11ئادەم پۇتبول تور ژورنىلى 1-سان
مۇنبەردىكى جاپەكەش ئەزايىمىز خەزىنەنىڭ ئەجرى ئارقىسىدا بۇ تۇنجى سان تور ژورنىلى ئاخىرى روياپقا چىقتى . قېنى نەزىرىڭلار تۇنجى ساندا بولسۇن ، كىيىنكى ساندا شىۋىتسىيەلىك توپچى ئىبرايىموۋىچنىڭ تەرجىمھالى " مەن ،ئىبرا" نىڭ ئۇيغۇرچە ئىكىلىتونلىق نۇسخىسى يوللىنىلدۇ .1-ساندىكى مەزمۇنلار :
مىرئەخمەتجاننىڭ قەلىپ سۆزلىرى
مىرئەخمەتجاننىڭ تىلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى ئۇچىرىغان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ پۇرسەت ۋە تىرىشچانلىققا بولغان قاراشلىرى سۆزلەنگەن .
ھايات خۇددى AC مىلانغا ئوخشايدۇ
مىلان توپچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن ئىنىق ۋە دەل جايىغا چۈشۈرۈپ تەسۋىرلەنگەن
تەڭرىم مىنىڭ ئالدى بەل ئوينىغۇم بار
قىزىقارلىق تىما ، دۇنيادىكى داڭلىق توپچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى (بولۇپمۇ ،ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ ) سۆزلەنگەن .
يىڭى ھوللىۋوت تۈركىيە بىرلەشمىسى
تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ يىقىنقى مەزگىللىرىدىكى ئۆزگىرىشلىرى ۋە يۈزلىنىشى سۆزلەنگەن .
پەلەستىن پۇتبولى
ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى پەلەستىن پۇلى توغىرىسىدىكى قىسقىچە بايان
چىملىقتىكى مەرگەن -ئىلھام ئىنىمجان
ئالدىنقى پەسىل گۇيجۇ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ ،ئۇزغۇنلىققا ئېرىشكەن ئىلھامجاننى چۈشۈندۇرگەن يازما
مەسۇت ئۆزىل قانداق چولپان بولغان
گىرمانىيە تۇغۇلۇپ ،ئۆسۈپ يىتىلگەن تۈرك توپچى مەسۇت ئۆزىلنىڭ چولپان بولۇش جەريانى
تۈركىيە -گىرمانىيە پۇتبول مۇناسىۋىتى
تۈركىيە ۋە گىرمانىيەدە نۇرغۇنلىغان زىل -مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن يازما
مەشقاۋۇللارنىڭ بوكىس مۇسابىقسىى
بىر قىزىقارلىق ساتىرا ، گۇئاردىئولا ، قېرى سېر ، ۋىنگىر ،مورىنىئو ۋە مەنچىنىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان بوكىس مۇسابىقسىى ئارقىلىق بۇ مەشقاۋۇللارنىڭ خاراكتىرى ، ئۇسلۇبى ۋە نەتىجىلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق يورىتىلىپ بىرىلگەن .
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
بۇ يەرنى بىسىڭ. بارى دېگەن بالا مۇسابىقىدە ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ قويۇپ بالاغا قالدى دەيدۇيا. ژورنال ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن كۆپرەك رەسىم قويماپسىلەر.
تەنتەربىيە ژورنىلى رەسىملەر بىلەن بولمامدۇ.....


بارىغا جازا ئېلان قىلىنىپ بولۇپتۇ، بەش مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىپ، 25مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەيدىكەن. بارى ئۈچۈن 25مىڭ ھىچقانچە پۇل ئەمەس ئەمما قىززىق قانلىق قىلىپ قويغىنى بولمىدى ئوتتۇرا بارمىقىنى ئايرىم مۇسابىقىدىن كېيىن كۆرسىتىۋالماي

لىكىن ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئۇيغۇر دىگەن بۇنداق ئۇيغۇر دىگەن بۇنداق دەپ تىللىشىغا چىدىماي ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقارغان ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ چەكلەنگەن بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر ئۇنىڭغا باشمالتىقىنى چىقارغان ، ھەتتا ئاشۇ تىللىغانلارنىڭ مىللەتداشلىرى ئۇيغۇرنى تىللىغانلارنى ساپاسىزلار دەپ ئۆزلىرى تىللىغان .
لىكىن بۇ بارىنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى تىللىدى دەپ ، چىرايغا كۈلكە يۈگىرىتىپ ، ئوتتۇرا بارماقچىلىرى بىلەن تەڭ تىللىرىنى چىقىرىپ يۈرگىنىنى ئىشقىلىپ جىق ئادەم توغرا چۈشىنەلمىدى .
ئەسلىدە مۇشۇ دەسلەپتە جوڭگو بىرلەشمىسى ئوينىغانلارنى كىيىنكى ياش توپچىلارنىڭ يولىنى ئىچىپ بىرىدىغان ياخشى ئۈلگە بولسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىۋىدۇق ، لىكىن ھازىر بارىنىڭ گىپى چىقسىلا ، ئۇيغۇر توپچىنى باشقۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ دەپ ، كىيىنكى ياش توپچىلارنىڭ يولىنى ئىتىپ قويىۋاتقاندەكلا تەسىرات بىرىپ قويىۋاتىدۇ
ئەھۋال مانا مۇشۇنداق.
يەلكەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە.......
بەت:
[1]