tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 10:07:08

ئەسقاتىدىغان رېتسىپلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ نۇسخىلارنىڭ بەزىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى ئەسقاتىدىغان تەييارلاش ئوڭاي نۇسخىلار.



كۈز پەسلىنىڭ شەبنەملىك ۋاقىتلىرىدا ئېتىزدىكى چامغۇرنىڭ ئەتراپىدىكى توپىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، چامغۇرنىڭ يۈر ئۈستىدىكى كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئويۇپ قويۇلسا كېچىسى ۋە سەھەردە چۈشكەن شەبنەم ئاشۇ ئويمانغا يىغىلىدۇ. ئاندىن چامغۇرنى ئېھتىيات بىلەن يۇلۇپ بىر نەچچە چامغۇردىكى شەبنەم سۈيىنى ئىچىپ،چامغۇرنى مەلۇم مىقداردىكى قوي گۆشى بىلەن قاينىتىپ ئىسسىق پېتى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ھەر قانداق ئۆپكە كېسەللىكىگە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.



كۆك يۆتەل ئۈچۈن : بىر دانە ئاق قۇشقاچنى ئۆلتۈرۈپ،پاكىز تازىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ ۋە 15-20گرام ناۋات بىلەن قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچۈرسە ۋە بۇنى ئارقىمۇ-ئارقا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا كۆك يۆتەلنىڭ تىز ئەسلىگە كېلىپ ساقىيىشىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.



گۈلە چوڭلۇقىدىكى ناۋاتنى بىر پىيالە قايناقسۇدا ئېرىتىپ، كەپتەر ئۆتىدىن 2-3 تامچەتېمىتىپ ئىچۈرۈپ بەرسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.





ئاق چامغۇر 2500 گرام،ياغ ۋە سۆڭەكلىرىدىن ئايرىلغان قارا پاقلان گۆشى 2500گرام ، كۈنجۈت 125گرام، سىيادان،بەدىيان،لاچىندانە،دارچىن 80گرامدىن؛ بۇلاردىن چامغۇرنى ئۇششاق توغراپ يېرىم چىلەك ئەتراپىدىكى سۇدا ئىزىلگىچە قاينىتىلىدۇ،ئاندىن داكىدا سىقىپ سۈيىنى سۈزۈپ ئېلىپ قازانغا قۇيۇلىدۇ؛ گۆشنى ئۇششاق چاناپ ئىككى قەۋەت داكىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ، ئۈستىدىن يىلمان سۇ قۇيۇپ تۇرۇپ گۆش تەمى پۈتۈنلەي تۈگىگىچە  مىجىپ شىرىسى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ شىرە قازاندىكى چامغۇر شىرىسىغا قوشۇلىدۇ. قالغان دورىلارنى چالىراق سوقۇپ خالتىغا ئېلىپ گۆش ۋە چامغۇر سۇلىرى بىلەن دورا تەمى چىققۇچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن دورا تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ دورا سۈيىنى ساقلاپ قويۇپ كۈندە ئىككى ۋاق 3-4 قوشۇقتىن ئىسسىق پېتى ئىچىلىدۇ.

بۇ دورا يۈرەك ،ئۆپكە ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ قان كۆپەيتىپ مغدۇر پەيدا قىلىدۇ.


http://www.4tadu.com/?p=557

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 14:39:35

خەشخەش پوستى،زەمچە،ئاقمۇچ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن تەييارلاپ يۇمشاق سوقۇلىدۇ. ئىككى تۇخۇم چىنىگە چېقىلىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۈستىگە ئون گرام بۇغداي ئۇنى ۋە دورا تالقىنىنى قوشۇپ يەنە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن قازاننى قىزىتىپ مايلاپ پوشكال پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. بۇ پوشكالنى ئىلمان بولغاندا لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئوراپ ئىچى سۈرۈش ياكى قۇسۇش توختىمىغان بىمارنىڭ مەيدە ۋە قورساق ئۈستىگە تېڭىلىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 16:34:14

خەتكۈچ

داۋاملىق ھە...

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 16:48:18

1- رېتسېپ سىل كېسىلىنىڭ ئۇنۇملۇك دورىسى.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 21:51:12

زىققىغا مۇشۇنداق خۇرۇچلىرىنى تاپماق ئاسانراق ئەل ئىچى رىتسىپلىرى بارمۇ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 07:48:09

رەھمەت،ساقلىۋالدىم \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 10:18:16

زىققا كىسىلىگە قارىتا ئادراسمان ئۇرۇقى 500گرام، نۆشۈدۈردىن 60گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ 6-9 گرام مىقدارىدا كۈندە ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى.

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 19:03:50

بالىلادا كۆپ كۆرۈلدىغان بادامسىمان بەز ياللۇغنىڭ دورسى بولسا قالدۇرۇپ قۇيۇڭلاچۇ ،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 11:20:35

كونا ئوچاق چالمىسىدىن 80گرامنى بىر پىيالە سۇدا قاينىتىپ،يېرىم سائەت تىندۇرۇپ،سۈزۈپ سۈيىنى ئىچۈرسە قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 11:24:44

ئىچى سۈرۈش كېسىلىدە گۈرۈچنى قورۇپ ، يۇماستىن بۆرەك يېغى بىلەن شويلا ئاش ئىتىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 17:10:55

سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇدىن 300گرامدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئازراقتىن كۆپەيتىپ تاكى بىر لىتىرغا قەدەر يەتكۈزۈپ داۋاملىق ئىچىپ،ئاندىن بەدەن قىزىغۇدەك تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا كونا يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشلارغا ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئىبىنسىنا تەرىپىدىن ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاشقا قوللانغان چارە بولۇپ ھازىر خەلق ئارىسىدا دەم سىقىلىش ۋە كونا يۆتەللەرگە ئىشلىتىلىپ ئەمەلى ئۈنۈمى ئىسپاتلاندى.
بەت: [1]
: ئەسقاتىدىغان رېتسىپلار