىنىلىرنىڭ ماتۇر ئاۋازى بەك يىرىك ،قۇلاقنى كېرەكتىن چىقىرىدۇ . سىرىتقى قېپىنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىمۇ خېلىلا چوڭ.ئەمدى ماۋۇ گۇئاڭچى ماشىنىلىرنىڭ يەنىلا سىرتقى لەيھەسى ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ، بولمىسىغۇ باشقا نارازى بولغۇدەك يېرى يوق

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:13:37

سانتانانى ئويلۇشۇپ بىقىڭ يىڭىسىنى ئالسىڭىزمۇ سىزدىگەن پۇلغا كىلىدۇ ،

سايمانلىرى ئەرزان رىمونت ھەققى تۆۋەن ماتورى كۈچلۈك

كىيىن ساتاي دىسىڭىزمۇ بازىرى ئىتتىك

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:28:46

ۋولكس ۋوگېننى ھەممىباب شىركىتى دەمدۇق؟ بىلىۋالدىم...



---------- مەنمۇ كۆپ ئەمەس تۆت-بەش تال ماشىنىنى ئالدىنى بىر ئىككى ياشتىن كەينىنى يېرىم ياشتىن دىگەندەك قېرىتىپ بېقىپتىمەن... بىراق مۇشۇ ...ھەممىباپمىتى ھە مۇشۇ(ۋولكس ۋوگېن)نىڭ قولۇمدىكى ماشىنىسىنى داۋاملىق قېرىتىۋېرەي دەپ ئويلىدىم. ماي سەرپىياتى بەك يۇقىرى ئەمەس، يول مېڭىشقا ئالامەت بولىدۇ. ۋەزنى بار. مۇقىم. ئاتتەك.

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:33:01

تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ۋ ۋ نىڭ ماشنىلىرى تويوتا بىلەن خونداغا يەتمەيدۇ ئوخشاش پۇللۇق ماشنىلاردا





مەندە 6 گاڭلىق روڭۋېيدىن بىرى بار، مايدا 250تە گازدا 210دا ماڭىدۇ ،ساتايمىكىنەنجەمگە

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:04:41

مۇۋاپىق بولسا ئالاي .. \"\"



مەن بۈگۈن يېڭى ماشىنا بازىرنى بىر قۇر ئايلىنىپ كۆردۈم،ئاۋال نىسساننىڭ شىياۋكې(Qashqay) ئالما قىزىلى رەڭ،لىۋىننا ۋە تىئىدا دىگەنلەرنى كۈرۈپ بەك ئالغۇم كەپ كەتتى.ئاۋۇ شىياۋكېنىڭ ئەڭ ئاددىسى 129مىڭكەن،لىۋىننانىڭ 98مىڭ،تىئىدا 100مىڭدىن ئاشىدىكەن.

ئاندىن سۇزۇكى تىيەنيۇ،يۈيەن دىگەنلەرمۇ چىرايلىقكەن.تىيەنيۇ 87مىڭ دەيدۇ قول خوتلىغىنى،يۈيەننى تاسلا قالدىم ئېلۋەتكىلى 61مىڭ بېرۋەتكەنتى.

ئاندىن شىيەندەي كىيالارنى كۆردۇم،شىيەندەينىڭ رۇينا دىگىنى كىچىك بولسىمۇ چىرايلىقكەن،ئۇمۇ بۇلدىغاندەك تۇرىدۇ،78مىڭگە بەرگۈدەك ئەلپازىدىن قارىسام.كىيانىڭ كېي 2 دۇكاندا يوقكەن،كېي 3،5لەر سەل قىممەت توختاپ قالغۇدەك. پۇل بولسا شىيەندەينىڭ يېڭى چىققان ئېلەنتىراسىنىڭ لاڭدۇڭمۇ سەتەەڭكەن،119مىڭ دىدى.

كۇچا تەرەپتە داجۇڭنىڭ ماشىنلىرىنى ساتىدىغان يەر ئازمۇ ،كۆرۈپ تاللاش پۇرسىتىمۇ جىق بولمىدى. پولو،گولف دىگەنلەر 130مىڭ تۆۋەنلىرى يوقتەك.

ماۋۇ يەكشەنبە كۈنلىرى نىمكەش بازارغا بىر چىقىپ كۈزۈمنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ كېرەي دەيمەن. بەك نوچى ماشىنلار كىرىمىش،ئالدىنقى ھەپتە بىر كاداڭ شوپور ئاكا ئاغىنىمىز گۇاڭجۇ بېنتىيەننىڭ ياگېرسىنىڭ ئاپتوماتىك خوتلىقىنى 85مىڭغا ئاپتىكەن ،يىپيېڭى تۇرىدۇ دېسە،قار رەڭكەن،ئايال كىشى ھەيدىگەنماشىنمىش،60مىڭنى مېڭىپتىكەن،2007نىڭ دىدىمۇ ئىشقىلىپ،ماڭا قەۋەتلا ياراپ كەتتى.

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:10:10

سۇزىكا سېۋېت نى ئېلىڭ پىچچەت ھە چىرايلىق چىدامچان ئېشقلىپ بىر ئېغىز گەپ يارايدۇ باھاسمۇ مۇۋاپىق

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:24:20

كەنجىبەگ، ئاۋۇ نىسسان قاشقاينى 129مىڭغا شاپلا ئېلىڭ،بايا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، پوچى ھەيدەپ يۈرسىڭىز خۇجايىن بوپكىتىسىز، ماۋۇ تىيەنيۈ سىزگە ياراشمايدۇ دەيمەن! ئاياللار ئۈچۈن ياسىغان نىمە ئۇ!

ئاۋۇ پولۇنىڭ ئۈچ ساندۇقلىق تۈڭلىكى بارنى 110000ئەتراپىدا ئالغىلى بولىدۇ، گولىف راسىت سەل قىممەت. ئەگەر داڭلىق ماشىنىلارنىڭ سۈرۈكتىن چىققىنىنى(ئىككىنجى قول) ھەيداپ باققىڭىز بولسا پاسساتنىڭ 1.8ياكى 1.4لىقىنى 100000ئەتراپىدا خەجلەپ ئالسىڭىز ئاچ قوساققا نەزىر يىگەندەك ياقىدۇ. ماۋۇ شىيەندەيننى خەق بەك جىق مىنىپ كەتتى، ماندا ئىزدىنىشقا تېمايازغاندەك سەل ئۆزگىچىرەكلىرىنى مىنىڭلاۋاي ماندا!

خوندا ياگىرنىڭ گېپىگە كەلسەك ئاۋۇ سىلى گىپىنى قىلغان مالنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0دىن كەم ئەمەسقۇ دەيمەن! گاز چىقىرىش مىقدارى2.0يۇقىرى ئىسىل ماشنىلارنىڭ گېلىنى باقالماي گاز قۇيۇپ يۈرسەك ئى سىلى بىزنى كۆرەلمەيدىغانلارغا بوپبىرەمىكى ماقەلەندەرنى قارا، دەپ!

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:28:48

بولسا تەۋىسيە ماشنىلىرىنىڭ سۈرىتى بولغان بولسا بىزمۇ پەرىق قىلىۋالغان بولساق بولاتتىكەن ئەسلى.........

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:37:52

\"\"


http://www.iautos.cn/usedcar/usedcar_detail.asp?uploadid=2996102



http://www.iautos.cn/usedcar/usedcar_detail.asp?uploadid=3142806



http://www.iautos.cn/usedcar/usedcar_detail.asp?uploadid=3236311



بۇ خىلدىكى ماشىنىلارغا قىزىقىدىغانلار يوقما ؟

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:41:48

\"\"


سۈرەتنى قانداق قىستۇرىمىز

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 15:38:25

مۇشۇ يۇقارىقى ماشىنىنى ،يېڭسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا 130000غا ساتامدىكەن كەنجىبەگ؟ چاقلىرى ئاليۇمىندۇ ھە؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 15:48:12

paranghumar دىگەن پاسساتنىڭ 1.8لىكى لېكىن ئالامەتلا بوپ قويىدۇ جۇمۇ...
بەت: [1] 2 3 4
: ماشىنا ئالاي دىگەن