kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 21:13:39

يېقىندا بېيجىڭغا بارماقچى بوپ قالدىم يول كۆرسىتىڭلار

پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ. مۇبارەك رامىزاندا سەپەردە بوپ قالىدىغان بولدۇم. بارىدىغان يېرىم بېيجىڭ. 2004- يىللاردا بارغاندىغۇ ھېلىقى كالا يولىدىلا ھەممە ئىش پۈتكەن. ياتاق، تاماق دىگەن شۇنداق ياخشىكەندۇق. ئۇ چاغدا كالا يولىدا تۇرپان رېستۇرانى دەپ بىر تاماقخانا باركەندۇق. تامىقى بەكلا ئوخشايدىكەندۇق. ئەمما ھازىر يوقمىش.


ھازىر بېيجىڭدىكى تورداشلاردىن سورايدىغىنىم، تامىقى ياخشى، پاكىز بولغان دىيانەتدار كىشىلەرنىڭ ئاشخانىسى قايسى جايلاردا باردۇ؟ بولسا مىھمانخانىغىمۇ ئەپلەشكۈدەك، تامىقىنىمۇ ئاق جەمئىيەتتىكىلەر ئېتىدىغان بىر ئاشخانا بولسا ھوزۇر بىلەن بېرىپ ھوزۇر كېلىۋالسام دەيمەندە...


Mihman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 23:59:55

تۆۋەندىكى تېمىنى نەچچە ئاي ئېلگىرى كۆرگەن پايدىلىنىش ئۈچۈن چاپلاپ قويدۇم .




     ئەسسالام، ئانا دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلار ، بىز مەمىلكتىمىز پايتەختى بېيجىڭدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولمىز. بىز بۇ يەرگە كەلگىلى بىر قانچە يىل بولدى . بىز بۇيەدە تۇرۇپ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. بۇ شەھەر ھەققەتە ياخشى . بىز بۇ يەرگە كەلگىنىمىزدىن ناھايتى خوش بولدۇق. بېيجىڭدا بىز ئۇيغۇرلامۇ خېلى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئوقۇيدىغانلار .يەنە بىر قىسىم ئىشلەيدىغان ۋە باشقا ئىشلارنى بىجىرگىلى كەلگەنلەرمۇ بار .


   ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر قېرىداشلىرىمىز بېيجڭغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئاۋارچىلققا يولۇقىدىكەن . يېمە-ئىچمەك ،تۇرالغۇ قاتارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلش تەسكە توختايدىكەن .شۇڭا بىز بىر قانچە ساۋاقداش بىرلىكتە (بېيجىڭ) ئوقۇغۇچىلار ساياھەت يېتەكچى گۇرۇپپىسنى قۇرۇپ، يۇرتىمىز (شىنجاڭ)نىڭ ھەرقايسى جايلىردىن بېيجىڭغا كېلىپ سودا ۋە ساياھەت دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا يول باشلاپ، ئۇلارنىڭ بېيجڭدىكى سەپىرنىڭ كۆڭللۈك ۋە ئوڭۇشلۇق بولىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولىۋاتىمىز . بۇ پائالىيەتلەر بىزنىڭ ئىجىدىمايى ئالاقە ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولۇپلا قالماي ، يەنە تېخى بىزگە ئازغىنە ئىقتىسادى ياردەم ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز بوش ۋاقىتىلرمىزنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ياقا يۇرتقا  ھىجىرەتكە كەلگەن قېرىداشلرمىزغا ياردەم قىلىش ئىستىكىدە بۇ ئىشلارنى قىلماقچى بولدۇق .


يۇرتىمىزدىن بېيجىڭغا ساياھەت، سودا ،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن قېرىداشلىرمىزغا شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى :

1.بىز بولساق بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. يامان ئادەملەر ئەمەس، بىز سىزلەرنىڭ ئىنى سىڭىللىرىڭلاغا ئوخشاش. ( گۇرۇپپىمىزدا مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى ، بېيجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى ، بېيجىڭ قاتناش ئونۋېرسىتىتى ،جوڭگو سىياسى-قانۇن ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق ئونۋېرسىتىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بار)


2.بىز بېيجىڭغا كەلگىلى ئىككى ئۈچ يىل بولدى. بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ساياھەت ئورۇنلىرى بىزگە تونۇش. سىز بېيجىڭنىڭ قانداق يېرىگە بارماقچى بولسىڭىز بىز سىزگە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، سىزنى بارماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ قويالايمىز .


3.ئەگەر سىز بېيجڭغا كېلىشنى قارار قىلغان، لېكىن بېيجىڭدا بىرەر تۇنۇشىڭىزنىڭ يوق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بېيجىڭدىكى ساياھىتىڭىزدىن ئەنسىرەپ قالغان بولسىڭىز ، دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !سىز كېلىدىغان ئېنىق ۋاقىتنى بېىكىتكەندىن كېيىن ، بېيجىڭغا كەلسىڭىز بىرنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىرىمىز ئالدىڭىزغا چىقىپ كۈتىۋالىمىز. ئاندىن سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ياتاق تاماقىلرىڭزنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز. ئاندىن سىزنىڭ ساياھەت پىلانىڭىزغا ئاساسەن، سىزنى سىز بېرشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقايسى ساياھەت رايونلىرغا ئاپىرىپ ، سىزنىڭ ساياھىتىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىغا ھەمدەمدە بولىمىز. ئەگەر سىز قەيەرگە بېرىشنى بىلمىسىڭىز سىزنى بىز ئۆزىمزنىڭ خىزمەت پىلانىمىزدىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرغا ئاپىرمىز! سىزنىڭ بىيجىڭدىكى پائالىيەتلىرىڭىز ئاياقلاشقاندىن كېيىن بىز سىزنى بېكەتكىچە ئۇزۇتۇپ قويىمز.


ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلى:ئەتگەن سائەت 9-دىن كەچ سائەت 5گىچە (ئەھۋالغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.)


  ئاساسلىقى بىز سىزنىڭ بېيجڭدىكى ساياھىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ،كۆڭۈللۈك بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

ئەگە سىز يۇقارقى پائاليەكە قىزىقسىڭىز ، بىزنى قوللىسىڭىز، يەنىمۇ كۆپ تەپسلى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ!


ئۇيۇشتۇرغۇچىلار: (بېيجىڭ) ئوقۇغۇچىلار ساياھەت يېتەكچى گۇرۇپپىسى

ئالاقىلىش تېلفونى:18911911667

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 02:49:36

بۇ ئۇچۇرىڭىزغا بەك رەھمەت! مۇشۇ بالىلارغا تېلىفون قىلىپ سورىساملا بولىدىغاندەك قىلامدۇ نىمە ھە؟

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 07:51:09

http://www.izdinix.com/showpost.aspx?ThreadID=53578

faith يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 07:58:21

«كالا يولى» دېگەن نىيۇجې شۇما؟ ھېچ بولمىغاندا «كالا كوچىسى» دېسىڭىزمۇ بولاركەن. \"\"

Never يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 08:04:05

مەن بېيجىڭغا كەلگىلى بىر كۈن كەم ھەپتە بولدى، ئۇ تۇرپان دېگەن ئاشخانىنىڭ ۋېۋىسكىسى تۇرىدۇ، ئۇچۇق ئەمەسكەن. تېلىفۇن نومۇرىمىنى سىزگە ئۇچۇر قىلىپ قويدۇم. تېل قىلىڭ، ياردىمىم تېگىپ قالا . \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 09:53:04

كالا يولىدىكى ئاشخانىلار تۇڭگانلارنىڭغۇ دەيمەن،

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ كەينىدىكى بۇغدا بىلەن ئاماننىسىخان دىگەن ئاشخانىدىن تاماق يىسەڭلىمۇ بولىدۇ،ئاماننىسىخاننىڭ شارائىتى ياخشىراق. ئاندىن يەنە بىر يەردە روزىباينىڭ ئاشخانىسىمۇ شۇنداق ياخشى  {:92:}  

پەقەت بولمىسا تىلفۇننىڭ gpsئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تاپساڭلارمۇ بولىدۇ.

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 10:45:00

شاتلان شىركىتى بېيجىڭدىكى 40 اشخانا بىلەن ھەمكارلىق ورناتتى 。 شىركەت تاللا بازىرىمىزغا كەلسىڭىز سىزنى مۇناسىۋەتلىك ۇچۇر بىلەن تەمىن ىتىمىز 。 13381275710

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 11:43:38

4- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«كالا يولى» دېگەن نىيۇجې شۇما؟ ھېچ بولمىغاندا «كالا كوچىسى» دېسىڭىزمۇ بولاركەن. \"\"



راست دەيسىز ... توغرىسى شۇنداق بولۇشى كېرەكتى ئەسلى... يادىمدا يوقلا يول قىپ قوياپتىمەن ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 11:48:37

مۇمكىن بولسا ئاشۇ ئاماننىساخان، روزىباينىڭ ئاشخانىسىنىڭ مۇمكىن بولسا ئېنىق ئادرىسىنى، ياكى تېلىفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغىلى بولامۇ؟

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:10:40

ئامانىساخان ،بۇغدا، شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنى دېگەنلەردە تاماق خىلى ئامدان

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 13:00:22

9- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇمكىن بولسا ئاشۇ ئاماننىساخان، روزىباينىڭ ئاشخانىسىنىڭ مۇمكىن بولسا ئېنىق ئادرىسىنى، ياكى تېلىفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغىلى بولامۇ؟


ئاماننىساخان ۋىيگۇنسۈندە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئارقا دارۋازىسىدىكى كوچىدىن بىيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋرىستىىغا باردىدىغان بىر كىچىك يول بار. شۇ يولنى بويلاپ بىرەر كىلومىتىر مىڭىپ ئوڭغا قايرىلسىڭىز ئاشۇ يەرە،ياكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىغا بىرىپ ئۇچرىغانلا ئۇيغۇردىن سورىسىڭىز دەپ بىرىدۇ.


روزىباينىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئىنىق ئورنىنى بىلمەيدىكەنمەن،پەقەت بىر قىتىم بارغان ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ.




osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 17:32:19

شاتلان شىركىتىمىز بېيجىڭدىكى 40 ئەتىراىپىدىكى ئاشخانا بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. بېجىڭغا كەلگەندىن كېيىن سىزنىڭ تۇرغان، بارغان يىرىڭىزگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئاشخانىلارنىڭ تېلفۇن نۇمىرى ۋە ئادىرسىنى تەمىن ئەتسەك بولىدۇ.

تېلفۇن: 13381275710، تۇرسۇن.

شاتلان شىركىتىنىڭ ئادىرسى: بېيجىڭ خەيدىيەن رايونى ئۇنۋىرسىتىت جەنۇبىي يولى 42 نۇمۇر.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 20:38:25

ئىزدىنىشتىكى بىر دوستىمىزنىڭ ياردىمىدە بېيجىڭدا بەكمۇ ياخشى بىر تاماقخانىنى تېپىپ قايتىدىغان ئاخىرقى بىر كۈندە بولسىمۇ ناھايىتى ھوزۇر بىلەن تاماقلىنىپتىمىز. تورداشلارنىڭمۇ ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى خالاپ بۇ ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويغۇم كەلدى.

بۇ تاماقخانا ھەقىقەتەنمۇ ھەممە جەھەتلەردىن لايىق بىر مۇسۇلمانچە تاماقخانا ئىكەن. ئورنى بېيجىڭ تىل-يېزىق ئۇنۋېرىستېتى چىڭ ۋېي لۇ دىگەن بىر بىنانىڭ ئوڭ يېنى تەرەپتە ئىكەن. يەنى مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ 100 مېتىرچە ماڭغاندا تۆت كوچىغا كېلىسىز، ئاندىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن سول تەرىپىڭىزدە مەكتەپ كۇتۇپخانىسى، ئوڭ تەرىپىڭىزدە چىڭ ۋېي لۇ دىگەن بىنانى كۆرىسىز(بۇمۇ ئاشخانىكەن، بىراق مۇسۇلمانچە ئەمەس)، شۇ بىنانىڭ ئوڭ تەرىپىدە مەن دىگەن ئاشخانا بار. بېيجىڭغا بېرىپ ئوبدانراق ئاشخانا ئىزدەي دېسىڭىز ئىككىلەنمەي بۇ ئاشخانىغا بېرىڭ.

خەنسوچە ئادرىسى:

北京语言大学

北京市海淀区学院路15号

مۇشۇ ئاشخانىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى يېزىۋېلىۋىدىم، ئۇنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي: 010-82303695 ئاشخانا ئىسمى مۇسۇلمانلار تاماقخانىسى 穆斯林餐厅



ئۇنىڭدىن باشقا ئاماننىساخانغىمۇ، ھەم مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتى غەربىي يولىدىكى دەرۋازىسى ئالدىدىكى بوغدا تاماقخانىسىغىمۇ بېرىپ باقتىم... مېنىڭچە يۇقارقى ئاشخانىغىلا بېرىڭ
بەت: [1]
: يېقىندا بېيجىڭغا بارماقچى بوپ قالدىم يول كۆرسىتىڭلار