iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 16:38:12

DHA توغرىسىدا ساۋات ۋە ئۇنىڭ رولى

DHA   بولسا 22 كاربونلۇق 6 ئالكېن كىسلاتاسىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى


مولېكۇلا فورمۇلىسى : C22H32O2


ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى :  docosahexenoic acid


مولېكۇلا تۈزۈلۈشى :





ئاساسلىق رولى :


ئادەتتە ئاتىلىشى مېڭە ئالتۇنى بولۇپ بىر خىل ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ Omega-3 تۈرىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى.


DHA  بولسا نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ۋە ئۇنى قوغداشتا بىر خىل ئاساسلىق تەركىب بولۇپلا قالماي ، چوڭ مېڭە ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى ئاساسلىق تەركىپ .


ئۇ ئادەم بەدىنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ 20% دىن ئارتۇقىنى ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ 50 % دىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ.


شۇڭا DHA  ھامىلىنىڭ ئەقلى تەرەققىياتى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.


يېقىنقى تەتقىقاتلاردا راك كېسىلىنى داۋالاش ،قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقىمۇ بايقىلىۋاتىدۇ.


DHA  ئاساسلىقى تۇخۇم سېرىقى ، چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى مېيىدا بار .


ھامىلدار ئاياللار ئۆز تېنىدە ۋاستىلىق بىرىكتۈرەلەيدۇ .


بەك كەسپى يازماي ، ئومۇمى ساۋات خاراكتېرلىق قىسقىچە ، ئىخچام يازدىم ، ئەپۇ قىلارسىلەر

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 19:32:34

بىر چاغلاردا ئامۋايچىلار مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى، ئەسلى راستكەندە!

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 19:36:16

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 20:07:10

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 22:24:34

قېنى بۇ تىمىغا تېخىمۇ كۆپ قەدەم تەشرىپ قىلىپ تېخىمۇ كەڭ دائىردە ئۇچۇر تەمىنلەيدىغنلار بارمۇ  يەنە بىرگەپ ۋىتامىن B12 بىلەن مۇشۇ DHA ئىككى ئىلمىنتنىڭ قانداق پەرقى بار DHA نى نىمىشقا 脑黄金 دەپ ئاتايدۇ

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 22:37:55

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سوراي بىرقانچە يىل بولدى تەخمىنەن 3 يىلچە ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم دەششەت تۈۋەن دۇكاننىڭ ئىشىگىنى قۇلۇپلاپ بۇلۇپ سىرىتقا چىقىپ بىريەرگە بېرىپ بۇلۇپ تۇرۇپلا دۇكاننىڭ ئىشگىنى تاقىغاندىمەنمۇ ياكى تاقالماي قالغانمۇدۇ دەپ يېنىڭ كىلىپ دۇكاننىڭ قۇلپىسىغا قاراپ بېقىپ ئاندىن ئىشىمنى قىلدىغان دىمەك تاقىغان ياكى تاقىمىغانلىقىمغا ئۆزەمگە ئىشەنچ يوق قۇرۇق خىيالنى تولا قىلدىغان بوپ قالدىم پەقەت زېھنىمنى يىغالمايدىغان يولدا پىيادە ماڭساممۇ بىرنىمەلەرنى خىيال قىلىپلا ماڭدىغان جۈمە نامىزىنى ئۇقۇۋىتىپمۇ قانچە رەكەت ئۇقۇغانلىقىم ئىمام قانداق سۈرە ئۇقۇدۇ ئىسىمدە يوق دۇكانغا ئەتتىگەن كىرگەن خېرىدارنى چۈشتە قايتا كىرسە بەزىدە تۇنمايۋاتقان مۇنداق غەيرى كىسەللەرگە باشقىلار سىلەرمۇ يۇلۇققانمۇ @birzat@ @birzat

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 10:47:52

مەن بىر مەزگىل ئاۋىستىرالىيەنىڭ Fish oil چوڭقۇر دېڭىز بېلىق مېيىنى ئاۋستىرالىيەدىن ئەكەلدۈرۈپ ساتقانتىم . شۇنىڭ قېپىدا EPA ۋە DHA دىگەن خەتلەر بار . بۇ دورىنىڭ ئېنگىلىزچە چۈشەندۈرۈلۈشىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ بۇ ئىككى ماددا زادى نىمە دىگەننى ئىزدەش جەريانىدا بەيدۇدىن قىسقىچە چۈشەنچە چىققان شۇنى تەرجىمە قىلىپ چىققان ، بۇ تېمىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قوياي :



ئامېرىكا ئورىگون ئۇنۋىرسىتىتى تېخنىكا مەركىزى مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بارغان . ئۇلار تەركىۋىدە EPA ۋە DHA  بولغان سالمون بېلىقىنى تەتقىق قىلىپ ،بىر تۈركۈم كىشلەرگە سىناق قىلىپ ئون كۈن ئەتراپىدا يىگۈزگەن. نەتىجىدە ساغلام كىشىلەرنىڭ قېنى تەركىۋىدىكى خولىستىىرىن 17% چۈشكەن،گېلىسىرىن بولسا 40 % چۈشكەن . قان قويۇقلۇقى يۇقۇرى كىشلەرنىڭ بولسا خولستىرىن 20 پىرسەنت ، گېلىسىرىن 67 % چۈشكەن. ھازىرقى زامان تىببى ئىلىم شۇنداق قارايدۇ : رىماتىزىم ، ئۇمۇرتقا رىمانتىزىم ئاغرىقى، نەپەس يولى زىققا كېسىلى ، دىئابىت (تاڭنىياۋبىڭ) كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقان بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بېلىق مېيى دورىسىنى ئىستىمال قىلىش بولسا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.ئۇندىن سىرىت بېلىق مېيى تەركىۋىدىكىEPA ۋە DHA بولسا ئىنسانلاردىكى ئاق قان دانچىسى ۋە تاق يادرولۇق دانچىلارنىڭ يۆتكىشىلىشى ئازايتىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىدۇ .  (بەيدۇدىن ئېلىنغان بېلىق مېيى توغرىلىق خەنزۇچە تونۇشتۇرۇشتىن تەرجىمە قىلىندى)



美国俄勒岗大学卫星科学中心,他们以含有EPA及DHA的鲑鱼为主体食物,供给被试者连续食用十天后,结果健康人的血中胆固醇降低17%,甘油三酯降低40%,而高血脂的人胆固醇降低20%,甘油三酯猛降低67%之多,说明EPA有明显降血脂作用,而降甘油三酯的作用远比降胆固醇的作用强。

现代医学认为,类风湿性关节炎、脊椎性关节炎、支气管哮喘和糖尿病等疾病的发生与人体免疫功能失调有关。服用鱼油可以提高人体免疫功能,另外EPA、DHA能减少白细胞和单核细胞移行,从而改变炎症过程,以此达到防治以上疾病的作用。

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 12:18:52

ئۇنداقتا كۆپچىلىككە ئەمۋاي شىركىتىنىڭ چۇڭقۇر دېڭىز ئاستىدىن ئىلىنغان سالمون بىلىق مىيىنى ئىشەنچىلىك ھالدا ئىستىمال قىلشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.


ئەمۋاينىڭ بىلىق مىيى كاپسۇلى چۇڭقۇر دېڭىز ئاستىدا ياشايدىغان سالمون بىلىقىنىڭ تىنىدىن ئايرىپ ئىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر تال كاپسۇلدا EPAا 180مىللىگىرام ، DHAا 120مىللىگىرام بار، بۇلار Omega-3 ماي كىسلاتاسىغا تەۋە بولۇپ، قاندىكى ماينى تەڭشەشتەك ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەركىۋىدە 20 مىللىگىرام VE ماددىسى بولۇپ، بىلىق مىيىنىڭ ئوكسىدلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


(مىقدارىنى سىلىشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىڭلار ئۈچۈن پايدىلنىش ماتىريالى سۈپىتىدە بىرىلدى)

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 21:03:53

EPA توغرىسىدا بىر تېما يازمىسام بولماپتۇ ،ئاۋۇ ئەمۋاينى ئالمىساڭلارمۇ بولىدۇ ، دورا شىركىتىدىن ئىككى ئۈچيۈز تابلېت چىقىدىغىنىنى 60ــ-80 كوي ئالالايسىلەر

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 01:55:17

بىر مۇنچە يازسام يوقاپ كەتتى \"\"

DHA ياڭاق تەركىبىدە بەك جىق.

بىلىق مېيى ئىلىپ ئاۋارە بولماڭلار.

يۇمشاق كاپسۇل مەينەت نەرسە. كاپسۇلنىڭ ئۆزىنى دەيمەن.



ياڭاق تەركىبىدىكى DHAمىقدارى توغرىلىق ئاز ماقالە كۆرمىدىم~

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2013-6-26 07:40:40

5- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سوراي بىرقانچە يىل بولدى تەخمىنەن 3 يىلچە ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم دەششەت تۈۋەن دۇكاننىڭ ئىشىگىنى قۇلۇپلاپ بۇلۇپ سىرىتقا چىقىپ بىريەرگە بېرىپ بۇلۇپ تۇرۇپلا دۇكاننىڭ ئىشگىنى تاقىغاندىمەنمۇ ياكى تاقالماي قالغانمۇدۇ دەپ يېنىڭ كىلىپ دۇكاننىڭ قۇلپىسىغا قاراپ بېقىپ ئاندىن ئىشىمنى قىلدىغان دىمەك تاقىغان ياكى تاقىمىغانلىقىمغا ئۆزەمگە ئىشەنچ يوق قۇرۇق خىيالنى تولا قىلدىغان بوپ قالدىم پەقەت زېھنىمنى يىغالمايدىغان يولدا پىيادە ماڭساممۇ بىرنىمەلەرنى خىيال قىلىپلا ماڭدىغان جۈمە نامىزىنى ئۇقۇۋىتىپمۇ قانچە رەكەت ئۇقۇغانلىقىم ئىمام قانداق سۈرە ئۇقۇدۇ ئىسىمدە يوق دۇكانغا ئەتتىگەن كىرگەن خېرىدارنى چۈشتە قايتا كىرسە بەزىدە تۇنمايۋاتقان مۇنداق غەيرى كىسەللەرگە باشقىلار سىلەرمۇ يۇلۇققانمۇ @birzat@ @birzat



بۇنىڭدەك ئىشلار مەندىمۇ خىلى  بار.. DHA بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟  مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىر كىرسەڭلار..





بەت: [1]
: DHA توغرىسىدا ساۋات ۋە ئۇنىڭ رولى