فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 19:54:33

نومۇس نەدىن باشلىنىدۇ؟




نومۇس نەدىن باشلىنىدۇ؟


تەپەككۇر بىلوگىدىن ئېلىندى.


ئەلى تەنتاۋى (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن ) مۇنداق دەيدۇ:

ئەي قىزىم، مەن ھازىرغىچە ئەللىك يىل ياشىدىم، نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى كەزدىم، نۇرغۇن ياخشى -يامان ئىشلارنى كۆردۈم ، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. بۇ گەپلىرىمنى ئەللىك يىللىق تەجىرىبەمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم ساڭا نەسھەت قىلىۋاتىمەن . ئادەملەرنى ئىسلاھ قىلىمىز ، تۈزىتىمىز دەپ كۆپ كۈچىدۇق، ھەتتا تۇلا سۆزلەپ ئاغزىمىز تالدى .نۇرغۇن كىتابلارنى يازدۇق، قوللىرىمىز تالدى ، قەلەملىرىمىز ئۇپرىدى. بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ كۈچىگەنسىرى ئادەملەردە ئەكسىچە بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. پىتنە-پاسات كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا شەھەردىن شەھەرگە ئېقىۋاتىدۇ ، ئاللاھ قىلما دەپ چەكلىگەن ئىشلار ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئادەملەر جەننەتنىڭ ئىشىكىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەكسىچە دوزاخ چۇقۇرىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. يالاڭباشتاقلىق، يالىڭاچلىق، بىھايالىق شەھەردىن شەھەرگە يامرىماقتا. ھەتتا باشىدىن ئايىغىغىچە پەرەنجە بىلەن پۈركىنىپ يۈرىدىغان شام (سۈرىيە)دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىمۇ كۆكرىكى ئوچۇق ھالدا كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ . بىز شۇنچە سۆزلەپ نىجات تاپالمىدۇق، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمىز دېيەلمەيمەن. نېمىشقا، بۇنى بىلەمسەن؟ بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ شۇنچە نەسىھەت قىلىپ، شۇنچە دەۋەتلەرنى قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدۇق، ئەسلى بىز ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنى تاپالمىغان ئىكەنمىز، كىرىدىغان ئىشىكنى تاپالمىغان ئىكەنمىز . بىز ئىشىكتىن كىرمەي دەرىزىسىدىن كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇق. ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يول قەيەردە؟ ئۇنىڭ دەرۋازىسى نەدە؟ ئاچقۇچى كىمنىڭ قولىدا، بىلمەي يۈرۈپتۇق. ئاخىرى بىلدۇقكى ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا ئىكەن، ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنىڭ بېشى ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ئەمدى قايىل بولدۇم. بىراق بۇنى ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالغاندا ھېس قىلدىم .

گۇناھ يولى ناھايىتى ئېغىر يول ، بۇ يولغا كۆپ ھاللاردا ئەر كىشى باشتا قەدەم قويىدۇ، چۈنكى ئايال كىشى ئەر كىشى بولمىسا بۇزۇلالمايدۇ، بۇ قەدەمنى باسالمايدۇ. ئەي قىزىم، ئەگەر سېنىڭ رازىلىقىڭ بولمىسا ئەركىشى بۇ قەدەمنى باسالمايدۇ ، سەن لايدەك يۇمشاق بولساڭ، ئەر ساڭا پاسكىنا سۇدەك قېتىلىدۇ؛ سەن ناز قىلساڭ ئەر ساڭا ئېتىلىدۇ. سەن ئوغرى قاراقچىغا ئىشىكىڭنى ئېچىپ بېرىپ:” ئۆيگە كىرىڭ “دەپ، مال-مۈلكۈڭنى ئوغرى ئېلىپ قاچقاندىن كېيىن كوچىغا چىقىپ :”ۋاي داد ، ئوغرى مېلىمنى ئېلىپ قاچتى“ ۋارقىرىغان ئەخمەقسەن . ئوغرى مېلىڭنى ئېلىپ قاچقاندىن كېيىن كوچىغا چىقىپ داد -پەرياد، چۇقان سالساڭ ئوغرىنى تۇتۇشۇڭ مۇمكىن، ئوغرى ئۇ مېلىڭنى يەپ ، سېتىپ تۈگەتمىگەن بولسا ئۇنى قايتۇرۇۋالالىشىڭ مۇمكىن، پاكلىقىڭ -ئىپپىتىڭ، ئار-نۇمۇسۇڭ ئوغۇرلانغاندىن كېيىن ئوغرىنى تاپالىشىڭ مۇمكىن، بىراق پاكلىقىڭنى، ئار-نۇمۇسۇڭنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ كېلەلمەيسەن. بۆرىگە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان قوينىڭ چىرايلىق تېرىسى لازىم ئەمەس، چىرايلىق تۇرقى ھەم لازىم ئەمەس، ئۇنىڭغا پەقەت قوينىڭ بىر-ئىككى كىلو لەززەتلىك گۆشى كېرەك. سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرغان ياتۋاش ئەركەك ئۈچۈن سېنىڭ چىرايلىق خۇلقىڭ، لاتاپىتىڭ، نازىڭ كېرەك ئەمەس، ياراشقان كىيىم -كېچىكىڭمۇ لازىم ئەمەس، ئۇ ئەر سېنىڭ ئىززەت-شەرىپىڭ، زىننىتىڭ ۋە پەخرىڭ بۇلۇپ تۇرغان پاكلىقىڭنى، نومۇسۇڭنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ساڭا كۈتۈلمىگەندە بۆرە قوينىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتىن ئېغىر مۇسبەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. سېنىڭ ئار -نۇمۇسۇڭ بىر -ئىككى كىلو قوي گۆشىنىڭ قىممىتىدىكى نەرسە ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلار تەرىپىدىن پايمال قىلىنسا تاكى قىيامەتكىچە نەسەب-نەسلىڭگە تەسىر قىلىدىغان (قارا سۇۋايدىغان، نەسلىك ۋە پەسلىك كەلتۈرىدىغان) نەرسىدۇر.

سەن ئەتراپىڭدىكى لالما ئەرلەرنىڭ ساڭا ”مەن سىزگە ئاشىقمەن، ھۆسنىڭىزگە مەپتۇنمەن ، خۇلقىڭىزغا ئەسرامەن “ دىگەن سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ يۈرەمسەن؟ ئاشۇ شېرىن -شىكەر گەپلەرگە ئالىدىنىۋاتامسەن؟ ئەي كەم ئەقىل قىزىم، ئاللاھقا قەسەمكى، ناكەس ئەر يالغۇز ئايالنى كۆرگەندە ئۇ ئايالنىڭ كىيىم -كېچىكىنى يىرتىپ تاشلاش ھەققىدە بىھايا خىياللارنى قىلمايدىغان بولسا كېلىپ مېنىڭ يۈزۈمگە تۈكۈر!

لالما ئەرلەرنىڭ ساڭا دوستانە ھالدا، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن ساختا گەپلىرىگە ئالداندىڭمۇ؟ ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كەلگەندە ئۆز ئارا قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ قايسى ئايالنىڭ ئار-نۇمۇسىنى قانداق پايمال قىلغانلىقى، قايسى بىھايا ئايال بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى تۇيغان بولساڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە تۈكۈرۈپ كەلگەن بۇلار ئىدىڭ.

ئەي قىزىم! بۇ جەمئىيەت شۇنداق جەمئىيەتكى، بۇ ئادەملەر شۇنداق ئادەملەركى، شۇ گۇناھلار، شۇ يالىڭاچلىنىشلار، زىنا -ھاراملار شۇنداق داغ بولۇپ چۈشىدۇكى، سېنى گۇناھقا چاقىرغان ئەركەك شۇ گۇناھلارنى قىلىپ بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپ يۈرگەندە ساڭا ئېلىپ كەلگەن رەسۋالىقلار يۈزۈڭگە ئۆچمەس داغ چۈشۈرىدۇ. بۇ جەمئىيەت شۇنداق جەمئىيەتكى ئوغول بالىنىڭ گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ، ئوغۇل بالىكەن، ئېزىپ قاپتۇ دەيدۇ، بىراق سېنىڭ گۇناھىڭنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ ، سەن ئاللاھقا چىن دىلىڭدىن تەۋبە قىلغان، ھەتتا رەھىم ھەم رەھمان بولغان ئاللاھ سېنىڭ گۇناھىڭنى كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئادەملەرسېنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ ،”ئۇ شۇنداق بۇزۇق ئايال ئىدى، چاتىقى بار ئىدى“دەيدۇ، بۇ داغ پېشانەڭدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، ئايال كىشىنىڭ ئار-نۇمۇسى ئۇنىڭ نەسلى-نەسەبىگە مەڭگۈ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەن ئاياللارغا نەسىھەت قىلغىنىمدا، ئاۋۋال < خۇدادىن قورقۇڭلار>دىگەن سۆزدىن باشلايمەن. چۈنكى ھەممە رەزىللىك ، پەسكەشلىك ، رەسۋاچىلىق ئاللاھتىن قورقماسلىقتىن چىقىدۇ. ئاللاھتىن قورققان ئادەم ھەممىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ زاتتىن چىن يۈرىكىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھېچ كىشى كۆرمەيدىغان قاراڭغۇ خىلۋەتتە بولسىمۇ زىنادىن يىراق تۇرىدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن گۇناھتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھاراق ئىچمەيدۇ ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پەرز قىلغان ئەمەللىرىنى جان دىلى بىلەن ئۇرۇندايدۇ، ئاللاھتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى ئاداقىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ. شۇڭا مەن قىزلارغا نەسىھەت قىلغىنىمدىمۇ ”ئەي قىزلىرىم، ئاللاھتىن قورقۇڭلار“ دەپ سۆزۈمنى باشلايمەن. ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداقكى، ئۇلارغا ئا خىرەتتىن سۆز قىلسا ئاخىرەتنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن تەسىرلەنمەيدۇ، كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەردىن تەسىرلىنىدۇ، يەنە ئۇلارغا ئىككىنچى دەيدىغىنىم <كېسەللىكلەردىن قورقۇڭلار >. تۈرلۈك گۇناھلار سەۋەبىدىن ھەرخىل قورقۇنچلۇق، ئازاپلىق، ئەجەللىك كېسەللەر بار دەيمەن . ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ پىسەنت قىلمىسا ئۇلارغا ئېيتىمەنكى: ئەي قىزىم ، دۇنيادا ھېچبىر نەرسە ئەبەدىي تۇرمىغان ھەم تۇرمايدۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ بۇ گۈزەللىكلىرىڭمۇ ئەبەدىي تۇرمايدۇ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇرغان شۇ چىرايلار بىر كۈنلەر كېلىپ بىر سىقىم بۇغداينى چېچىپ قويسا ئۈنمەيدىغان شور توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەرگە كۆز _كۆز قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل رەڭلەردە بويۇۋالغان چاچلار چىرىپ تۈگەيدۇ. ھېچبىر نەرسىدە كامالەت ئەبەدىي قالمايدۇ، قۇياش نۇرىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆچىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ زاۋالى بار. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىنىڭ گۈزەل ھۆسىن -جامالىڭنىڭمۇ زاۋالى بار. ھۆسىن-جامالىڭغا ئاشىق بولغان كىشىلەر چىرايىڭدىن كەتكەن ھامان سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. قېرىپ موماي بولغىنىڭدا غەم -تەشۋىشىڭنى كىم يەيدۇ ؟ يېنىمدا پەرۋانە بولغانلار غېمىمنى يەيدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ياق، قېرىغان ئايالنىڭ غېمىنى بالىسى يەيدۇ، نەۋرىسى يەيدۇ . ئەۋلادلىرىڭ غېمىڭنى يەپ سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا ، خۇددى تاج كىيگەن مەلىكىگە ئوخشاش بەخت ئىلكىدە مەستخۇش بولىسەن. لېكىن ياشلىقىدا ھارام بىلەن ،گۇناھ بىلەن يۈرگەن ئايالنىڭ ھالىتى بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، ھۆرمەت -ئىززىتى يوقىلىدۇ، يەيدىغان-كىيىدىغىنى تەل بولمايدۇ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق ئازاب تارتىدۇ .

بۇ يەرگە كەلگەندە ئەلى تەنتاۋى سۈزىنى مۇنۇ ھىكايەت بىلەن تامام قىلىدۇ. مەن بىريۇسېل شەھىرىگە بېرىپ بىر يىغىنغا قاتنىشىپ ، يىغىندىن كىيىن نەدىم دىگەن بۇرادىرىم شاگىرتلىرى بىلەن مىنى شەھەر ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلدى . بىر چوڭ كوچىدىن قارشى تەرەپكە ئۆتىدىغان يەرگە كەلگەندە ماشىنا توختىغاندا ھەممە ئادەم يۈگۈرۈشۈپ ئالدىراپ يولدىن ئۆتۈۋاتىدۇ، پەقەت بىر قېرى مۇماي پۇتلىرى تىترىگەن ھالدا تەمتىرەپ يولدىن ئۈتۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ، بىراق ھەممە ئادەم ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ قۇيۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرىۋاتىدۇ، ھەتتا ماشىنا شوپۇرلىرىمۇ ماشىنىسىنى ئۇنىڭدىن يىراق توختىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. مەن بۇرادىرىمگە: ھەي بۇرادەر، تالىپلىرىڭدىن بىرسى ئۇ موماينى قولىدىن يېتىلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويسا بولمامدۇ ، دىدىم . ئۇ :

ھەي ئەلى، مەن بۇ شەھەرگە كەلگىلى قىرىق يىل بولدى ، ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا چىرايلىق قىز ئىدى ، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ شەھەرگە شۇنداق بىر فىتنە، ئىمتىھان قىلىپ بەرگەن ئىدىكى، ئادەملەر ئۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن بىرەر يېقىملىق سۆز ئاڭلاش ، بىر قېتىم ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن مال-دۇنياسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈشكەن ئىدى ، ھەتتا ئايالىغا، ئۆز ئانىسىغا ئېيىتمىغان شېرىن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىشار ئىدى . مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھارام ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇنى شۇنداق خار قىلدىكى، ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇشتى. مەيلى زىنا بولسۇن ، مەيلى ھاراق ئىچىش بولسۇن ، نېمىلا بولسۇن خۇدا چەكلىگەن ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ . خۇدا قىلما دىگەن ئىشنى قىلغانلارنىڭ قالتىس، ئالامەت ياشاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا: يات ئەرلەرگە يۇمشاق ئاۋازدا گەپ قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئەرنىڭ قەلبىدە ۋەسۋەسە ئويغىنىدۇ، ئەگەر قەلبىدە فاسىقلىق، ئىپلاسلىق بولسا ئارتۇقچە گۇماندا، تەمەدە بۇلۇپ قالىدۇ، دىدى. ھەتتا پۇتۇڭلارنى يەرگە ئۇرۇپ تاۋۇش چىقارماڭلار، سىلەرنىڭ گۈزەل ھۆسىن جامالىڭلارئەمەس، بەلكى ئاياغىڭلاردىن چىققان تاۋۇش فىتنىگە سەۋەپ بولىدۇ، دەيدۇ ھەق سۇبھانە ۋەتائالا.

ھەي قىزلىرىم ،مەن سىلەرگە دەرھال كىيىپ ئۇرۇنۇڭلار دىسەم، بۇنى قىلالمايسىلەر، چۈنكى سىلەرنىڭ كىيىمىڭلار بىر غېرىچ ، بىر سانتىدىن قىسقىراپ ئەۋرەتلىرىڭلار ئېچىلىپ بولدى . شۇنداقتىمۇ كىيىمىڭلارنى بىر غېرىچ ، ئىككى غېرىچتىن ئۇزارتىپ، ئىپپەتلىك سىياققا كەلتۈرۈپ، پاكلىق، ياخشىلىق تەرەپكە قايتىڭلار دېگۈم كېلىدۇ.

(تەھرىرلىگۈچى: ئەرتۈرك)



مەنبە: http://www.bildur.net/?p=2417

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 20:40:53

بىر ئېغىز گەپ ......... ئېسىل.....

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 21:28:01

نادىر تىما

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 07:24:52

باشقۇرغۇچى بەگلەر،ما تېمىنى جەۋھەرلىمەسلىككە باھانىڭىز بارمۇ؟ \"\"

intilish يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 08:49:31

ھەقىقەتەن ياخشى تىما يۇلىنىپتۇ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈزبەكچىسىنى ئاڭلىغانتىم .ئەلادىن بىرسى كەتتى .

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 09:56:56

@newstar تېمىنى باشقۇرغۇچىلار ئەمەس ئەزالار جەۋھەرلەيدىغاندۇ؟ \"\"

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 13:13:29

مۇشۇ مەرۋايىتتەك گۈزەل سۆزلەرنى قىلغان ۋە تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە يەتكۈزگەن شۇ كىشىلەرگە سالام يوللايمىز...

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 14:13:36

جەۋھەرلەندى \"\"

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 15:34:42

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يازمىكەن، ئىزدىنىشقا ئازراق تېما يوللانسىمۇ مەيلى، لېكىن مۇشۇنداق جېنى بار تېمىلار پات-پات يوللىنىپ تۇرسىكەن. يوللىغۇچىنىڭ قولىغا دەرت تەگمىسۇن \"\"

intilish يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 18:21:41

بۇسا كۆپرەك قىزلارنى بۇتىمىنى كۆرۇشكە رىغبەتلەندۇرۇپ قۇيساق تېخمۇ ياخشى بۇلاتىكەن ھە ........................................ \"\" \"\"{:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 19:12:56

ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.

......................................

دىمەك سۈرىيە،پەلەستىن،ئىراق.............. پۇقرالىرى گۇناھ ئىشلارنى جىقراق قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 19:43:33

10- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.

......................................

دىمەك سۈرىيە،پەلەستىن،ئىراق.............. پۇقرالىرى گۇناھ ئىشلارنى جىقراق قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ

قەدىمدىن تارتىپ ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن مۆئمىن مۇسۇلمانلارنى ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنايدىكەنتۇق...


   ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈپ ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىلىش شۇ كىشىنىڭ بەختى ئىكەنتۇق ئەسلى، بىز بەك بەخىرامان ياشاپ كېتىپ بارىمىز...ئەتراپىمىزدىكى تەقۋا مۇسۇلمانلار بولسا ھەر تۈرلۈك ئىمتىھان، ھەر تۈرلۈك قىيىن سىناقلار بىلەن سىنىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ...


ھېچقانداق غەم ئەندىشىسىز، بەك بەختلىك ياشاپ كېتىشتىن قورقىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن سىنىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمىسە كېرەك\"\"


گەپلىرىم بەك تاقا-تۇقا بوپ قالدى. ئاقساقاللىق قىلىپ جىق سۆزلەپ قويدۇم. ئۆزۈر\"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 20:26:01

10- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.

......................................

دىمەك سۈرىيە،پەلەستىن،ئىراق.............. پۇقرالىرى گۇناھ ئىشلارنى جىقراق قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ

مايتاغچە پەلسەپە

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 21:23:38

ئۈكەم ساڭا گەپ قىلمىغاندىكىن جىم يۈرسەڭ بولمامدۇ ، رەزگىلىك ئىشەككە يارىشىدۇ،بوپتۇ دەپ گەپ قىلمىغاننى بىل ،ئىچىۋالغاندا ئەسكىلىگىڭنىباشقا مۇنبەردە قىل ، ماۋۇ ئىزدىنىش !!!!

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 21:41:05

11- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.

......................................

دىمەك سۈرىيە،پەلەستىن،ئىراق.............. پۇقرالىرى گۇناھ ئىشلارنى جىقراق قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ

قەدىمدىن تارتىپ ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن مۆئمىن مۇسۇلمانلارنى ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنايدىكەنتۇق...


   ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈپ ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىلىش شۇ كىشىنىڭ بەختى ئىكەنتۇق ئەسلى، بىز بەك بەخىرامان ياشاپ كېتىپ بارىمىز...ئەتراپىمىزدىكى تەقۋا مۇسۇلمانلار بولسا ھەر تۈرلۈك ئىمتىھان، ھەر تۈرلۈك قىيىن سىناقلار بىلەن سىنىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ...


ھېچقانداق غەم ئەندىشىسىز، بەك بەختلىك ياشاپ كېتىشتىن قورقىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن سىنىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمىسە كېرەك\"\"


گەپلىرىم بەك تاقا-تۇقا بوپ قالدى. ئاقساقاللىق قىلىپ جىق سۆزلەپ قويدۇم. ئۆزۈر\"\"




-----------


ماقىزۋالىنى كىنىيىدىكى مۇساپىرلارغا لاگىرىغا پالايلىمۇ؟ئىئوردانىيە بولسىمۇ بۇلىدۇ.


...


ئاللاھ تەرىپىدىن سىنىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمىسە كېرەك>>>


بىز ئاۋۋال پەرۋەردىگارغا چىن ئىخلاسىمىز بىلەن يېقىنلىشايلى،ئاندىن ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىمىزگە ئۇنى داخىل قىلىشقا تىرىشايلى، بىرە خاپىلىقتىن خالاس بولغان،يامانلىقتىن ئۆزىمىزنى تارتقاندا ئۇنى ئەسلەشنى ئۇنتۇپ قالمايلى....پەرۋەردىگار ئەزەلدىن ھەربىر بەندىنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن.

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 01:18:27

تۇققانلا بۇ بىر، قىز ئاياللارغا تەربىيە قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان تېمىكەن، شۇنۇڭ ئۈچۈن مۇنداقلام بىر ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتسەك، گىپىڭلارنى چۈشەنمايدىغان نىرۋىلار پەيدا بولۇپ تېمىنى بولغاپ قويمىسۇن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 05:57:26

مىسال:

ئىككى كۈن بولدى ئەتىگەندە ئۇخلاپ قېلىپ ناماز ئوقۇيالمىغىلى، تۈنۈگۈن باشلىق خاپا بولۇپ ساقىلىمنى ئېلىۋېتىپتىمەن، بەڭباش سىڭلىم مەن كۆرمىگەن يەرلەردە يۈزىنى ئېچىپ يۈردى ھەقاچان... ھۆكۈمەتكە ئىشلىمەي دىسەم تېخى تېرىكچىلىكنىڭ غېمى ... شۇنداق تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن يەنە شۇنچە غەمسىز، بەخىتلىك ياشاپ كېتىمەن ؟



شۇنداق پىسخىكا ئالدىدا ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ ئېرىشكەن بەخىت-سائادىتى ئەمەس بەلكى باشقىلاردىن كەلگەن ھەرقانداق ھاقارەت، كەمسىتىش، بالا-قازالار نورىمال ئىشلاردەك بىلىنىپ، شۇ بەخىتسىزلىكلەرنى ئېلپ كەلگۈچى خۇددى خۇدانىڭ بىزنى جازالاشقا ئەۋەتكەن ئەلچىسىدەك كۆرۈنۈپ كېتەرمۇ -ھە ...خوشاللىق بىلەن كاللىنى تۇتۇپ بەرسەك،چۈنكى بىز گۇناھكار-دەپ \"\"

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 07:24:43

10- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاھالەنكى، خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەر ساغلام، تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.

......................................

دىمەك سۈرىيە،پەلەستىن،ئىراق.............. پۇقرالىرى گۇناھ ئىشلارنى جىقراق قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ



بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ساغلاملىق، تىنچلىق، خاتىرجەملىك تەقۋا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىككى دۇنيالىققا يارايدىغان خاتىرجەملىك ۋە سۈكۈناتنى، روھىنى ئىمانىغا تەسلىم قىلغانلاردىلا بولىدىغان روھىي خاتىرجەملىكنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا بۇيرۇغاننى قىلغان كىشىلەرئۇرۇش ئوتى يامرىغان ئەللەردىمۇ،تىنچ ئەللەردىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھقا باغلىنىپ، روھىي ئەمىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ. نىسبىي تىنچلىقتا گۇناھ قىلىپ ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئەگەر ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلسا، ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 07:48:44

ھېچقانداق غەم ئەندىشىسىز ياشاۋاتامسىلەر؟ ماڭىمۇ دەپ بېرىڭلارچۇ

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 08:23:52

قاراڭ گۇدلاك، مەن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈندىداردا باشقىلار يوللاپ قويغان يەتتە دوزاخنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانداق ئازابلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالغانتىم، شۇ چاغدا ئۆزەمنى بەك غەم-ئەندىشىسىز، بەك خوشال ياشاپ كېتىۋاتقاندەك ئويلاپ بىئارام بوپ قالغانتىم. ئەگەر مەن ئاللاھتىن قورققان بولسام، دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشتىن قورققان بولسام ھازىرقىدەك ياشامتىم... ئىبادەتتە سۇسلۇق قىلىپ، يا بىر ياخشى ئىش ئەمەللەرنى قىلماي مۇشۇنداق ياشامتىم دەپ ئويلىغان ئۆزەمنى. بۇ يەردىكى غەم-ئەندىشە شۇنى كۆرسىتىدۇ.
بەت: [1] 2
: نومۇس نەدىن باشلىنىدۇ؟