izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 21:22:13

رىگان چاقچاقلىرى



رىگاننىڭ سوۋىتلەر ئىتىپاقىغان قىلغان چاقچاقلىرى ئىكەن



abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 08:49:06

قايسى رىگان؟ ئامېركا زوڭتۇڭى ئەمەستۇ؟ مەن تىخى ئۇنى ئۆلگەن دەپ بىلىمەن؟

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 09:01:18

ھىس قىلىشىمچە ئامېرىكا پىرىزىدىنتلىرىنىڭ ھەممىسى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كېلىدىكەن...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 23:04:21

بۇ چاقچاقلارنى ئاڭلىغان گورباچۇف نۇمۇسقا چىدىماي ....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 23:06:50

\"\" بەك قىزىقارلىقكەن، بولۇپمۇ بىر ئامرىكىلىق بىلەن بىر سوۋىت ئىتتىپاقىلىق توغرىسىدىكىسى، ئاندىن كاستىرو توغرىسىدىكى بەك قىزىقارلىقكەن. پەچەت! رىگاننى بۇنچىۋالا قىزىقارلىق كىشى دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. \"\"



گورباچىۋ 2011-يىلى ئوغۇزدا بىزنىڭ مەكتەپكە كىلىپ لىكسىيە سۆزلىگەن ئىدى، ئۇمۇ قىزىقارلىق كىشىكەنتۇق. ئاففانىستان ئۇرۇشى توغۇرلۇق سورالغان سۇئالغا بەرگەن جاۋابى ئامرىكىلىقلارنى بىئارام قىلىپ تۇرۇپ كۈلدۈرۋەتكەنتى. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىمدە قالغان بىر سۆزى: مىنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىمدىكى ئەڭ چوڭ يىتەكچىم - كىتاب.


http://www.uwyo.edu/profiles/extras/mikhail-gorbachev.html

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 00:37:31

ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغان ئورۇسنىڭ يۇمۇرى قىززىقكەن دېسە  {:92:}  

رىگان دېگىنى ھېلىقى يۈرىكىنىڭ يېنىغا ئوق يەپ ئۆلمەي قالغان كىشىمۇ؟ دوللارنىڭ ئورنىغا باشقا پۇل چىقىرىشقا كۈچەپتىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم، سۈيقەستكە ئۇچرىغاندىن كىيىن توختىتىپ قويۇپتۇمىش.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 23:16:41

ئامېرىكا پىرزىدىنىتلىرى ئىچىدە ئەڭ يومۇرلىقى لېنكولىنمىكىن دەيمەن. بۇرۇن بىر ئېنگىلىزچە كىتابتىن لېنكولىننىڭ چاقچاقلىرىنى كۆپ ئوقۇغان. يېقىندا كېنوسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. گورباچىۋ دېگەن بەك ناتىقمىش. مەن ئورۇسچىسىغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئاكا ئاغىنەم شۇنداق دەيدۇ دائىم ئورۇسنىڭ ھەممىسى ناتىق، لېكىن مەن ھازىرغىچە گورباچىۋدەك ناتىق ئورۇسنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىر ئېغىز گەپنى تەكرارلاپ سالماي ئىككى سائەت سۆزلىيەلەيدۇ دەپ.

يېقىندىن بۇيان ئىسپانىيەنىڭ تەنتەربىيە قانىلىدىكى پۇتبۇلنى چۈشەندۈرىدىغان گۇينىڭ ئىسپانچىسىنى ئاڭلىسام، شۇنداق گۈزەل بىر تىلنى ئۈگنىۋاتقىنىمدىن خۇش بولسام، ئۇنىڭ سۇدەك تىز سۆزلىشىدىن، پېئىلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاڭقىرىپ بولالماي ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمەن.
بەت: [1]
: رىگان چاقچاقلىرى