imperator يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 14:28:18

بۈيۈكلۈك مەنزىلى



بۈيۈكلۈك مەنزىلى








مەزكۇر ئەسىرىمنى روھى ئاق كىشىلەر ھېس قىلالايدۇ ، ئىلىم ئىگىلىرى چۈشىنەلەيدۇ ، قەلبى زۇلمەت كىشىلەر ئۈچۈن بۈيۈكلۈك مەنزىلىغا يېتىش ئىنسانغا مۇمكىن ئەمەس ، بۇگۈن بىز ئەدەبىي ئەسەر نوقتىسىدىن ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن ھالقىپ ئۆتىمىز ، ئوخچىغان تەپەككۈر بولمىسا ئىنسان بۇنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ ، مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم زاھىرى ئىلمى ۋە باتىنى ئىلمىدا يۈكسەلگەن ، ھەقىقەت ۋە شەرىئەتكە بارلىغىنى بېغىشلىغان ، پەزىلەت بىلەن روھىنى پاكلىغان ، قەلبىدىكى ھىدايەت نۇرى بىلەن باشقىلارنىڭ يۇلىنى يۇرۇتقان ، ياخشىلىقى بىلەن يامانلارنىڭ دىلىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان ، ئىنسانىيەت ئىچىدە كەم ئۇچىرايدىغان بۈيۈكلەرنىڭ دۇنياسى.







بۈيۈكلۈك مەنزىلىدە مەن كىشىلەرنى تۆت خىل توپقا بۆلدۈم.




بىرىنچىسى باشقىلارنىڭ بۈيۈكلىكىنى كۆرەلمەيدىغان ئىنسان ، ئىككىنچىسى بۈيۈكلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان ئىنسان ، ئۈچۈنچىسى بۈيۈكلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سىرداش بۇلىدىغان ئىنسان ، تۆتىنچىسى ئۆزى بۈيۈك مەنزىلگە تىرىشىدىغان ئىنسان.


ھۆرمەتنى ھەممە خالايدۇ ، ئەمما بىرىنچىسى ھۆرمەتنى تەتۈر چۈشىنىدىغان ھۆرمەتكە ياخشىلىق بىلەن ئەمەس قۇدرىتى يەتسە ياۋۇزلۇق بىلەن ، قۇدرىتى يەتمىسە يامانلىق بىلەن ئېرىشمەكچى بۇلۇپ ئەتراپىغا خوشامەتچىلەرنى يىغىپ شۇنى بۈيۈكلۈك ھېساپلايدىغان پەسكەش ئىنسان ، ئىككىنچىسى ئەخمەق ئىنسان ھەۋەسنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق ، بۈيۈكلەر بىلەن سىرداشسا ئۇنىڭغان نەپ تېگىدۇ ، بۈيۈكلەرنىڭ خۇش پۇرىقىدىن دىلى ھۇزۇر ئالىدۇ ، ئۈچۈنچىسى ئەقىللىق ئىنسان ئۇلار ياخشىلىق ئىچىدە ئۇلارنىڭ دىلى سۈزۈك كىشىلەر ، تۆتىنچىسى پەزىلەت نۇرى بىلەن زۇلمەتلىك قەلىبلەرنى يۇرۇتقان ،ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان ئىنسان .




جەمىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ ياشايدىغان مىليۇنلىغان ئىنسان بىلەن جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ياشايدىغان بىر ئىنسان تارازىدا تەڭ تۇرالايدۇ ، بۇ سۆزنى بىرىنچە ۋە ئىككىنچى خىل ئىنساننىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى كۆرسىمۇ ھەم ئاڭلىسىمۇچۈشەنمەيدۇ ، ئۈچۈنچى خىل كىشىلەر قەلبىنىڭ پاكىزلىقى ، ئەقلىنىڭ ساغلاملىقىغا چۇشلۇق چۈشىنىدۇ .







بۈيۈكلۈك مەنزىلى ھەقىقەت ئىلمى


كىچىك مۇتەپەككۈر......يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ؟


سەن ئۆزۈڭ تەپەككۈر قىلمىساڭ ساڭا پەرىشتە بىۋاستە ئۇستاز بولسىمۇ زەررەچىلىك ئىلىم ئۆگىنەلمەيسەن ، ھەمىشە تەپەككۈر بىلەن يۈرمەك ئىنساننى ئىلىم ئالىمىگە باشلاپ كىرىدۇ ، ئۇستازسىز ئۆگۈنۈش ئۆزى تاماق ئېتىپ يىگەنگە ئوخشايدۇ ، بۈيۈكلۈك مەنزىلىگە يەتكەن ئۇستازدىن ئۆگۈنۈش ئېتىپ بەرگەن تەييار تائامنى يىگەنگە ئوخشايدۇ ، تەپەككۈرنى ئاز قىلىش ئاز تامام يىگەنگە ، كۆپرەك قىلىش تۇيۇپ يىگەنگە ئوخشايدۇ ، زىيادە كۆپ قىلىپ چارچاپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل تەپەكۈر قىلمىسا ئەقلى ئۆلىدۇ ، ئۆلۈكنى تائام تىرىلدۈرەلمەيدۇ، كىچىكىدىن ئەقلىنى تەپەككۈر بىلەن قۇۋۋەتلەشكە ئادەتلەنمەك لازىم ، تەپەككۈر قىلغانچە ئىنساننىڭ باتىنى ئىلمى ئاشىدۇ ، ئىلمى ئاشقاندا ئۆزىگە خارلىق كەلتۈرگۈچى ئامىللاردىن قاچىدۇ ، خارلىق كەلتۈرگۈچى ئامىللار قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقۇتۇشتۇر.



بۈيۈكلۈك مەنزىلى شەرىئەت ئىلمى


روھىنى پاكلاش .....پەزىلەتتە ئاۋانگارت بۇلۇش




ھەممە ئىشتىكى ئەدەپ ساغلاملىقىڭ ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى پەزىلىتىڭ ۋە ياشاش سەنئىتىڭدىكى روھىڭنى پاكلاش بىلەن بۈيۈك بۇلىسەن ، ئىنسانى نوقتىدىن ئېيتقاندا پەزىلىتى مۇكەممەل بولسا ھەممە جەھەتتىن مۇكەممەل بولىدۇ ، مېھرىبان بۇلۇش بۈيۈكلۈكنىڭ نامايەندىسى ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئېيتقان ئىكەن << كىشىلەر سىلەرگە < قۇلۇم قوشنىلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار ، دۈشمىنىڭلارغا نەپرەتلىنىڭلار > دېسە مەن سىلەرگە : < دۈشمىنىڭلارنى سۆيۈڭلار ، سىلەرنى ئەزگەنلەر ئۈچۈن دۇئا قىڭلار دەيمەن >> بۇ سۆزنى راس ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئېيتقان بولسا بۇ يەردىكى دۈشمەن شەخشى دۈشمەننى كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر خەلقنىڭ ، شەرىئەتنىڭ ، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ دۈشمىنىنى سۆيسەك بىز شۇلار قاتارىغا ئۆتكەن بۇلىمىز ، مېھرىبان بۇلۇش باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى پەرۋىش قىلىشتۇر ، ئىنسانلارنى پەرۋىش قىلغان ئالىم ئىنسانلارنىڭ ئەزىزىدۇر ، ئىنسان بۈيۈك پەزىلىتى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمەت قوينىغا نائىل بولالايدۇ ، ئىبادەتتىكى ئىخلاسى ، خۇلىقىدىكى پەزىلىتى ئىنساننىڭ زاھىرى ئىلمىنى ئاشۇرىدۇ .زاھىرى ئىلمى ئېشىپ پەزىلىتى يۈكسەلگەنچە ئادەتتى ئىنسانلىقتىن ھېكمەتلىك ۋە مۆجىزىلىك ھاياتقا قەدەم قۇيىدۇ.






خاتىمە




نۇر - ھىدايەت قوينىدا ياشاۋاتقان ، كۈندۈزىدىكى ھەربىرنەپسى ، كېچىدىكى ئۇيقۇسىغىمۇ رەھمەتلەر يېغىپ تۇرىدىغان بىر ئىنساننىڭ گۈزەل دۇنياسىنى ھېس قىلىشىم بۇيىچە تەسۋىرلەي دېدىم بىراق ئىككى نوقتىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ھەقتە تىل تەۋرەتمىدىم ، بىرىنچىسى ئۆزۈم بۇنى روشەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن   ، ئىككىنچىسى قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تەسۋىرلىگەن ھالەتتىمۇ ، ھەربىر سورۇندىكى سۆھبىتى ئىلىمنى قايرىپ يۇمۇر - چاخچاقنى ئاساس قىلغان ، ھاياتنى ئىبادەتنىڭ تەركىبى ئەمەس ، ئىبادەتنى ھاياتنىڭ تەركىبى قىلغان ، مىسكىنلەرگە زاكات بېرىشنى راۋا كۆرمىگەن بىلەن نەپسانىيەتچىگە پارە بېرىشنى راۋا كۆرىدىغان ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش ئەمەس ئادەتتى ئادىمىيلىك يۇسۇنىنى بىلىدىغانلارمۇ ئاز بىر قەۋىم ، روھى پاكلىق ۋە مۆجىزىلىك ھاياتقا تۇلىمۇ يىراقتۇر.......ئەقىل ساھىپلىرى ئەسىرىمدىن شۇنى ھېس قىلىدۇكى...... بۈيۈكلۈك ۋە بەخىت ،پەزىلەت ۋە ئىخلاستىن كېلىدۇ .






----------------ئۇيغۇر يولۋىسى

anayurtum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 08:59:23

ۋاھ ....باشتىكى سۆرەت نىمانچە چىرايلق \"\" \"\"

imperator يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 09:50:27











بۈيۈكلۈك مەنزىلى





http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/567.gif





كىرىش سۆز



مەزكۇر ئەسىرىمنى روھى ئاق كىشىلەر ھېس قىلالايدۇ ، ئىلىم ئىگىلىرى چۈشىنەلەيدۇ ، قەلبى زۇلمەت كىشىلەر ئۈچۈن بۈيۈكلۈك مەنزىلىغا يېتىش ئىنسانغا مۇمكىن ئەمەس ، بۇگۈن بىز ئەدەبىي ئەسەر نوقتىسىدىن ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن ھالقىپ ئۆتىمىز ، ئوخچىغان تەپەككۈر بولمىسا ئىنسان بۇنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ ، مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم زاھىرى ئىلمى ۋە باتىنى ئىلمىدا يۈكسەلگەن ، ھەقىقەت ۋە شەرىئەتكە بارلىغىنى بېغىشلىغان ، پەزىلەت بىلەن روھىنى پاكلىغان ، قەلبىدىكى ھىدايەت نۇرى بىلەن باشقىلارنىڭ يۇلىنى يۇرۇتقان ، ياخشىلىقى بىلەن يامانلارنىڭ دىلىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان ، ئىنسانىيەت ئىچىدە كەم ئۇچىرايدىغان بۈيۈكلەرنىڭ دۇنياسى.





http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/02.gif



بۈيۈكلۈكتە سەلبى ۋە ئىجابى تەسىرى بار كىشىلەرنى تۆت خىل توپقا بۆلدۈم.





بىرىنچىسى باشقىلارنىڭ بۈيۈكلىكىنى كۆرەلمەيدىغان ئىنسان ، ئىككىنچىسى بۈيۈكلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان ئىنسان ، ئۈچۈنچىسى بۈيۈكلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سىرداش بۇلىدىغان ئىنسان ، تۆتىنچىسى ئۆزى بۈيۈك مەنزىلگە تىرىشىدىغان ئىنسان.



ھۆرمەتنى ھەممە خالايدۇ ، ئەمما بىرىنچىسى ھۆرمەتنى تەتۈر چۈشىنىدىغان ھۆرمەتكە ياخشىلىق بىلەن ئەمەس قۇدرىتى يەتسە ياۋۇزلۇق بىلەن ، قۇدرىتى يەتمىسە يامانلىق بىلەن ئېرىشمەكچى بۇلۇپ ئەتراپىغا خوشامەتچىلەرنى يىغىپ شۇنى بۈيۈكلۈك ھېساپلايدىغان پەسكەش ئىنسان ، ئىككىنچىسى ئەخمەق ئىنسان ھەۋەسنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق ، بۈيۈكلەر بىلەن سىرداشسا ئۇنىڭغان نەپ تېگىدۇ ، بۈيۈكلەرنىڭ خۇش پۇرىقىدىن دىلى ھۇزۇر ئالىدۇ ، ئۈچۈنچىسى ئەقىللىق ئىنسان ئۇلار ياخشىلىق ئىچىدە ئۇلارنىڭ دىلى سۈزۈك كىشىلەر ، تۆتىنچىسى پەزىلەت نۇرى بىلەن زۇلمەتلىك قەلىبلەرنى يۇرۇتقان ، ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان ئىنسان .



http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/02.gif



جەمىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ ياشايدىغان مىليۇنلىغان ئىنسان بىلەن جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ياشايدىغان بىر ئىنسان تارازىدا تەڭ تۇرالايدۇ ، بۇ سۆزنى بىرىنچە ۋە ئىككىنچى خىل ئىنساننىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى كۆرسىمۇ ھەم ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ ، ئۈچۈنچى خىل كىشىلەر قەلبىنىڭ پاكىزلىقى ، ئەقلىنىڭ ساغلاملىقىغا چۇشلۇق چۈشىنىدۇ .





http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/02.gif









بۈيۈكلۈك مەنزىل قەدىمىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلدۈم.





بىرىنچى بۈيۈكلۈك مەنزىلىگە قەدەم





كىچىك مۇتەپەككۈر......يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ؟



سەن ئۆزۈڭ تەپەككۈر قىلمىساڭ ساڭا پەرىشتە بىۋاستە ئۇستاز بولسىمۇ زەررەچىلىك ئىلىم ئۆگىنەلمەيسەن ، ھەمىشە تەپەككۈر بىلەن يۈرمەك ئىنساننى ئىلىم ئالىمىگە باشلاپ كىرىدۇ ،تەپەككۈر نادانلىقتىن قۇتۇلدىرىدۇ ، ئۇستازسىز ئۆگۈنۈش ئۆزى تاماق ئېتىپ يىگەنگە ئوخشايدۇ ، بۈيۈكلۈك مەنزىلىگە يەتكەن ئۇستازدىن ئۆگۈنۈش ئېتىپ بەرگەن تەييار تائامنى يىگەنگە ئوخشايدۇ ، تەپەككۈرنى ئاز قىلىش ئاز تامام يىگەنگە ، كۆپرەك قىلىش تۇيۇپ يىگەنگە ئوخشايدۇ ، زىيادە كۆپ قىلىپ چارچاپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل تەپەكۈر قىلمىسا ئەقلى ئۆلىدۇ ، ئۆلۈكنى تائام تىرىلدۈرەلمەيدۇ ، كىچىكىدىن ئەقلىنى تەپەككۈر بىلەن قۇۋۋەتلەشكە ئادەتلەنمەك لازىم ، تەپەككۈر قىلغانچە ئىنساننىڭ باتىنى ئىلمى ئاشىدۇ ، ئىلمى ئاشقاندا ئۆزىگە خارلىق كەلتۈرگۈچى ئامىللاردىن قاچىدۇ ، خارلىق كەلتۈرگۈچى ئامىللار قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقۇتۇشتۇر.









http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/02.gif







ئىككىنچى بۈيۈكلۈك مەنزىلىگە يېقىنلىشىش





روھىنى پاكلاش .....پەزىلەتتە ئاۋانگارت بۇلۇش





ھەممە ئىشتىكى ئەدەپ ساغلاملىقىڭ ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى پەزىلىتىڭ ۋە ياشاش سەنئىتىڭدىكى روھىڭنى پاكلاش بىلەن بۈيۈك بۇلىسەن ، ئىنسانى نوقتىدىن ئېيتقاندا پەزىلىتى مۇكەممەل بولسا ھەممە جەھەتتىن مۇكەممەل بولىدۇ ، مېھرىبان بۇلۇش بۈيۈكلۈكنىڭ نامايەندىسى ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىنسىز پەيلاسوپلارنى ئىسلامغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىنىڭ سەۋەبىمۇ ئۇلار بىرىنچى قەدەمنى ئالغان ۋە ئىككىنچى قەدەمگە يېقىندۇر ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئېيتقان ئىكەن << كىشىلەر سىلەرگە < قۇلۇم قوشنىلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار ، دۈشمىنىڭلارغا نەپرەتلىنىڭلار > دېسە مەن سىلەرگە : < دۈشمىنىڭلارنى سۆيۈڭلار ، سىلەرنى ئەزگەنلەر ئۈچۈن دۇئا قىڭلار دەيمەن >> بۇ سۆزنى راس ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئېيتقان بولسا بۇ يەردىكى دۈشمەن شەخشى دۈشمەننى كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر خەلقنىڭ ، شەرىئەتنىڭ ، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ دۈشمىنىنى سۆيسەك بىز شۇلار قاتارىغا ئۆتكەن بۇلىمىز ، مېھرىبان بۇلۇش باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى پەرۋىش قىلىشتۇر ، ئىنسانلارنى پەرۋىش قىلغان ئالىم ئىنسانلارنىڭ ئەزىزىدۇر ، ئىنسان بۈيۈك پەزىلىتى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمەت قوينىغا نائىل بولالايدۇ ، ئىبادەتتىكى ئىخلاسى ، خۇلىقىدىكى پەزىلىتى ئىنساننىڭ زاھىرى ئىلمىنى ئاشۇرىدۇ .زاھىرى ئىلمى ئېشىپ پەزىلىتى يۈكسەلگەنچە ئادەتتى ئىنسانلىقتىن ھېكمەتلىك ۋە مۆجىزىلىك ھاياتقا قەدەم قۇيىدۇ.





http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/02.gif







ئۈچۈنچى قەدەم بۈيۈكلۈك مەنزىلىگە يېتىش.





شاھادەت شەربىتى ........زىمىننىڭ پەرىشتىلىرى





تەپەككۈر قىلىپ زاھىرى ھەقىقەت ئىلمى ۋە قەلبىنى پاكلاپ باتىنى شەرىئەت ئىلمى يۈكسەلگەندە ئۈنۋىرسال ئىلمى مۇكەممەللىشىدۇ ، بۈيۈكلۈك ۋە بەخىت ، پەزىلەت ۋە ئىبادەتكە بولغان ئىخلاستىن كېلىدۇ . ئىلىم ۋە پەزىلەتكە ئىگە ئىنساننىڭ ھەربىر تىنغان نەپسى ، ئۇخلىغان ئۇيقۇسى ئىبادەتتۇر ، ھەر بىر ئىبادەتلىرىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەجىر قىلۇر ، گويا غەۋۋاستەك شاھادەت دېڭىزىغا شۇڭغۇيدۇ ، ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئوكيانلاردا ئۈزۈپ دەشتى باياۋاننى كېزىدۇ ، ئۇلار خۇددى ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمان بۇلىدىغان ئالى ئەزادەك ، ئاللاھنىڭ ئالاھىدە ياردىمىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ تۇرىدىغان ئالى بەندىدۇر ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىمان نۇرى باشقىلارنىڭ قەلبىنىمۇ يۇرۇتۇپ تۇرىدۇ ، ئۇلار نەپسىنى بويسۇندۇرغان ، شەيتاننى يەڭگەن ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ، پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئۆزىنى ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن قۇللىرى ، زىمىننىڭ پەرىشتىلىرى ، ئىنسانلارنىڭ بۈيۈكلىرىدۇر .







http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/02.gif



خاتىمە







ئۆزىنى ئىلىمگە ماسلاشتۇرماي ، ئىلىمنى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان ، ئۆزىنىڭ ئادىمىزاتلىقتىن چەتنىگىنىنى ئېتىراپ قىلماستىن ، ئاددىي بىر ئادىمىيلىك يۇسۇنىنىمۇ رىئاللىقتىن چەتنىگەن كىتابى سۆزلەر دەپ چۈشىنىدىغان ئاددىي كاللىلارغا بۇ سىغماس ، بىراق زىمىننىڭ پەرىشتىلىرى ئۆز ئەقلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ھەقىقى ئادىمىزاتتەك ياشاش سەنئىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلىدى .









http://www.qirah.com/bbs/gul/index1.files/150.gif





----------------ئۇيغۇر يولۋىسى

imperator يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 09:51:37

باشقىلارنىڭ ‹‹ بۇ ئەسىرىمدە خۇددى دىنسىز پەيلاسوپلاردەك ئىلىم ۋە پەزىلەتنى بۈيۈكلۈكنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرىكى بىلىپ ئىمانغا سەل قاراشتەك چوڭ يۇچۇق قاپتۇ يەنى بۈيۈكلۈك مەنزىلىدە ئىمانى پۇراق سۇس بۇلۇپ قاپتۇ ›› .....دېگەن كۆرسەتمىسى دىلىمنى تىت - تىت قىلدى ، شۇڭا خاتىمىسىدە كۆرسەتكەن يازماي قويغان 3 - قەدەمنى قۇربۇمنىڭ يىتىشىچە يېزىپ چىقتىم . )N)ziAy}

L]K* Do

باشقۇرغۇچىلار ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ تېما ئورنىغا قويىشىڭلارنى سورايمەن.

derdibar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 05:28:58

پاساھەت،..راستلا كاتتا بىر پەلسەپىۋى ئوقۇشلۇق بوپتۇ.،،تىلى گۈزەل ، چۇڭقۇر تەپەككۇرغا تويۇنغان، ئادەمنى يەنىمۇ تىنماي ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان،

.مەن ئۇزۇندىن بىرى بۇنداق بىر ئەسەرنى ھىچ يەردە كۆرمۈدۈم، (ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئەڭگۈشتەر كىتاپلىرىمىز بۇنىڭ سىرتدا)

سىزگە ئاپىرىن.
بەت: [1]
: بۈيۈكلۈك مەنزىلى