bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 17:31:17

[بوزقىر] ئامېرىكىنىڭ « شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»

ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» دىن ھۇشار بولۇپ، جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش ئاساسلىرىنى بىتچىت قىلايلى






شىيۇڭ كۇنشېڭ (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى)



جاڭ پېيچىڭ (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتورى)







بوزقىر تەرجىمىسى








يېقىندا شىنجاڭنىڭ پىچان، خوتەن جاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى قەتلى قىلىشتەك زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېرورچى ئۇنسۇرلارنى ئەيىبلىمەستىن بەلكى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتىگە قارشى مۇقام توۋلىدى.



ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ رايونىغا بولغان «دىققەت قىلىشى» ناھايتى يۈكسەك دەرىجىدە بولۇپ كەلدى. بۇ ئۇلارنىڭ باشقىچە نىيىتى بارلىقىنى بىشارەتلىمەي قالمايدۇ.



ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئەقىل ئامبارلىرى جۇڭگونىڭ مىللىي رايونلىرىنى ناھايتى مۇپەسسەل تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئاپتورلار بۇنىڭ ئىچىدىكى خوپكىنس ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» تېمىسىنى تەتقىق قىلىپ باققان. بۇ تېما ناھايتى ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ، مەسىلىنى تېخمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.



بۇ تېمىنى ئامېرىكىدىكى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان 16 نەپەر مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئالىملىرى تاماملىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا» دېگەن كىتابقا تۈگەللەنگەن. كىتابتا «كۆچمەنلەر بىلەن ئىدارە قىلىش» ، «مۇستەبىتلىك كىرزىسى» ، «خەنزۇ كۆچمەنلەر» دېگەندەك سۆز ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق تېما جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇقلىقىدا مەسىلە مەۋجۇت دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، شىنجاڭنى بۆلۈۋېتىشنى نەزەرىيە ئاساسلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. مەزكۇر كىتابتا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە بەخىت ئېلىپ كېلىدىغان «غەربنى ئېچىش» سىتراتېگىيىسى خاتا ھالدا بۇرمىلىنىپ، «مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىدىغان» سۈيقەسىت، دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. مەزكۇر كىتابنىڭ 2- ئاپتورى گېرىئېم.فوللېر ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەتلەر ئەھۋالى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. مۇشۇ تۈردىكى «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» غا دائىر ئەقىل ئامبىرى دوكلاتلىرى ئامېرىكىدا ناھايتى كۆپ.



مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش روشەن خاھىشچانلىققا ئىگە ئەقىل ئامبىرى دوكلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ قورالى بولۇپ كەلگەن. ئەقىل ئامبارلىرى خەلق بايرىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ، پاكىتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە دائىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولىدۇ. بەزىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقىي دېپلوماتىيە سىتراتېگىيىسىگە مايىللاشسا بەزىدە ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە سېياسىتىنىڭ دۇمبىقىنى بىۋاستە چالىدۇ. شۇڭا، بىز يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۇشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.



      ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا دائىر سېياسەتلىرى ئىچىدە سىتراتېگىيە، مىللەتچىلىك ۋە ئېدىئولوگىيەنى چەكلەيدىغان كۆپ خىل ئامىللار بار. «9.11» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ئۇ يەردە ھەربىي بازىلارنى قۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا شىنجاڭبۆلگۈنچىلىرىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللاشتىن پەردىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قوللاشقا ئۆتتى. «كىشىلىك ھوقۇق» ، «ئەركىنلىك» ، «مىللەت» ۋە «ئىگىلىك ھوقۇق» دېگەندەك ئۆسەكلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭبۆلگۈنچىلىرىنى ئىقتىساد، جامائەت پىكرى، سېياسەت، قانۇن جەھەتتىن قوللاپ، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنى «ئاساس» ۋە خەلقئارالىق كەيپىيات بىلەن تەمىنلىدى؛ ئاقىللىرىنى تەشكىللەپ، نەشىر بويۇملىرىنى نەشىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە پاكىتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سەزگۈلىرىنى غەلەت قىلىپ، جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى سەۋەب بىلەن تەمىنلىدى.



      ئېدىئولوگىيەنى تەكىتلەش ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئاتالمىش خاسلىقى ۋە قەتئىي مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا مەھرۇم قالغان يۇمشاق كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگىمۇ ياردىمى بولغاچقا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ ،ئامېرىكىنىڭ « ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشتىكى تەسىر كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، باشقا تەرەپلەردىمۇ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلەتتى.



      جۇڭگو ھۆكۈمىتى يوللۇق دېپلوماتىيە كۆرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ چېگرا سىرتىدىكى مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىنى تارايتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپىدا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سېياسىتىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك؛ ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېپلوماتىيىسى» گە قارشى مۇرەسسەسىز كۆرەشنى قانات يايدۇرىشى كېرەك؛ جۇڭگونىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» نىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، جۇڭگولۇقلارنى سەگەكلەشتۈرۈپ،«شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگودا مالىمانچىلىق چىقىرىدىغان رەزىل نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىقى كېرەك.







http://mil.news.sina.com.cn/2013-07-05/1000730449.html



abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 06:27:13

بوزقىر تەرجىمىلىرى ئۈزۈلمىگەي، قوللىرىغا دەرت كەلمىگەي.

kantir2 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 08:30:26

پىنھاننىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دېگەن نېمىتى، 30 خىل كۈچ بولسىمۇ چاپارمەنلىرى بىلەن بىردەمدە بىت- چىت قىلىۋىتىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 09:09:44

\" كوممۇنىست رەھبەر\" دىگەن ئاتالغۇ تازا ماس كەلمىگەندەك. ئۇرەھبەرلەر كوممۇنىزىمدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى، جۇڭگۇ بىلەن ئامرىكا ۋە ئامرىكا بىلەن جۇڭگۇ ئارىسىدىكى كۆرەش ھازىر كاپىتالىزىم-كوممۇنىزىم لاگىرىدىكى ئىدىلوگىيە كۆرىشى ئەمەس، بەلكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى،بەلكىم ئۇلارمۇ جۇڭگونى كوممۇنىزىم دۆلىتى دەپ قارىماس.

\"كوممۇنىست، كاپىتالىست، مۇسۇلمان\" دىگەندەك ئاتالغۇلار بەزىدە ئۇچراپ قالىدۇ، بەلكىم بەزى ئادەملەر ئۈچۈن مۇشۇ ئىدىلوگىيە ئاتالغۇلىرى يەنىلا سەزگۈر ھىساپلانسا كىرەك، دۈشمەنگە قارشى تۇرغاندا ئىشلىتىپ قويىدىكەن. ئەمما ئۇقۇمنى سۈيئىستىمال قىلىپ خەلقنى ئالداشلارنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەنلەر بىلىدۇ ھەممىسى بەرىبىر، مەنپەئەت بىرىنچى.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 09:16:28

قوراللىق ساقچى قىسىم تىبەت باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى يولداش گو يىلىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى مۆتىدىل ئېقىمدىكى ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلىرىنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپتۇ. ئادەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوخشاش ئورۇن ۋە ئوخشاش ۋەزىپىدىكى بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى بولسا بۇنداق دىققەتنى قوزغىشى ناتايىن ئىدى.

قارىغاندا ئاخباراتشۇناسلىقتا سەزگۈر رايونلاردىكى ئادەتتىكى كىچىك ئىشلارمۇ ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە ، دەپ قارىلىدىغان ئوخشايدۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 09:27:07


25- قەۋەتتىكى bozqirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوڭكوڭ « سۇمرۇغ تورى » خەۋىرى :

«ج ك پ نىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى ، كۇمۇنىزمنىڭ سادىق جەڭچىسى ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى ، مۇنەۋۋەر ھەربىي كوماندىر ، قوراللىق ساقچى قىسىم تىبەت باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى يولداش گو يىلى تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن 2013-ىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا بەخىتكە قارشى 56 يېشىدا ۋاپات بولدى» .



http://news.ifeng.com/mainland/detail_2013_07/12/27435942_0.shtml


----ھەربىلىككە ئالغاندا بەدەن تەكشۇرۇش قىلاتتىغۇ،،،؟؟




bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 09:31:11

29- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


25- قەۋەتتىكى bozqirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوڭكوڭ « سۇمرۇغ تورى » خەۋىرى :

«ج ك پ نىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى ، كۇمۇنىزمنىڭ سادىق جەڭچىسى ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى ، مۇنەۋۋەر ھەربىي كوماندىر ، قوراللىق ساقچى قىسىم تىبەت باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى يولداش گو يىلى تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن 2013-ىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا بەخىتكە قارشى 56 يېشىدا ۋاپات بولدى» .



http://news.ifeng.com/mainland/detail_2013_07/12/27435942_0.shtml


----ھەربىلىككە ئالغاندا بەدەن تەكشۇرۇش قىلاتتىغۇ،،،؟؟




ئارمىيەگە ساق كىرىپ ، تىبەتتە يۈرەك كېسىلى بوپتۇ.

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 00:35:40

ئامېرىكىنىڭ « شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» دىن ھۇشار بولۇپ ، جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش ئاساسلىرىنى بىتچىت قىلايلى



شىيۇڭ كۇنشېڭ (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى)

جاڭ پېيچىڭ (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتورى)



بوزقىر تەرجىمىسى



يېقىندا شىنجاڭنىڭ پىچان، خوتەن جاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى قەتلى قىلىشتەك زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېرورچى ئۇنسۇرلارنى ئەيىبلىمەستىن بەلكى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتىگە قارشى مۇقام توۋلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ، شىزاڭ رايونىغا بولغان « دىققەت قىلىشى » ناھايتى يۈكسەك دەرىجىدە بولۇپ كەلدى.بۇ ئۇلارنىڭ باشقىچە نىيىتى بارلىقىنى بىشارەتلىمەي قالمايدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئەقىل ئامبارلىرى جۇڭگونىڭ مىللىي رايونلىرىنى ناھايتى مۇپەسسەل تەتقىق قىلغان بولۇپ ، ئاپتورلار بۇنىڭ ئىچىدىكى خوپكىنس ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاتالمىش « شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» تېمىسىنى تەتقىق قىلىپ باققان. بۇ تېما ناھايتى ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ، مەسىلىنى تېخمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

بۇ تېمىنى ئامېرىكىدىكى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان16 نەپەر مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئالىملىرى تاماملىغان بولۇپ ، ئەڭ ئاخىرىدا « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » دېگەن كىتابقا تۈگەللەنگەن. كىتابتا « كۆچمەنلەر بىلەن ئىدارە قىلىش » ، « مۇستەبىتلىك كىرزىسى » ، « خەنزۇ كۆچمەنلەر » دېگەندەك سۆز ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق تېما جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇقلىقىدا مەسىلە مەۋجۇت ، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ ، شىنجاڭنى بۆلۈۋېتىشنى نەزەرىيە ئاساسلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. مەزكۇر كىتابتا پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخىت ئېلىپ كېلىدىغان « غەربنى ئېچىش» سىتراتېگىيىسى خاتا ھالدا بۇرمىلىنىپ ، « مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىدىغان» سۈيقەسىت، دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. مەزكۇر كىتابنىڭ 2- ئاپتورى گېرىئېم .فوللېر ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەتلەر ئەھۋالى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. مۇشۇ تۈردىكى « شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» غا دائىر ئەقىل ئامبىرى دوكلاتلىرى ئامېرىكىدا ناھايتى كۆپ .

مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش روشەن خاھىشچانلىققا ئىگە ئەقىل ئامبىرى دوكلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ قورالى بولۇپ كەلگەن . ئەقىل ئامبارلىرى خەلق بايرىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ ، پاكىتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە دائىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولىدۇ. بەزىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقىي دېپلوماتىيە سىتراتېگىيىسىگە مايىللاشسا بەزىدە ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە سېياسىتىنىڭ دۇمبىقىنى بىۋاستە چالىدۇ. شۇڭا ، بىز يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۇشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا دائىر سېياسەتلىرى ئىچىدە سىتراتېگىيە، مىللەتچىلىك ۋە ئېدىئولوگىيەنى چەكلەيدىغان كۆپ خىل ئامىللار بار. «9.11» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ ، ئۇ يەردە ھەربىي بازىلارنى قۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللاشتىن پەردىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قوللاشقا ئۆتتى. « كىشىلىك ھوقۇق» ، « ئەركىنلىك » ، « مىللەت » ۋە « ئىگىلىك ھوقۇق » دېگەندەك ئۆسەكلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنى ئىقتىساد ، جامائەت پىكرى ، سېياسەت ، قانۇن جەھەتتىن قوللاپ ، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنى « ئاساس » ۋە خەلقئارالىق كەيپىيات بىلەن تەمىنلىدى؛ ئاقىللىرىنى تەشكىللەپ ، نەشىر بويۇملىرىنى نەشىر قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە پاكىتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن ئۈس-تۈن قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سەزگۈلىرىنى غەلەت قىلىپ، جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى سەۋەب بىلەن تەمىنلىدى.

ئېدىئولوگىيەنى تەكىتلەش ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئاتالمىش خاسلىقى ۋە قەتئىي مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا مەھرۇم قالغان يۇمشاق كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگىمۇ ياردىمى بولغاچقا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ ، ئامېرىكىنىڭ « ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشتىكى تەسىر كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ، باشقا تەرەپلەردىمۇ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلەتتى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى يوللۇق دېپلوماتىيە كۆرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ ، « ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ چېگرا سىرتىدىكى مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىنى تارايتىپ ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپىدا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سېياسىتىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك ؛ ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش « شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېپلوماتىيىسى» گە قارشى مۇرەسسەسىز كۆرەشنى قانات يايدۇرىشى كېرەك ؛ جۇڭگونىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»نىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ، جۇڭگولۇقلارنى سەگەكلەشتۈرۈپ ، «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگودا مالىمانچىلىق چىقىرىدىغان رەزىل نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىقى كېرەك.



نۇرمال كۆرۈنمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 00:37:32

بوشلۇق كونوپكىسىنى ئارتۇق بېسىۋەتسىڭىز ئاشۇنداق خەت شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 03:09:28

راست دەپتۇ! بۇنى پۈتۈن جۇڭگۇلۇق بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ‹كېرەك›لەردىنكەن. رەھمەت بوزقىر! بولسا پارتىيىنىڭ يېڭى يېڭى چاقىرىقلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى يوللاپ تۇرارسىز \"\"

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 04:56:29

بۇ ئامىرىكا يۇرتىمىزنى بۆلۈپ يەنە كىملەرنىڭ قولىغا تاشلاپ تاشلاپ بەرمەكچىكەن؟ئازراق ئاچچىقىم كەپ قالدى جۇمۇ بۇ ئامىرىكىغا.كومپارتىيىمىزنىڭ بىزگە قىلغانلىرىغا قاچان جاۋاپ قايتۇرۇپ بولارمىز دەپ دەپ يۈرسەك،ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك سالماقچىكەندە ھىلىقى تاشقى كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان ئوباما قارىم.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 07:46:32

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قاتتىق يامغۇر-كەلكۈنلەرنىمۇ چۇقۇم ئامىركا دۈشمەن كۈچلىرى پىلانلىغان گەپ \"\" \"\" \"\"

kantir1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 08:18:55

5- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قاتتىق يامغۇر-كەلكۈنلەرنىمۇ چۇقۇم ئامىركا دۈشمەن كۈچلىرى پىلانلىغان گەپ \"\" \"\" \"\"

يەمچۈك تاشلاۋامسىز؟

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:37:27

خەتكۈچ

gulen يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 13:18:52

«شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» دەپ تەرجىمە قىلسا چۈشمەيدۇ، مەنچە. چۈنكى كىتابنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە ئىسمى شىنجاڭ پىلانى http://www.silkroadstudies.org/docs/publications/OLD/xinjiang_final.pdf

خەنسۇلار شىنجاڭ قۇرۇلىشى دېگەن مەنىدە ئۆرۈپ قويۇپتۇ.

بۇ كىتابنىڭ قانچىلىك دۈشمەن كىتاب ئىكەنلىگىنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىشقا، ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىشقا يول قويسىلا تۈگىمىدىمۇ؟ بۇ كىتابنى تۈزۈشكە نەبىجان تۇرسۇنمۇ قاتناشقان.

مەزكۇر كىتابتا سۇ مەسىلىسى سەۋەبلىك يەنە 30 يىلدا تۇرپاندا ئادەم ياشىغىلى بولمايدۇ دەپ پەرەز قىلىغانغۇ دەيمەن.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 13:55:28

gulen:

«شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» دەپ تەرجىمە قىلسا چۈشمەيدۇ، مەنچە. چۈنكى كىتابنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە ئىسمى شىنجاڭ پىلانى http://www.silkroadstudies.org/docs/publications/OLD/xinjiang_final.pdf

خەنسۇلار شىنجاڭ قۇرۇلىشى دېگەن مەنىدە ئۆرۈپ قويۇپتۇ.

------------------------------------------------

ئىپادىلىمەكچى بولغان ئەسلى مۇددىئادىمۇ « شىنجاڭ پىلانى» دېگەن مەنا توللۇق چىقىدىكەن.ئەمما ، ئىككى ئاپتور ئىنگلىزچىدىن « 新疆工程» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغاچقا «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كېتىپتۇ. قارىغاندا ئىنگلىزچىدە « قۇرۇلۇش » دېگەن خەت بىلەن « پىلان « دېگەن خەت بەك يېقىن مەنادا كەلسە كېرەك.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىمۇ جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى مەركىزىي مالىيىدىن غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ «西新工程“» نى يولغا قويغان. بۇ ئاساسلىقى تىبەت-شىنجاڭ رايونىدا رادىئو-تېلېۋىزىيىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش -ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش ، كاشىلا قىلىش ئىستانسىلىرىنىڭ قۇۋۋىتى ۋە سانىنى كۆپەيتىپ دۈشمەن رادىئو-تېلېۋىزىيە سىگناللىرىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى ئىدى. ئۇ شۇ چاغلاردا « شىىزاڭ-شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىمۇ « تىبەت-شىنجاڭ پىلانى » دەپ تەرجىمە قىلسا تېخىمۇ چۈشەتتىكەن.



ئەسكەرتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت گۈلەن ئەپەندى ، بۇندىن كېيىن ”تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە «工程» دېگەن خەتنىڭ مەلۇم مەقسەت-مۇددىئانى يولغا قويۇشتىكى« پىلان» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغانلىقىنىمۇ چەتكە قاقمىساق بولغىدەك.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:04:43

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا جۈملىدىن مەن تۇرىۋاتقان رايوندا نۇرغۇن ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرى   «ئۈچ خىل كۈچلەر» لەرگە قارشى تۇرۇپ ، زوراۋانلىق-تېرورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىش جەھەتتە تېلېۋىزىيىدە بەس-بەستە ئىپا بىلدۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقى-سۆزىدىكى « چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر» دېگىنىدە زادى قايسى دۈشمەن كۈچنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىغانىدىم . تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ «تاشقىي كۈچ»لەر ھەققىدە ئېنىقراق بىر نەرسە دېمىگەنلىكىگە قاراپ بەلكىم ئۇلارمۇ بۇ ھەقتە تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان چېغى دەپ پەرەز قىلغانىدىم.بۇ ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە بەزى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم . قارىغاندا شىيۇڭ ۋە جاڭ فامىلىلىك ئىككى ئالىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرى-ئىزدىنىشلىرى خېلى چوڭقۇردەك قىلىدۇ.نۇتۇق سۆزلەيدىغان ۋە تەسىرات ماقالىسى يازىدىغانلارغا پايدىسى يېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، دەپ قاراپ ئۇنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى توغرا تېپىپ قالدىم.


   يېقىندىن بۇيان XJTV   بىر قىسىم مۇتەخەسىس-ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى   «ئۈچ خىل كۈچلەر» لەرنىڭ پائالىيىتى ، ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مەخسەد - مۇددالىرى ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇنى ئىلگىرىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەر-مۇلاھىزىلەردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىغان ئەھۋاللارغا نىسبەتەن بىر ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ .   ئەمما، بىر قېتىمقى سۆبەت پىروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن چىققان بىر خەنزۇ ئالىممۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى« 伊明» دېگەن قىسقارتىلما سۆز بىلەنلا ئاتاپ قويغانلىقىدىن تازا قانائەت ھېس قىلمىدىم. ئىلگىرىمۇ بىر خەنزۇچە قانۇنلۇق مەتبۇئاتتىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىسمىنى «马木提» دەپ يازغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.


   مېنىڭچە ، ھەرقانداق سەلبىي دەپ قارالغان شەخىس بولسىمۇ ئىسىم-فامىلىسىنى ئەينى ۋە تولۇق ئىپادىلىمىگەندە بەزى چۈشىنىكسىز مەسىلىلەر سادىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 14:07:54

يەنە «中国民族理论与民族政策研究院» نى « جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئورنى» دېمەي « جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» دەپ تەرجىمە قىلسام بوپتىكەن ، دەپ ئويلاپ قالدىم.



مەن بۇرۇنمۇ دېگەن : « تور مۇنبەرلىرىگە تەرجىمە ماقالىرىنى يوللاشتىكى ئاساسلىق مەخسىدىم ئۆگۈنۈش ھەم چېنىقىش ئۈچۈندۇر » دەپ.

بۇ جەھەتتە مەن تور دۇنياسىدىن خېلى زور ئۆگۈنۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشتىم دېسەممۇ بولىدۇ.

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 16:46:46

قارىغاندا ئۆيدە تېلۋوزۇر يوق جىق ئىشلاردىن بىخەۋەر قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزدىنىشمۇ زۇكام بولۇپ قالدى، خەۋەر كۆرەلمەي ئىچىم تىتىلداپ \"\"

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 18:13:56

ئىپلاس ئامېرىكا
بەت: [1] 2
: [بوزقىر] ئامېرىكىنىڭ « شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»