oghulchaq يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 12:27:12

ئۇيقۇسىزلىققا داۋا بارمۇ؟

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى:


ئالا ھەزەل بىر يىلدىن بۇيان مەندە ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى سەل ئېغىرلاشقا باشلىدى، بۇرۇنتىنلا كەچىلىكى ئۇخلىمىغىم ئاسان ئەمەس ئىدى، لېكىن يېرىم كېچىلەردىن كېيىن بىر ئاماللار بىلەن ئۇخلايتتىم، لېكىن يەنىلا ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى تۈۋەن ئىدى. ھالبۇكى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان بۇ ئەھۋال ئېغىرلاشتى، كەچلىكى بىر ياتسام بەزىدە تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ، ئاجايىپ سەگەكلىشىپ كېتىمەن كۈندۈزى بولسا مۇگىدەپ يۈرۈيمەن. ئەلۋەتتە بۇ خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىمغىمۇ تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.


ھە راست: بۇ يىل 28ياشقا كىردىم

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:21:18

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:29:25

مەندەك كىچە شەپەرەڭدەك تۇنەيدىغانلار قانداق قىلىدىغاندۇ؟

ئۈنۈملۈك دورىسى بولسا بىر تەۋسىيە قىڭلار قېرىنداشلار، بولمىسا مەن توي قىلغان شۇنداق تۇرۇپ، زادى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ. لۈندۇزى كۈزۈمنى ئاچالمايمەن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:29:30

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:31:34

durustori يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:34:16

بۇنىڭ شىپاسى توغۇرلۇق سۆزلىسەك گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ،،،،،

قىسقىلا قىلىپ ئىتسام : سۈت ! بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دورىلىېرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ !

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:58:31

29- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

27- قەۋەتتىكى kalamkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندەك كىچە شەپەرەڭدەك تۇنەيدىغانلار قانداق قىلىدىغاندۇ؟

ئۈنۈملۈك دورىسى بولسا بىر تەۋسىيە قىڭلار قېرىنداشلار، بولمىسا مەن توي قىلغان شۇنداق تۇرۇپ، زادى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ. لۈندۇزى كۈزۈمنى ئاچالمايمەن.



توي قىلغان بولسىڭىز، ئايالىڭىز كۈندە پولۇ ئەتمەي، مۇنداق مىفەننىمۇ كۆپرەك ئەتسۇن.


ماۋۇ شىمالنىڭ ئۇيقۇسىنى جەنۇپقا ئازراق يۆتكىسەك بولامدۇ نىمە؟



ماۋۇ پولو بىلەن مىغەننىڭ نىمە مۇناسىۋىتى باردۇر ئەمدى ؟!




esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 20:08:29

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 10:05:02

4- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بەك ئۇخلاپ كېتىۋاتىمەن، ئامالى بارمۇ؟ كەچ سائەت 10 دا يېتىپ ئەتىگەن 6 دە قوپسام ئۇيقۇم پەقەت قانمايدۇ

ئىزدىنىشنى قاچان ئاچسام ئىككى يانغا ئىغاڭشىپ ،قوللىرىڭىزنى پۇلاڭلىتىپ تۇرىسىز  (مۇنبەر رەسىمىڭىزدى)،قانداقمۇ ئۇخلىماي تۇرالايسىز؟\"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 12:57:10

ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھەپتە تۇرۇپ كىلىڭە، ئالامەت ئۇيقۇچان بوپقالىسىز  {:92:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 13:00:46

ئۇيقۇسىزلىق مىڭىگە قۇرۇغلۇق يېتىپ قالغانلىقتىن بولىدۇ. قوي مېڭىسىنىڭ تىزلا ئۈنىمى بولىدۇ. ئەتتىگەن يىسىڭىز كەچتە ئۇخلايسىز. ئاندىن بادام مېغىزى ياكى ‹‹لوئوقى بادام›› دىگەن دورىنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ.



قالغان ئىشلارنى @tadubeg  ھەل قىلىدۇ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 13:30:30

ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىنى بەك كۆپ تارتىقان، كاللامغا بىرەر ئىش كىرىپلا قالدىما بولدى شۇ كۈنى كىچە ماڭا ئۇيقا يوق، ئۇيقۇم كەلمىگەنسىرى تىرىكىپ تىخىمۇ ئۇيقۇم قاچىدۇ.

مەندىكى ئۇيقۇسىزلىقىنىڭ ئاساسىلىق سەۋەبىنى نىرۋا ئاجىزلىقىتىن كۆرمەن، بەزىلەر ياستۇققا بىشى تەگدىلا ئۇيقۇغا كىتىدىكەن، ئۇلارغا بەكمۇ ھەۋسىم بار مىنىڭ، قانداق نېرىپتۇ ئۇ دەپ قالمەن، ئەگەر ئۇيغۇر تىبادىتىدە نىرىپ ئاجىزىلىقىنى داۋالايدىغان ياستۇققا باش تەگكۇچچە ئۇخلىتىۋىدىغان ئاشۇنداق دورلار بولسا بىر تۇنۇشتۇرسا بوپتىكەن.



ھازىر خۇدايىم بۇيرىسا ئۆزەمگە بىر ئۇيقۇ دارسى ياسىۋالدىم ، يەنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپىيۇتىرنى ئىچىپ يىنىك كىنۇلارنى كۆرۇپ ياتسام 10مىنۇتتقا قالماي كۆزەم لىپ لىپ قىلىپ كىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرۇپلا ئۇخلايمەن، ئىشقىلىپ ھازىر ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىلۋۇزۇر كۆرۇش ياكى كىنۇ كۆرۇپ  ئۇخلاش تۇرمۇشىمىنىڭ بىرقىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى،   بەك كاللامىغا بىرەر ئىش تەسىر قىلىسىمۇ ئانچە تىرىكمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم خاتىرىجەم كىنۇرۇمنى كۆرۇپ يىتىۋىرىمەن ئىشىپ كەتسە يىرىم سائەت ياكى بىرسائەتتە بۇخاراغا كىتىمەن،

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 13:35:29

مەن بەك ئۇخلاپ كېتىۋاتىمەن، ئامالى بارمۇ؟ كەچ سائەت 10 دا يېتىپ ئەتىگەن 6 دە قوپسام ئۇيقۇم پەقەت قانمايدۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 13:42:11

مەن ئۆتكەندە مۇشۇنداق تېما يازسام توي قىل دەپ مەسلىھەت بەرگەن \"\"

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 14:02:18

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۆتكەندە مۇشۇنداق تېما يازسام توي قىل دەپ مەسلىھەت بەرگەن \"\"



خوتۇن ئالسا كىچىچە ئەللەي ناخشىسى ئىيىتىپ بىردىغان ئوخشىمامدۇ؟ {:181:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 14:15:41

چىنىقىپ بەرسىڭىز ئۈنىمى بولارمىكى، كۈنىگە ئىككى سائەتتىن چىنىقىپ بىرىڭە 10كۈنگە قالماي ئۇخلايدىغان بولىسىز.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 14:47:46

ياۋ مەن كەچلىكى 2 مىنۇت ئىچىدە ئۇخالىيالمىغان بولسام نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى 1 مىنۇت ئىچىدە ئۇخلاپ بۇلىمەندە

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 14:58:17

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، مەملىكىتىمىزدە ئۇيقۇسىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار %38دىن ئاشىدىكەن. كۈن ئاتلاپ ئۇيقۇسىز بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى ئىككىنچى كۈنى ھىرىپ چارچاش، ھەرىكەتلەردە ماسلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغىرىش، باش قىيىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چىكىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، خىزمەتلەرگە ئەستايىدىل چۆكەلمەسلىكتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا نىرۋا كىسەللىكلىرىنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىدۇ. داۋاملىق تەشۋىشلىنىدىغان سەۋەپلىك ھەر خىل قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ.

     نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيقۇسىزلىق كىسىلىنى ئاددى چاغلاپ قالىدۇ. ئۇخلاش قىيىن بولۇش، بالدۇر ئويغىنىپ كىتىش، ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۇخلىيالماسلىق، داۋاملىق قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەرنى چۈشەش، ياستۇققا بىشىنى قويغاندىن تارتىپ تاكى ئويغانغانغىچە كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەندەك چۈشلەرنى كۆرۈش، ياندۇرۇلغان چىراق، ئاۋازدىن ئويغىنىپ كىتىش، يەڭگىل تىۋىش، غۇۋا چىراق نۇرىدىمۇ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارمۇ ئۇيقۇسىزلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     داۋاملىق ئۇخلايدىغان مۇھىتنىڭ ئالمىشىشى، ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى يەنى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاي ئىچىش، قەھۋە ئىچىش، تاماكا چىكىش قاتارلىقلار، ھاياجانلىنىش، قايغۇرۇش، ئاچچىقلىنىش، قورقۇش، ئالاقىزادە بولۇش، بەدەندە مىنرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلارنىڭ يىتىشمەسلىكى، تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇيقۇسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

    ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن: پۇتنى ئىسسىق تۇتۇپ ئۇخلاش يەنى ئۇخلىغاندا قىلىن پايپاق كىيىپ يىتىش، دىرىزىدىن قالايمىقان شاۋقۇن كىرمەسلىكى ئۈچۈن دىرىزىنى يىپىپ ئۇخلاش، كەچتە ئۆي سۈپۈرۈپ چاڭ توزان قىلماسلىق، پۇراقلىق نەرسىلەرنى چاچماسلىق، شۇ ئارقىلىق نەپەسلىنىش يولىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ساپ قىلىش، ياتاق ئۆيدە گۈل باقماسلىق، چۈنكى گۈل چىڭى نەپەسلىنىش يولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، گۈللەر كىچىدە كاربون 4 ئوكسىد قويۇپ بىرىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كەيپىياتنى تەڭشەش، مومكىن بولسا نىرۋىنى تىنىچلاندۇرىدىغان، بەدەننى بوشىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، پۇتىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش، ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ يىتىش، يىنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، قەرەرلىك بەدەن چىنىقتۇرۇپ تۇرۇش، بۆرەكنى ئاسراش ياخشىلاش، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسى 15-24 سىلىتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇش، ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى 2 مىنۇت ئەتراپىدا يەڭگىل ئۇۋىلاش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىق، كىتاپ كۆرمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، نىرۋا تىنىچلاندۇرىدىغان دورىلارنى يىمەسلىك كىرەك.

ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئەمۋاينىڭ ماگنىيلىق كالتىسى تابلىتى، ۋىتامىن B گورۇپپىسى تابلىتى، ئاقسىل تالقىنىدىن يەپ بەرسە ئۈنىمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئەمۋاينىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىلىرىنى يىمەيتتىم دىسە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت، ھەسەل، ياڭاق، قارا كۈنجۈت، چىلان، قارا ئاشلىق، دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 15:02:00

كەچتە ئۇخلىيالماسلىق، سەھەردە غاچچىدە تۇرالماسلىق كېسىلى مەندىمۇ خېلى بار، خېلى بار. ھەقىقىي ئاقىدىغان چارە بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 15:05:09

ئىنكاسىم يوق تۇرىدىيا؟

بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى مەلۇم قىلىۋېتىڭە؟ ئاندىن چارە - ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلاي.
بەت: [1] 2 3
: ئۇيقۇسىزلىققا داۋا بارمۇ؟