OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 10:35:29

دىئابىت كېسىلىدىن مەسلىھەت سورايمەن

يېقىندىن بىرى ئاپامنىڭ مىجەزىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىپ تولا ئۇسسايدىغان ئاغزى قۇرۇيدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتسەم قان شېكىرى ئۆرلەپ كىتىپتۇ 13.2 گە چىقىپتۇ لىكىن كىچىك تەرەتنى تەكشۈرۈتكەندە ياخشى چىقتى . بۇ دىئابىت دىگەن كېسەلگە سەل قارىسا كىيىن ئەگەشمە كېسەللىكى كۆپ كۆرىلىدىكەن. بۇنىڭ كۈتۈنۈش، پەرىز تۇتۇش مۇشۇ كېسەلگە قانداق دورىلارنى ئىشلەتسەك بۇلىدۇ . يەرلىك رىتسىپلاردىن قانداقلىرى بار قايسى خىل ئۇسۇلدا داۋالىسا ئۈنۈمى ياخشىراق بۇلىدۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر  تەلىم بەرسەڭلار .


izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 14:35:46

@bilgejan مەسىلىھەت بىرەلەيدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 15:08:08

تولا ئۇسساش ئەھۋالىغا قارىتا دارچىن شۈمەلىسە شۇنى شۈمۈپ بەرسۇن. تېبابىتىمىزدە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئاستىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرەي.

بىلگەجان تورداش قالغان تەرەپلەردىن ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 20:22:25

مىنىڭ ئاپاممۇ ئىككى يىل ئاۋال بايقالغاندا خېلى ئۆرە چىققان، دوختۇر بۇلتۇر ئىنسۇلىن بۇيرۇغان ، لىكىن ئۇردۇرمىدۇق، ھازىر ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىدىن قۇرسى تاباشىر بىلەن قۇرسى زىيابىت ئىككىسىنى ئانچە مۇنچە ئىستىمال قىپ قويىدۇ، 7نىڭ تۆۋىنىدە كونترول قىلىغلىق. قالغىنىغا تىۋىپلار بىر نىمە دىسۇن. ئاللاھ شىپالىق بېرەر!!!!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 20:50:03

مۇشۇ توغرىسىدىكى كىتاپلار بەك جىق ، دادام 20 يىلدىن بىرى كىتاپقا قاراپ ئۈزىنى كۈتىۋاتىدۇ

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 21:51:36

ئاۋۋالقى تەكلىپىم: بىر قېتىملىق ئۆرلەش ئەھۋالىغا قارىتىپلا دىئابىتقا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ... 3-4 كۈندە بىر قېتىمدىن ئىىككى- ئۈچ قېتىم تەكشۈرتۈپ ھەر قېتىمدا ئەھۋال ئوخشاشلا بولسا ئاندىن دىئابىتقا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە باشقا سەۋەبلەر بىلەنمۇ 20 دىن ئىشىپ كېتىدىغانلار كۆرۈلىدۇ. دوختۇرلار ۋە دوختۇرخانىلار ھازىر بۇ خىل خاتالىقنى بەك كۆپ سادىر قىلىپ، ساق ئادەمنىمۇ دىئابىت قىلىپ ئىنسۇلىنغا مۇھتاج قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. ياخشى تەكشۈرتۈپ تولۇق دەلىللەنگەندىن كېيىن ئاندىن بىكىتىڭلار.

ئەگەر راستىنلا دىئابىت بولۇپ قالسا ئالدىراپ ئىنسۇلىن ئۇرغۇزمىسۇن، تېبابەتنىڭ دورىلىرىمۇ بولىدۇ. يەنە تېببىي جەۋھەر شىركىتىنىڭ قەنت كاپسۇلىمۇ ياخشى، ئىنسۇلىن ئۇرغۇزغانلاردىن شۇ دورا ئارقىلىق توختاتقانلار كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا كاللىدا ئىنىق بولۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى: قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش بىر مەسىلە، ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنە بىر مەسىلە... ئىككىسىنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكى كاللىڭىزدا ئىنىق بولسۇن.



قان شىكىرىنى نورمال تۇرۇپ بەرسە، ئەگەشمە كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇپ بەرسە دىئابىت ھېچقانچە قورقۇنچلىق كېسەل ئەمەس... ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ ئىككى مەسىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ ياكى بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ يەنە بىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي ئاخىرىدا ئۆزىنى قەستلىۋەتكەنلەر كۆپ...



يېمەك- ئىچمەكتە ئەڭ پەرھىز تۇتىدىغىنى كاۋاپ، گۆش ئەمەس كاۋاپ ھە... گۆشنىمۇ شورپا قىلىپ، كىچىك-كىچىك توغىراپ، ئوبدان پىشۇرۇپ، ياخشى چايناپ ئىستېمال قىلسۇن... دىققەت قىلىدىغان، دەيدىغان گەپلەر بەك كۆپ... ئەمما ھەممىنى دەپ بولالمىغۇدەكمەن، قالغىنى كېيىنكى ئەھۋاللارغا قاراپ ئەھۋاللىشارمىز...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 08:27:46



قېرىندىشىم ئوۋچى312، ئانىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرغانلىقىڭىز ۋە بۇ ئىشقا سەل قارىمىغانلىقىڭىزغا ئاپرىن! يۇقىرىقى قەۋەتتىكى دوستىمىز ئېيتقاندەك، بىر قېتىملىق يۇقىرى قەنىت مىقدارىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئانىڭىزنىڭ دىئابىت ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ناھايتى تەس. شۇڭا تۆۋەندىكىلەرنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمەن:

1. ئەڭ ئاۋۋال ئانىڭىزغا توغرا دىئاگنوز قويغۇزۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈ ئۇنىڭ قاندىكى قەنىت مىقدارىنى بىر كۈننىڭ ئوخشىمىغان ۋاقتىدا ياكى ئوخشىمىغان بىر نەچچە كۈندە ئۆلچەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قاندىكى ئىنسۇلىن مىقدارىنى ئۆلچىتىىشمۇ مۇھىم. ئىنسۇلننىمۇ قوشۇپ ئۆلچەتكەندە، ئاۋۋال ئانىڭىزنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر قاندىكى ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن، لىكىن گىلۇكوزىنىڭ مىقدارى بەك يۇقىرى بولسا، ئۇ ھالدا ئانىڭىز I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ لىكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ II تىپلىق دىئابىت كېسىلگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللاپ دەرھال داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك. بۇ ئىككىسى نەتىجىسى ئوخشىشىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئىككىسىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئاساسەن باشقا-باشقا كېسەل دىسىەك خاتالاشمايمىز.



2. كېسەلگە ئېنىق ھەم توغرا دىئاگنوز قويغۇزغاندىن كىيىن، شۇنىڭغا قاراپ تاماقتا پەرھىز تۇتۇش بىلەن بىرگە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كىرەك. مىنىڭ پەرىزىمچە، ئانىڭىزنىڭ يىشى بىر قەدەر چوڭ بولسا ھەم ئېغىرلىقى سەل يۇقىرى بولسا 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى مۇتلەق يۇقىرى، مەن شۇنى ئاساس قىلىپ داۋالاشتىكى قەدەملەرنى سىزگە ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي:



ئاۋۋال، يىمەكلىك تەركىبى ۋە مىقدرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. يىمەكلىكنى پەقەت بەدەن ئېھتىياجلىق ئەڭ تۆۋەن چەكتە ساقلاش؛ قەنىت ۋە ماي مىقدارى تۆۋەن يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش؛ ئاقسىل ۋە تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش؛ تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم. ئۇندىن باشقا، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىمكانقەدەر 5-10 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئورۇقلاشقا تىرىشىش كىرەك. مۇشۇلارنى قىلىش ئارقىلىقلا دىئابىتنى كونتىرول قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى تاماقتىن كىيىن گىلۇكوزا مىقدارىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئەگەر دىئابىت يەنىلا كونتىرول قىلىنمىسا، ئۇ ھالدا مېتفورمىن دەپ ئاتىلىدىغان دورا ۋە ياكى ئىنسۇلىن بىلەن مېتفورمىننى بىرلەشتۈرۈپ يىيىشكە توغرا كىلىدۇ. لىكىن كۆپىنچە كىشىلەر تاماقتا پەرھىز تۇتۇش ۋە ھەرىكەت قىلىش، ئورۇقلاش ئارقىلىق 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىنى كونتىرول قىلالايدۇ.



ئەكسىچە كۆپىنچە 1 تىپلىق دىئابىت كېسەللىرى ئىنسۇلىن ئۇرۇپ تۇرۇشى شەرت بولىدۇ. مەن بۇلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ پات ئارىدا دىئابىت كېسىلى توغۇرلۇق بىر تىما يىزىپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇ ۋاقىتتا بەزى نەرسىلەرنى ھەممە كىشى چۈشەنەلىگۈدەك ئاددى تىلدا چۈشەندۈرىمەن. شۇ ۋاقىتتا بەلكىم باشقا سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ چىقىشى مۇمىكىن. ئانىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن.




OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 11:43:06

رەھمەت سىلەرگە قارىغاندا ئاپامنى يەنە بىر نەچچە قېتىم تەكشۈرۈتۈپ كۆرسەم بولغىدەك . سىلەردىن سورايدىغان بىر ئىش ناۋادا راستىنلا دىئابىت كېسىلى چىقىپ قالسا ئەگەشمە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشىم كېرەك .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 14:03:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئىشەنسەڭلار قەنىت سىيىشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى روزا تۇتۇش . روزا تۇتۇقاندا زولۇقتىن ئىپتارغىچە ئىچكى ئەزالار ئارام ئېلىش ئارقىلىق سەللىمازا ساقىيىدۇ . بۆرەك ، يۈرەك ، جىگەر ، ئاشقازان ، دىگەندەك 8 خىل كىسەلنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دەۋاسى روزا تۇتۇش يەنە دىسەممۇ شۇ روزا تۇتۇش.
بەت: [1]
: دىئابىت كېسىلىدىن مەسلىھەت سورايمەن