iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:28:10

بوۋاققا كالتىسىي تولۇقلاشتىن ياردەم

ئەسسالام ئەزىزلەر ، مەن مۇشۇ مۇنبەردىكى ئېلبىلگە


ئۆتكەندە ئايالىم ھامىلدار ۋاقىتتا بالامغا ئىسىم قويۇش توغرىلىق سىلەردىن ياردەم سورىغان ئىدىم، ئەزىزلەر نۇرغۇن ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلىشتى ، تەڭرىنىڭ  ئىلتىپاتى بىلەن ئايالىم 3- ئاينىڭ 20 - كۈنى بىر قىز تۇغدى ، شۇ ئىسىملاردىن بىرىنى تاللاپ قويۇۋالدىم ، مەنمۇ دادا بولدۇم ئاخىرى


بالام 3 ئايلىق بوپتۇ ھازىر ، يېڭى تۇغۇلغاندا چېچى تولۇق ئىدى ، ھازىر باش كەينىدە بەلباغسىمان چېچى يوق يەر پەيدا بولدى ، دوختۇر كالتىسىي يېتىشمەپتۇ،داۋالايدىغان باسقۇچقا  كېلىپتۇ ، جىيا جىياگەي شىياۋ شىياۋ خەي بىلەن ۋىتامىن AD بەر دىدى ، ئېلىپ بېرەي دەۋاتسام بىر دوختۇر تونۇشۇم ئاچامنىڭ بالىسىغا ئالتە ئايلىق بولغاندا  جىيا جىياگەي شىياۋ شىياۋ خەي بەرسەك بىر ئىچى سۈرۈپ كەتكەنچە توختىماي ئۆلۈپ كەتتى ،ھەرگىز بەرمە ، ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاققا  بېرىشكە بولمايدۇ دەۋاتىدۇ ( لېكىن چۈشەندۈرۈشىدە 0ئايدىن 3ئايلىققىچە ، 6 ئايلىققىچە دەپ باركەن )، بىرى ھارام دەۋاتىدۇ، بىرى ۋىتامىن AD  دىن چوشقا گۆشى ياخشى دەۋاتىدۇ ، يا ئاللا، قانداق قىلاي ئەمدى


ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىدىن سۈرۈشتۈرسەم بۇنداق دورا ئاساسەن يوقكەن ، پەقەت بىر خىلى باركەن،لېكىن 8-10 ئايلىق بولغاندا بېرىلىدىكەن ، ئانىسىغا سۆڭەك شورپىسى ۋە كالتىسىي تولۇقلايدىغان دورىلارنى بېرىش ئارقىلىق سۈتتىن تولۇقلايلى دىسەك ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ،يوقنىڭ ئورنىدا دەيدۇ....


زەھەرلىك دورا ، زەھەرلىك يىمەكلىك ، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى قاتارلىق زەھەرلىك نەرسىلەر ئەتراپىمىزنى قاپلاپ كەتكەندە يا خاتىرجەم بىر نەرسە بەرگىلى بولمىغان


ما جۇڭگوچىلىقتا بالامنى بېقىشتەك ، كالتىسىي تولۇقلاشتەك مۇشۇنداق كىچىك ئىشتىمۇ قىينىلىۋاتىمەن ، ماڭا ياردەم ، مەسلىھەت ئۇچۇرى بەرسەڭلەر

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 18:30:46

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 18:51:22

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:15:56

گۈلەننىڭ تېمىسىدا : جوڭگۇدا كالىتسىي كەم بالىنى ئامېرىكىدا تەكشۈرتسە ئۇنداق ئىش يوق دېگەن گەپلەر بار.

قوينىڭ پاچاق سۆڭىكىنى قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە بولمامدىكەن؟

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:28:31

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:29:49

2- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر تىبابىتى تەرجىمانلىق دىگەن كىتاپتا 阿胶دىگەن ئاتالغۇنى چوشقا يىلىمى دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم.

...

ئېشەك يىلىمى دېگەندەك ئاڭلىغانتىم.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:38:45

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:47:34

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:27:57

چوڭراق قوينىڭ سۆڭكىنى( قۇۋۇرغا) نى قاينىتپ ئايالىڭىزغا ئىچۈرسىز، ئۇ ئارقىلىق بوباققا بارىدۇ، شۇ يېتەرلىك.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:40:05

مۇبارەك بولسۇن!

ئانىسىنى ئوبدان باقىلى بۇرادەر، كاللا-پاچاق، سۆڭەك شورپىسى، ئاپتاپتا ئوبدان پىشقان قىزىل گۈلقەنت، سۈت، ھەسەل دېگەندەك ئوزۇقلۇقلارنى يەپ تۇرسۇن. يازدا قەيەر سالقىن بولسا، قەيەردە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا شۇ يەرگە بىرىۋالماي، ئانچە-مۇنچە ئىسسىقلىق مايلاردا مايلىنىپ ئاپتاپقا قاقلانسۇن! بوۋاقنىڭ كۆپىسىنى ئاپتاپ چىقسىلا ئالماشتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلاپ بىرىڭلار، ئاپتاپقا قاقلانغان كۆپىنى قىززىق پىتى ئەكىرىپ بوۋاقنى 5 مىنۇت ئەتراپىدا يۆگەپ بىرىلى. كالتىسى ياسالمىلىرىنى بالىنىڭ ئەزالىرى قوبۇل قىلىپ سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. يۇقۇردا بەزىلەر دېگەندەك ئەكىس تەسىرلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بەزى بالىلاردا قالايمىقان كالتىسىي ياسالمىلىرىنى يەپ بۆرەك، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولىدىغان ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ.

يېمەكلىكتىكى كالتىسىيلارنى پارچىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرلىشىدە قۇياش نۇرىنىڭ پايدىسى ئالامەت كاتتا. راخىتنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاشتا ، يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۆڭەكنى قۇۋۋەتلەشتە يالغۇز كالتىسىي تولۇقلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ۋىتامىن د نىڭ كالتىسىينىڭ سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئالاھىدە، يەنى دېمەكچى كالتىسىي بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ۋىتامىن د نىڭ ياردىمىدە ئاندىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ۋېتامىن د نى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك رولى ئاپتاپقا قاقلىنىشتۇر.

كۈندە 20 كۈن ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرگەندە سەرپ بولغۇدەك ۋېتامىن د غا ئىرىشكىلى بولىدۇ. بىر كۈن كەچكىچە ئاپتاپتا يۈرسە ئادەم بەدىنى 20 كۈن سەرپ قىلغۇدەك ۋېتامىن د نى بىرىكتۈرەلەيدىكەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:46:33

مەن بلوگىمدا تەييارلاپ يوللاپ قويغان تۆۋەندىكى تېمىدىنمۇ پايدىلىنىپ قىلىشىڭلار مومكىن.


كالتىسىينى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە ئوزۇقلۇقلار بىلەن تولۇقلاش

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:49:44

iltershنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالام ئەزىزلەر ، مەن مۇشۇ مۇنبەردىكى ئېلبىلگە


ئۆتكەندە ئايالىم ھامىلدار ۋاقىتتا بالامغا ئىسىم قويۇش توغرىلىق سىلەردىن ياردەم سورىغان ئىدىم، ئەزىزلەر نۇرغۇن ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلىشتى ، تەڭرىنىڭ  ئىلتىپاتى بىلەن ئايالىم 3- ئاينىڭ 20 - كۈنى بىر قىز تۇغدى ، شۇ ئىسىملاردىن بىرىنى تاللاپ قويۇۋالدىم ، مەنمۇ دادا بولدۇم ئاخىرى \"\"


بالام 3 ئايلىق بوپتۇ ھازىر ، يېڭى تۇغۇلغاندا چېچى تولۇق ئىدى ، ھازىر باش كەينىدە بەلباغسىمان چېچى يوق يەر پەيدا بولدى ، دوختۇر كالتىسىي يېتىشمەپتۇ،داۋالايدىغان باسقۇچقا  كېلىپتۇ ، جىيا جىياگەي شىياۋ شىياۋ خەي بىلەن ۋىتامىن AD بەر دىدى ، ئېلىپ بېرەي دەۋاتسام بىر دوختۇر تونۇشۇم ئاچامنىڭ بالىسىغا ئالتە ئايلىق بولغاندا  جىيا جىياگەي شىياۋ شىياۋ خەي بەرسەك بىر ئىچى سۈرۈپ كەتكەنچە توختىماي ئۆلۈپ كەتتى ،ھەرگىز بەرمە ، ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاققا  بېرىشكە بولمايدۇ دەۋاتىدۇ ( لېكىن چۈشەندۈرۈشىدە 0ئايدىن 3ئايلىققىچە ، 6 ئايلىققىچە دەپ باركەن )، بىرى ھارام دەۋاتىدۇ، بىرى ۋىتا





كۈندە مۇۋاپىق مىقتاردا قوينىڭ سۆڭىكىنى (قوۋۇرغا، پاچاق.. سۆڭىكى) نى قاينىتىپ شۇنىڭ سۈيىگە چۆپ سېلىپ يېسۇن، مۇۋاپىق ئورۇن بولسا ئاپتاپقا قاقلانسۇن.... بۇنىڭدىن ئۆتە نوچى دارا يوق!


بالىڭىز بېشىنى ئىككى ياققا چايقاپ يىغلايدىغان بوپ قالسا كالتىسى يىتىشمىگىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلانغان بولىدۇ... مەن دىگەندەك قىلسىڭىز ئىنشا ئاللاھ ياخشى بولاپ كىتىدۇ...


چۈنكى كىچىك بالا توختىماي ئۆسىدىغان (يوغنايدىغان) بولغاچقا كالتىسى يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.... مىنىڭ بالكىامغىۇ يىتىشمىگن ئىدى، ھازىر ئېشىپ قالدىمىكىن موللاقچى بوپ كەتتى.... ئۆتكەندە مىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ سۇپىدىن يەرگە بېشى چەككە موللاق ئېتىپ يۈرىيدۇ،،،


zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 15:24:04


7- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۈندە 20 كۈن ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرگەندە سەرپ بولغۇدەك ۋېتامىن د غا ئىرىشكىلى بولىدۇ. بىر كۈن كەچكىچە ئاپتاپتا يۈرسە ئادەم بەدىنى 20 كۈن سەرپ قىلغۇدەك ۋېتامىن د نى بىرىكتۈرەلەيدىكەن.



ھاھاھھا دۇكانغا كىرگەن بىمارلاغا مۇنداق دېمىگەنلا؟! ھۇشىدىن كەتمىسۇن كۈندە 20كۈن ئاپتاپ يەپ\"\"




Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 15:47:19

بوۋىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

ئالاھىدە كېسەللىك ئەھۋالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ياشتىكى بوۋاققا ئانا سۈتىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسە ئارتۇقچە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يېقىنىدا بۇرۇنلاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا بۇيرۇلىدىغان يى كېشىن دېگەندەك قوشۇمچە ۋىتامىنلارنىڭمۇ بەك يامان نامى چىقىپ كەتتى. قانداقلا بولمىسۇن، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىغۇلارچە بىر نېمىلەرنى تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەيدىكەن دوختۇرلار.

بوۋاقلاردا مەلۇم دائىرىدىكى چاچ ئۈنمەسلىك كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، مېنىڭ قىزىمدىمۇ كۆرۈلگەن، مەن غەم قىلىپ دوختۇرغا كۆرسەتسەم: «بوۋاق بالىنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى يېتىش بىلەن ئۆتىدۇ، بېشى تولا سۈركىلىپ، چاچ ئۈنمەي قالىدۇ، كېيىن ئۆزى ئوڭشىلىپ كېتىدۇ» دېدى، ئىشقىلىپ بۇ ياقتا ھەممە ئادەم بۇ قاراشنى تەستىقلايدىكەن، قىزىمنىڭ بېشىنى كۆرگەنلەر ھەممىسىلا شۇ مەسلىھەتنى بېرەتتى، ھېچكىمدىن مەلۇم ئوزۇقلۇق كەملىك ھەققىدە گەپ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ساقلىدىم، بىر ياشقا كىرگەندە چېچىنى بىر چۈشۈردۈم، قارىسام بۇرۇن چاچ ئۈنمىگەن شۇ يەردە چىققان چاچلار يەنىلا ئاجىز، يۇمشاق تۇرىدۇ. ئىككى ياشتىن ئاشقاندا يەنە بىر چۈشۈردۈم، دەرۋەقە بۇ قېتىم ھەممە چېچى ئوخشاش قويۇق چىقتى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 15:47:30

10- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


7- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۈندە 20 كۈن ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرگەندە سەرپ بولغۇدەك ۋېتامىن د غا ئىرىشكىلى بولىدۇ. بىر كۈن كەچكىچە ئاپتاپتا يۈرسە ئادەم بەدىنى 20 كۈن سەرپ قىلغۇدەك ۋېتامىن د نى بىرىكتۈرەلەيدىكەن.



ھاھاھھا دۇكانغا كىرگەن بىمارلاغا مۇنداق دېمىگەنلا؟! ھۇشىدىن كەتمىسۇن كۈندە 20كۈن ئاپتاپ يەپ\"\"






\"\" ۋاي ئاللا...20 مىنۇت دەيمەن دەپ 20 كۈن دەۋېتىپتىمەن.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:09:27

ئەكەك پاقلاننىڭ بۆرەك يېغىدا بۇلماق قىلىپ بىرىڭ.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:18:32

8- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بلوگىمدا تەييارلاپ يوللاپ قويغان تۆۋەندىكى تېمىدىنمۇ پايدىلىنىپ قىلىشىڭلار مومكىن.


كالتىسىينى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە ئوزۇقلۇقلار بىلەن تولۇقلاش



بىر زات ئەپەندى ۋە باشقا قېرىنداشلار. مېنىڭ بالامنىڭمۇ ئەھۋالى يۇقىرىدىكى قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش.


ئاندىن مېنىڭ بالام تاماق يېگەندە بەك يېغلايدۇ. ئانىسىنى ئەمسىمۇ شۇنداق يىغلاپ ئەمگىلى ئۇنىمايدۇ. لېكىن ئانىسىنىڭ سۈتىنى سوسكىسىغا قىلىپ شۇنىڭدا بەرسەك ئېمىدۇ. ئانىسىنى تۈزۈك ئەممىگەچكە ئانىسىدىن تۈزۈك سۈت چىقماي تۈنۈگۈن باشلاپ سەبىيلەرنىڭ سۈت پاراشوكىنى بېرىشكە باشلىدۇ. لېكىن 4 ئايلىق بولغان بالىغا سۈت پاراشوكى بېرىشنى مەن لايىق كۆرمىگەن .لېكىن ئامال يوق قىلىۋاتىمىز. كالتىسى تولۇقلاش ۋە ئانىنى ئەمگىلى ئۇنىماسلىققا قانداق داۋا بار؟ ئاندىن ئانا سۈتى تولۇقلايدىغان ياخشىراق ئامال بارمۇ؟ ئايالىم بىر زات ئەپەندىدىن ئەكەلگەن ئاپتاۋى گۈلقەنىتنى يەۋاتىدۇ. يەنە قانداق ئوزۇقلۇق بەرسەم بولىدۇ؟

durustori يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:23:36

ئانىسىغا سۆڭەك شورپىسى ۋە كالتىسىي تولۇقلايدىغان دورىلارنى بېرىش ئارقىلىق سۈتتىن تولۇقلايلى دىسەك ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ،يوقنىڭ ئورنىدا دەيدۇ....

*************************************************************************************************************************



قايسى ئېشەكنىڭ گىپى بۇ ؟؟ بۇرادەر بالىغا ئانا سۈتىدىنمۇ ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدىغان بولسا دۇنيا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ !



بۇنىڭغا يەنە قانداق دەلىل كىرەك سىزگە ؟ بىر ئىغىزلا گەپ : ئاللا ئۆزى ياراتقان بالىغا نىمە بەرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغىنىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر !

ئۇنىڭ تاللاپ ،ۋە تەمىنلەپ بەرگىنى ‹‹ئانا سۈتىدۇر ›› !! ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولىدىغان بولسا ئاللا شۇنى بېرىتتى !

چۈنكى ئاللا بېخىل ئەمەستۇر ! بەندىلىرىگە ئەڭ كۈيۈنگۈچىدۇر !

arzu415 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 18:58:18

بالىنىڭ ئارقا تەرەپتىكى چېچىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ياكى شالاڭ بۇلۇپ قېلىشى مىنىڭچە نورمال ئەھۋالمىكىن دەپ قارايمەن، چۈنكى بوۋاق بالىلار دائىم ئويدىسىغا ياتقاچقا سۈركۈلۈپ كەينىدىكى چاچلىرى سەل شالاڭ بۇلۇپ قالىدىكەن. مىنىڭ بالامنىڭ چېچىمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالغان ئىدى، لىكىن ھازىر 11 ئايلىق بولدى، ھازىر كەينى چېچىمۇ نورمال چىقتى . ئانا نېمە يىسە سۈتتىن بالىغا بارىدۇ ، شۇڭا ئانا ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش كېرەك دەپ قارايمەن.



دىلمۇرات قېرىندىشىم:

بالىڭىز قانچە ئايلىق بولدى؟ ئەگەر يىغلاپ ئەمگىلى ئۇنىمىسا ئېغىزى ئاغرىپ قالغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن. ئوغلۇممۇ 1 ئايلىق بۇلاي دىگەندە ئېغىزى ئاغرىپ قېلىپ ئىمەلمىگەن ئىدى، سۈتۈمنى سېغىپ قۇشۇقتا بەرگەن ئىدىم. ئەگەر بالىڭىز بەك كىچىك بولسا ئېغىزى ئاغرىپ ئىمەلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭراق بولسا بىلمىدىم.

مىنىڭ ھېس قىلغىنىم بۇيىچە سۈت كەلتۈرىدىغان يىمەكلىكلەر - شورپا ، كالا سۈتى ، پولو ، مىۋىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇلىرى ، ...

ئاندىن مەن تۇرىۋاتقان يەردە سۈت كەلتۈرىدىغان بۇغدايغا ئوخشاپراق كىتىدىغان چاي قىلىپ ئىچىدىغان نەرسە بار ئىكەن، ئەرەبچە ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئىسىمگە كەلسە تۇلۇقلاپ قۇياي ، مىنىڭچە يۇرتتىمۇ بۇلىشى مۇمكىن. شۇ نەرسىمۇ سۈتنى كۆپەيتىدىكەن.ئاندىن بۇ يەردە يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار كۈتۈنۈش مەزگىلىدە رۇم بەدياندىن پىشششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەرەبچە »يەنسۈن »دەيدىغان چاينى ئىچىدىكەن، سۈت كۆپەيتىش ھەم يەل ھەيدەش....دەك روللىرى بار ئىكەن. ئەگەر مۇمكىن بولسا شۇ رۇم بەدياننىمۇ چاي دەملەپ ئىچىشكە ئادەتلەنسە بولغۇدەك. لىكىن يۇرتتا پىششىقلاپ ئىشلەنگىنى يوقمىكىن.


muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 19:45:33

بولسا مۇشۇ توغرىسىدا كۆپىرەك پاراڭ قىلىپ بەرسەڭلار تەجىرىبىلىك ئانىلار، مىنىڭ قىزىمنىڭمۇ چىچى شالاڭ ئۆسىۋاتىدۇ، ھازىر ئىككىگە كىرىپ ئاشتى، يەنىلا شالاڭ پىتى سەل ئەنسىرەۋاتىمەن ، قىزىم چاچ ئالدۇرۇشقا بەك قىرىق، شۇڭا بىر يىلدەك بولدى چىچىنى ئالدۇرمىغىلى، كىيىن راستلا تەسىرى بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ، مىنىڭ قىزىم بىكخامنىڭ قىزى بىلەن تەڭ دىمەت كىلىدۇ، قارىسام ئۇ قىزچاقنىڭ سىرىق چاچلىرى ئالدۇرغان چىراي ئەمەس ، ئەممازە مەن سەل ئەنسىرەپ قالىمەن.
بەت: [1] 2 3
: بوۋاققا كالتىسىي تولۇقلاشتىن ياردەم