كومپىيوتىر قۇراشتۇراي دىگەنتىم ، مەسىلھەت بەرسەڭلار؟!
مەن ئازراق پىكىر بېرەي
CPU: Intel 酷睿i5 3470(盒) ¥ 1160
بۇنى ياخشى تاللاپسىز، ئەمدى بۇنىڭغا قوشۇپ 150~200 يۇەن ئەتىراپىدىكى شامالدۇرغۇچتىن بىرنى قوشۇپ سېتىۋېلىڭ،بۇ ئاقسالىق ئەمەس بەلكى شامالدۇرغۇچنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھە راست بۇنى I7 قىلىمەن دەپ پۇل سەرىپ قىلىپ يۈرمەڭ جۇمۇ ، I3 قىلىشىقىمۇ ھەم بولمايدۇ ، مېنىڭچە I5 ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپتۇ.
主板: 华硕P8Z77-V LX ¥ 999
ئاساسى تاختىغا ئوبداننى تاللاپسىز، ھەممىدىن بەك ئاساسىي تاختا ئالغاندا كەلگۈسىنى ئويلاش بەك مۇھىم.
内存: 金士顿4GB DDR3 1600 ¥ 195x2
4GB بولسۇن 8GB قىلماڭ بەرىبىر 4GB دىن ئارتۇق قىسىمى ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇ دېگىنىم 32 لىق سېستىمىلاردا 4GB دىن ئارتۇقى تۇرىدۇ بىكار، 64 لىك سېستىما ئىشلەتسىڭىز ئۇ باشقا گەپ.
硬盘: WD 1TB 7200转 64MB SATA ¥ 639
قاتتىق دېسكا مۇشۇنداق قىممەتمىكەن ، 2TB بىلەن باھا جەھەتتە ئانچە پەرقى يوقتۇ مەن 2011 يىلى 2TB نى 510 يۈەنگە ئالغان ئىدىم، فىللىپىنغا بىرلا كەلكۈن كېلىپ ئۆسۈپ كەتتى دېسە. پۇل بولسا RAID قىلىڭ ، ھەقىقەتەن تېز بولىدىكەن، بۇ توغىرلىق تەپسىلاتنى باچكىدىن ئاڭلايلى
显卡: 影驰GTX650大将 ¥ 899
机箱: 游戏悍将魔族II红魔 ¥ 149
电源 航嘉多核WD500 ¥ 339
قالغىنىغا پىكىرىم يوق ، پۇل بولسا كۆرسىتىش كارتىسى قانچە ياخشى بولسا ياخشى ، توك مەنبەياخشى تاللىنىپتۇ
بۇ سەپلىمىلەرگە Win8 تازا بولىدۇ لېكىن چەكمە ئېكران بولۇپ كەتسە دە مانا
华硕P8Z77-V LX نى 1000 يۇەنگە ئالغاندىن ASUS) Z87-A نى ئالغان ياخشىراق.ھازىر z87 دەۋرىگە كىردى.z77نى ھازىر توۋەنلىتىپ سىتىۋاتىدۇ.z87نىڭ ئۇنىمى يۇقىرى ۋە توك سەرپىياتى z77دىن توۋەن.مۇشۇنىڭغا قاراپ قۇيۇڭ.2 سىنىڭ پەرقى 50 يۇەن ئەتىراپىدا.
i5-4430 مۇ 100 يۇەن ئەتىراپىدا ئاۋۇ 3470 دىن يۇقىرى.
华硕主板命名方法:GTX650 كۆرسىتىش تاختىسى ياخشى تاللانماپتۇ. ھازىرقى كۆرسىتىش تاختىلىرى ئۈستەل كومپىيوتىرىدا ئىككى خىل، بىرى مۇشۇ سىز تاللىغان nVIDIA ئۆزەكلىكى، يەنە بىرى ATA ئۆزەكلىك كۆرسىتىش تاختىسى، گەرچە nVIDIA نىڭ كۆرسەتكۈچلىرى ATA دىن يۇقۇرى بولسىمۇ، ئۆزەم ئەمەلى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم، بۇنىڭدىن كىيىن nVIDIA ئۆزەكلىك كۆرسىتىش تاختىسىغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن. ھازىر كومپىيوتىرنىڭ ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى مۇشۇ كۆرسىتىش تاختىسى بولۇپ قالدى. ئامال بار ياخشىسىنى ئېلىڭ.
一、INTEL平台主板名称后缀字母的解释:
第4段xx(说明产品定位)
X -缩水版本
V -集成显卡的主板附带了显卡接口(这种主板都集成了显卡)
E -增强版本
M-:意为板型为小板(几乎所有的小板都集成了显卡)
MX - MicroATX小板(一般都集成显卡)
VM -集成显卡
SLI-可以组SLI
第5段XX(说明版本)
SE - Second Edition,第二版
Pro - Professional,专业版
Deluxe -豪华版
Wifi -含无线网卡
كۆرسىتىش تاختىسىدىكى ئەڭ موھىم پارامېتىر ئۇنىڭ ئېقىم بەلبىغىنىڭ كەڭلىكى. ئىچكى ساقلىغۇچى قانچىلىك چوڭ بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئېقىم بەلبىغى تار بولۇپ قالسا، سۈرئەت يەنىلا ئاستا بولۇپ قالىدۇ. 宽位 سى 256bit ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرىسى بولسا شۇنى ئېلىڭ. 显存 1GB بولسۇن ياكى 1000GB بولسۇن، ئېقىم ئۆتىدىغان ئىشىك تار بولۇپ قالسا، سۈرئەت يەنىلا ئاستا بولۇپ قالىدۇ. ئىشىكتىن بىر قېتىمدا بىرلا ئادەم ئۆتەلەيدۇ دىگەن سۈرئەت بىلەن بىر قېتىمدا 4 ئادەم ياكى 8 ئادەم ئۆتەلەيدۇ دىگەن سۈرئەتنى ئۆزىڭىز تەھلىل قىلىپ ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
GTX650 بۇ تاختىنىڭ ئېقىم بەلبىغى ناۋادا خاتالاشمىغان بولسام 128bit لىق. كۆپ قېسىم ئۈچ ئۆلچەملىك يومشاق دىتاللارنىڭ، كىرىشتۈرۈش،،ھەم كۆپ قېسىم ئۈنۈم ياسايدىغان يومشاق دىتاللارنىڭ،32لىك نوسخىسى ئاساسەن ،نەشىر قىلىشتىن توختىدى ،ياكى توختاۋاتىدۇ،32لىك سېستىمىنى قاچىلۋېلىپ 64 لىك يومشاق دىتاللارنى قاچىلىيالماي تورماڭ !!!32لىك سېستىما ئالدى بىلەن سۈرەت بىر تەرەپ قىلدىغان كەسسىپلەردە ئاساسەن شاللىنىپ بولدى،شۇڭا ئىچكى ساقلىغۇچنى چۇڭراق سېلىڭ !!! ئىقسادىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئەڭ ئاز دىگەندە 8G لىقنى سېلىڭ،!!!!ئۆگۈنۈش باسقۇچىدا بولغانقا قالغان نەرسىلەر ئاساسەن ئېتىياجىڭىزدىن چىقالايدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچنى 8 ياكى 16 قىلسا نورمال
2- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
华硕P8Z77-V LX نى 1000 يۇەنگە ئالغاندىن ASUS) Z87-A نى ئالغان ياخشىراق.ھازىر z87 دەۋرىگە كىردى.z77نى ھازىر توۋەنلىتىپ سىتىۋاتىدۇ.z87نىڭ ئۇنىمى يۇقىرى ۋە توك سەرپىياتى z77دىن توۋەن.مۇشۇنىڭغا قاراپ قۇيۇڭ.2 سىنىڭ پەرقى 50 يۇەن ئەتىراپىدا.
i5-4430 مۇ 100 يۇەن ئەتىراپىدا ئاۋۇ 3470 دىن يۇقىرى.
华硕主板命名方法:
一、INTEL平台主板名称后缀字母的解释:
第4段xx(说明产品定位)
X -缩水版本
V -集成显卡的主板附带了显卡接口(这种主板都集成了显卡)
E -增强版本
M-:意为板型为小板(几乎所有的小板都集成了显卡)
MX - MicroATX小板(一般都集成显卡)
VM -集成显卡
SLI-可以组SLI
第5段XX(说明版本)
SE - Second Edition,第二版
Pro - Professional,专业版
Deluxe -豪华版
Wifi -含无线网卡
Z87-A ماۋۇ تۈردىكى ئاساسى تاختىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار، ياخشىسى Raid نى قوللىسۇن .
1- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئازراق پىكىر بېرەي
CPU: Intel 酷睿i5 3470(盒) ¥ 1160
بۇنى ياخشى تاللاپسىز، ئەمدى بۇنىڭغا قوشۇپ 150~200 يۇەن ئەتىراپىدىكى شامالدۇرغۇچتىن بىرنى قوشۇپ سېتىۋېلىڭ،بۇ ئاقسالىق ئەمەس بەلكى شامالدۇرغۇچنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھە راست بۇنى I7 قىلىمەن دەپ پۇل سەرىپ قىلىپ يۈرمەڭ جۇمۇ ، I3 قىلىشىقىمۇ ھەم بولمايدۇ ، مېنىڭچە I5 ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپتۇ.
主板: 华硕P8Z77-V LX ¥ 999
ئاساسى تاختىغا ئوبداننى تاللاپسىز، ھەممىدىن بەك ئاساسىي تاختا ئالغاندا كەلگۈسىنى ئويلاش بەك مۇھىم.
内存: 金士顿4GB DDR3 1600 ¥ 195x2
4GB بولسۇن 8GB قىلماڭ بەرىبىر 4GB دىن ئارتۇق قىسىمى ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇ دېگىنىم 32 لىق سېستىمىلاردا 4GB دىن ئارتۇقى تۇرىدۇ بىكار، 64 لىك سېستىما ئىشلەتسىڭىز ئۇ باشقا گەپ.
硬盘: WD 1TB 7200转 64MB SATA ¥ 639
قاتتىق دېسكا مۇشۇنداق قىممەتمىكەن ، 2TB بىلەن باھا جەھەتتە ئانچە پەرقى يوقتۇ مەن 2011 يىلى 2TB نى 510 يۈەنگە ئالغان ئىدىم، فىللىپىنغا بىرلا كەلكۈن كېلىپ ئۆسۈپ كەتتى دېسە. پۇل بولسا RAID قىلىڭ ، ھەقىقەتەن تېز بولىدىكەن، بۇ توغىرلىق تەپسىلاتنى باچكىدىن ئاڭلايلى
显卡: 影驰GTX650大将 ¥ 899
机箱: 游戏悍将魔族II红魔 ¥ 149
电源 航嘉多核WD500 ¥ 339
قالغىنىغا پىكىرىم يوق ، پۇل بولسا كۆرسىتىش كارتىسى قانچە ياخشى بولسا ياخشى ، توك مەنبەياخشى تاللىنىپتۇ
بۇ سەپلىمىلەرگە Win8 تازا بولىدۇ لېكىن چەكمە ئېكران بولۇپ كەتسە دە مانا
زىلتار بۇرادەر 华硕Z87-PRO ماۋۇ 主板 قانداقراقتۇ؟! بىر قاراپ باقساڭلار؟! تىمامغا پىكىر قاتناشتۇرغان بارلىق بۇرادەرلەرگە رەھمەت، ئېزدىنىشىنىڭ مۇشۇ يىرىنى بىر دىسە، زادى كۈندە كىرمىسەم ئۇيقۇ كەلمەيدىغۇ كۈزۈمگە.
@baqka بۇرادەر بىر تورغا چىقسا بىر تەلىم بەرسە . ئېھتىياجغا قاراپ ئالغان ياخشى ،
ئەڭ نوچىسىنى تاللىسىڭىزمۇ 2 يىلدا بازاردىن چىكىنىپ بۇلىدۇ ... بەلەن گەپلەرنى قىپسىلەر ، لېكىن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر كۆرسە قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ، قاتتىق دېتالنىڭ چۈشەندۈرۈش دەپتىرىنى يېزىۋاتقان تېخنىكلار ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك ،
ئاددىلا قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق قۇراشتۇرۇڭ
1. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ قوش يادرو 3 مېگا گېرتىستىن تۈۋەن بولمىسۇن
2. ئىچكى ساقلىغۇچ 4 گېگا
3.قاتتىق دېسكا 1000 گېگا 7200 ئايلىنىدىغان (ماتىريال پاتمىغاندا يەنە ئېلىپ قاتمامسىز )
4.ئاساسىي تاختا ،يۇقارقى دېتاللارغا ماسلىشالايدىغان قىلىپ ساتقان ئادەم تاللاپ بەرسە بولىدۇ
5.توك مەنبە يۇقارقى ئۈسكۈنىلەرنى بىمالال سۆرەيدىغان ،باشتىن توك بېسىم سەل تۈۋەن بولسىمۇ نورمال توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بولغىنىنى تاللاڭ .
6.ساندۇق ، داملىتىشقا ئالسىڭىز سىرتى چىرايلىقنى ئېلىڭ ، داملاتمايمە دىسىڭىز تۇرقى نورمال ،تۈنىكىسى قېلىننى ئېلىڭ ، ساندۇق دىگەن جوزىنىڭ ئاستىدا تۇپا بېسىپ تۇرىدۇ ، ئونۋېرسال يوللاش ئېغىزى چوقۇم ئالدىدىمۇ بولىشى كېرەك ،
7. نۇردېسكا قوزغاتقۇ ، ئۆيدىلا ئىشلىتىمەن دىسىڭىز ئويۇش ئىقتىدارى يوقنى ئالسىمۇ بولىدۇ ، دېسكا كۆپەيتىپ ساتىمەن دىسىڭىز ئويۇش ئىقتىدارى بارنى ئېلىڭ ، ئۇيۇش ئىقتىدارى بارنى ئېلىپ قويۇپ بازاردىن بىراقلا 25 تال دېسكىنى ئېلىپ كېلىپ 3 نى ئويۇپ قالغىنىنى قويۇپ قويسىڭىز يەنە ئويغىچە 6 ئاي ئۆتىدۇ ، قالغانلىرىنى توپا باسىدۇ ، ياكى ئۇكىڭىز كۆرۈپ قېلىپ بىر چاچىدۇ ، ياكى ئىچى پۇشۇپ قولىدۇ چۆگىلىتىپ ئوينايدۇ ، ياكى پارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويسىڭىز ھەممىسى ئېگىلىپ قالسا ياخشى ئويغىلى بولىدۇ ، ئاخىرىدا ئويغان دېسكىنىڭ پايدىسىدىن كۆپ زىيان چىقىدۇ ،
8.كۆرسىتىش كارتىسى ، 1 گېگا بولسا بولدى ، كېيىن يەتمەي قالسا ئىچكى ساقلىغۇچتىن 500 مېگا ئاجرىتىپ قويسىڭىز بولىدى ، 256 مېگالىق كا بىلەنمۇ نى نى ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتكەن .
9.ئېكران 19 سۇڭدىن چوڭ كەڭ ئېكران ئېلىڭ ، ماركا قوغلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، داملىتىشقا ئالسىڭىز مارڭا قوغلىشىڭ ، ساتىدىغان ئادەم دىيىشى مۇمكىن ، داڭلىق ماركا بولسا كېيىن سېتىۋەتكەندىمۇ قىممەت ئالىدۇ ، نەدە قىممەت ئالىدۇ ، 100 يۈئەن ياكى 150 ، بۇ پۇلغا نىمە كېلىدۇ ھازىر .
10. كونۇپكا ، ئەگرى ياكى قەغەزدەك نىپىز كونۇپكىنى ئالماڭ ، ئۇستىدە قوشۇمچە كونۇپكىلىرى بار دەپ ماختىسا قىزىپ كەتمەي ئۆلچەملىك 104 كونۇپكىلىقنى ئېلىڭ ، كۇنۇپكىلىرى يۇمشاق بولسا ياخشى ، قاتتىق ،تېگىدە پۇرجىن بار ، بۇزۇلمايدۇ دىسە قىزىپ كەتمەي يۇمشىقىنى ئېلىڭ ، قاتتىقلىرى بىر ئىنكاس يازغىچە بارماق تېلىپ موللاشتۇرىدۇ، ئەپلەشمىسە كېيىن يەنە ئالسىڭىز بولىدۇ 50 كويغا ،
11. مائۇس ، ئۆزى كىچىك كونۇپكىلىرى كۆپ مائۇسنى ئالماڭ ، ئۆلچەملىك 3 كونۇپكىلىق مائۇسنى ئېلىڭ ، مائۇسنى تۇتقاندا ئالقانغا لىق كەلسە ئۆلچەملىك بولىدۇ ، سىمسىز نى ئال دىسە قىزىپ كەتمەي ، سىملىقنى ئېلىڭ ، سىزمسىزنى ئېلىپ يىراق ئولتۇرۇپ باشقۇرىدىغان سىز كىيىم ساتمىغاندىكىن ، سىزمسىزنى ئېلىپ يىراق ئولتۇرۇپ ئىزدىنىش ،تەتقىقات ۋە باشقا تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلىمەن دىگىلى بولمايدۇ ،
12. سىمسىز يول ئايرىغۇچ ، 1 تال سىگنال خادىسى بولسا بولدى ، داملىتىشقا ئالسىڭىز 3 سىگنال خادىسى بارنى ئېلىڭ ،
13.ئاۋاز ياڭراتقۇ .نورمالنى ئالسىڭىز بولىدۇ ، مېنىڭچە بولسا بازاردىن ساندۇق شەكىللىك كا ئوقۇيدىغان ياڭراتقۇ ئېلىپ شۇنى كومپىيوتېرغا چاتسىڭىزمۇ ئوخشاش ئاۋاز چىقىدۇ ،
ئۇدۇللا چۈشىنىڭلار ماۋۇ گەپنى ، يەنە نىمە مەقسەتتە يازغان ، ئۆزى بىلمايدۇ ، بۇ تەپسىلى بولماپتۇ ، دەپ قىزىپ يۈرمەي ، كومپىيوتىر ساتىدىغانلارغا دىسە نەدىكى تەيپۇنەمنىڭ زامانىسىدىكى ئەبجەخ تاختىلارنى ماختاپ يۈرۈپ ساتىدىكەن، شۇڭا ئېزدىنىشتىكى كومپىيوتىر ئۇستىلىرىدىن مەسلىھەت ئىلىشىم ئىدى. بولسا باچكا ئەپەندىم بىر چىقسا ئاۋۇ Raid بىلەن سۇۋۇتقۇچنى بىر بىلىۋالسام بۇلاتتى.
@baqka ھېچ بىر كۈرۈنمەيدىغۇ؟ بەك ئالدىراشمىدۇ يا ؟! ئاساسىي تاختىڭىزنىڭ Raid ئىقتىدارى بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ئەگەر تاختا بىۋاستە raid قوللىمىسا pci ياكى e-express ئېغىزغا چۈشىدىغان raid كارتا سالسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇلار تەق بولسا، كونترول سۇپىسىغا كىرىپ تەڭشەش قىلچە تەس ئىش ئەمەس ئۇ. ھالقىلىق نۇقتا شۇكى، ئانا تاختا ياكى raid كارتىسىنىڭ windows8 قوزغىتىش پروگرامما دېسكىسى بولمىسا، ياكى قاچىلاش پروگراممىسى ئاپتوماتىك تونۇيالمىسا، raid قا سىستېما قاچىلاشقا ئامالسىز قالىسىز، شۇڭا، قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئاۋال سۈرۈشتۈرۈۋېلىڭ.
8.كۆرسىتىش كارتىسى ، 1 گېگا بولسا بولدى ، كېيىن يەتمەي قالسا ئىچكى ساقلىغۇچتىن 500 مېگا ئاجرىتىپ قويسىڭىز بولىدى ، ....................
ماۋۇ كۆرسىتىش كارتىسنىڭ سىغمى يەتمىسە ئىچكى ساقلىغۇچتىن مانچە مېگا قۇشۇپ قۇيىدىغان تېخنىكىنى تەپسىلىيراق دەپ بەرسىڭىز ، مەن كوپپىيۇتىرىمنى ئاتتەك چاپىدىغان قىلۋىتەي .
سۇۋۇتقۇچنىڭ يۈرۈشلۈكىنى ئالغىڭىز كەلمىسە، بازاردىن ياكى تاۋباۋدىن بېلىق قاچىسى پومپىسى ياكى usb پومپا بىلەن سۇۋۇتقۇچ سۇ قۇتسى، يەنە نەيچە ئالسىڭىز بولىدۇ. سۇ قاچىسىنى ماشىنا ساندۇقىنىڭ كەينىدىن چىققان شامالغا ئۇدۇللاپ قويۇش، ياكى ئايرىم 5v لىق شامالدۇرغۇچ بىلەن سوۋۇتۇش بىلەن ئىسسىقلىق تارقىتىشنى ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. قولىڭىز ئەپچىل بولسا بىر- ئىككى سائەتتە پۈتتۈرىسىز. نەيچىنىڭ ئۇلاقلىرىدىن سۇ سىرغىشى چوقۇم %0 بولسۇن. cpu ئۈستىدىكى شامالدۇرغۇچنىڭ ئۈستىگە سۇۋۇتقۇچ سۇ قۇتىسىنى مۇقىملاش، سىلتىسىي يىلىمى (كومپيۇتېر بازىرىدا بار) سۈركەش بولسا مۇھىم ھالقا. تۈۋەندىكىسى تاۋباۋدىكى سۇۋۇتقۇچ سۇ قۇتىسى:
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.112.9WZ1hw&id=17130807767