Mehrigiya يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 19:30:02

تۈركىيە فىلىمى ‹‹ئايرىلىش›› نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تەرجىمە قىلىنمىدى؟

ئۆتكەن يىلى تۈركىيىنىڭ
‹‹ئايرىلىش ›› ناملىق فىلىمىنى كۆرۈۋىدىن ، بىراق 12 قىسىملا چىقتى، مەزمۇنى
ياخشىتىكەن، كۇرتلار ۋادىسىنى ئىشلىگەن شېركەت
.panafilm شېركىتى ئىشلىگەن. تۈرك يىگىت يۇنۇس بىلەن
ئەرمەن قىزى مەريەم ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ۋەقەلىكى مەزمۇن قىلىنغان
فىلىم ئىدى ، نېمە سەۋەبتىن تەرجىمە قىلىنمىغاندۇ، تۈركچە توربەتتىن تاپتىم ،


http://www.panafilm.com/tr/ayrilik.html


لېكىن فىلىم قويۇلۇش
كۆزنىكى يوقكەن.
Youtube تور بېتى ئېچىلمىغاچقا خەلقئارا توردىن
كۆرەلمىدىم. بۇ فىلىمنى يوۇتۇبې دىن قانداق ئامال بىلەن كۆرگىلى بولار؟

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 22:32:37

بۇ فىلىم 26 قىسىم ئىشلەنگەن. كورتلا ۋادىسىدىكى ھېكمەت باش رولغا چىققان. بۇكىنونىڭ تەرجىمە قىلنىشى ناتايىن. ئاۋازلىق ھەرگىز تەرجىمە قىلمايدۇ، خەتلىك تەرجىمە قىلىشقا كىنونىي تەييار خېتى بولمىغاچقا ئاۋۋال ئاڭلاپ يېزىپ ئاندىن ۋاقىت ئۇقى بىكىتىپ قىلىشقا كۆپ كۈچ كىتىدۇ. تۇرانىم مۇنبىرىگە ئىلتىماس يازسىڭىز 26 قىسىمنى تېپىپ بىرلەيدىغانلارچىقىدۇ. يوتۇبىدىن كۆرۈش ئۈچۈن بەيدۇغا daili دەپ باسسىڭىز يوتۇبىنى ئېچىپ بىرەلەيدىغان توربىكەتلەر بار. ئەمما، ئويلىشىپراق ئاتلاڭ تۇلا تام ئاتلىغانلاردىن ساق قالغانلار ئازراق

anayurtum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 09:03:13

\"\"

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 09:07:01

بۇ بەك ئېسل كىنوتى . ھېلىقى بېلىقچىلىق قىلىمەن دەپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تۈرمىسىگە چۈشۈپ قالىدىغان يۈنۈس نىڭ كىنوسىما ؟ كېيىن ئايالىنى دادىسى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىدۇ . ئاندىن قىزى كېلىدۇ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ... مەنمۇ بەك ئىزدەپ كەتكەن بۇ كىنونى . كىنو باشلىنىش مۇزىكىسى بەك ياخشىتى .

qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 11:37:13

شۇنى دەڭە تەرجىمىسى چىقسا بولاتتى، مەنمۇ مۇشۇ كىنوغا بەك ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم... بۇ كىنودا مۇھەببەتتىن باشقا شۇ دەۋردىكى تۈرك-ئەرمەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 16:08:08



ئايرىلىش ، ئايرىلىش .......... ھەممىدىن يامان ئايرىلىش ... \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 06:52:04

9-قىسمىغا كەلدىم، لىكىن 9-قىسمىدىن باشلاپ كۆرۈش ئاددرىسى يوقكەن.قايسىڭلار بىلىسىلەر؟ \"\"
بەت: [1]
: تۈركىيە فىلىمى ‹‹ئايرىلىش›› نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تەرجىمە قىلىنمىدى؟