nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 15:33:45

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق. ئەمما سىز ئانىڭىزنى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ بىلسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ:




ئانىڭىز بىرئۆمۈر سىزگە نېمە قىلىپ بەردى، بىلەمسىز؟




بىر ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە سۈت بېرىپ پەپىلەپ باقتى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر ئاخشىمى يىغلاپ بەردىڭىز.




ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە كۆيۈنۈپ بىر قاچا تاماق ئېتىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەرگە تۆكۈۋەتتىڭىز.




تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە رەڭلىك قەلەم ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەرخىل رەسىملەرنى سىزىپ قويدىڭىز.




بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چىرايلىق كېيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە كۈندە پاتقاق يەرلەردە ئوينىدىڭىز.




يەتتە ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە توپ ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە توپ بىلەن قوشنىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى چېقىۋەتتىڭىز.




توققۇز ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سىزگە رويال ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئىككى قېتىم چېلىپ قويۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرمىدىڭىز.




11 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە سىزنى كىنو كۆرۈشكە ئاپاردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئاپىڭىزنى باشقا رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدىڭىز.




13ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چېچىڭىزنى قىسقارتىشىڭىزنى جىكىلىدى، ئەمماسىز ئانىڭىزنى ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان چاچ پاسونلىرى بىلمەيسەن دىدىڭىز.




14ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ بىر ئايلىق يازلىق لاگىر پۇلىڭىزنى تۆلىۋەتتى، ئەمما سىز بۇ بىر ئاي ئېچىدە بىرقېتىممۇ ئانىڭىزغا تېلفون قىلىپ قويمىدىڭىز.




15ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ سىزنى بىرقوچاقلاپ قوياي دىۋىدى، ئەمما سىز ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپلا ھوجرىڭىزغا كىرىپ كەتتىڭىز.




17ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز بىر مۇھىم تېلفوننى ساقلاۋاتقان ئىدى، ئەمماسىز تېلفوننى قۇچاقلىغان ھالەتتە دوستىڭىز بىلەن بىر كېچە پاراڭلىشىپ چىقتىڭىز.




18 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۆز يېشى قىلدى، ئەمما سىزسىرتتا دوستلىرىڭىز بىلەن بىركېچە ئولتۇرۇش ئويناپ كەلدىڭىز.




19 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ ئالي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەش بىلەن بىرگە سىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى، ئەمما سىز ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خېجىل بولۇشتىن قورقۇپ ئانىڭىزنى يىراقتىنلا يولغا سېلىپ قويدىڭىز.




20 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزدىن:" كۈندە نەگە بېرىۋاتىسەن؟" دەپ سورىسا، " سەندەك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.




23 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىزگە بىر يۈرۈش ئائىلە جاھازلىرى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىزنىڭ دوستلىرىڭىزغا بۇ نەرسىلەرنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.




30 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزگە بالىنى قانداق بېقىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى، ئەمما سىز "ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.




40 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە سىزنى تەكلىپ قىلدى، ئەمما سىز ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.




50 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز تولا ئاغرىقچان بولۇپ قالدى، ئەمما سىز بالىلىرىڭىزنىڭ غېمىدە ئالدىراش.




ئاخىرى ئانىڭىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، سىز توساتتىن ئانىڭىز ئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ، قاتتىق ئازاپ چەكتىڭىز.




ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىز ھايات بولسا بۇندىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ بەك كۆيۈنۇڭ، قەدىرلەڭ.




مۇبادا ئانىڭىز سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئانا مېھىرى دۇنيادا ھەممدىن ئۇلۇغ. ئانىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال!


مەنبە: كۆچۈرۈلمە

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 16:41:23

ئىزدىنىش كونا تېمىلار بازىرى بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 16:42:36

تولا سۆزلىنىپ شاما بۇلۇپ كەتكەن تېمىلارنى چاپلاۋەرگەن،

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 17:21:45

@dawanqi ئۇنچىۋالا سىلكىپ نۇقۇشلاپ كەتكۈدەك خاتالىق سادىر قىلىپ قويمىغاندىمەن؟ تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەپ باققان، يوق بولغاچقا يوللاپتىمەن. مەن ياكى قانداق ئىزدەشنى بىلەلمىدىممۇ، كۆرمەي قالدىممۇ بىلمىدىم. بۇرۇن يوللىنىپ بولغان بولسا ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ ئۆچۈرۈشنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولاتتىغۇ؟ ئادەم سىلكىگىدەك ئىش ئەمەستى بۇ.. ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزىمىزنى ئاياپ قالايلى.

koragan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 22:12:45

ئىسىل تىمىكەن، ھەممىمىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ تېنى سالامەت ،ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 05:22:13

ئانىلىرىمىز سالامەت بولسۇن!

kantir1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 10:11:53

مۇھىمى شۇ ئانىنىڭ قانداقلىقى.

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 11:35:50

كۆپىنچىلىرى بىزگە ماس كەلمەيدىغان گەپلەركەن. مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدىم.

سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزسسە بولغىدەك. بولمىسا بېۋاسىتە تەسىرى تازا ياخشى بولمىدەك.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-15 21:46:02

ھازىرقى نەق گەپنى قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى ، كۆچۈرۈپ يۈرمەي ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-16 01:30:32

دازى فۇيىنخانا ئاچاملا ئۆزلىرى ؟
بەت: [1]
: دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالنى كۆرۈپ بېقىڭ