فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 01:25:02

قەلب تىۋىشلىرى


قەلب تىۋىشلىرى


(ھېكايە)



  ئۇ گەرچە ئەتراپىدىكى بەختىيار بالىلاردەك ئۆزىنى بەختلىكمەن دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمما، كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ مېھرىبان، كۆيۈمچان ئوتلۇق سىمانى توختىماي ياد ئېتىپ تۇراتتى... ياد ئېتىشلا ئەمەس بەلكى ھازىرقى رېئاللىقنى پەقەت ۋە پەقەت قۇبۇل قىلغۇسى يوق ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ چاك باسقان ھاياتىغا ئەنە شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىسكىن قەلبىگە تەسەللىي ئىزدەيتتى. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا، يەنىلا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان شېرىن خىياللار قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان رەھىمسىز رېئاللىققا قايتىشى ئېنىق.


  رېئال تۇرمۇش ئۇنى توختىماي ئۆزى ئىنتىلگەن نەرسىلەردىن، ئېرىشمەكچى بولغان كىشىلىرىدىن ئايرىپ بارا-بارا دۇنيانىڭ لەززىتىدىن، خوشاللىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، كۈلرەڭ ھەم قىرتاق ھايات قوينىغا بارغانسېرى سۆرەپ كىرمەكتە ئىدى. بۇلارنى ئۇ باشتا پەقەت ھېس قىلالمىغانىدى، ئۇ گۆدەك ھەم پاكىز بىر قەلب بۇ رەزىللىكلەرنى قانداقمۇ ھېس قىلالىسۇن؟!... دەسلەپتە، ئۇ زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا بىر خىل شۇ نەرسىلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچلۈك ئۈمۈدۋار بىر قەلب جۇش ئۇرۇپ سوقۇپ تۇرغان بولغاچقا ئۇ قىيىنچىلىقلار ئۇنى قىلچىمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەنىدى. بەلكى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى، ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى بىر مىنۇتمۇ يوقاتمىغانىدى. ھەر قېتىم كۆز ياش قىلغىنىدا، ئۆز-ئۆزىگە قەتئىي بوشاشماسلىقنى، تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ ئۈمۈدۋار بولۇشنى جېكىلەيتتى. ۋە شۇ ھامان پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈچكە تولۇپ كەتكەندەك بولاتتى. ئەمما، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، ئۇ ھالسىزلىنىشقا، بارا-بارا ئۈمۈدسىزلىنىشكە باشلىدى، يېنىدا بىر يۆلەنچۈكنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈچ ۋە جاسارەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەسلى ھاياتلىقتا بەزى نەرسىلەرنى ئۆزگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، تەن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرگە ھامان تەن بېرىشى كېرەكلىكىنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. دېمەك، بۇ تەقدىر، بۇ ئاللاھنىڭ قىسمىتى، بۇ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىش كېرەك...


شۇنداق بىر گەپ بار، ئاللاھ خالىسا خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىدۇ، گەر خالىسا خارۇ-زار قىلىدۇ...



  ئۇ ناھايىتى كىچىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەممىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەختلىك ، يۈز-ئابرويلۇق بىر ئائىلە ئىدى. خۇلۇم-قوشنىلىرىمۇ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاچىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، نەدە كۆرسە شۇ يەردە ۋاي بالىلىرىم دەپ ئەركىلىتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېسىللىقىدىن، بالىلىرىنىڭ ئوماقلىقىدىن زوقلىنىپ قارىشىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى سودىگەر، ئاپىسى بولسا خۇشچاقچاق ئائىلە ئايالى ئىدى، ئاتىسى ئەينى چاغلاردا ئۆزىنىڭ  ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، بىر قانچە بۇرادىرىگە باش بولۇپ شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرگە بېرىپ سودىگەرچىلىك ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ خېلى پۇل تاپقان ۋە مەردلىكى، جاسارىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن ئەل-ئاغىينىلىرى ئارىسىدا يۈز تاپقان، ئابرويلۇق، ئېسىل بىر كىشى ئىدى.باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ تۇرىدىغان سېخىي بىر ئادەم ئىدى، ھەم شۇ سەۋەبلىك نامىمۇ يىراق يېقىنغا داڭلىق ئىدى. ھەممە بۇ كىشىنى ھۆرمەتلەيتتى، ياخشى كۆرۈشەتتى...  ئۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەقىقەتەن بارچە كىشىنى ھەۋەستە قالدۇرغۇدەك گۈلدەك شېرىن بىر ئائىلە ئىدى.


  ئەمما، بەختلىك، شېرىن  مىنۇتلار ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئەمەسكەن. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ، شۇ يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى دائىملىق ئادىتى بويىچە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك بىر قانچە شېرىكلىرى بىلەن يىراق بىر شەھەرگە مۇھىم بىر سودا ئىشى بىلەن بارماق بوپتۇ، كىم بىلسۇن بۇنىڭ كىشى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر قېتىملىق كۆڭۈلسىز سەپەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى...


  ئۇلار ئۇ شەھەرگە بېرىپ شۇ قېتىملىق مۇھىم سودىسىنى تۈگىتىپتۇ ۋە مالنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، قولىغا نەق پۇلنى ئېلىپ ساناشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، ئۇشتۇمتۇت يېقىنلا بىر جايدا قوللىرىغا پىچاق ۋە پالتا كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ لۈكچەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ ۋە ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئاتىسىنى قورشىماقچى بولۇشۇپتۇ... شۇ ئارىدا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ قولىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى يېنىدىكى شېرىكىگە تۇتقۇزۇپ، ئامال قىلىپ بۇ يەردىن تېز قېچىپ چىقىپ كېتىشنى تاپىلاپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ... شۇنىڭ بىلەن ئۆزى يالغۇز نەق مەيداندا ئۇلار بىلەن بىر ھازا تىركىشىپتۇ، بىر قانچە يېرىگە پىچاق يېگەندىن كېيىن بۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قېچىشقا باشلاپتۇ، ئارىدا يەنە بىر قانچە يېرىگە پىچاق يەپ ئېغىر يارىلىنىپتۇ، ئەمما شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ قولىدىن ساق چىقىپ كېتىشنى نىيەت قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرەپتۇ، بەختىگە يارىشا بىر ئازدىن كېيىن كوچا چارىلاۋاتقان بىر قانچە ساقچىغا ئۇچراپ قېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنىپتۇ. ۋە ئەتىسى پويىز بېلىتىنى ئېلىپ ئاران دېگەندە ئۆز يۇرتىغا كېلىۋاپتۇ. قايتىپ كېلىپلا ھېلىقى شېرىكلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپتۇ، بىراق ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالماپتۇ، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن XX ۋە ئايالى XX بالا ئوغۇرلاپ نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغىلى تاس قاپتۇ. (كېيىن بىلىشىچە، ئۇ تۆت كىشى بىرلىشىپ ئارىدا ئۇيۇن ئويناپ مەقسەتلىك پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشكەنتۇق بۇ ئەسلى، ئۇ لۈكچەكلەرنىمۇ شۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ياللاپ ئەكەلگەنىكەن...)


  ئۆزى ئەڭ يېقىن دەپ بىلگەن كىشىلىرى تەرىپىدىن بۇنداق چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېتىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغاچقا بۇ كىشىگە بۇ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىش بەك تەس كەپتۇ، بىر كېچىدىلا ئۆزىنىڭ پۈتۈن دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ باشقىلارغا نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە خىيالىغا كەلتۈرمىگەندە، ھەم قانداقمۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن. شۇنداقمۇ؟!...  


  ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ كىشى قەرزگە بوغۇلۇپ قاپتۇ، كۈن-كۈنلەپ ئۆيىدىن سىرتقا چىقمايدىغان، كىشىلەر بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن كۆرۈشۈپ يۈرمەيدىغان، تېرىككەك، ئاسان ئاچچىقلايدىغان، ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، گۇمانلىنىپلا يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىش پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كېتىپتۇ، ئەمما جىق كىشىلەر بۇ ئائىلىگە كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش بولدى بۇ دېيىشىپتۇ، ھەم بۇ ئائىلىگە ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.


  بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە ئۇ كىشىنىڭ قىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانىدى. دەرسلەردىمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇپ ئىزچىل سىنىپ باشلىقى ۋە ئۆگىنىش باشلىقى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۆزىمۇ شوخ ھەم ئوماق قىز بولغاچقا مۇئەللىمى بۇ قىزنى بەكمۇ ياقتۇراتتى. ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلاتتى.  ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇ قىزنى بەك ھۆرمەتلەيتتى ھەم ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قىز ئاتا-ئانىسىنى، دوستلىرىنى، ساۋاقداشلىرىنى ۋە مۇئەللىمىسىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ ئاتىسىغا نىسبەتەن قەلبىدە ئالاھىدە بىر خىل ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بار ئىدى. ئاتىسىنىڭ ئۆزقەلبىدىكى مۇقەددەس ئوبرازىنى ھېچقانداق نەرسە خۇنۈكلەشتۈرەلمەيتتى... ئاتىسى ھەر قېتىم ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان يىراق جايلارغا كەتكەندە شۇنداق كۆرگۈسى كەپ كېتەتتى. بەزىدە كۆرگۈسى كەپ كەتسە يىغلايتتى. شۇ چاغدا ئاتىسىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىللىق چېھرىنى، ئاتىلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى، ئۆزى نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىپ مەلىكىلەردەك ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە بايىقى خاپىلىقى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ، چىرايلىق يۈزلىرى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز شادلىق ئىچىدە كۈلۈمسىرەيتتى...


   بىراق،تەقدىر قىسمەت بەزىدە ئىنسان ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك رەھىمسىز بولىدىكەن. بەزىدە كىشىلەرنى شاھلىق سۇلتانىدا ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇرسا، بەزىدە نامراتلىق كەپىسىگە بەند قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ غۇربەتچىلىكىدە ھارغۇچە دومىلىتىدىكەن. ئەنە شۇنداق قىلىپ... ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، بۇ جەرياندا ئۇ مەسۇم قىزنىڭ ئاتىسى بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتمەيدىغان، ھە دېسىلا ئۇدۇل كەلگەن ئادەم بىلەن سەۋەپسىزلا ئۇرۇشۇپ مۇشتلىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇرۇنقىدەك خۇشخۇي، سالام-سائىتى جايىدا ، سالاپەتلىك بىر ئادەمدىن تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغوقىدا ئۇيان-بۇيان تاسقىلىپ يۈرۈپ نېرۋىسى سەل ئاجىزلىشىپ، بەك ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بوپ قاپتۇ... خۇلۇم قوشنىلىرى بۇ كىشى ئۇرۇۋالسىمۇ قول ياندۇرمايدىكەن، تىللىۋالسىمۇ بوپتۇ دەپ جىم تۇرۇپ بېرىدىكەن. (ئۇلار بۇ كىشىگە يەنىلا ھېسداشلىق قىلىدىكەن)... ئۇ كىشىنىڭ قىزى ئاتىسىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك كۆيۈنمەيدىغان ھەم قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلەتمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولسىمۇ ئەمما نېمىشقا شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەنمىگەچكە كۆڭلى شۇنچىلىك بىئارام بولۇپتۇ. ئەمما كۆڭلىدە يەنىلا ئاتىسىنى ئەسكى ئاتا دەپ ئويلىمايدىكەن. ئاتىسىنىڭ بۇرۇنقى مۇقەددەس ئوبرازىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىدىكەن.


  ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قىز 5-سىنىپقا كۆچۈپتۇ، ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي سىنىپ باشلىقى سايلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. مۇئەللىم يىغىندا شۇ قىزنى نامزاتلىققا تاللىغانلىقىنى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ قانداق پىكرى بارلىقىنى سوراپ تۇرۇشىغا، بىر بالا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مۇنداق دەپتۇ:


  -مۇئەللىم،XXگۈل گەرچە سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار ھەم ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، بىراق ئۇ قىزنىڭ ئاتىسى بەك ئەسكىكەن، كىمنى كۆرسە شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش -جېدەل قىلىپلا يۈرىدىغان بىر ساراڭكەن، ئۇنداق ئادەمنىڭ قىزىنى سىنىپ باشلىقلىقىغا سايلىمايمەن مەن،- دەپ ئۇ قىزغا بىرنى چەكچەيگىنىچە ئورنىدا ئولتۇرۇۋالدى.


  ھازىرغا كەلگۈچە ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسى شۇنداق ھۆرمىتىنى قىلىپ، چوڭ كۆرۈپ قاتتىق قۇرۇق گەپ قىلىپ باقمىغاچقا، بۇ قىزغا بايىقى ساۋاقدىشىنىڭ گەپلىرى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە قەلبىدە بۈيۈك بىر ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن قەدىردان ۋە مېھرىبان ئاتىلىق مېھرىنى تېخى يوقاتمىغان شۇ سۆيۈملۈك ئاتىسىنىڭ ساۋاقدىشى تەرىپىدىن ئاشۇنداق ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئاتىلىشى بۇ قىزغا ھەقىقەتەن بەك ئېغىر كەپتۇ، ئۇ ياش مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىنى بايىقى ساۋاقدىشىغا غەزەپ بىلەن تىككىنىچە:


  -بولدى! مەن سىنىپ باشلىقى بولمايمەن!!! دېيىشكە ئاران ئۈلگۈرۈپلا سىنىپتىن يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.


  مۇئەللىم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن كۆڭلى غەش بولۇپ دەرھال ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن چىقىپ مېھىر بىلەن قۇچاقلاپ،كۆز ياشلىرىنى ئېرتىپ تۇرۇپ بىر مۇنچە تەسەللىي بەردى. ھەم قولىنى يېتىلەپ سىنىپقا ئەكىرىپ، ھازىردىن باشلاپ بۇ قىزىم يەنە داۋاملىق سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، كىم گېپىنى ئاڭلىمىسا مەندىن رەنجىمىسۇن! دەپ سىنىپتىكى بالىلارغا جاكارلىدى، ۋە ھېلىقى بالىغا قاراپ، سەن بۇ قىزدىن كەچۈرۈپ سورا، ئەمدى ئۇنداق گەپلەرنى ئىككىنچى قىلمىغىن، دەپ كەچۈرۈپ سوراتقۇزدى...


  گەرچە بۇ ئىش شۇنىڭلىق بىلەن تۈگىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما شۇ ۋەزنى ئېغىر سۆزلەر بۇ گۆدەك قەلبنى كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە خېلى ئېغىر جاراھەتلەندۈرگەنىدى. ھەم شۇ كۈندىن  ئېتىبارەن بۇ قىز بۇرۇنقىدەك سىنىپ ئىچىدە تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەپ ھەر خىل ئۇيۇنلارنى زوق-شوخ بىلەن ئوينىمايدىغان، دەرس ۋاقتىدىمۇ سوئاللارغا ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بەرمەيدىغان بوپ قالدى. بىراق يەنىلا ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. گەرچە، سۆيۈملۈك مۇئەللىمى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇ قىزنى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك شۇنداق ياخشى كۆرۈپ، ھۆرمەتلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇلار يەنىلا ئۇ قىزنىڭ قەلبىنىڭ پىنھان يەرلىرىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە مەلھەم بولالمايتتى...


  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋاملاشماقتا.ئۇ قىزنىڭ قەلبىدىكى ئاتىسىغا بولغان مۇھەببەت كۈچەيگەنسېرى بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆڭلى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە بىئارام بوپ كېتەتتى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن نەچچە قېتىم پىچىرلىشىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلسىمۇ بىلىندۈرمەي يۈرگەنمۇ بولدى. ئەمما قەلبىدىكى شۇ ۋاقىتتىكى ئازابنى بىر ئۆزىلا بىلەتتى. ئاتىسى ئۈچۈن ۋە ئاتىسىنىڭ باشقىلار ئالدىدا مەسخىرىگە قالغانلىقىدىن ئازابلىنىپ يۈرىكى پۇچۇلۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەممە ماختايدىغان، ھەۋەس قىلىشىدىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر، كۆيۈمچان، مېھرىبان ئاتىسى ھازىر ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن كۈلكىگە قالماقتا ئىدى...


  بۇ قىز بارغانسېرى دوستلىرىدىن، ساۋاقداشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆزى يالغۇز يۈرىدىغان، تولا خىيال سۈرىدىغان، غەمكىن بولۇپ قالدى. ئاتىسىنى ئويلىسىلا كۆڭلى بىئارام بولۇپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. بەلكىم ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كۆز ياشلىرىنىڭ سانى ھېساپسىز جىق بولسا كېرەك... ئۇ ئاتىسىنى ئەنە شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، ھەم ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزگىرەپ يەنە ئىلگىرىكىدەك ھالىتىگە قايتالايدىغانلىقىغا، تۆكۈلگەن يۈز-ئابرويىنى ۋە كىشىلەر ئالدىدىكى ناچار تەسىرىنى يوق قىلالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى ھەم غۇبارسىز ساپ قەلبىدە چوقۇم شۇنداق بولۇشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلاتتى…


  

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 11:55:45

«ئۇ» سىزما ؟

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 13:46:44

2- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«ئۇ» سىزما ؟

ھەئە.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 13:48:37

خەت شەكلى بەك سەت چىقىپ قاپتۇ ھە \"\" . ئوڭشاپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 14:49:28

بۇرۇن بەزى سۆزلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ .

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 15:54:54

4- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن بەزى سۆزلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ .

ھېچقىسى يوق. ھازىر كۆرگەنسىز، ئىنكاس يازسام كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى يوللىمايمەن.
بەت: [1]
: قەلب تىۋىشلىرى