چوكا مۇز توغرىسدا ياردەم؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر ..
ئاڭلىسام ئاقسۇ ۋە كۇچا تەرەپتە ئۇيغۇرلار ياسىغان چوكا مۇز زاۋۇتى بار دەيدۇ، ماڭا شۇلارنىڭ ئادىرسى ۋە ئالاقىلشىش نۇمۇرى كىرەك بولۇپ قالغان ئىدى بولسا شۇ تەرەپتە تورغا چىققان قىرىنداشلىمىز شۇلارنىڭ ئالاقە ئادىرسى ۋە ئالاقىلشىش نۇمۇرى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار تولىمۇ رازى بولار ئىدىم ...
ھەم باشقا شەھەردىكى ئۇيغۇرلار ياسىغان چوكا مۇز زاۋۇتى بار بولسا ئالاقە ئادىرسى ۋە ئالاقىلشىش نۇمۇرى بولسىمۇ بولىدۇ ...
بىلىدىغانلار سۈرۈشتۈرۈپ بېرىڭلار، ياز كەلدى، نارەسىدە بالىلارنىڭ ئەقلى بۇلغىنىپ كەتمىسۇن، ئۆزىمىزنىڭكى بولسا شۇنى يېسۇن. تىلىفۇن: 7221180 0998
يانفون: 13899103491
ئالاقىلاشقۇچى: مەھمۇت ھاجىم
زاۋۇت ئىسمى: مۈز تاغ سوغۇق يىمەكلىكلەر زاۋۇتى. ھەي مەنغۇ شاياردىن مەن ئۇخمايدىكەنمە {:106:} يەركەنىتتە بار، تېلىفۇن نومۇرى: 0998-8551855
ئىسىمى تازا ئېنىق يادىمدا قالماپتۇ، ئەمما جۈمە رۇزى دىگەندەك قىلىۋاتقان.
مەن ئىلگىرى سوغۇق ئىچىملىك ۋە چوكا مۇز توپ تارقىتىش تىجارىتىنى 7 يىل قىلغان، بەك جاپالىق، ئادەم كېچىسى ئۇخلىماي مال چۈشۈرۈپ كۈندۈزى ساتمىسا تېخى بولمىغان، ھەر يىلى يازدا توي قىلىمەن دەيمەن، يازدا تىجارەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ۋاقىت يوق، قىشتا توي قىلىشقا خۇش ياقماي بىكارچىلىقتا ئويناپ يۇرۇپ بىر دەمدە يەنە ياز كېلىۋاتقان، ئاخىرى چىدىماي توڭلۇتۇش ئىسكىلاتى ۋە باشقا ئۈسكۈنلەرنىڭ ھەممىسىنى چۇۋۇپلا ئۆيۈمگە تاشلاپ قويدۇم. چوكا مۇز توڭلۇتۇش زاۋۇتۇممۇ بار ئىدى، چوكا مۇز توڭلۇتۇش تېخنىكىسىدىنمۇ تولۇق خەۋىرىم بار.
يەركەنىتتىكى ھاجىمنىڭ زاۋۇتىغا بارغان ۋاقتىمدا چوكا مۇز قېلىپلىرىنى يېڭى ئەكىلپتىكەن، قېلىپلارنى داتلاشماس پولاتتىن ياسىتىپتۇ. مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن قېلىپلارنىڭ سىرتى مىس، ئىچىگە بىر قەۋەت ئاليۇمىن يالىتىلغان ئىدى، ئادەتتە چوكا مۇز قاتقاندىن كىيىن قېلىپنى ئېلىپ ئىسسىق سۇغا بىر سالساقلا چوكا مۇز قېلىپتىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، بەزىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدە دىيىلگىندەك «قېلىپنىڭ ئىچىنى چوشقىنىڭ مېيى بىلەن مايلىمىسا چوكا مۇز قېلىپتىن قانداق چىقىدۇ، مايلىمىسا قېلىپ چوكا مۇزنى تۇتۇۋالىدۇ» دىگەن گەپلىرىگە كۈلۈپلا قوياتتىم، ئۇ چوكا مۇزغا خۇدانىڭ سوغۇق سۈيى بىلەن شېكەر ئىشلىتەتتۇق.
3- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇلار ئىشلەپچىقارسىمۇ يەنىلا شۇ سۈزۈك يىلىمدىن ئايرىلالماسمىكىن ...
توغرا دېدىڭىز.
مەنمۇ بۇ مۇزكالتەكنى شۇنداق نەرسە بىلەن قىلمىسا بولمايدىكەن، شۇڭا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىلا بار دەپ ئاڭلىغان.
10 نەچچە يىل بۇرۇن بىز نىڭ يۇرتتا ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانچە قىلىپ سۈت بىلەن ياساپتىكەن. ياساپ بولۇپ قارىسا خەنزۇلار توپقا نەچچە پۇڭدىن ساتىدىغان چوكامۇز 5مو ئەتراپىدا بوپقاپتىكەن.ھەممە ئادەم ئەرزانغا ئامراق بوغاندىكىن ئۇلار چوكا مۇز ياسايدىغان زاۋۇتنى باشقىلارغا سېتىۋېتىپتىكەن. كىچكىمىزدە باللار بىلەن چوكامۇز ئوغۇرلايدىغان ئادىتىم يادىمغا يەتتى،،{:92:} ئۇنداق يلىملارنى ئىشلەتمەيمۇ راۋرۇس چوكا مۇزلارنى ياسىغىلى بولىدۇ لىكىن تەننەرخى بەكلا ئىشىپ كىتىدۇ
شۇڭا ئىشلەيدىغانلار ئاز بىزنىڭ يەكەن قۇمداڭدا بىرھاجىمنىڭ زاۋۇتى بارئىدى ھازىر بارمۇ يوق بىلمەيمەن
ئاڭلىسام ئىشەنچىلىك ئىكەن
بەت:
[1]