( Musicfan ) ئىزدىنىش كۈيى
مۇنبەرگە يىڭى كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا نەچچە ناخشا مۇزىكىلىرىمنى يوللاپ . قەدىناس دوستۇم جەۋلاننىڭ ئىلھام بىرىشى ھەم تەكلىۋى بىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئاتاپ بىر مارىش ئىشلەش پىلانىنى تۈزۈپ مۇنبەردە بىرمەزگىل داۋراڭ قىلىپ مەن كۈتكەن يەردىن چىقالمىغان ئىدىم ، مانا بۇنىڭغىمۇ 5 - 6 يىل بۇلۇپ كىتىپتۇ .
يېقىندىن بىرى ، ئىزدىنىش ئەپەندى ، ئەركتىكىن ، جەۋلان ، تەڭرىقۇت ، مەتۇ ، پىنھان .زىيالى قاتارلىق ھازىرغىچە يۈز كۈرۈشۈپ باقمىغان . ئالدىغا 8 يىل كەينىگە 2 - 3 يىل بولغان مەۋھۇم قەدىناسلىرىمنىڭ ئىلھامىدا ، يېقىندىكى پىنھان ئىنىمنىڭ بىر ئىشى سەۋەپلىك تۇيۇقسىز ئىلھام كىلىپ قېلىپ 6 يىل ئاۋال ۋەدە قىلغان بۇ مىلودىيە روياپقا چىقىپ قالدى ، مىنىڭ قېلىنلىقىم بىلەن، ئەركتىكىن . مەتۇ قاتارلىق دوستلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن يۇقاردىكى قەدىناسلار ھەممەيلەن مايتاققا جەم بۇلۇپ ئۇنتۇلغۇسىز مىنوتلاردىن بەھىر ئالدۇق ، بۇ كەيپىيات ھىسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىز كىلىپ ناخشا تىلى بىلەن ئىپادىلەپ باقتىم .
مۇزىكىسى : Musicfan
سۆزى : باھارگۇل تۇرسۇننىياز، ئىزدىنىش ئەپەندى
ئاككوردلاشتۇرغۇچى : Musicfan
ناخشىدا : Musicfan
تەڭكەش ئاۋازلاردا : ئاكام ، يەڭگەم ، ئايالىم
ئەسكەرتىش : ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ بىر كۇبلىت تىكىستى بىلەن ناخشا ئىزدىنىش روھىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادە قىلدى ، تەشەككۇر
ناخشا تېكىستى :
ھارارەتلىك ئوتلۇق يۇرەكتىن،
قېرىنداش بىز شۇنچە ئويۇشقان.
ئارزۇيىمىز، مەنزىلىمىز بىر
قەلىبداش بىز رىشتى تۇتاشقان
ھايات ئوتسە ئىجىل ، شادىمان
كۆڭۈلدە بار مەڭگۈ ئۈمىت ئارمان
شىجائەتتە ماڭىمىز بىللە
مۇھابەتتىن تاڭ قالسۇن جاھان
يۈرەكلەرگە تۇتاش يۈرەكلەر،
تومۇرلاردا ئوخشاشلا بىر قان.
ئىجات،مېھنەت ھەمرا بىزلەرگە،
ئىزدىنىشتىن تارالسۇن داستان.
نورمال ئاڭلىيالمىغان دوستلار توردىن چۈشۇرۋېلىپ ئاڭلاڭلار
http://www.izdinix.com/izdinix.mp3
مۇزىكىسى بەكلا مىسكىن چىقىپ قالغاندەك تۇيۇلدى...يۈرەكنى بەك ئېزىۋېتىدىكەن...
مۇزىكفاننىڭ كەسپىگە ئۇتۇق تىلەيمەن! ئاۋازى ياخشىكەن... بۇ ناخشا بۇ قىتىملىق يىغىلىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.بۇ ناخشىنى مەن بۇرۇن ئاڭلىغان.
بۇلتۇر شىنجاڭ ئوپىرا تىياتىرىنىڭ زالىدا شىنجاڭدىكى مىيۇسكىن چىلەرنىڭ تۇنجى قىتىملىق يىغىلىشىدا ئىككى ئەر ، ئىككى ئايال ئورۇنلىغان... ئۇلارنىڭ دەل بىرسى مۇزىكفەن ئىدى.. ( مەن نەخ مەيداننى سۈرەتكە ئالغان) بۇ پائالىيەت شۇنچىلىك قىزغىن كەيپىياتتا بولغان..






تىمىغا ئەلانى باسمىدىم چۈنكى مەن ناخشىنى ئاڭلىيالمىدىم شۇڭا ئەلانى باسمىدىم {:92:} بۇ دىگىنىم ھەرگىزمۇ ناچارنى باستىم دىگىنىم ئەمەس
65- قەۋەتتىكى kahxalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ ناخشا بۇ قىتىملىق يىغىلىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.بۇ ناخشىنى مەن بۇرۇن ئاڭلىغان.
بۇلتۇر شىنجاڭ ئوپىرا تىياتىرىنىڭ زالىدا شىنجاڭدىكى مىيۇسكىن چىلەرنىڭ تۇنجى قىتىملىق يىغىلىشىدا ئىككى ئەر ، ئىككى ئايال ئورۇنلىغان... ئۇلارنىڭ دەل بىرسى مۇزىكفەن ئىدى.. ( مەن نەخ مەيداننى سۈرەتكە ئالغان) بۇ پائالىيەت شۇنچىلىك قىزغىن كەيپىياتتا بولغان..![]()
![]()
![]()
![]()
![]()
![]()
دورۇس ،
بىرسى ئايالىم ، بىر سى ئاكام ، بىرسى يەڭگەم . ئېشىپ قالغىنى مەن
مەن 6 يىلدەك خىيال قىلغان مۇزىكا بۇ . ئىككى يىل ئەمەس . 2 يىل ئاۋال نىيۇسكىن يېغىلىشىدا ، ئۆتكەن يىلى خوتەن رۇزا ھىيت كىچىلىكىدە ئاكا - ئۇكا ئىككى ئائىلە ئېيتىپ خېلى ياىشى باھالەر بولدى
بۇ قېتىمقى يېغىلىش سەۋەبىدىن تىكىسىت ئۆزگەرتىلدى يالغۇز ئېيتىلدى
قارىغاندا بۇ ئىجادىيىتىمدىن خېلى خوش بولسام بولغىدەك


شۇ ...ئەركتىكىن بۇرادەر......ئۆز ئاۋازىمدىن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كەتتى مىنىڭمۇ ....
2 كۈن ۋاقىت 2 مىنوتتەكلا تىز ئاياقلىشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كىرەك ...
كىچىدىن ئايدۇرۇمدا بىر كۈزۈم كەينىدە ئايرۇپىلانغا چىقتىم



بۇ ناخشىنى ئىشخانىدا ئاڭلاۋاتسام بىر ئايال خىزمەتدىشىم نىيۇسكىن مارشىنى ئاڭلاۋاتىسىزغۇ دەيدۇ ، سورىسام تېكىستى باھارگۇل تۇسنىيازنىڭ ، مۇزىكىسىنى سىزنىڭ دەيدىغۇ


12- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىيۇزىكفان دوستۇم
بۇ ناخشىنى ئىشخانىدا ئاڭلاۋاتسام بىر ئايال خىزمەتدىشىم نىيۇسكىن مارشىنى ئاڭلاۋاتىسىزغۇ دەيدۇ ، سورىسام تېكىستى باھارگۇل تۇسنىيازنىڭ ، مۇزىكىسىنى سىزنىڭ دەيدىغۇ![]()
باھارگۇل مۇئەللىم مىنىڭ ھىسىياتىنى ئەڭ يارقىن ئىپادە قىلالايدۇ ، مەن قاتمالراق تىلدا يازغان باھارگۇل مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە ھىسىياتىم تېخىمۇ چىن ئىپادە قىلىندى .
تىمىنى تۇلۇقلاپ قوياي .
12- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھىچنىمە يوققۇ؟ بولسا رەسىمىڭلارنىمۇ يوللاپ قۇيۇڭلار، بىكار تۇنۇماي قېلىپ ئۇرۇپ سالمايلى![]()
![]()
قويغۇچ قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ