برازىلىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى 4:2 نەتىجە بىلەن يەڭدى
بېيجىڭ ۋاقتى 23-ئىيۇن سەھەر سائەت 03:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن قىتئەلەر بىرلەشمە لوڭقىسى
چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدا، برازىلىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى 4:2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
بۇ مۇسابىقىگە بىر قىتئەدىن قانچە دۆلەت قاتنىشىدۇ؟ قىتئەلەر بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقسى ھەققىدە بىلدىغانلار سۆزلەپ باقساڭلار بۇپتىكەن.
كېچىك دۇنيا لوڭقىسى دەپ ئاتالغان بۇ مۇسابىقە 1992-يىلدىن باشلانغان بۇلۇپ، 2005-يىلى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر يىل بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى ساھىبخان دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.بۇ مۇسابىقىگە ھەر قايسى قىتئەلەر لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلېرى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىپخان دۆلىتى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا چىمپىيونى بولغان دۆلەت قاتنىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئانتارىكتىدادىن باشقا ئالتە قىتئەدىن ئالتە دۆلەت ، كىلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىپخان دۆلىتى بولغان بىرازىلىيە قۇشۇلۇپ يەتتە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ئىسپانىيە بۇلۇپ 8 دۆلەت قاتنىشىدۇ.
بۇ يىلقى سەككىز دۆلەت ئىچىدە ئاسىيا لوڭقىسى چىمپىيونى ياپۇنىيە، شىمالى ئامېرىكا لوڭقىسى چىمپىيونى مېكسىكا، جەنوبى ئامېرىكا لوڭقىسى چىمپىيونى ئۇرۇگۋاي، ئوكىئانىيە چىمپىيونى تاخىتى، ئافرىقا چىمپىيونى نېگىرىيە بار. ياۋرۇپا لوڭقىس چىمپىيونى ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغاچقا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا 2-بولغان ئىتالىيە قاتناشتى.
سەككىز دۆلەت ئا ۋە ب ئىككى گۇرۇپپا بۇلۇپ مۇسابىقە ئوينايدۇ. ئا گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولغان بىلەن ب گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغىنى، ب گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچى بولغىنى بىلەن ئا گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچى بولغىنى مۇسابىقىلىشىپ يەڭگىنى چىمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ.
ھازىر ئىسپانىيە ئا گۇرۇپتا بىرىنچى، ئۇرۇگۋاي ئىككىنچى. ب گۇرۇپتا بىرازىلىيە بىرىنچى، ئىتالىيە ئىككىنچى. ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيە، ئۇرۇگۋاي بىلەن بىرازىلىيە ئوينايدۇ. ياپۇنىيە، تاخىتى، مىكسىكا، نېگىرىيە شاللاندى.
بىزنىڭ توررېس بەش توپ ئۇرۇپ مەرگەنلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ.
ياتاقتىكى پۇتبول مەستانىلىرى ئاچچىقتىن بوغولاپ كەتتى ئاخشام {:92:} ئاۋۇ بىرازىلدىكى 13 - نۇمۇر دورتمۇنتتىكى بېك دانتى شۇمۇ ...ئەپسۇس مۇسابىقىنى كۆرەلمەپتىمەندە ، ئاۋۇ ھۆپۆپ توپ ئۇرمىغان ئوخشىمامدۇ ؟ دورتمۇندىكى دانتې ئەمەس ئۇ، بايېرن ميۇنخېندىكى دانتې....(دورتمۇندتا دانتې بارمۇ يوق بىلمەيمەن... {:92:} ) نېيمارنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ. ئۈچ توپ ئۇردى . بىر پاس چىقاردى. بىرازىلىيەنىڭ شوركىلېرى كىلەر يىلغىچە خېلى پىشىپ قالغۇدەك.
5- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دورتمۇندىكى دانتې ئەمەس ئۇ، بايېرن ميۇنخېندىكى دانتې....
(دورتمۇندتا دانتې بارمۇ يوق بىلمەيمەن... )
مۇشۇ گىرمان بىرلەشمىسىدىكى بەزەن گۇيلىنىڭ كۇلۇبىنى تولا ئالماشتۇرۇپ قويىمەن