bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 06:31:47

بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى



تۆۋەندە مەن بىئولوگىيە تارىخدىكى مۇھىم بايقاشلار يىل تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىقىلغان يىلنامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا بىللە مۇزاكىرە قىلىپ ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش يۈزىسىدىن بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئېنىقلىمىسىنى بەرمىدىم، شۇڭا تورداشلارنىڭ سۇئاللىرى بولسا تارتىنماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەرجىمىدە خاتالىق كۆرۈلگەن جايلىرى بار بولسا، تۈزىتىپ بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.   

                                 

                                                                           -بىلگەجان



1600-يىلدىن بۇرۇن



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىللار:

كروتونلۇق ئالكمايون ۋىنا تومۇرى بىلەن ئارتېرىيە تومۇرىنى پەرقلەندۈرگەن ۋە كۆرۈش نېرۋىسىنى بايقىغان.

ئىزاھات: ۋىنا تومۇرى بەدەندىكى ئەزالاردىن ئوكسىگېنسىز (شۇڭا يېشىل رەڭدە) قاننى يۈرەككە قايتۇرۇپ كەلگۈچى تۆۋەن بېسىملىق تومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئارتېرىيە تومۇرى بولسا ئۆپكىدە ئوكسىگىنلىنىپ يۈرەككە قايتىپ يۈرەك كلاپانى ئارقىلىق يۇقىرى بېسىمدا بەدەندىكى ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان تومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450-يىللار:

سۇشرۇتا ئۆزىنىڭ «سۇشرۇتا سامھىتا» ناملىق ئەسىرىنى يىرىپ 120 خىلدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنى ۋە 300 خىلدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتلىرىنى تەسۋىرلىگەن، ئىنسانلار ئوپېراتسىيىسىنى 8 چوڭ كاتوگورىيەگە بۆلگەن ۋە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئىزاھات: «سۇشرۇتا سامھىنا» ناھايتى مەشھۇر تىببى ئىلىم كىتابى بولۇپ، ھىندىستان ئەنئەنىۋى تىبابىتىنىڭ ئاساسلىرى بولغان ئۈچ چوڭ كىتابنىڭ بىرى. بۇ كىتاب بىر قانچە قېتىم باشقا دوختۇرلار تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي سانسىكرىت يېزىقىدىكى نۇسخىسىدىمۇ تەھرىرلەنگەنلىكى ئېنىق خاتىرلەنگەن.



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450-يىللار:

زېنوفىنىز تاشقا ئايلانغان جىسىملارنى تەكشۈرۈپ ھاياتلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى پەرىزىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىزاھات: زېنوفىنىزنىڭ قاراشلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىدا گرىك ئىلاھلىرىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ 25 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كىيىنكى 67 يىللىق ئۆمرىنى پۈتكۈل گرىك دۇنياسىدا سەپەر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامى شېئىرلىرى بىلەن ساقلىنىدۇ ۋە گرىك ناخشىلىرى ئۆلمىگۈچە مەڭگۈ كىشىلەر قەلبىدە ياد ئېتىلىدۇ، دەپ قارالغان.



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 350-يىللار:

ئارىستوتېل ھايۋاناتلارنى ئومۇميۈزلۈك كلاسسىفىكيەلەش (تۈرلەرگە بۆلۈش) كە ئۇرۇنغان ۋە «ئومۇمىي ھايۋاناتلار بىئولوگىيىسى»، «ھايۋاناتلار سېلىشتۇرما ئاناتومىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىسى»، «يېتىلىش بىئولوگىيىسى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىققان.



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار:

تىئوفىراستۇس بوتانىكا (ئۆسۈملۈكشۇناسلىق) نى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشنى باشلىغان.

ئىزاھات: تىئوفىراستۇس ئارىستوتېلنىڭ ۋارىسى بولۇپ، پلاتوننىڭ ئافىنادىكى مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ بوتانىكا ئۈستىدە ئىلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە يازغان كىتابلىرى سەۋەبىدىن «بوتانىكا ئاتىسى» دەپ ئاتالغان.



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار:

ھىروفىلۇس تۇنجى قىتىم ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلغان.

ئىزاھات: ھىروفىلوس قەدىمىي گرېتسىيەدىكى «ئالىكساندىرىيە مېدىتسىنا مەكتىپى» نىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يازغان 9 پارچە ئەسىرىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن، لېكىن ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تۇنجى ئاناتومىك» دەپ ئاتالغان.



تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار:

دىئوكلىس ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي ئاناتومىيە دەرسلىك كىتابىنى تۈزگەن ھەم تارىختا ئاناتومىيە دېگەن سۆزنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن.



تەخمىنەن مىلادىدىن كىينكى 50-70 يىللار:

رېم ئىمپىرىيسىدە ياشىغان ئېلدىر ۋە پلىني (ئېلدىرنىڭ جىيەنى) 37 توملۇق «تەبىئەتشۇناسلىق تارىخى» نى نەشىر قىلدۇرغان.



130-200: كلاۋدىئۇس گالېن سانسىزلىغان ئىنسان ئاناتومىيىسى ۋە مېدىتسىنادا ئائىت كىتابلارنى نەشىر قىلغان.

ئىزاھات: كلاۋدىئۇس ئەمەلىيەتتە گرىك مىللىتىدىن بولغان رىملىق ئالىم بولۇپ، ئۇ ئاناتومىيە، پاتولوگىيە (كېسەل كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)، فىزىئولوگىيە، دورىگەرلىك ۋە نېرۋولوگىيەگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، قەدىمكى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم دەپ تەرىپلىنىدۇ.



800: بەسىرەلىك ئەل جاھىز (ئەبۇ ئوسمان ئەمىر ئىبنى بەھىر ئەل قىنانى ئەل بەسرى) تۇنجى بولۇپ «ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش» نى ئوتتۇرىغا قويغان، تۇنجى بولۇپ «ئوزۇقلۇق زەنجىرى» ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن ۋە «مۇھىتنىڭ بەلگىلىشى نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قاراشلىرى «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» گە دەسلەپكى ئاساسنى تىكلىگەن.



850:  ئەل دىناۋارى (ئەبۇ ھەنىفە ئەھمەد ئىبنى داۋۇت دىناۋارى) « كىتاب ئەل نابەت، ئۆسۈملۈكلەر كىتابى» نى يېزىپ ئەرەب بوتانىكىسنىڭ پېشۋاسى دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا 687 ئۆسۈملۈك تۈرىنى تەسۋىرلىگەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈشىدىن باشلاپ ئۆلۈشىگىچە بولغان تەرەققىيات جەريانلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ھەر قايسى جەريانلىرى، گۈل ۋە مېۋىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.



900: رازى(مۇھەممەد ئىبن زەكىرىيە رازى) (865-925) چېچەكنى قىزىل كېسەلدىن پەرقلەندۈرگەن ھەم ئۆزىنىڭ كېسەل داۋالاش جەريانىدىكى تەجىرىبىلىرىنى، كېسەللىك ئارخىپلىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ قالدۇرغان. ئۇ يەنە ئىسپىرت ۋە كېرسىننىمۇ تۇنجى بولۇپ بايقىغان خىمىك بولۇپ پارسلار ئۇنى پارىس دەپ قارايدۇ.



1010: ئىبن سىنا (ئەبۇ ئەلى ئەل ھۈسەيىن ئىبن ئابدۇللا ئىبن سىنا) دۇنياغا مەشھۇر «كىتاب ئەل-قانۇن فى ئەل-تىبابەت، تىبابەت قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، كىلىنىكىلىق سىناقلار ۋە كىلىنىكىلىق دورىگەرلىكنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابى ياۋروپادا 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئەڭ نوپۇزلۇق تىبابەت قامۇسى ھېسابلىنىپ بارلىق تىببىي مەكتەپلەردە ئەڭ ئاساسلىق دەرسىلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئىبن سىنا تىبابەت تارىخىدا ئەڭ ئۆچمەس ئالىم بولۇپلا قالماستىن ئىلمى نۇجۇم، مۇزىكا، پەلسەپە، پىسخىكا، شېئىرىيەت، تىئولوگىيە، فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە لوگىكا قاتارلىق پەنلەرنىڭ يىتۈك پىشۋاسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھات: ئۇنىمۇ پارسلار پارىس ئالىمى دەپ ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەلۋەتتە.



1150: ئىبن زۇھۇر ئوپېراتسىيە ۋە ھايات ھايۋانلاردىن ئەۋرىشكە ئىلىشىنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، تېرە كېسىلى بولغان قىچىشقاق كېسىلىنىڭ پارازىت قۇرتلار تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى «مىزاج» نەزەرىيىسىگە مەھكەم يېپىشىپ تۇرغان زامانىسىدىكى تېۋىپلارنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ



1150: ئىبن زۇھۇر (ئابدۇ مەرۋان ئابد ئەل مالىك ئىبن زۇھۇر) ئوپراتسىيە ۋە ھايات ھايۋانلاردىن ئەۋرىشكە ئىلىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، تېرە كېسىلى بولغان قىچىشقاق كېسىلىنىڭ پارازىت قۇرتلار تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى «مىزاج» نەزەرىيسىگە مەھكەم يىپىشىپ تۇرغان زامانىسىدىكى تىۋىپلارنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارنى ئوپراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن ھايۋانلارنى سىناق قىلىشنى قوللانغان ئالىمدۇر.



1200: ئەبد ئەل لەتىف (مۇۋەففەق ئەل دىن مۇھەممەد ئەبد ئەل لەتىف ئەل يۈسۈف ئەل باغدادى،ياكى ئابدال لەتىف ئەل باغدادى دەپ تونۇلغان) مىسىردىكى چوڭ ئاچارچىلىق ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان سۆڭەكلەرنى كۆزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ كلاۋدىئۇس گالېننىڭ جاۋغاي سۆڭىكى ۋە توققۇزكۆزنىڭ تۈزۈلۈشىنى خاتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايقىغان.



1200: ئاندالۇسلۇق ئەرەب بىئولوگى ئەبۇ ئەل ئابباس ئەل نەباتى سانلىق مەلۇمات ۋە تەجىرىبە تېخنىكىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بوتانىكىنىڭ دەسلەپكى ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تىببىي ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئايرىش ۋە تەسۋىرلەشنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ئاللىقاچان سىناقتىن ئۆتكەن كۆزىتىشلەرنى سىناقتىن ئۆتمىگەنلىرىدىن ئايرىپ چىقىدۇ.



1225: ئىبن ئەل بايتار (ئىبن ئەل بايتار ئەل مالاقى ئەل دىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللا ئىبن ئەھمەد) ئەل نەباتىنىڭ شاگرىتى بولۇپ «كىتاب ئەل جامى فى ئەل ئەدۋىيە ئەل مىفرادا» نى يىزىپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا 1400 دىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك، يىمەكلىك ۋە دورىلارنى تەسۋىرلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 300 خىلى ئۇنىڭ ئۆزى تۇنجى بايقىغانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىينكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ بۇ كىتابىنىڭ لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 18-19 ئەسىرلەردە ياۋروپا بىئولوگلىرى ۋە دورىگەرلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىلىدۇ.



1242: ئىبن ئەل نەفىس (ئەلا ئەل ئەبۇ ئەل ھۈسەن ئەلى ئىبن ئەبى ھازىم ئەل قارشى ئەل دىمەشقى) «ئىبن سىنا قانۇنىدىكى ئاناتومىيەگە باھا» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا «ئۆپكە قان ئايلىنىشى» ۋە «يۈرەك قان ئايلىنىشى» نى بايقاپ ھازىرقى زامان قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا ئۇل سالىدۇ.

ئىزاھات: ھازىرقى بىز دەۋاتقان قان ئايلىنىش سىستىمىسى ۋىنادىن يۈرەككە قايتقان ئوكسىگېنسىز قاننىڭ يۈرەك ئوڭ دالانچىسىدىن يۈرەك ئوك  قېرىنچىسىغا بىرىپ ئاندىن ئۆپكىگە ئۆتۈپ ئۆپكىدە ئوكىسىگېنلانغاندىن كىين يۈرەك سول دالانچىسىغا قايتىپ، ئۇ يەردىن يۈرەك سول قېرىنچىسى ئارقىلىق يۈرەك كلاپانىغا قۇيۇلۇپ ئاندىن يۇقىرى بېسىمدا ئارتېرىيە تومۇرلىرى ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلىشىنى كۆرسىتىدۇ.



1543: گوللاندىيەلىك ئاندېرىس ۋېسالىيۇس «ئادەم بەدىىنىنڭ ئاناتومىيلىك تۈزۈلۈشى» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىدۇ.





1600-1699 يىللار



1620-يىللار ئەتراپى: جەن باپتېست ۋان ھولمېنت ئۇنىڭ داڭلىق دەرەخ تەجىرىبىسى ئارقىلىق دەرەخنىڭ سۇدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەم فوتوسىنتېزنىڭ بايقىلىشىغا ئاساس سالغان. ئۇ ھەم «گاز» دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان خىمىك.

ئىزاھات: ئۇنىڭ تەجىرىبىسى مۇنداق: ئۇ بىر دەرەخنى ئوخشاش مىقداردىكى تۇپراقتا ئۆستۈرۈپ ئۇدا بەش يىل كۆزەتكەن. ئۇ دەرەخ بەش يىلدا ئېغىرلىقى جەمئىي 74 كىلوگرام ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۇپراقنىڭ مىقدارى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن، لىكىن بۇ سان دەل ئۇ بەش يىل جەريانىدا دەرەخكە قۇيغان سۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇ دەرەخ سۇدىن ئۆسىدۇ، دىگەن يەكۈننى چىقارغان.



1628: ۋىللىيام خارۋېي «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قېنىنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدە ئانوتومىيلىك تەجىرىبىلەر» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان.



1651:  ۋىللىيام خارۋېي سۈت ئەمگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھايۋانلار تۇخۇمدىن يىتىلىدۇ ھەم ھەر قانداق ھايۋاننىڭ تۇپراقتىن ياكى باشقا ئاجراتىمىلاردىن ئۆزلۈكىدىن كۆپيىىشى مۇمكىن ئەمەس، دىگەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.



1658: جەن سۋاممېردام قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىنى كۆزىتىدۇ.



1663: روبېرت خوك مېكروسكوپتا پۇرۇپكىدىكى ھۆجەيرىلەرنى كۆرىدۇ.



1668: فىرانسېسكو رېدى ئۆزلۈكىدىن كۆپيىش نەزەرىيىسىنى تەجىرىبە ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئۇ چېۋىن لىچىنكىسىنىڭ پەقەت ئىچىدە گۈش بار قۇتىنىڭ ئېغىزى ئوچۇق بولسا ئاندى گۆشنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى، لىكىن قۇتىنىڭ ئېغىزى ئېتىلگەن بولسا ھەرگىزمۇ چېۋىن لىچىنكىسىنىڭ پەيدا بولمايدىغانلىقىنى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ.



1672: مارسېللو مالپگى چۈجىنىڭ قانداق يىتىلىدىغانلىقىنى، مۇسكۇللارنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى، قان-ئايلىنىش ۋە مېڭە شسىستىمىسىنىڭ قانداق بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.



1676: ئانتون ۋان لىيۇۋېنخوك پروتوزا (يەككە ھۆجەيرىلىك جانلىقلار) نى كۆزىتىدۇ ۋە ئۇلارنى animolecules دەپ ئاتايدۇ.



1677: ئانتون ۋان لىيۇۋېنخوك ئىسپىرمانى كۆزىتىدۇ.



1683: ئانتون ۋان لىيۇۋېنخوك باكتېرىيەنى كۆزىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كۆزىتىشلىرى مىكرو جانلىقلارنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.





1700-1799



1767: كاسپار فرېدرىك ۋولف يىتلىۋاتقان چۆجىنىڭ توقۇلمىلىرىنىڭ يوقتىن تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ھەرگىزمۇ تۇخۇمدا ئاللىقاچان بار بولغان تۈزۈلۈشلەردىن ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1768: لاززارو سپالانزانى يەنە بىر قىتىم تەجىرىبە ئىشلەپ ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كىلىش (كۆپىيىش) نىڭ خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ قاينىغان شورپىنى دەرھال بىر باكتىرىيەسىزلەشتۈرۈلگەن پروبىركىغا يۆتكەپ سوۋۇتۇپ كۆزەتسە ھەرگىزمۇ بىر جانلىقنىڭ ئۆسۈپ چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇ يەنە ئۇرۇقلىنىش ئۈچۈن بىر تۇخۇمدىن بۆلەك يەنە مەنىي (ئىسپىرمانى ساقلايدىغان) نىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.



1771: جوسېف پرىستلىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايۋاناتلار سۈمۈرىدىغان (ئىستىمال قىلىدىغان) بىر خىل گازنى قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى بايقىغان،ھەم بۇ گازلارنىڭ ئوكسىگېن بىلەن كاربون IV ئوكسىدى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1798: توماس مالتۇس ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا «نوپۇسنىڭ قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا بايان» دىگەن كىتابنى يازغان. بۇ كىتاپ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار كىينىچە چارلىز دارۋىن ۋە ئەلفىردە راسسېل ۋاللېس ئوتتۇرىغا قويغان «تەبىئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسنى زۆرۈر ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەن.





1800-1899



1801: جېين باپتېستى لامارك ئومۇرتقۇسىز ھايۋانلار تاكسونومىيسى ئۈستىدىكى تەپسىلىي تەتقىقاتلىرىنى باشلىغان.



1802: «بىئولوگىيە» دىگەن ئىسىم تۇنجى بولۇپ ھازىرقى زاماندىكى مەنسىدە گوتفرېد رېيىنخولد ترېۋىرانۇس ۋە لامارك تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئىسىمنى تۇنجى بولۇپ كارل فىرېيدرىك بۇرداك 1800-يىلى ئىجاد قىلغان.



1809: لامارك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئېرسىيەت قىلىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەدرىجىي تەرەققىيات يىڭى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1817: پىيىرى-جوسېف پېللىتېر ۋە جوسېف بىيېنايمې كاۋېنتوۋ بىرلىكتە خلوروپىلنى ئايرىپ چىققان.

ئىزاھات: خلوروپىل بولسا ئۆسۈملۈكلەر فوتوسېنتىز ئىلىپ بىرىشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل يېشىل رەڭلىك پىگمېنت.



1820: كرىستىيان فىرېيىدرىك ناس «ناس قانۇنى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن: قان ئېقىش كېسىلى پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلىدۇ ھەم بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئېرسىيەت قالىدۇ.

ئىزاھات: قان توختىماسلىق كېسىلى بىر خىل ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئېرسىي كېسەللىك. بۇ كېسەل بىر X-خىروموسوملۇق يوشۇرۇن ئېرسىيەت قالىدىغان گېننىڭ ئاتا-ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت قىلىشى تۈپەيلى كىلىپ چىقىدىغان كېسەل بولۇپ، ئاياللاردا بىر جۈپ (ئىككى تال)  X-خىروموسوم بولىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلى تەرەپتە بۇ خىل كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېن بولسا ئاندىن قىزلىرىغا ئېرسىيەت قالالايدۇ؛ ئەكسىچە ئەرلەردە ئاران بىر تال  X-خىروموسوم بولغاچقا بۇ گېنگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەلگە مۇتلەق گېرىپتار بولىدۇ.



1824: ج ل پرېۋوست ۋە ج ب دۇماس مەنىي تەركىبىدىكى ئىسپىرمىلارنىڭ كىشىلەر بۇرۇن ئويلىغىنىدەك پارازىت قۇرتلار بولماستىن بەلكى ئورۇقلاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1826: كارل ۋون بار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىنىڭ تۇخۇمدا ئىكەنلىكىنى تىپىپ چىقىپ 200 يىلدىن بۇيانقى ئىنسانلارنىڭ تۇخۇمنى ئىزدەش دەۋرىگە خاتىمە بەرگەن.



1828: فىرېيدرك ۋوئېھلېر ئۇرىيەنى سېنتىزلىگەن؛ بۇ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قىتىم ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئانئورگانىك ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىپ تۇرۇپ سېنتىزلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



1836: تىئودور شىۋان ئاشقازان دىۋارىدىن پېپسىن دىگەن ئېنزىمنى بايقىغان. بۇ تۇنجى ئايرىپ ئېلىنغان ھايۋانلار ئېنزىمى بولۇپ قالغان. ئۇ گرىكچىدىكى پېپسى يەنى ھەزىم قىلىش مەنىسىدىكى سۆزدىن پايدىلىنپ پېپسىن دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان.



1837: تىئودور شىۋان ھاۋانى قىزىتسا ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.



1838: ماتىئاس شلەيدىن تۇنجى بولۇپ بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1839: تىئودور شىۋان بارلىق ھايۋانات توقۇلمىلىرى ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، دەپ خۇلاسىلىگەن. شىۋان بىلەن شىلەيدىن ھۆجەيرە ھاياتلىقنىڭ بىرلىكى دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.



1843: مارتىن باررىي تۇنجى بولۇپ ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرلىشىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ  Philosophical Transactions of the Royal Society (خانلىق جەمئىيەت پەلسەپە يىڭىلىقلىرى) ژورنىلىدا بىر بەتلىك ماقالە ئېلان قىلغان.



1856: لۇيىس پاستىر مىكروئورگانىزىملار ئېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئېيتقان.



1858: چارلىز دارۋىن ۋە ئەلفىرەد ۋاللېس ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەبىئىي تاللىنىش جەريانىدا «ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش» نەزەرىيسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. «تەدرىجىي تەرەققىيات» دىگەن سۆز پەقەت دارۋىننىڭ كىتابىنىڭ كىينىكى نەشىرلىرىدە ئىشلىتىلگەن.



1858: رۇدولف ۋېرچوۋ «بارلىق ھۆجەيرىلەر باشقا ھۆجەيرىلەردىن كەلگەن» دىگەن قاراشنى (يەنى Omnis cellula e celulla، بارلىق ھۆجەيرىلەر ھۆجەيرىلەردىن كىلىدۇ) ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنياغا داڭلىق «ھۆجەيرە نەزەرىيىسى» دەل شۇ ۋاقىتتا شىۋان ۋە شلەيدىننىڭ بارلىق جانلىقلار ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ؛ ۋېرچوۋنىڭ بارلىق ھۆجەيرىلەر ھۆجەيرىلەردىن كىلىدۇ؛ دىگەن قاراشلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.



1864: لۇيىس پاستىر ھۆجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىش قارىشىنى رەت قىلغان.



1865: گرېگور يوھان مېندېل نۇقۇت ئۆسۈملۈكىنى تەجىرىبە قىلىپ بارلىق ئېرسىيەتلەر بىر قانۇنغا ئىگە، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئايرىلىش پىرىنسىپى» نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ھەر بىر جانلىق بىر خۇسۇسىيىتى ئۈچۈن ئىككى گېن بار، بۇلار ئورگانىزىم تۇخۇم ياكى ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ «مۇستەقىل جۈپلىشىش پىرىنسىپى» نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: تۇخۇم ۋە ئىپىرما شەكىللىنىش جەريانىدا ھەر بىر جۈپلەشكەن گېنلار باشقا جۈپ گېنلاردىن مۇستەقىل ھالدا تارقىلىدۇ. مېندېلنىڭ بۇ گېنتىكا ئىلىمىدىكى يول ئاچقۇچ ئاساسلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالماي قالغاچقا ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۈمىدسىزلىنىش ئىچىدە قالدۇرىدۇ.



1869: فرېدرىك مىشېر ھۆجەيردە يادروسىدا يادرو كېسلاتاسىنى بايقىغان.



1876: ئوسكار ھېرتۋىگ ۋە ھېرمان فول ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇمغا كىرگەندىن كىين بۇ ئىككى ھۆجەيرىنىڭ يادرولىرى بىرلىشىپ بىر يىڭى تاق يادرونى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.



1884: ئېمىل فىشېر قەنتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەركىبىنى تەپسىلىي ئېنىقلاش تەتقىقاتىنى باشلىغان.



1892: ھانز درېيىش ئىككى ھۆجەيرە باسقۇچىدا تۇرۋاتقان دېڭىز كىرپىسى تۆرەلمىسىنى بۆلۈۋەتكەن (بۇ ئىككى ھۆجەيرىنى ئايرىۋەتكەن) ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىسى داۋاملىق بۆلۈنۈپ ئاخىرىدا ئىككى دېڭىز كىرپىسىگە ئايلانغان. بۇ ئارقىلىق ئۇ «ھۆجەيرىلەرنىڭ ئالدىن شەكىللىنىش» نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ھەر بىر ھۆجەيرە بىر جانلىقنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق» خۇسۇسىيتىگە ئىگە دەپ خۇلاسىلىغان.



1898: مارتىنۇس بېيجىرېنك فىلتىرلەش تەجىرىبىلىرى ئارقىلىق تاماكا تەمەچ كېسلىنىڭ باكتىرىيەدىنمۇ كىچىك بىر جانلىق تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ جانلىققا «ۋىرۇس» دىگەن ئىسىمنى قويغان.





1900-1949



1900: ئىككى بىئولوگ (ھىيۇگو دى ۋرېيىس ۋە كارل كورېنز) ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېندىلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى بايقىغان.



1902: ۋولتىر سۇتتون ۋە تىئادور بوۋېرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىروموسومنىڭ ئېرسىي ماتىرىياللارنى ساقلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە «بوۋېرى-سۇتتون نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالغان.



1905: ۋىللىيام باتېسون بىئولوگىيلىك ئېرسىيەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «گېنتىكا» دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان.



1906: مىكائىل سۋېت ئورگانىك ماددىلارنى ئايرىش ئۈچۈن خراماتوگرافىيە (بىر خىل خېمىيلىك ئارىلاشمىلارنى ئايرىش تېخنىكىسى) نى ئىجاد قىلغان.



1907: ئىۋان پاۋلوۋ شۆلگەي چىقىرىۋاتقان ئىتنىڭ شەرتلىك ئىنكاسىنى بايقىغان ۋە ھايۋاناتلاردا قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجىرىبە ئىشلىگەندىلا ئاندى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى توغرا بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىزاھات: ئۇنىڭ فىزىئولوگىيە پېنىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن 1904-يىللىق نوبېل مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى بىرىلگەن.



1907: ھېرمان ئىمىل فىشېر تۇنجى قېتىم سۈنىئىي ھالدا پىپتىد زەنجىرى (ئاقسىلنى تۈزگۈچى) نى سېنتىزلىگەن ھەم ئاقسىلنى تۈزگۈچى ئاساسىي بىرلىك بولغان ئامىنو كېسلاتالىرىنىڭ ئامىنو كېسلاتا رادىكاللىرى بىلەن باغلىنىپ پىپتىدا بېغىنى ھاسىل قىلىغدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1909: ۋىلېم  يوھانسېن «گېن» دىگەن سۆزنى ياسىغان.



1911: توماس خانت مورگان گېنلارنىڭ خىروموسومدا ياندىشىپ تىزىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1922: ئالىكساندىر ئوپارىن يەر شارىنىڭ دەسلەپكى ئاتموسفېراسىنىڭ مىتان، ئاممىياك، ھېدروگېن ۋە سۇ تامچىلىرىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇشۇ ماددىلارنىڭ بارلىق جانلىقلارنى تۈزگۈچى خام ئەشىيا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1926: جامىس سامنىر ئۇرىيە ئېنزىمىنىڭ بىر ئاقسىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1928: ئالىكساندىر فلېمىڭ تۇنجى ئانتىبىئوتىك (باكتىرىيەگە قارشى دورا) پېنىسېللىننى بايقىغان.



1929: فوبۇس لېۋېن يادرو كېسلاتاسىدا دىئوكسى رىبوزىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.



1929: ئېدۋارد دويسى ۋە ئادولف بۇتىناند مۇستەقىل ھالدا ئاياللىق جېنسىي ھورمۇن ئېستىروگېننى بايقىغان.

ئىزاھات: غەلىتە يىرى پەقەت ئادولف بۇتىناندقا بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1939-يىلىدىكى  نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى بىرىلگەن.



1930: جون خوۋارد نورتروپ ئېنزىم پېپسىننىڭمۇ بىر ئاقسىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.



1931: ئادولف بۇتىناند ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن ئاندېستېروننى بايقىغان.



1932: ھانز ئادولف كرەبىس «ئۇرىيە ئايلانمىسى» نى بايقىغان.



1933: تادىئۇس رېشتىيىن تۇنجى بايقالغان ۋىتامىن - ۋىتامىن C نى سېنتىزلەپ چىققان.



1935: رۇدولف شونھىيمېر دېيتروگېن (ئېغىر ھېدروگېن) نى ئىشلىتىپ چاشقان بەدىنىدىكى ماينى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.



1935: ۋېندېل سىتەنلىي تاماكا تەمەچ ۋىرۇسىنى كىرىستاللىغان.



1935: كونرەد لورېنز قۇشلارنىڭ ئۆگىنىش قىلمىشىنى تەسۋىرلىگەن.



1937: دوروسىي كروۋفۇت  خولىستېرولنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.



1937: ھانز ئادولف كرەبىس تىرى كاربوكسېل كېسلاتاسى ئايلانمىسىنى بايقىغان.



1937: گېنتىكا ۋە «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» ساھەسىدە، تىئودوسىيۇس دوبزانىسكىي خىروموسوم نەزەرىيىسى ۋە گۇرۇپپا گېنتىكىسىنى نىئو-دارۋېنىزىمنىڭ پىشىپ يىتىلگە سىستىمىسىدا تەبىئىي جانلىقلار گۇرۇپپىلىرىغا تەدبىقلىغان ۋە بۇنى جۇلىيان ھاكىسلىي تەرىپىدىن ئىجاد قىلغان سۆز «زامانىۋى نەزەرىيە» بىلەن ئىپادىلىگەن.



1938: مارجورىي كورتېنىي-لاتىمېر جەنۇبىي ئافرىقا قىرغىقىدا سېلاكانت بېلىقى (سۆڭەكلىك بېلىق، قىلتىرىقلىق ئەمەس) نى بايقىغان.



1940: دونالد گرىففېن ۋە روبېرت گالامبوس شەپەرەڭنىڭ «ئەكىس سادادىن ئورۇن بەلگىلىشى» نى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.



1942: ماكىس دېلبراك ۋە سالۋادور لۇرىيا باكتېرىيەنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا قارشىلىق شەكىللەندۈرەلىشى توساتتىن ئۆزگىرىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى، بەلكى مۇھىتقا ماسلىشىشتىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1944: ئوسۋالد ئاۋېرىي ئۆپكە ياللۇغى شارچىسىمان باكتىرىيەسى DNA دا ئېرسىي ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1944: روبېرت بېرنز ۋۇدۋورد ۋە ۋىللىيام ۋون ئېگىرىز دورىڭ بىرلىكتە خېنىننى بايقىغان.



1945: دوروسىي كروۋفۇت ھاجكېن پېنىسسېللىننىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.



1948: ئېرۋېن چارگاف DNA زەنجىرىدە گۇئانىننىڭ سانلىرى بىلەن سىېتوزىننىڭ سانلىرىنىڭ تەڭلىكى؛ ۋە ئادېنىننىڭ سانلىرى بىلەن تىمىننىڭ سانلىرىنىڭ تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.





1950-1969



1951: روبېرت روبېنسون ۋە جون كورنفورسلارنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە خولىستېرولنى سېنتىزلەپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. روبېرت  ۋۇدۋورد كورتىزوننى سېنتىزلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.



1951: فرەد سەنگېر، ھانز تۇپىي ۋە تەد تومپسون ئۈچەيلەن بىرلىكتە خروماتوگرافىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىنسۇلىننىڭ ئامىنو كېسلاتا رەت تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىققان.



1952: ئامرىكىلىق يىتىلىش بىئولوگىيە ئالىمى روبېرت برىگگس ۋە توماس كېڭ بىرلىكتە تەڭگىسىمان پاقا (يىلپىز پاقا) نىڭ تۆرەلمىسىدىن ھۆجەيرە يادروسىنى ئىلىپ، ئۇنى يادروسىزلانغان تۇخۇمغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۇنجى تۇنجى ئومۇرتقىلىق ھايۋاننى كلونلاپ چىققان. يەنە قانچە بەكرەك ئىندۇكسىيەلىنىپ بولغان تۆرەلمە ھۆجەيرسى يادروسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشىنى يىتەكلەشتىكى رولىنىڭ شۇنچە ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.



1952: ئالفىردە ھېرشىي  ۋە مارسا چېيىس DNA  نىڭ باكتىرىئوفاگ ۋىرۇسىدىكى ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.



1952: روسالىند فىرانكلىن X-نۇردا دېفراكسىيەلەش تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق DNA نىڭ 12nm دىئامېتىرغا ئىگە قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قوش بۇرمىنىڭ سىرتىدا فوسفاتلىق قەنتتىن تەشكىل تاپقان ئومۇرتقىدىن تۈزۈلگەنلىكى بايقىغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىككى فوسفاتلىق قەنتلىرىنىڭ ئالاھىدە بىر مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.



1953: فىرانكلىننىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، جامىس ۋوتسون ۋە فىرانسىس كرىك بىر فوسفاتلىق قەنت ئومۇرتقىسى بىلەن يەنە بىرى قارشى يۆنىلىشتە سوزۇلغان DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشىنى تىپىپ چىققان. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا DNA مولىكۇلاسىنىڭ ئۆزىنى نۇسخىلاش ۋە ئېرسىي ماتىرىياللارنى يەتكۈزۈش مىخانىزىمنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ماقالىسى ھېرشىي-چېيس تەجىرىبىسى ۋە چارگافنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاخىرى بىئولوگلارنى ئاقسىل ئەمەس بەلكى DNA نىڭ ھەقىقىي ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈدى.



1953: سىتەنلىي مىللېر بىر سۇ، مىتان، ئاممىياك ۋە ھېدروگېن قاچىلانغان نەيچىنى تەقلىدا قىلىنغان چاقماق ئارقىلىق سوقسا ئامىنو كېسلاتالىرىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1954: دوروسىي كروۋفۇت ھاجكېن ۋىتامىن B12 نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.



1955: ماررىيان گرانبېرگ-ماناگو ۋە سېۋىرو ئوكا يادرو كېسلاتاسى سېنتىزلىنىشىدە رول ئوينايدىغان تۇنجى ئېنزىم (پولىنۇكلىئوتىد فوسفورلاشتۇرۇش ئېنزىمى) نى بايقىغان.



1955: ئارتۇر كورنبېرگ DNA پولىمېرىس ئېنزىمىنى بايقىغان.



1958: جون گۇردون ئافرىقا پەنجىلىك پاقىسىنى يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق كلونلىغان. بۇ تۇنجى قېتىملىق تولۇق ئىندۇكسىيەلەنگەن ھۆجەيرە يادروسىنى ئىشلىتىپ بىر ئومۇرتقىلىق ھايۋاننى كلونلاش ھېسابلىنىدۇ.



1958: ماسىيۋ ستەنلىي مېسېلسون ۋە فرانكلىن سىتال ئۆزلىرىنىڭ مېسېلسون-سىتال تەجىرىبىسى ئارقىلىق DNA نۇسخىلىنىشىنىڭ

يىرىم ساقلىنپ قالىدىغان جەريان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.



1959: ماكىس پېرۇتز ئوكسىگېنلانغان ھېموگلوبىننىڭ تۈزۈلۈش مودېلىنى تىپىپ چىقىقان.



1960: جون كېندروۋ مۇسكۇلدىكى ئوكسىگېن يەتكۈزگۈچى ئاقسىل مىيوگلوبىننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىققان.



1960: تۆت مۇستەقىل تەتقىقاتچى ( س ۋېيىس، ج ھۇرۋېتىس، ئادۇرېي سىتىۋىنز، ج بونېر) DNA نى نۇسخا قىلىپ تۇرۇپ RNA نى سېنتىزلەيدىغان باكتىرىيە RNA پولىمىرىنى بايقىغان.



1960: روبېرت ۋۇدۋورد خلورپىلنى سېنتىزلىگەن.



1961: ج خېينرىك ماتايې ماناگونىڭ 1955-يىلىدىكى پولى نۇكلىئوتىد ياسايدىغان ئېنزىم سىستىمىسىنى ئىشلىتىپ تۇنجى گېن سېفىرى (ئامىنو كېسلاتاسى فېنىلئالانېننى ياسايدىغان گېن سېفىرى) نى يەشكەن.



1966: سىناق-ۋە-خاتالىق تەجىرىبە سىستىمىسى ئارقىلىق بارلىق گېنتىكىلىق سېفىرلار يېشىلگەن.



1966: كىماشىگې ئىشىزاكا يىڭى بىر زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  شارچىسىمان ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىلى IgE نى بايقىغان ۋە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ مولىكۇلالىق، ھۆجەيرە مېخانىزىملىرىنى ئېىنقلاپ چىققان.



1966: لىن مارگۇلىس ئېندوسمبىيوتىك (بىر جانلىقنىڭ ئىچىدە يەنە بىرى بىللە ياشايدىغان مۇناسىۋەت) نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرولۇق ھۆجەيرىلەرنىڭ بىر توپ ئىپتىدائىي يادروسىز ھۆجەيرىلەرنىڭ سىمبىيوتىك (بىللە ياشايدىغان) توپلىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.



1968: فرەد سانگېرڭتەرتىپىنىيېشىشتە ئېنقلاشتا خراماتوگورىيەدە رادىئوئاكتىپلىق فوسفورنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىپ 120 ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقىدىكى RNA تەرتىپىنى يېشىپ چىققان.



1969: دوروسىي كروۋۇت ھاجكېن ئىنسۇلىننىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىققان.





1970-1989



1970: ھامىلتون سىمىس ۋە دانىيال نەيسىنز DNA چەكلىگۈچى ئېنىزىمى (DNA restriction enzyme) نى بايقىغان.



1970: ھوۋراد تىمىن ۋە داۋېد بالتىمور مۇستەقىل ھالدا تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم (reverse transcriptase) نى بايقىغان.



1972: سېيمۇر جوناسېن سىنگېر ۋە گارس ل نىكولسېن بارلىق ھۆجەيرىلەرنىڭ ھۆجەيرە پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرىدىغان fluid mosaic model سۇيۇق تەمەچ مودىلى؟ (بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم، شۇڭا مۇشۇنداق ئالغاچ تۇردۇم، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار) نى بارلىققا كەلتۈرگەن.



1972: ستىۋېن جەي گوۋلد ۋە نىلېس ئېلدرىج «بۆلۈنمە مۇۋازىنەت» دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىڭى پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى: قەدىمىي تاش قالدۇقلار بولسا تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى، يەنى قىسقا مەزگىللىك جىددى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىلىق بۆلۈنمە دەۋىرلەرنى ھاسىل قىلغان بىر ئۇزۇن مەزگىللىك «ئىزىدا توختاش» جەريانىنى،  ناھايتى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.



1972: ئالبېرت ئېسكېنموسېر ۋە روبېرت ۋۇدۋورد ۋىتامىن B12 نى سېنتىزلىگەن.



1974: مانفىرەد ئىيگېن ۋە مانفىرەد سامپېر نۇكلىئوتىد مونومېرلىرى بىلەن RNA نۇسخىلىغۇچى ئېنزىم (RNA replicase) نى ئارىلاشتۇرسا كۆپيىدىغان، توساتتىن ئۆزگىرىدىغان ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغان RNA مولىكۇلىسىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1974: لېسلىي ئورگېل RNA نىڭ RNA نۇسخىلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ياردىمىسىز ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا سىنك (Zn) نىڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1977: جون كورلېس ۋە باشقا ئون ئاپتۇر بىرلىكتە گالاپاگوس يانار تاغلىرىدىكى ھەرىكەتچان ۋولقان ئېتىپ چىقىرىدىغان سۇلۇق رايوندىكى يىرىم سۇدا ياشايدىغان ئىسسىق سۇ ھايۋانلىرىنى بايقىغان.



1977: ۋولتېر گىلبېرت ۋە ئالېن ماكسېم گېننى كلونلاش، ئىشقارنى بۇزغۇچى خىمىيىلىك دورىلار ۋە يېلىم ئېلېكتروفورېزى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تىز سۈرئەتتە گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلايدىغان ئۇسۇلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.



1977: فرەدرىك سانگېر ۋە ئالېن كوۋلسېن دى دىئوكسىي نۇكلىئوتىد ئىشلتىتىپ يېلىم ئېلېكتروفورېزى ئارقىلىق تىز تىز سۈرئەتتە گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلايدىغان ئۇسۇلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.



1978:  فرەدرىك سانگېر ۋىرۇس PhiX174 نىڭ 5،386 ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقىدىكى تولۇق گېنوم (گېن گۇرۇپپىسى) لىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېنقلاپ چىققان. بۇ تۇنجى تولۇق گېنومى ئېنقلانغان جانلىق بولۇپ قالغان.



1982: سىتانلى ب پۇرسېنېر بىر خىل يۇقۇملۇق ئاقسىل، يەنى «پرىئون» لارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1983: كارىي مۇللېس پولىمىرېس زەنجىرسىمان رىئاكسىيەسى (PCR (polymerase chain reaction نى، يەنى ئاپتوماتىك ھالدا DNA نى تىزلىكتە كۆپ مىقدرادا نۇسخىلىيالايدىغان تېخنىكىنى ئىجاد قىلغان.



1984: ئالېك جېففېرېيز گېنتىكىلىق بارماق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى بارلىققا كەلتۈرۈگەن.



1986: ئالىكساندىر كلىبانوۋ ئېنزىملارنىڭ سۇسىز مۇھىتتىمۇ فۇنكىسيەسىنى جارى قىلدۇرلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.





1990- 2002



1990: فرەنچ ئاندېرسون قاتارلىقلار تۇنجى قېتىملىق تەستىقتىن ئۆتكەن گېنتىكىلىق داۋالاشنى مۇۋاپىققىيەتلىك ئورۇنلىغان.



1990: ناپولى، لېمىيۇكىس ۋە جورگېنسون قاتارلىقلار ھەشىقپىچەكنىڭ رەڭ تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ بىرىۋاتقاندا  RNA ئنتېرفېرىيىنىس (RNAi) نى بايقىغان.



1995: بىر مۇستەقىل ياشايدىغان جانلىقنىڭ تولۇق گېنومى (گېن گۇرۇپپىلىرى تەرتىپى) ئېلان قىلىنغان.



1996: بىر يىتلگەن جانلىق - «دولىي» ئىسملىك قوي كلونلانغان.



1999: پېنسېلۋانىيە ئۇنىۋىرستىتى ئىنسان گېنتىكىلىق داۋالاش ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر قېتىملىق گېنتىكىلىق داۋالاش سىنىقىدا تەساددىپىي جېسسىي گېلسىنگېرنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن FDA (ئامرىكا يىمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى ئىدارىسى) تەرپىدىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق گېنتىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىشى چەكلەنگەن.



2001: ئىنسانلار تولۇق گېنومى ئېلان قىلىنغان



2002: تۇنجى ۋىرۇس سۈنئىي ھالدا سېنتىزلەپ چىقىلغان، بۇ بىر پولىيو (بالىلار پارالچ كېسىلى ۋىرۇسى) بولۇپ چاشقاندا سىناق قىلغاندا چاشقاننى مېيىپ قىلىپ قويغان.





http://en.wikipedia.org/wiki/Timeline_of_biology_and_organic_chemistry



2002-يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرلەشلەر تېخى يىلنامە قىلىپ يىزىلمىغان. لىكىن مېنىڭ مۇشۇ تىمىغا يانداش يىزىلغان بىئولوگىيەگە ئائىت نوبېل مۇكاپاتى بىرىلگەن تەتقىقات ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تىزىملىكىگە قارىساڭلار ئۆتكەن ئون يىلدىكى مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولالايسىلەر.







بۇ تىمىدا ۋە نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدىكى يازمامدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھەر بىر ئالىمدا بىز ئۆگەنسەك بولىدىغان تەرەپلەر ناھايتى كۆپ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئېتىقادى بىز ئويلىنىپ كۆرۈشكە تىگىشىلىك ئىش، دەپ قارايمەن. مەن بۇ ئالىملارنىڭ پەقەت ئون-يىگىرمىسىنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇغان. لىكىن مۇشۇ تىزىملىككە قاراپ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇپ چىقىمەن. بۇ كىشىلەر توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا ھەممىزنى خەۋەردار قىلغايسىلەر، ئۆز-ئارا ھەمسۆھبەر بولۇپ ئۆگىنىمىز.



سالام بىلەن:  بىلگەجان (سەپەر ئېيىنىڭ 29-كۈنى)

anayurtum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 08:47:14

{:106:}  \"\"

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 08:50:41

رەھمەت

خېلى كۆپ نەرىلەرنى بىلىۋالدىم

ئەسلى شەرقتىن تارقىلىپتىكەندە

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 09:06:20

ئەجىر - مىھنەت سىڭگەن مۇشۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىمىلىرى مەزمۇنىدىكى تېمىلارغا ئەلانى باسماي دېسەممۇ ئامالسىز بېسىلىپ كېتىپ قالىدۇ . قېنى ھە تورداشلار ھە ھۇ دىيىشىپ ئەلانى بېسىپ قويمايلىمۇ ؟ گەپ سۆزلەرنىڭ ئۇرانىدىن قارىغاندا بۇ تېما تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا قاراپ داۋاملىشىدىغان چىراي .



ئۇيغۇربالىغ ئۇكەم ، ئۇستازدىن بىرنى تاپقاندا ئۆز كەسپىڭدە كاللاڭدا مۈجىمەل بولۇپ قالغان جايلارنى سورىۋالمامسەن ؟

بىئولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىكى دوستلارنىڭ ئۆز - ئارا سۇئال جاۋاپ تەرىقىسىدە ئىنكاس يېزىپ ، بىزگە ئوخشاش كەسىپ ئەھلى ئەمەسلەر ئۈچۈن دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى ئايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 09:55:29

بۇ قىسقىچە تارىختىن قارىغاندا بىئولوگىيە پېنى دەسلەپتە يۇنان رىمدىن باشلىنىپ ئارىلىقتا ئاسىيادا راۋاجلىنىپ ئاندىن ياۋرۇپادا تەرەققى قىپتۇ ...كەسپىمگە ئائىت كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،رەھمەت ! \"\"

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 14:28:27

بۇ بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ. داۋامىغا تەشنامىز.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 14:35:45

مەنمۇ بىر نەرسە يېزىپ قويسام بولامدۇ نېمە؟... ئىچىم قىززىپ قالدى.  {:92:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 14:41:13

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

ياخشى قىلىپسىز، تېمىنى ئاچماستىنلا سىزنى يازدىمىكى دىگەنتىم...

asabi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 16:25:38

ياخشى. داۋامى بولسا يەنە كۆرىمىز.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 16:52:56

مېنىڭ خىيالىمدا بىئولوگىيە، مېدېتسىنا دىگەنلەر مىسىردىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان دەپ ئويلايمەنغۇ،

zeper يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 19:13:11

ئاخىرى ئېچىلىپتۇ دە .ئىزدىنىش ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم.ۋاي باما ئۆزلە.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 20:10:49

ئىزدىنىش ئېچىلىپلا قالتىس ياخشى بىر تېما كەپتۇ ...

panda يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 20:45:30

يەنە ئىچىلىپتۇ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قارا كاپىرلانىڭ تور بىتى . بۇۋىم- مۇللاملانى مەسخىرە قىلش مۇسابقىسى قاچان باشلىنار ئەمدى ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 20:55:36

{:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}  پەندانىڭ ئاغزى ئېچىلىپتىغۇ يەنە

سۈپىتىمىزگە «دەرىجىدىن تاشقىرى» دېگەن گەپ قوشۇلۇپتۇ

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 21:38:41

3- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەجىر - مىھنەت سىڭگەن مۇشۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىمىلىرى مەزمۇنىدىكى تېمىلارغا ئەلانى باسماي دېسەممۇ ئامالسىز بېسىلىپ كېتىپ قالىدۇ . قېنى ھە تورداشلار ھە ھۇ دىيىشىپ ئەلانى بېسىپ قويمايلىمۇ ؟ گەپ سۆزلەرنىڭ ئۇرانىدىن قارىغاندا بۇ تېما تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا قاراپ داۋاملىشىدىغان چىراي .


===========


@Pinhan، رەھمەت. گېپىڭىز راست بولسا سىزنى بىر ئىشقا ئاۋارە قىلاي. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار مەزكۇر تىمانىڭ داۋامى بولۇپ، سىز باش تىمىغا چاپلاپ قويسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مىنەتتدار بولاتتىم. ئاندىن ماۋۇ ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر بۇنىڭدىن 3-4 ھەسسە كۆپ ئەجىر قىلىپ يازغان بىر تىمامنى يوللاپ قوياي، ئۇنىمۇ تەستىقلىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسسز.\"\" رەھمەت.



bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 21:43:47

6- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ بىر نەرسە يېزىپ قويسام بولامدۇ نېمە؟... ئىچىم قىززىپ قالدى. \"\"

=============


ئىچىڭىز ھېلىمۇ بەك تەستە قىززىيدىكەن \"\" سىزمۇ يىزىڭ، بىزمۇ سىزنىڭ پايدىڭىزنى كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە ئۆگىنپ باقايلى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 09:50:45

1700-1799

1767: كاسپار فرېدرىك ۋولف يىتلىۋاتقان چۆجىنىڭ توقۇلمىلىرىنىڭ يوقتىن تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ھەرگىزمۇ تۇخۇمدا ئاللىقاچان بار بولغان تۈزۈلۈشلەردىن ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1768: لاززارو سپالانزانى يەنە بىر قىتىم تەجىرىبە ئىشلەپ ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كىلىش (كۆپىيىش) نىڭ خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ قاينىغان شورپىنى دەرھال بىر باكتىرىيەسىزلەشتۈرۈلگەن پروبىركىغا يۆتكەپ سوۋۇتۇپ كۆزەتسە ھەرگىزمۇ بىر جانلىقنىڭ ئۆسۈپ چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇ يەنە ئۇرۇقلىنىش ئۈچۈن بىر تۇخۇمدىن بۆلەك يەنە مەنىي (ئىسپىرمانى ساقلايدىغان) نىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.



1771: جوسېف پرىستلىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايۋاناتلار سۈمۈرىدىغان (ئىستىمال قىلىدىغان) بىر خىل گازنى قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى بايقىغان،ھەم بۇ گازلارنىڭ ئوكسىگېن بىلەن كاربون IV ئوكسىدى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1798: توماس مالتۇس ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا «نوپۇسنىڭ قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا بايان» دىگەن كىتابنى يازغان. بۇ كىتاپ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار كىينىچە چارلىز دارۋىن ۋە ئەلفىردە راسسېل ۋاللېس ئوتتۇرىغا قويغان «تەبىئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسنى زۆرۈر ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەن.





1800-1899



1801: جېين باپتېستى لامارك ئومۇرتقۇسىز ھايۋانلار تاكسونومىيسى ئۈستىدىكى تەپسىلىي تەتقىقاتلىرىنى باشلىغان.



1802: «بىئولوگىيە» دىگەن ئىسىم تۇنجى بولۇپ ھازىرقى زاماندىكى مەنسىدە گوتفرېد رېيىنخولد ترېۋىرانۇس ۋە لامارك تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئىسىمنى تۇنجى بولۇپ كارل فىرېيدرىك بۇرداك 1800-يىلى ئىجاد قىلغان.



1809: لامارك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئېرسىيەت قىلىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەدرىجىي تەرەققىيات يىڭى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1817: پىيىرى-جوسېف پېللىتېر ۋە جوسېف بىيېنايمې كاۋېنتوۋ بىرلىكتە خلوروپىلنى ئايرىپ چىققان.

ئىزاھات: خلوروپىل بولسا ئۆسۈملۈكلەر فوتوسېنتىز ئىلىپ بىرىشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل يېشىل رەڭلىك پىگمېنت.



1820: كرىستىيان فىرېيىدرىك ناس «ناس قانۇنى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن: قان ئېقىش كېسىلى پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلىدۇ ھەم بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئېرسىيەت قالىدۇ.

ئىزاھات: قان توختىماسلىق كېسىلى بىر خىل ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئېرسىي كېسەللىك. بۇ كېسەل بىر X-خىروموسوملۇق يوشۇرۇن ئېرسىيەت قالىدىغان گېننىڭ ئاتا-ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت قىلىشى تۈپەيلى كىلىپ چىقىدىغان كېسەل بولۇپ، ئاياللاردا بىر جۈپ (ئىككى تال) X-خىروموسوم بولىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلى تەرەپتە بۇ خىل كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېن بولسا ئاندىن قىزلىرىغا ئېرسىيەت قالالايدۇ؛ ئەكسىچە ئەرلەردە ئاران بىر تال X-خىروموسوم بولغاچقا بۇ گېنگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەلگە مۇتلەق گېرىپتار بولىدۇ.



1824: ج ل پرېۋوست ۋە ج ب دۇماس مەنىي تەركىبىدىكى ئىسپىرمىلارنىڭ كىشىلەر بۇرۇن ئويلىغىنىدەك پارازىت قۇرتلار بولماستىن بەلكى ئورۇقلاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1826: كارل ۋون بار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىنىڭ تۇخۇمدا ئىكەنلىكىنى تىپىپ چىقىپ 200 يىلدىن بۇيانقى ئىنسانلارنىڭ تۇخۇمنى ئىزدەش دەۋرىگە خاتىمە بەرگەن.



1828: فىرېيدرك ۋوئېھلېر ئۇرىيەنى سېنتىزلىگەن؛ بۇ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قىتىم ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئانئورگانىك ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىپ تۇرۇپ سېنتىزلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



1836: تىئودور شىۋان ئاشقازان دىۋارىدىن پېپسىن دىگەن ئېنزىمنى بايقىغان. بۇ تۇنجى ئايرىپ ئېلىنغان ھايۋانلار ئېنزىمى بولۇپ قالغان. ئۇ گرىكچىدىكى پېپسى يەنى ھەزىم قىلىش مەنىسىدىكى سۆزدىن پايدىلىنپ پېپسىن دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان.



1837: تىئودور شىۋان ھاۋانى قىزىتسا ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.



1838: ماتىئاس شلەيدىن تۇنجى بولۇپ بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1839: تىئودور شىۋان بارلىق ھايۋانات توقۇلمىلىرى ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، دەپ خۇلاسىلىگەن. شىۋان بىلەن شىلەيدىن ھۆجەيرە ھاياتلىقنىڭ بىرلىكى دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.



1843: مارتىن باررىي تۇنجى بولۇپ ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرلىشىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ Philosophical Transactions of the Royal Society (خانلىق جەمئىيەت پەلسەپە يىڭىلىقلىرى) ژورنىلىدا بىر بەتلىك ماقالە ئېلان قىلغان.



1856: لۇيىس پاستىر مىكروئورگانىزىملار ئېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئېيتقان.



1858: چارلىز دارۋىن ۋە ئەلفىرەد ۋاللېس ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەبىئىي تاللىنىش جەريانىدا «ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش» نەزەرىيسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. «تەدرىجىي تەرەققىيات» دىگەن سۆز پەقەت دارۋىننىڭ كىتابىنىڭ كىينىكى نەشىرلىرىدە ئىشلىتىلگەن.



1858: رۇدولف ۋېرچوۋ «بارلىق ھۆجەيرىلەر باشقا ھۆجەيرىلەردىن كەلگەن» دىگەن قاراشنى (يەنى Omnis cellula e celulla، بارلىق ھۆجەيرىلەر ھۆجەيرىلەردىن كىلىدۇ) ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنياغا داڭلىق «ھۆجەيرە نەزەرىيىسى» دەل شۇ ۋاقىتتا شىۋان ۋە شلەيدىننىڭ بارلىق جانلىقلار ھۆجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ؛ ۋېرچوۋنىڭ بارلىق ھۆجەيرىلەر ھۆجەيرىلەردىن كىلىدۇ؛ دىگەن قاراشلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.



1864: لۇيىس پاستىر ھۆجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىش قارىشىنى رەت قىلغان.



1865: گرېگور يوھان مېندېل نۇقۇت ئۆسۈملۈكىنى تەجىرىبە قىلىپ بارلىق ئېرسىيەتلەر بىر قانۇنغا ئىگە، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئايرىلىش پىرىنسىپى» نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ھەر بىر جانلىق بىر خۇسۇسىيىتى ئۈچۈن ئىككى گېن بار، بۇلار ئورگانىزىم تۇخۇم ياكى ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ «مۇستەقىل جۈپلىشىش پىرىنسىپى» نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: تۇخۇم ۋە ئىپىرما شەكىللىنىش جەريانىدا ھەر بىر جۈپلەشكەن گېنلار باشقا جۈپ گېنلاردىن مۇستەقىل ھالدا تارقىلىدۇ. مېندېلنىڭ بۇ گېنتىكا ئىلىمىدىكى يول ئاچقۇچ ئاساسلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالماي قالغاچقا ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۈمىدسىزلىنىش ئىچىدە قالدۇرىدۇ.



1869: فرېدرىك مىشېر ھۆجەيردە يادروسىدا يادرو كېسلاتاسىنى بايقىغان.



1876: ئوسكار ھېرتۋىگ ۋە ھېرمان فول ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇمغا كىرگەندىن كىين بۇ ئىككى ھۆجەيرىنىڭ يادرولىرى بىرلىشىپ بىر يىڭى تاق يادرونى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.



1884: ئېمىل فىشېر قەنتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەركىبىنى تەپسىلىي ئېنىقلاش تەتقىقاتىنى باشلىغان.



1892: ھانز درېيىش ئىككى ھۆجەيرە باسقۇچىدا تۇرۋاتقان دېڭىز كىرپىسى تۆرەلمىسىنى بۆلۈۋەتكەن (بۇ ئىككى ھۆجەيرىنى ئايرىۋەتكەن) ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىسى داۋاملىق بۆلۈنۈپ ئاخىرىدا ئىككى دېڭىز كىرپىسىگە ئايلانغان. بۇ ئارقىلىق ئۇ «ھۆجەيرىلەرنىڭ ئالدىن شەكىللىنىش» نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ھەر بىر ھۆجەيرە بىر جانلىقنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق» خۇسۇسىيتىگە ئىگە دەپ خۇلاسىلىغان.



1898: مارتىنۇس بېيجىرېنك فىلتىرلەش تەجىرىبىلىرى ئارقىلىق تاماكا تەمەچ كېسلىنىڭ باكتىرىيەدىنمۇ كىچىك بىر جانلىق تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ جانلىققا «ۋىرۇس» دىگەن ئىسىمنى قويغان.





1900-1949



1900: ئىككى بىئولوگ (ھىيۇگو دى ۋرېيىس ۋە كارل كورېنز) ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېندىلنىڭ ئېرسىيەت قانۇنى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى بايقىغان.



1902: ۋولتىر سۇتتون ۋە تىئادور بوۋېرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىروموسومنىڭ ئېرسىي ماتىرىياللارنى ساقلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە «بوۋېرى-سۇتتون نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالغان.



1905: ۋىللىيام باتېسون بىئولوگىيلىك ئېرسىيەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «گېنتىكا» دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان.



1906: مىكائىل سۋېت ئورگانىك ماددىلارنى ئايرىش ئۈچۈن خراماتوگرافىيە (بىر خىل خېمىيلىك ئارىلاشمىلارنى ئايرىش تېخنىكىسى) نى ئىجاد قىلغان.



1907: ئىۋان پاۋلوۋ شۆلگەي چىقىرىۋاتقان ئىتنىڭ شەرتلىك ئىنكاسىنى بايقىغان ۋە ھايۋاناتلاردا قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجىرىبە ئىشلىگەندىلا ئاندى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى توغرا بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىزاھات: ئۇنىڭ فىزىئولوگىيە پېنىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن 1904-يىللىق نوبېل مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى بىرىلگەن.



1907: ھېرمان ئىمىل فىشېر تۇنجى قېتىم سۈنىئىي ھالدا پىپتىد زەنجىرى (ئاقسىلنى تۈزگۈچى) نى سېنتىزلىگەن ھەم ئاقسىلنى تۈزگۈچى ئاساسىي بىرلىك بولغان ئامىنو كېسلاتالىرىنىڭ ئامىنو كېسلاتا رادىكاللىرى بىلەن باغلىنىپ پىپتىدا بېغىنى ھاسىل قىلىغدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1909: ۋىلېم يوھانسېن «گېن» دىگەن سۆزنى ياسىغان.



1911: توماس خانت مورگان گېنلارنىڭ خىروموسومدا ياندىشىپ تىزىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1922: ئالىكساندىر ئوپارىن يەر شارىنىڭ دەسلەپكى ئاتموسفېراسىنىڭ مىتان، ئاممىياك، ھېدروگېن ۋە سۇ تامچىلىرىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇشۇ ماددىلارنىڭ بارلىق جانلىقلارنى تۈزگۈچى خام ئەشىيا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1926: جامىس سامنىر ئۇرىيە ئېنزىمىنىڭ بىر ئاقسىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1928: ئالىكساندىر فلېمىڭ تۇنجى ئانتىبىئوتىك (باكتىرىيەگە قارشى دورا) پېنىسېللىننى بايقىغان.



1929: فوبۇس لېۋېن يادرو كېسلاتاسىدا دىئوكسى رىبوزىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.



1929: ئېدۋارد دويسى ۋە ئادولف بۇتىناند مۇستەقىل ھالدا ئاياللىق جېنسىي ھورمۇن ئېستىروگېننى بايقىغان.

ئىزاھات: غەلىتە يىرى پەقەت ئادولف بۇتىناندقا بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1939-يىلىدىكى نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى بىرىلگەن.



1930: جون خوۋارد نورتروپ ئېنزىم پېپسىننىڭمۇ بىر ئاقسىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.



1931: ئادولف بۇتىناند ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن ئاندېستېروننى بايقىغان.



1932: ھانز ئادولف كرەبىس «ئۇرىيە ئايلانمىسى» نى بايقىغان.



1933: تادىئۇس رېشتىيىن تۇنجى بايقالغان ۋىتامىن - ۋىتامىن C نى سېنتىزلەپ چىققان.



1935: رۇدولف شونھىيمېر دېيتروگېن (ئېغىر ھېدروگېن) نى ئىشلىتىپ چاشقان بەدىنىدىكى ماينى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.



1935: ۋېندېل سىتەنلىي تاماكا تەمەچ ۋىرۇسىنى كىرىستاللىغان.



1935: كونرەد لورېنز قۇشلارنىڭ ئۆگىنىش قىلمىشىنى تەسۋىرلىگەن.



1937: دوروسىي كروۋفۇت خولىستېرولنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.



1937: ھانز ئادولف كرەبىس تىرى كاربوكسېل كېسلاتاسى ئايلانمىسىنى بايقىغان.



1937: گېنتىكا ۋە «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» ساھەسىدە، تىئودوسىيۇس دوبزانىسكىي خىروموسوم نەزەرىيىسى ۋە گۇرۇپپا گېنتىكىسىنى نىئو-دارۋېنىزىمنىڭ پىشىپ يىتىلگە سىستىمىسىدا تەبىئىي جانلىقلار گۇرۇپپىلىرىغا تەدبىقلىغان ۋە بۇنى جۇلىيان ھاكىسلىي تەرىپىدىن ئىجاد قىلغان سۆز «زامانىۋى نەزەرىيە» بىلەن ئىپادىلىگەن.



1938: مارجورىي كورتېنىي-لاتىمېر جەنۇبىي ئافرىقا قىرغىقىدا سېلاكانت بېلىقى (سۆڭەكلىك بېلىق، قىلتىرىقلىق ئەمەس) نى بايقىغان.



1940: دونالد گرىففېن ۋە روبېرت گالامبوس شەپەرەڭنىڭ «ئەكىس سادادىن ئورۇن بەلگىلىشى» نى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.



1942: ماكىس دېلبراك ۋە سالۋادور لۇرىيا باكتېرىيەنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا قارشىلىق شەكىللەندۈرەلىشى توساتتىن ئۆزگىرىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى، بەلكى مۇھىتقا ماسلىشىشتىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1944: ئوسۋالد ئاۋېرىي ئۆپكە ياللۇغى شارچىسىمان باكتىرىيەسى DNA دا ئېرسىي ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1944: روبېرت بېرنز ۋۇدۋورد ۋە ۋىللىيام ۋون ئېگىرىز دورىڭ بىرلىكتە خېنىننى بايقىغان.



1945: دوروسىي كروۋفۇت ھاجكېن پېنىسسېللىننىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.



1948: ئېرۋېن چارگاف DNA زەنجىرىدە گۇئانىننىڭ سانلىرى بىلەن سىېتوزىننىڭ سانلىرىنىڭ تەڭلىكى؛ ۋە ئادېنىننىڭ سانلىرى بىلەن تىمىننىڭ سانلىرىنىڭ تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.





1950-1969



1951: روبېرت روبېنسون ۋە جون كورنفورسلارنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە خولىستېرولنى سېنتىزلەپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. روبېرت ۋۇدۋورد كورتىزوننى سېنتىزلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.



1951: فرەد سەنگېر، ھانز تۇپىي ۋە تەد تومپسون ئۈچەيلەن بىرلىكتە خروماتوگرافىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىنسۇلىننىڭ ئامىنو كېسلاتا رەت تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىققان.



1952: ئامرىكىلىق يىتىلىش بىئولوگىيە ئالىمى روبېرت برىگگس ۋە توماس كېڭ بىرلىكتە تەڭگىسىمان پاقا (يىلپىز پاقا) نىڭ تۆرەلمىسىدىن ھۆجەيرە يادروسىنى ئىلىپ، ئۇنى يادروسىزلانغان تۇخۇمغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۇنجى تۇنجى ئومۇرتقىلىق ھايۋاننى كلونلاپ چىققان. يەنە قانچە بەكرەك ئىندۇكسىيەلىنىپ بولغان تۆرەلمە ھۆجەيرسى يادروسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشىنى يىتەكلەشتىكى رولىنىڭ شۇنچە ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.



1952: ئالفىردە ھېرشىي ۋە مارسا چېيىس DNA نىڭ باكتىرىئوفاگ ۋىرۇسىدىكى ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.



1952: روسالىند فىرانكلىن X-نۇردا دېفراكسىيەلەش تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق DNA نىڭ 12nm دىئامېتىرغا ئىگە قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قوش بۇرمىنىڭ سىرتىدا فوسفاتلىق قەنتتىن تەشكىل تاپقان ئومۇرتقىدىن تۈزۈلگەنلىكى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىككى فوسفاتلىق قەنتلىرىنىڭ ئالاھىدە بىر مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.



1953: فىرانكلىننىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، جامىس ۋوتسون ۋە فىرانسىس كرىك بىر فوسفاتلىق قەنت ئومۇرتقىسى بىلەن يەنە بىرى قارشى يۆنىلىشتە سوزۇلغان DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشىنى تىپىپ چىققان. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا DNA مولىكۇلاسىنىڭ ئۆزىنى نۇسخىلاش ۋە ئېرسىي ماتىرىياللارنى يەتكۈزۈش مىخانىزىمنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ماقالىسى ھېرشىي-چېيس تەجىرىبىسى ۋە چارگافنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاخىرى بىئولوگلارنى ئاقسىل ئەمەس بەلكى DNA نىڭ ھەقىقىي ئېرسىي ماددا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈدى.



1953: سىتەنلىي مىللېر بىر سۇ، مىتان، ئاممىياك ۋە ھېدروگېن قاچىلانغان نەيچىنى تەقلىدا قىلىنغان چاقماق ئارقىلىق سوقسا ئامىنو كېسلاتالىرىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1954: دوروسىي كروۋفۇت ھاجكېن ۋىتامىن B12 نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى بايقىغان.



1955: ماررىيان گرانبېرگ-ماناگو ۋە سېۋىرو ئوكا يادرو كېسلاتاسى سېنتىزلىنىشىدە رول ئوينايدىغان تۇنجى ئېنزىم (پولىنۇكلىئوتىد فوسفورلاشتۇرۇش ئېنزىمى) نى بايقىغان.



1955: ئارتۇر كورنبېرگ DNA پولىمېرىس ئېنزىمىنى بايقىغان.



1958: جون گۇردون ئافرىقا پەنجىلىك پاقىسىنى يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق كلونلىغان. بۇ تۇنجى قېتىملىق تولۇق ئىندۇكسىيەلەنگەن ھۆجەيرە يادروسىنى ئىشلىتىپ بىر ئومۇرتقىلىق ھايۋاننى كلونلاش ھېسابلىنىدۇ.



1958: ماسىيۋ ستەنلىي مېسېلسون ۋە فرانكلىن سىتال ئۆزلىرىنىڭ مېسېلسون-سىتال تەجىرىبىسى ئارقىلىق DNA نۇسخىلىنىشىنىڭ

يىرىم ساقلىنپ قالىدىغان جەريان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.



1959: ماكىس پېرۇتز ئوكسىگېنلانغان ھېموگلوبىننىڭ تۈزۈلۈش مودېلىنى تىپىپ چىقىقان.



1960: جون كېندروۋ مۇسكۇلدىكى ئوكسىگېن يەتكۈزگۈچى ئاقسىل مىيوگلوبىننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىققان.



1960: تۆت مۇستەقىل تەتقىقاتچى ( س ۋېيىس، ج ھۇرۋېتىس، ئادۇرېي سىتىۋىنز، ج بونېر) DNA نى نۇسخا قىلىپ تۇرۇپ RNA نى سېنتىزلەيدىغان باكتىرىيە RNA پولىمىرىنى بايقىغان.



1960: روبېرت ۋۇدۋورد خلورپىلنى سېنتىزلىگەن.



1961: ج خېينرىك ماتايې ماناگونىڭ 1955-يىلىدىكى پولى نۇكلىئوتىد ياسايدىغان ئېنزىم سىستىمىسىنى ئىشلىتىپ تۇنجى گېن سېفىرى (ئامىنو كېسلاتاسى فېنىلئالانېننى ياسايدىغان گېن سېفىرى) نى يەشكەن.



1966: سىناق-ۋە-خاتالىق تەجىرىبە سىستىمىسى ئارقىلىق بارلىق گېنتىكىلىق سېفىرلار يېشىلگەن.



1966: كىماشىگې ئىشىزاكا يىڭى بىر زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شارچىسىمان ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىلى IgE نى بايقىغان ۋە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ مولىكۇلالىق، ھۆجەيرە مېخانىزىملىرىنى ئېىنقلاپ چىققان.



1966: لىن مارگۇلىس ئېندوسمبىيوتىك (بىر جانلىقنىڭ ئىچىدە يەنە بىرى بىللە ياشايدىغان مۇناسىۋەت) نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرولۇق ھۆجەيرىلەرنىڭ بىر توپ ئىپتىدائىي يادروسىز ھۆجەيرىلەرنىڭ سىمبىيوتىك (بىللە ياشايدىغان) توپلىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.



1968: فرەد سانگېرڭتەرتىپىنىيېشىشتە ئېنقلاشتا خراماتوگورىيەدە رادىئوئاكتىپلىق فوسفورنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىپ 120 ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقىدىكى RNA تەرتىپىنى يېشىپ چىققان.



1969: دوروسىي كروۋۇت ھاجكېن ئىنسۇلىننىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىققان.





1970-1989



1970: ھامىلتون سىمىس ۋە دانىيال نەيسىنز DNA چەكلىگۈچى ئېنىزىمى (DNA restriction enzyme) نى بايقىغان.



1970: ھوۋراد تىمىن ۋە داۋېد بالتىمور مۇستەقىل ھالدا تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم (reverse transcriptase) نى بايقىغان.



1972: سېيمۇر جوناسېن سىنگېر ۋە گارس ل نىكولسېن بارلىق ھۆجەيرىلەرنىڭ ھۆجەيرە پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرىدىغان fluid mosaic model سۇيۇق تەمەچ مودىلى؟ (بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم، شۇڭا مۇشۇنداق ئالغاچ تۇردۇم، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار) نى بارلىققا كەلتۈرگەن.



1972: ستىۋېن جەي گوۋلد ۋە نىلېس ئېلدرىج «بۆلۈنمە مۇۋازىنەت» دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىڭى پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى: قەدىمىي تاش قالدۇقلار بولسا تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى، يەنى قىسقا مەزگىللىك جىددى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىلىق بۆلۈنمە دەۋىرلەرنى ھاسىل قىلغان بىر ئۇزۇن مەزگىللىك «ئىزىدا توختاش» جەريانىنى، ناھايتى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.



1972: ئالبېرت ئېسكېنموسېر ۋە روبېرت ۋۇدۋورد ۋىتامىن B12 نى سېنتىزلىگەن.



1974: مانفىرەد ئىيگېن ۋە مانفىرەد سامپېر نۇكلىئوتىد مونومېرلىرى بىلەن RNA نۇسخىلىغۇچى ئېنزىم (RNA replicase) نى ئارىلاشتۇرسا كۆپيىدىغان، توساتتىن ئۆزگىرىدىغان ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغان RNA مولىكۇلىسىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.



1974: لېسلىي ئورگېل RNA نىڭ RNA نۇسخىلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ياردىمىسىز ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا سىنك (Zn) نىڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1977: جون كورلېس ۋە باشقا ئون ئاپتۇر بىرلىكتە گالاپاگوس يانار تاغلىرىدىكى ھەرىكەتچان ۋولقان ئېتىپ چىقىرىدىغان سۇلۇق رايوندىكى يىرىم سۇدا ياشايدىغان ئىسسىق سۇ ھايۋانلىرىنى بايقىغان.



1977: ۋولتېر گىلبېرت ۋە ئالېن ماكسېم گېننى كلونلاش، ئىشقارنى بۇزغۇچى خىمىيىلىك دورىلار ۋە يېلىم ئېلېكتروفورېزى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تىز سۈرئەتتە گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلايدىغان ئۇسۇلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.



1977: فرەدرىك سانگېر ۋە ئالېن كوۋلسېن دى دىئوكسىي نۇكلىئوتىد ئىشلتىتىپ يېلىم ئېلېكتروفورېزى ئارقىلىق تىز تىز سۈرئەتتە گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلايدىغان ئۇسۇلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.



1978: فرەدرىك سانگېر ۋىرۇس PhiX174 نىڭ 5،386 ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقىدىكى تولۇق گېنوم (گېن گۇرۇپپىسى) لىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېنقلاپ چىققان. بۇ تۇنجى تولۇق گېنومى ئېنقلانغان جانلىق بولۇپ قالغان.



1982: سىتانلى ب پۇرسېنېر بىر خىل يۇقۇملۇق ئاقسىل، يەنى «پرىئون» لارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



1983: كارىي مۇللېس پولىمىرېس زەنجىرسىمان رىئاكسىيەسى (PCR (polymerase chain reaction نى، يەنى ئاپتوماتىك ھالدا DNA نى تىزلىكتە كۆپ مىقدرادا نۇسخىلىيالايدىغان تېخنىكىنى ئىجاد قىلغان.



1984: ئالېك جېففېرېيز گېنتىكىلىق بارماق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى بارلىققا كەلتۈرۈگەن.



1986: ئالىكساندىر كلىبانوۋ ئېنزىملارنىڭ سۇسىز مۇھىتتىمۇ فۇنكىسيەسىنى جارى قىلدۇرلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.





1990- 2002



1990: فرەنچ ئاندېرسون قاتارلىقلار تۇنجى قېتىملىق تەستىقتىن ئۆتكەن گېنتىكىلىق داۋالاشنى مۇۋاپىققىيەتلىك ئورۇنلىغان.



1990: ناپولى، لېمىيۇكىس ۋە جورگېنسون قاتارلىقلار ھەشىقپىچەكنىڭ رەڭ تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ بىرىۋاتقاندا RNA ئنتېرفېرىيىنىس (RNAi) نى بايقىغان.



1995: بىر مۇستەقىل ياشايدىغان جانلىقنىڭ تولۇق گېنومى (گېن گۇرۇپپىلىرى تەرتىپى) ئېلان قىلىنغان.



1996: بىر يىتلگەن جانلىق - «دولىي» ئىسملىك قوي كلونلانغان.



1999: پېنسېلۋانىيە ئۇنىۋىرستىتى ئىنسان گېنتىكىلىق داۋالاش ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر قېتىملىق گېنتىكىلىق داۋالاش سىنىقىدا تەساددىپىي جېسسىي گېلسىنگېرنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن FDA (ئامرىكا يىمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى ئىدارىسى) تەرپىدىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق گېنتىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىشى چەكلەنگەن.



2001: ئىنسانلار تولۇق گېنومى ئېلان قىلىنغان



2002: تۇنجى ۋىرۇس سۈنئىي ھالدا سېنتىزلەپ چىقىلغان، بۇ بىر پولىيو (بالىلار پارالچ كېسىلى ۋىرۇسى) بولۇپ چاشقاندا سىناق قىلغاندا چاشقاننى مېيىپ قىلىپ قويغان.





http://en.wikipedia.org/wiki/Timeline_of_biology_and_organic_chemistry



2002-يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرلەشلەر تېخى يىلنامە قىلىپ يىزىلمىغان. لىكىن مېنىڭ مۇشۇ تىمىغا يانداش يىزىلغان بىئولوگىيەگە ئائىت نوبېل مۇكاپاتى بىرىلگەن تەتقىقات ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تىزىملىكىگە قارىساڭلار http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=54060)، ئۆتكەن ئون يىلدىكى مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولالايسىلەر.



بۇ تىمىدا ۋە نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدىكى يازمامدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھەر بىر ئالىمدا بىز ئۆگەنسەك بولىدىغان تەرەپلەر ناھايتى كۆپ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئېتىقادى بىز ئويلىنىپ كۆرۈشكە تىگىشىلىك ئىش، دەپ قارايمەن. مەن بۇ ئالىملارنىڭ پەقەت ئون-يىگىرمىسىنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇغان. لىكىن مۇشۇ تىزىملىككە قاراپ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇپ چىقىمەن. بۇ كىشىلەر توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا ھەممىزنى خەۋەردار قىلغايسىلەر، ئۆز-ئارا ھەمسۆھبەر بولۇپ ئۆگىنىمىز. سالام بىلەن: بىلگەجان

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 11:59:06

13- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\" \"\" \"\" \"\" پەندانىڭ ئاغزى ئېچىلىپتىغۇ يەنە

سۈپىتىمىزگە «دەرىجىدىن تاشقىرى» دېگەن گەپ قوشۇلۇپتۇ

ئاغزىدا ئامېرىكىنى تىللاپ، ئىچىدە ئامېرىكىغا ھەۋەس قىلغاندەك، بەزىلەر قارا كاپىرلارنىڭ تور بېتىنى تىللاپ، يەنە شۇ يەردىن ئايلىنىپ كېتەلمەيدىكەن. \"\" قاراكاپىرلار تورى ئېچىلىشى بىلەنلا، پالاقشىپ كىرىپتۇ.......\"\"

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-10 12:11:05

تېما بولار ماشتاق بولار. كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز. \"\"

بالدۇرراق ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگىنىدىغان ئىشكەنتۇقمۇ دەيمەن، بىلگەجان. \"\"

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 08:39:16

ياخشى تىما.پەننى ئۇقۇشلۇققا ئائىت تىمىلار كۆپرەك ياخشى بولاتتى
بەت: [1] 2
: بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى