ihwan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 10:28:20

ئوغۇل بالىلىق مەنزىلى

ئوغۇل بالىلىق مەنزىلى



ئوغۇل بالىلىق مەنزىلى


- ئابلەت جۈمە تۇپراق -



«ساراڭ»! توۋا ، كىمكىنا بۇ«ساراڭ»! ؟ بەلكىم ئابدۇكېرىم ئابلىزدۇر، ئۇ بولمىغاندىمۇ ئابدۇكېرىم ئابلىز ياراتقان سەلبىي ئوبرازنىڭ تەقرىزىدۇر. شۇنداق، «ساراڭ»دا جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئوغۇل بالىلىق سالايىتى يوق ئادەملەرنىڭ نۆۋەتتىكى خۇي، خاراكتىرى، پىسخىكىسى، مەنتىقە – مەۋقەسى ناھايىتى ئىخچام ئوبرازلاشتۇرۇلغان. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇنداق ئوبرازلاشتۇرۇشنى ئاشۇرمىچىلىق قىلىپتۇ دەپ باھا بېرىشكە تىلىمىز كۆيمەي قالمايدۇ. مەن بىر قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەنئەن يولىدىكى بىر بېكەتتە ئاپتوۋۇز كۈتۈپ تۇرغانىدىم، كۈتمىگەندە ئارقا تەرىپىمدىن تەستەك ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇرۇلۇپ قارىسام، 22 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا سول مەڭزىنى تۇتقىنىچە ئالدىدا چىرايى تۇتۇلغان ھالدا تۇرغان بىر قىزغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ: «ساراڭمۇ سىز؟» دەۋېتىپتۇ.

- ساراڭ ئۆزىڭىز! دۆت- كالۋا!.. – دېدى قىز غەزەپ بىلەن.

- نېمە؟ مەن دۆت-كالۋاما؟ ئۇنداقتا سىز نېمە ھەي... سىز؟...

- لەنەت ئوغۇل بالىلىق تۇرقىڭىزغا!...قىز بالىنىڭ پۇلىنى خەجلىۋېلىپ يۈزى قىزارمايدىغان ئوغۇل بالىنى نېمە دەيمىز ھە!؟...

قىز ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا تېز- تېز كېتىپ قالدى، ئوغۇل بىر ئاز تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭدى، شۇ چاغدا خىيالىمدا بۇ ئوغۇل بالىنىڭ قىزغا يېتىشكەندىن كېيىنكى يالۋۇرۇش، يېلىنىشلىرى مارجاندەك تىزىلىپ ئۆتتى...

بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ مەۋجۇت، ھەتتاكى بۇنداق ھالەتنى تەكرار ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئىلگىرى مەۋجۇت بولمىغان، ئەمما بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى پەيدا بولغان باغچىلاردا جۇپ- جۇپ بولۇپ مۇڭدىشىۋاتقان، قول، چاچلىرىنى سىلىشىۋاتقان ياشلارنى كۆرگىنىمىزدە شۇنچىلىك نەپرەتلەنگەن بولساق، ھالا بۈگۈنكى كۈندە «BRT »دا بىر – بىرسىنىڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، ئەتراپىدا ھېچ بىر ئادەم يوقتەك پىچىرلىشىۋاتقان، يالىشىۋاتقان ياشلارنى كۆرگىنىمىزدە نەزەر سالمايدىغان بولدۇق. ھەتتاكى ئىچىمىزدىن شۇ قەدەر كۈچلۈك غەزەپ – نەپرەت ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىمىزنى زورىغا بېسىپ، ئىچىمىزگە تىنىپ، ئۆتكۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئاشۇنداق بىر قاتار كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە ئادەمنىڭ يۈرىكى راستىنلا ئېچىشىدۇ، بولۇپمۇ بىز دېمەتلىك كىشىلەرنىڭ يۈرۈكى ئاغرىپ، قەلبى يارىلىنىپ، ئېسىت! دەپ لەنەت- نەپرەت قاينىمىغا چۈمىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز قىزلاردىن تەستەك يەيدىغان، قىزلارنىڭ ئانىي تېپىشىغا بىچارىلارچە باش ئېگىپ بويۇن قىسىدىغان زەيپانىلەردىن بولۇپ قالماسلىقى؛ قىزلىرىمىز ئوغۇللارغا قول ياندۇرالايدىغان، ئەدەپ- ھاياتسىز، سۈلكەتسىز لەنەتتەككۇرلەردىن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، قىز بالىنىڭ ئاممىۋىي سورۇندا ئوغۇل بالىغا تەستەك سېلىشى تولىمۇ روھى چىركىنلىق، چېكىدىن ئاشقان ھاياسىزلىق ھېسابلانماسمۇ؟ ئوغۇل بالىنىڭ قىزلارنى شۇنچە كۆپ ئادەم بار يەردە ھايۋانغىمۇ يات بولغان قىلىق بىلەن سۈيۈپ- قوچاقلىشى چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق، شەنمەندىلىك ھېسابلانماسمۇ؟ ئوغۇل – قىزلىرىمىزدىكى ئەخلاقىنى يوقىتىىپ، ۋىجدان، غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇزۇق روھقا مەھكۇم ئاشۇ خىل چاكىنىلىقلار پاسىقلىق ھېسابلانماسمۇ؟!

ئۆتمۈشىمىزگە تەۋە ئەقىدە، ئەخلاقىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇنداق ھەرىكەتلەر ئىنسان تەبىئىتىدە بولسىمۇ، ئۇ ئاشكارە، ئوپ- ئۇچۇق رەۋىشتە مەۋجۇت بولۇشتىن مۇستەسنا ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە نەرسىلەرگە، ھەرىكەت ۋە روھقا باغلىنىشلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە بولىدىغان ئەھدى- ئەركاملىرىمىز ئادەم ماھايىتىنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئۇراپ، ئۇنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئادەملىك سۈپەت- ساپاسىنى، ئىتىقاد، ئەقىسىدىنى، ئەنئەنە - ئادىتىنى رۇشەن، جانلىق، گۈزەل مىلۇدىيە بىلەن بېرىكتۈرۈپ، ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتلىك، ماھىيەتلىك بىرلىكىنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىش رولىنى ئويناپ كەلگەنىدى. چۈمپەردە ئىچىدىكى بۇنداق شەكىل ئادەمنى شۇ قەدەر جەزبىدار، سۈلكەتلىك قىلغانلىقى بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا قەدەر بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان قىزلار پېشقەدەملەر تەرىپىدىن كوچىلاردا قوغلانغىنىنى، كېيىمىنى رۇس كەيمىگەن، كېتىۋاتقان قىزلارغا سۆز تاشلىغان ياشلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تاياق يىگىنىنى تەكرار كۆرگەن مەن. بۈگۈنكى ئىشلارنى ئاشۇ ئىشلارغا سېلىشتۇرساق، ناھايىتى نۇرغۇن پەرق ۋە يۇچۇقلارنى ھېس قىلىمىز، يەنى ئادەملەر روھىيىتى ۋە ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشنى، بۇزۇلغان ئىتىقاد، يوقالغان ئەقىدە، روھتا ئۆلگەن ئەنئەنە – ئادەتلەرنى ناھايىتى رۇشەن سېلىشتۇرما بىلەن ئايرىپ بېرەلەيمىز. ئوغۇللارنىڭ كاچىتىغا ئۇرالايدىغان قىزلارنى يېتىلدۈرگەن بۈگۈنكى زامان بۇزۇقچىلىقىنى - مەنىۋىي ئەخلەتلەر، يېتەرسىز تەربىيە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قىزلارنىڭ ئالدىدا بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ئاشۇ ئوغۇللارنى بۇزۇلغان ئەخلاق، يوقالغان ئىتىقاد، نىمجان روھ بىچارىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ. بىز بۇنى چۇڭقۇرلىساق، ئۇ يەنە نۇرغۇن سەۋەبلىك ئامىللارغا باغلىق، بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى بىلەن 90- يىللىرى ئارىلىقىدا تەشەببۇس قىلىنغان، كونكرېت قىلساق، 1989 – يىلى يولغا قويۇلغان پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش، ئاز تۇغۇش، سۈپەتلىك تۇغۇش، ياخشى تەربىيىلەپ، ساغلام چوڭ قىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە بىر ئوغۇل، بىر قىز دەپ بالىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئەركە چوڭ قىلىپ، ئائىلىدە بالا پادىشاھلارنى يېتىشتۈردۇق. ئۇلار نېمىنى دېسە شۇنى قىلىپ بەردۇق ياكى ئۇلار ئېھتىياجلىق بولمىغان نەرسىلەرنى ئىستېمالدىن ئاشۇرۇپ تەييار قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە، ھەرىكىتىگە ئۆزىمىزدىكى ئىلغار نەرسىلەرنى ئەمەس، ھەتتاكى تېخى تەدبىقلاش زۈرۈريىتى بولمىغان، ئەمدىلا يولغا قويىلىۋاتقان، نەتىجىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى سىڭدۈردۇق، ئىلغار، مەدەنىي دەپ نە- نەلەردىن ئېقىپ كىرگەن ئادەت، ئەنئەنىلەرنى، يەنى تۇغۇلغان كۈنگە ئوخشاش باشقىلار روھىيىتىنىڭ ساقىندىلىرىنى سىڭدۈردۇق. مانا بۇلار ئۇلارنى بىزدىكى ئەزەلدىن بار بولغان ئەنئەنىلەردىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز زامان ئەخلەتلىرى توپىدىن شەكىللەنگەن ئىككىلەمچى ئىتىقاد، ئەقىدىگە بېقىنىدىغان روھنى، تەپەككۇردا ئۆزىنىلا چىقىش قىلىدىغان بىر تەرەپلىمىلىكنى بەرپا قىلدى. يەنە كېلىپ بىز ئوغۇللارغا بىر قەدەر قاتتىق قول بولمىدۇق، ئۇلارنى يېزا- قىشلاقلاردا چېنىقتۇرمىدۇق، مىشچان، خىيالپەرەش بولسىمۇ ماقۇل دەپ رايىغا باقتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىمىزدىن يارامسىزلار، قىزلىرىمىزدىن بەڭۋاشلار، لۈكچەك، زورىگەرلەر تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلدى.

خەيرىيەت، ئەسلىدە ئوغۇل بالا ئوغۇل بالىدەك، قىز بالا قىزدەك بولۇشى كېرەك ئىدى، ھالبۇكى، بىز بۇنى يوقۇتۇپ قويدۇقمۇ؟ تاپالمىدۇقمۇ ياكى تاپالمايۋاتىمىزمۇ ۋە ياكى تېپىشتىن چەتنەپ كەتتۇقمۇ؟ بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، بۇ جەھەتلەردە بىز دەل ئاشۇنداق قىلىپ قالدۇق. شۇ ۋەجىدىن ئاتا- بوۋىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇلۇق غايىلەرگە تويۇنغان ئەنئەنە ۋە ساغلام ئادەتلىرى ياراتقان خاس خاراكتېر بىرلىكى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان روھىيىتىمىزنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى سەلتەنەت ۋە بۈيۈكلۈككە تولغان مەزمۇنلارنى يىمىرىپ تاشلىدى، يەنى بۈگۈنكى ئىجتىمائىي رىئاللىق بىزنىڭ ئاشۇنداق خاسلىقىمىزنى پۇچەك، چاكىنا، زەئىپ، جانسىز روھى تەم خۇرۇچلىرى بىلەن بۇرمىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوغۇللىرىمىزغا بەت قىلىقمۇ غەلىتە تۇيۇلمايدىغان، خۇرلۇققا دۇچار بولسىمۇ، ۋىجدانى ئازابلانمايدىغان غەيرى نۇرماللىق سىڭىپ قالىدى. بىر قىسىملاردا ھەتتاكى ئۆلگەن روھ، ئۆلگەن ئەنئەنە ئورنىدا زەئىپلىكنى ئۆزىگە ھامىي قىلىدىغان، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تەپەككۇر ۋە ھۆكۈم قىلىش بىلەن مەۋجۇتلىقىنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇنداق روھى زەئىپلىك ئۇلاردا كىشىنى ھەسرەتتە قويدىغان پىسخىك ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىپ، ئەسلىدىكى ئادىمىيلىككە تۇيۇنغان دىت ۋە پاراسەت، ئىقتىدار ۋە خاس تالانتنى يىمىرىپ، غەيرى نۇرمال ئادەت ۋە خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىنى پۇرسەت، سورۇن، ئىمكان بىلەن تەمىنلىدى...

ئەمدى بىز بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ باقايلىمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبچىسى زادى كىم؟ نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭغا جەمئىيەت، ئىجىتىمائىي بۇزۇقچىلىق سەۋەب بولغان دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق جاۋاب بېرىشتىن ئاۋال بىز يەنىلا ئۆزىمىزگە سۇئال قويۇپ باقساق، بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ نىگىزلىق نۇقتىنى يەنىلا ئۆزىمىزدىن تاپالايمىز، ئۇنىڭ سەۋەبچىسى ئۆزىمىز! بۇ يەردىكى ئۆزىمىز ھازىرقى زامان ئوغۇل بالىلىرىنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ۋە يېقىنقى زامان كىشىلىرى، خالاس. بۇ كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى يەنە ئۇنداق بولۇشنى بىز كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق ھالدىكى بالىلارنىڭ روھى ھالىتى، ھەرىكىتى، گەپ – سۆزلىرىدىكى مەنتىقىسىزلىك، غەيرى نۇرماللىقنى جەمئىيەتتىن كۆرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بويسۇنۇش، بويسۇندۇرۇلۇش جەھەتتىكى بىنۇرماللىقىتىدىن رەنجىپ، گۇناھ، سەۋەبنى ئۇلارغا دۆڭگەپ- ئارتىپ قويىدۇ. مۇشۇنداق قاراش ۋە ئارتىپ قويۇش بىلەن تاشلاپ قويىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئۇلارنى توغرا يېتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش، پەرۋىش قىلىش، يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى يېتىشىسىزلىكىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىز ھەتتا بۇنى كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىمىزدىن دەپ قارىمايمىز. شۇنىڭ بىلەن، مۇئامىلە ۋە يېتەكلەشتە ئۇلارنى تېپىك ھەم زۈرۈر بولغان ئېھتىياج بىلەن باغلىماستىن، ۋاختى ئۆتكەن، زۈرۈريىتى يوق تەدبىر، تەسىرگە تەدبىقلاش بىلەن ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس مەنتىقىنىڭ قۇربانى قىلىپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىسى كۆڭۈلنى خوش قىلمايدۇ-دە، بوشىشىپ تاشلاپ قويۇش ياكى كارى بولماسلىق تەپەككۇرىنىڭ بېقىندىسىغا يەم بولىمىز. ھالبۇكى، بىز بۇنداق تاشلاپ قويۇشنى ئۆزىمىزگە راۋا كۆرسەك بولامدۇ؟ قانداقلا بولسۇن، كېچىككەن بولسىمۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىقى بار نەرسىلەرگە يەنىلا قۇربان بېرىش روھى بىلەن تەقدىم قىلىش پۇرسىتى بەرمىسەك بولمايدۇ. ھەر قانچە قىلساقمۇ، ھازىرقى ۋاقىتتىكى بىر قىسىم ئوغۇل بالىلارنى ئوغۇل بالىدەك، قىز بالىلارنى قىز بالىدەك قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قىلىشى زۈرۈر بولغان مۇھىم نۇقتىلارنى تەكىتلەشنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقىرىپ قويساق بولمايدۇ.

بىزدە «ئوغۇل بالا ئوغۇل بالىدەك بولغىنى ياخشى»دەيدىغان گەپ بار. بۇ ئوغۇل بالىنىڭ سۈپىتى، ساپاسى ۋە قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان سۈپەتلەش بولۇپ، ئۇ ئىش ھەرىكەتنىڭ ياخشى- يامانلىقى، ئەدەب- ئەخلاقىنىڭ، خاس غۇرۇر – ۋىجدانىنىڭ بار- يوقلىقى، پاك، مەردانە روھقا ئىگە – ئىگە ئەمەسلىكى قاتارلىق كىشىلىك تۇرمۇش، ھايات، ئادىمىيلىك سالاپەت، خاراكتېرنىڭ گەۋدىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ھالبۇكى، بىر ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ بىر ئوغۇلنىڭ ھەقىقى ئەركەك، ياراملىق ئەزىمەت، قەھرىمانغا خاس باتۇر،ئاۋام خەلق سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئاسان ئەمەس، ئۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنداق خۇسۇسىيەت ۋە پاراسەتمۇ ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ، يارالمايدۇ، پەيدا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئۇزاق جەريان، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، تاۋلاش كۈچى، ئىلغار، پاساھەتلىك تەجرىبە ئامىلى، تۈرلۈك – تۈمەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ساۋاقلىرى جەم بولغاندىلا، ئاندىن ئاشۇ خىل خاسلىقنى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇنداق خاسلىقىنى بىز چوقۇم كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشىمىز، چوڭ بولۇش جەريانىغا سىڭدۇرۇپ، ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىز بولسۇن، كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىگە، ئادەتكە، خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىش تولىمۇ زۈرۈر. بالا يۇمران نۇتىغا ئوخشايدۇ،ئادەتتە ئۇنىڭ يېتىلىشى 3-4 ياشتىلا باشلىنىدۇ، ئوغۇللارنىڭ جىسمانىي، روھى قۇۋىتى بىر قەدەر جانلىق بولىدۇ ھەم بالدۇر يېتىلىدۇ –دە، خاسلىقىنى كۆرسىتىپ، تەدرىجى كۈچىيىپ، تەپەككۇرىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. بۇيەردە بىر نەرسىنى تەكىتلەش زۈرۈركى، ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ رۇشەن ئالامەتلىرى ئۇنىڭ چىرايى – تۇرقىدىكى خاسلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ جىسمانىي قۇۋىتى، بەدەن ساپاسى ۋە تەپەككۇرىدا شەكىللەنگەن ئالاھىدە خاراكتىرىدە بىر قەدەر رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ. شۇڭا ئوغۇل بالىنىڭ يېتىلىشى قىز بالىغا قارىغاندا تېز، گەۋدىلىك بولىدۇ. بۇ بىزگە ئوغۇل بالىلارغا بولغان تەربىيىلەشنى بالدۇر باشلاش زۈرۈريىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ چاغدىكى تەربىيەنى بالىنىڭ شۇ چاغدىكى بەدەن ساپاسى ۋە تەپەككۇر يېتىلىشىگە قاراپ ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە شۇ ياشتىكى كۆتۈرۈش كۈچىنى ئاساس قىلىپ، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، قانداق قىلىش، قاچان قىلىش ئۆلچىمىنى تېپىپ چىقىش، نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ ياخشىلىقىنى تۇنۇتۇش، تۇرمۇشتىكى ئۆرپ- ئادەت، يۈرۈش- تۇرۇش، يېتىپ قويۇش، ئۇزۇقلىنىش قاتارلىقلارنى ئادەتلەندۈرۈش، ئىلغار، خاس ئەنئەنىلەرنى تەدبىقلاپ ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈش ھەم ئۇلارنى ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش،مېھىرلىك، كۆيۈمچان بولۇش، ھەرىكىتى سىلىق، تىلى تاتلىق بولۇش تەرتىپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. بۇ بىر قاتار ئىشلارنى ناھايىتى مۇھىم بۇرۇچ قىلىپ تۇتۇپ، نۇقتىلىق، ئۇزاق مەزگىل دائىملاشتۇرۇش كېرەك. مانا بۇلار بالىنىڭ كېيىنكى يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىغا، ئوغۇل بالىدا ئوغۇل بالىدەك ياشاش ئەنئەنىسى ھازىرلاشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ياخشى ئىدىيىۋىي كەيپىيات، ياخشى ھەرىكەت ھالىتى ئاساسىنى سېلىپ بېرىدۇ.

ئوغۇل بالا ئۈچۈن كۈچەپ ئېلىپ بارىدىغان تەربىيە - ئىلغار ئەنئەنە، ئىسىل ئەخلاق – پەزىلەت. ئادەمنىڭ باشقا جانلىقلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقى تەپەككۇرىدىكى ئارتۇقچىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەدەپ – ھاياسى، پەزىلىتىدىكى نۇرانىلىق بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ سۈپىتى ۋە قىممىتىنى رۇشەن ھالدا نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئوغۇل بالىدا ئوغۇل بالىدەك ياشاش ئەنئەنىسى بولۇش كېرەك ئىدى، ئەمما بىز ئۆزىمىزنى ئاختۇرىدىغان بولساق، ھېلىقىدەك بولۇپ كەتكەن ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ئەنئەنە تەربىيىسى ۋە يېتەكلەش، ئۆزىمىز ئۆلگە بولۇپ تەسىر كۆرسىتىش يېتەرلىك بولمىدى، بۇ جەھەتتە بىز ناھايىتى نۇرغۇن پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. بۇ مەسئۇلىيەت بىزنىڭ زېممىمىزدە يۈك ئەمەستەك تۇيغۇ بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. ياخشى ناماياندە پەقەت ئادەمنىڭ ئەدەپ، ئەخلاقىدىكى ئۆزگىچىلىك بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، يەنى ئادەمنىڭ ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى، ئىجابىي ئۈنۈم بېرىشى ئارقىلىق قىممەت يارىتىدۇ،بىر ئوغۇلىنىڭ ياخشى، ياراملىق ئادەم بولۇشى، يېتىلىشى، تاكاممۇللىشىشى ئىسىل ئەدەپ – ئەخلاق، شەرمىي – ھايالىق بولۇشتىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا ئاتا- ئانىلار ئۇلارغا چوقۇم ئۆزىنىڭ ۋە ئەجداتلارنىڭ ياخشى ئەدەپ، ئەخلاق، ئېسىل دىيانەت، ھېممىتىنى ئۈگىتىشى، ئىلغار ئەنئەنىلىرىنى ئۇدۇم قىلىشى كېرەك.

ئوغۇل بالا تۇرمۇشقا، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە ماھىر، پىششىق بولۇشى كېرەك. تۇرمۇشقا ماھىر بولۇش – كىشىلىك تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك. بىر ئادەمنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ئادەم نى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ، بۇ قىسمەتلەر ئىچىدە ئاچ- يالىڭاچ قىلىش، روھى، جىسمانىي ئازابنىڭ زەربىسىگە دۇچار بولۇش ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئوغۇل بالا مانا مۇشۇنداق جەريانلار داۋامىدا ئۆزىنى سىنىيالىسا، ئۆزى مەستەقىل تاقابىل تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالىسا، كېيىنكى ھايات ئۈچۈن تاۋلىنىش، پىشىپ يېتىلىش ئاساسىنى سالالايدۇ. تۇرمۇشقا پۇختا، چىدامچان، بەرداشلىق، جەسۇر،ئىش يۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر پاراسەتنى يار قىلسا، ھاياتىنى، ئائىلىسىنى، تۇرمۇشىنى ياخشى قامداش مۇقامىغا يېتىدۇ، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىگە يۈكلەنگەن بىر تالاي مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلالايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئوغۇل بالىنىڭ زېممىسىدىكى يۈك بەك ئېغىر، مەجبۇريىتى بەك كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنى ئادا قىلىشتا دىت- پارات، تەدبىركارلىق، كۈچلۈك ئىقتىدار يېتىلمىسە، مەجبۇرىيەت، مەسئۇليەتلىرىنى ئادا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چاغدا ئوغۇلغا خاس ئالاھىدىلىك يوقىلىدۇ ياكى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۇرمۇشقا ماھىر بولۇشنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن يوللىرى بار. ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش، ئۆزلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىسىمۇ،تاللاپ ئۆزلەشتۈرۈش، ماس كېلىدىغانلىرىنى قوللىنىش تامامەن مۇمكىن. ئاتا- ئانىلار ئۇنى قوللانغاندا - ئوغۇللارغا ئاددى تەرتىپلەردىن باشلاپ قوللىنىش،ئۆگىتىش كېرەك. مەسىلەن، ھەرقانداق ئىشتا تەرتىپلىك بولۇش، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق، پاكىز بولۇش،ئالدىن پىلان تۈزۈش، ئىمكانىيەت بار پىلاندىكى تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىش، جىددىي مەسىلە، قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندە تەمكىن بولۇش، دەرھال قارار چىقىرىش، بىر تەرەپ قىلىشقا جۈرئەتلىك بولۇش، توغرا، تولۇق ھەل قىلىش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، ئىتتىرىپ قويماسلىق، رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇش ھەم ئۇنى بىرمۇ – بىر ئۆزلەشتۈرۈش، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئوغۇل بالا تېجەشلىك بولۇشى، تىرىشچانلىق بىلەن تۇرمۇشىنىڭ چىقىش يولىنى يۇرۇتۇشى كېرەك. بىزدە: تېجەشلىك ئادەم پۇل تاپىدۇ، تېجەشلىك ئائىلە بەخت تاپىدۇ دەيدىغان ھېكمەت بار. بىر ئائىلىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى ئەرنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئوغۇل دېمەك ئائىلە كىلەچىكى، شۇنداقلا ئەۋلادلارنىڭ ياراتقۇچىسى، بەخت مۇنارى دېمەكتۇر. بۇ كىچىك ئۇقۇم ئەمەس. ئائىلىنڭ تۈۋرۈكى بولىدىغان ئوغۇل خاراكتىر جەھەتتىنلا گەۋدىلىك بولۇپ قالماستىن، ئىقتىدار جەھەتتىنمۇ ئۈستۈلۈككە ئىگە بولۇشى زۈرۈر. ئوغۇل بالىدا كېچىكىدىن باشلاپلا تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشمۇ ئاشۇ ئىقتىدارلارنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل بالىنى ئائىلىدىكى تۈرلۈك – تۈمەن ئۇششاق ئىشتىن تاكى چوڭ ئىشلارغىچە قول سېلىپ قىلىدىغان ھالەتتە يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن، ئائىلە ئىشلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، سودا – سېتىق ئىشلىرىغا قەدەر بېرىكتۈرۈپ، ئۇلاردا ئۆزى بىۋاسىتە بېجرىدىغان تەشەببۇسكارلىقنى قوللاش كېرەك. سودا –سېتىق ئىشلىرىغا سالغاندا، قايسى ئىش ئۈچۈن پۇل بەرگەن بولساق، سۈرۈشتىسىنى قىلىش، ئاشقان پۇلنى خەجلە دەپ بېرىشتىن، پۇل دېسىلا پۇل بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئائىلە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، جانلىق باشقۇرۇشتا تېجەشلىك بولۇشنىڭ پايدىلىق تەرىپى، ئارتۇقچىلىقى، ئەۋزەللىكىنى تونۇتۇش كېرەك.

ئوغۇل بالىنى كەيپ- ساپادىن يىراق قىلىش كېرەك. كەيپ- ساپا ئوغۇللارغا نەدىن يۇقىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئائىلىدىن، ئاتا- ئانا، قېرىنداشلاردىن، ئاندىن جەمئىيەتتىن يۇقىدۇ. كەيپ – ساپانىڭ ئوغۇل بالىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى بەك ئېغىر، ئۇ ھەر قانداق ياراملىق ئوغۇل بالىنى كېرەكسىز قىلىپ قويۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبچىىسى. تولا ھاللاردا كەيپ – ساپانىڭ ئۆزى ياخشىلىقتىن كۆرە يامانلىققا سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇ ئوغۇل بالىنى ئوغۇل بالىلىق، ئوغۇللۇق تۇيغۇ، خاسلىق، جەزبىدارلىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ. كەيپ- ساپانىڭ ئوغۇلغا ۋابا بولۇپ يۇقىشىدىن ساقىلىنشتا ئاتا- ئانا، چوڭلار باشلامچى بولۇپ،كەيپ- ساپاغا بېرىلمەسلىكى، چەكلىشى، ئالدىنى ئېلىشى،ئوغۇل بالىلارغا يوقۇتۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چوڭلاردا شۇ خىل ھادىسە كۆرۈلسە، ئۇنى بوينىغا ئېلىشى، ئۆزىنى تەنقىد ئورنىغا قويۇشى، خاتا قىلغان، خاتا بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىپ، تۈزىتىشتە باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئىش ئوغۇل بالىنى ساۋاققا ئىگە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ جەھەتتە چوڭلار ئۆزىنى ئاسرىشى، ئوغۇلغا بېرىدىغان يامان تەسىرىدىن، ئوغۇلنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى، ھاراق ئىچىپ ئوغۇلنىڭ ئالدىدا مەس – ئەلەس يۈرمەسلىكى، تاماكا چېكىپ كىرمەسلىكى، بىمەنە چاقچاق، بولمىغۇر گەپ- سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك. ئوغۇلنىڭ كەيپ- ساپاغا بېرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر ئامىل جەمئىيەت بەرگەن قىسمەن يامان تەسىرنىڭ بىلىپ – بىلمەي قوبۇل قىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىرادىسى ئاجىز، تەجىرىبىسى كەمچىل ئوغۇللار بۇنداق تەسىرگە تېز ئۇچرايدۇ-دە، قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ پاتقىقىغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئوغۇللارغا نىسبەتەن سەزگەن ھامان توسۇش، چىرايلىق، ئىلمىي چۈشەندۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش، يېتەكلەپ بارا- بارا بۇ خىل يامان يولدىن ياندۇرۇش، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاتا- ئانىلار كەيپ- ساپانىڭ ئوغۇلغا يۇقىشىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ، ئوغۇللاردا ئۇنى توسالايدىغان روھى ھالەت، تۇيغۇ، ئىرادە تۇرغۇزۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

كەڭ قۇرساق، كۆيۈمچان، كۆزى توق بولۇشمۇ بىر پەزىلەت. بۇ ئوغۇل بالىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ قىممىتىنى، سۈپىتىنى، سالاپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىشىلىك تۇرمۇش يولىدىكى مەجبۇريەتلىرىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، بۇ ھەم ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەت، ھەم ئوغۇل بالىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي شەرت، ئېنىقكى، ھەممە ئوغۇل بالىدا بۇنىڭ ھازىرلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. مەيلى قانداق بولسۇن، ياخشى،لاياقەتلىك ئوغۇل بالا بولىمەن دەيدىغان ھەر بىر ئوغۇل بالا ئۇنى ھازىرلىشى كېرەك. چۈنكى كەڭ قورساقلىق ئادەمگە ياخشى ياشاش يولى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ھازىرلاپ بېرىدۇ؛ كۆيۈمچانلىق ئادەمگە ئالقىش ئېلىپ كېلىپ، مېھىر- مۇھەببەتلىك قىلىدۇ، كۆزى توقلۇق ئادەمنى بەخت ۋە خاتىرىجەملىككە سازاۋەر قىلىپ، ئىززەت- ئابرۇي ئاتا قىلىدۇ. بىرەر ئىش قىلغاندا نام – مەنپەت قوغلاشماي، باشقىلارغا يول قويىدىغان، باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قول قولۇشتۇرۇپ تۇرماي، مەنپەئەت كۆزلىمەي خالىس ياردەم قىلىدىغان،پايدا – مەنپەئەت ئالدىدا كۆز قىزارتىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمايدىغان روھىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ئوغۇل بالا ۋىجدان – غۇرۇرى پاك، ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، لەۋزىدە تۇرىدىغان،ۋاپادار، ساداقەتمەن، ھەرىكىتى مەردانە يېتىلىشى كېرەك. ئوغۇل بالىنىڭ خۇسۇسىيىتىدە ۋىجدان، غۇرۇر كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر ئاساسىي ئامىل. ئۇ تەدرىجى يېتىلىدىغان، مۇكەممەللىشىپ بارىدىغان مەنىۋىي مەنبە. ھەقىقىي يۇسۇندىكى ۋىجدان – غۇرۇلۇلۇق بولۇشنىڭ ئېنىق – ئەينەن ئۆلچىمىنى تاپقىلى بولمىسىمۇ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىق پەرقىنى ئايرىش، ھەرقانداق ئىشقا ھەققانى مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىقتىدار ئارقىلىقمۇ ئۇنى ياراتقىلى، نۇرلاندۇرغىلى بولىدۇ. ۋىجدان بىلەن غۇرۇر مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىشنىڭ قۇرالى. شۇڭا بىرەر ئىشىنى جۈرئەتلىك قىلغان، بىرەر ھادىسىدە جۈرئەتلىك مەيدانغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تىگىشلىك نامايان قىلغان، ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە ھاققانىيەتنى ياقىلايدىغان، ھەق سۆزلەيدىغان ئادەمنى جىگەرلىك، ۋىجدان- غۇرۇرلۇق دەپ باھا بېرىمىز، دەل مۇشۇنداق ئادەم مەنپەئىتى ئالدىدا باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلمايدۇ، شەخسىيىتى ئۈچۈن ئومۇمنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئۆزى پايدا ئالمايدۇ، ھەققانىيەت ئالدىدا ناھەقچىلىققا يول قويمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىززەت- ئابرۇيى ھېسابىغا باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچراۋاتقان مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدۇ. بۇنداق قەھرىمانلارچە روھ ئوغۇل بالىنى ئوغۇللۇق ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ناھايىتى چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن ئوغۇللىرىمىزنى كۆردۇقكى، خىزمەت ئورۇنلىرىدا قاتمۇ – قات ناھەقچىلىق تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ، ئۆزى ئۇچرىسىمۇ، دەل ۋاختىدا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش، تاقابىل تۇرۇش ئۇيىدا بولمايدۇ، ئەكسىنچە، قۇرقۇپ تىترەپ تۇرۇپ، ناھەقچىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ، رازى بولىدۇ، سۈكۈت قىلىپ باش ئىگىدۇ. بىز كىچىك چاغلاردا بىر مەھەللىنىڭ ئوغۇللىرى شۇ مەھەللىدىكى قىزلارنى قوغداپ، قىزغىنىپ، باشقا جايدىكى ئوغۇللارنىڭ كۆز قىسىشلىرى، ناخشا ئوقۇپ سۆز تاشلاشلىرىغا دەل ۋاختىدا زەربە بېرىپ، ئوغۇللۇق غۇرۇرىنى قوغدايتتۇق، ھازىر بۇ مەھەللىنىڭ قىزلىرىغا باشقا مەھەللە ئوغۇللىرىنىڭ كۆزى چۈشسە، قىز تەرەپ مەھەللىنىڭ ئوغۇللىرى دەللاللىق قىلىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. ئاتا- ئانىلار ئوغۇللارغا ۋىجدان، غۇرۇرغا ياتىدىغان ئىنچىكە تەرەپلەرنى، پاكىت، ئەمەلىي ھادىسە، ساۋاقلارنى كۆرسىتىپ، ئوغۇللارنى ۋىجدانى پاك، غۇرۇرى كۈچلۈك، مەردانە ئادەم بولۇشقا يېتەكلەش، بىر ئىشقا تۇتۇش قىلسا، شۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىدىغان، جاھىللىق بىلەن ئەمەس، ئىلمىيلىكنى يېتەكچى قىلىدىغان، يىراقنى كۆرۈشكە ماھىر، لەۋزىدە تۇرىدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، مەردۇ – مەردانە، سېخىيلىق بىلەن سەمىمىيىتىنى كىشىلەرگە تەقدىم قىلالايدىغان پاراسەتنى يېتىلدۈرۈشى، ئاتا- ئانىسى، يۇرت – ۋەتىنىگە ۋاپادار، ئىشىغا سادىق، ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك.

كونىلاردا بىر ئەرگە 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئوغۇل بالىنى چوقۇم ھۈنەر- كەسىپكە ماھىر قىلىش تولىمۇ زۈرۈر. ئوغۇل بالىنىڭ ھەممە ھۈنەرگە قولى كېلىدىغان بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى ئېچىپ بېرىدىغان، ئۆزىگە قانات، تۇرمۇشىغا بەرىكەت بولالايدىغان بىر نەچچە كەسىپ، ھۈنەرنى ئىگىلىشى كېرەك. ھازىرقى ۋاقىتتا كەسپىي مائارىپتىن ئىبارەت بىر شۇتا ھەر بىر ئوغۇل - قىزنىڭ ياراملىق، بىلىملىك، ھۈنەرلىك بولۇشىنى كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىۋاتىدۇ. ئاتا- ئانىلار بۇنىڭدىن ئۇلار ئۈچۈن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ چىقىش يولىنىڭ ھازىرلانغانلىقىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك: ئاتا- ئانىلار كۆپ تەرەپلىمە،ئىلمىي بولغان مەبلەغ سېلىشىنى مەنىۋىي، ماددى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قايسى ئىشقا دۇچ كەلسە، شۇ ئىشقا تەدبىر بەلگىلەپ، يولغا قويالايدىغان، قىلالايدىغان پاراسەت يارىتىشىنى، بىر ياكى بىر نەچچە خىل كەسىپىنى قىلالايدىغان كەسىپ ئەھلى، ئىقتىساس ئىگىسى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئوغۇل بالىلىق مانا شۇنداق بىر قاتار مۇھىم شەرتلەرنىڭ ھازىرلىنىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى ئوغۇل بالىلارغا خاس روھ بولۇپ، بۇ روھ ئوغۇل بالىنى ئەقىدە- ئىتىقادلىق، ھەققانىيەتچى، كۆيۈملۈك، مېھرىبان، ساداقەتمەن قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەققانىيەت قارىشى لەۋزىدە، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ئەر- ئاياللىق پەرقنى ئايرىىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئەقەلىي قائىدە – يۇسۇنلارنى قوغداپ، غۇرۇر- ۋىجدان ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوغۇل بالىلىقىنى قوغدايدىغان، ھەق- ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدە كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوغۇللۇق بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان بىر قاتار خاسلىقلارنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداشقا مەنىۋىي ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

ھېلىمۇ شۇنداق كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ، كىچىك چاغلىرىمدا مەھەللىمىزدىكى بىر ياش پىچاق كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەنە بىر ياشنىڭ قورسىقىغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. ئەسلىدە، بۇ ئىككى ياش سۇ تالىشىپ جىدەل قىلغان،جىدەلدە ئۆلگۈچى پىچاق تىققان ياشنى «ھۇ، خۇتۇنىڭنى...گۇي» دېگەن ئىكەن، پىچاق تىققان ياشنىڭ ۋىجدانى بۇ گەپنى كۆتۈرەلمەي، نۇمۇسىنى ئاقلاشنى ھاياتلىق بەدىلى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىكەن. بۇ بەك ئىپتىدائىي قاراشتىن كېلىپ چىققان ھادىسە بولسىمۇ، ئوغۇل بالىلار غۇرۇرى ئالدىدا خورلۇقتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر ئادەملىك، ئەڭ مۇھىمى بىر ئوغۇللۇق ھەققانىيىتىنى تۇنۇتقان ھەم شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا شۇنداق شەرمەندە گەپنى قىلماسلىقنى دەۋەت قىلىغان، بۇ ئارقىلىق ئوغۇل بالىلىقنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقىنى ھېس قىلدۇرغان. بۈگۈن نۇرغۇن ئوغۇللار بۇنى: « بىر خىل مەدەنىيەتسىزلىك، نادانلىق، ئەخمەقلىق» دەپ قارايدۇ. ئۇلار شۇنداق تىل ئاڭلىسىمۇ« خۇتۇنۇمنى راستىنلا شۇنداق قىلمىغاندىن كېيىن»، بولدى قىلىپ كېتىپ قالىدۇ. ئەگەر بەك ئاچچىقى كېلىپ كەتسە، بىر – ئىككى ئېغىز تىللاپ ئىچىنى بوشىتىۋالىدۇ-دە، كېتىپ قالىدۇ.

ئابدۇكېرىم ئابلىز يېقىندا ئورۇنلىغان «ساراڭ» دا دەل ئەنە شۇنداق ئوغۇلنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتتى. «ساراڭ» دىكى يىگىت بىزنىڭ نۆۋەتتىكى نۇرغۇن ئوغۇللىرىمىزنىڭ بىنۇرمال خاسلىقىنى ئېچىپ بەردى. ئەسلىدە بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز «ساراڭ»دىكىدەك گالدۇ- گۇلدۇڭ، بىچارە ئەمەس، بەلكى، «سېيىت نۇچى»دىكىدەك ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، مەرت، يۈرەكلىك، ئەقىدە- ئىتىقادلىق، ساداقەتمەن بولۇشى، بىچارە كۆيۈمچان بولماستىن، ھەقىقىي كۆيۈمچان، مېھرىبان بولۇشى كېرەك ئىدى.

بىز بۇ يەردە يەنىلا ئاشۇنداق پىچاق تىقىپ ئوغۇل بالىلىقىنى كۆرسىتىپ ياشاشنى تەشەببۇس قىلمايمىز، پەقەت ئوغۇل بالىدەك خۇي، پەزىلەت، سالاپەت بىلەن ياشاش خاسلىقى يارىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، قانداقتۇر تەستەك يىسىمۇ قىزلارنىڭ كەينىدىن پەپەشلەپ يۈرەيدىغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئورنىغا قىزلار ئەيمىنىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان، سۈيۈنىدىغان قىزغىنلىققا يۈزلىنىدىغان بولۇشىنى تەكىتلەيمىز.

تەۋسىيە: ئەي ئوغۇللار، كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار، قەلبىڭلاردىكى مەجروھلۇقنىڭ ئورنىغا ئەجداتلارنىڭ ئادەت، ئۇدۇملىرىدىن نۇر- يۇرۇقلۇق چېكىڭلار!


Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 23:27:45

تەۋسىيە: ئەي ئوغۇللار، كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار، قەلبىڭلاردىكى مەجروھلۇقنىڭ ئورنىغا ئەجداتلارنىڭ ئادەت، ئۇدۇملىرىدىن نۇر- يۇرۇقلۇق چېكىڭلار!

.......................

بىر جۈملە كام قېلىپ قاپتۇ ،كەينىگە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ساراڭ دىگەن ئېتوتىنى چوقۇم كۆرۈڭلار دەپ قېتىۋەتكەن بولسىڭىز دەبدەبىلىك شوئار بىلەن بېزەلگەن بۇ بىرنىمىڭىز نومۇسسىزلىقنىڭ چېكىگە يەتكەن ئېلان مۇكاپاتىغا ئېرىشەركەنتۇق !دەپ قويۇڭ ئاكىڭىز بىر كۈندە تۆكۈلگەن نومۇسىنى مىڭ يىلدا ئاقلىيالمايدۇ \"\" \"\" \"\"

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 08:00:29

ياشلارنىڭ ئاممىۋى سورۇندا بەتقىلىقلىق قىلىدىغان抱抱团 لەر ھەققىدە 90-يىللارنىڭ ئاخىردا خەنزۇلارمۇ خىلى تەنقىدلەپ ماقالىلەرنى يېزىپ بېقىپتىكەن. ھازىر بۇ سەپكە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر 抱抱团 لەر قوشۇلۇپتۇ. ئاممىۋى ئەخلاق توغۇرىسىدا قانچىلىك كاپشىمايلى، ئېتوت ئويناپ، شېئىر يېزىپ تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاخشام تاكسىدا كېتىۋاتسام بىر خەنزۇ قىز يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىشاتكىدىن ئارتىلىپ ئۆتكەنتى. شوپۇر يولداش سەت گەپتىن بىرنى قىلىۋىتىپ بۇرۇن خەنزۇ ئاياللار .... نىمىڭ نېمىلىكىنى بىلەتتى. ھازىر بىلىدىغانلار يوق. بار دېگەندىمۇ ئۇ نەرسىگە بولغان تونۇش، نۇمۇس قارىشىدىن تاۋار، سودا قارىشىغا ئۆزگۈرۈپ كەتتى. سىلەردە بولۇشى مۇمكىن لېكىن ھازىر بىزنىڭ ئادەملەردە يۈز دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن دەيدۇ. \"\"

ihwan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-28 08:28:50

ئەستاغفىرۇللاھ،مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ2013-يىلى 8- يانۋار سانى.

kukhelal يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 21:32:32

تۇنۇگۈن ئۆيگە كىتىۋاتسام بىر بالا بىر قىزنىڭ ئىشنۇرىنى چىگىۋىتىپتىكەن ئۆيگە بىرىپ ئاغرىپلا قالدىم.
بەت: [1]
: ئوغۇل بالىلىق مەنزىلى