bangbax يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 09:05:32

مۇشۇنداق قىلسا بۇلامدۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


مەن قەشقەردىكىمەلۇم بىر مەكتەپتە ئىشلەيمەن. دادامنىڭ ئۆيى ئۆي چېقىش دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، چېقىلماقچى ئىكەن.   لېكىن بىرىدىغان پۇلى ناھايىتى ئاز ھەر بىر كىۋادىرات مېتىرى 520 يۈەن، تولۇقلىمىسى 440يۈەن قۇشۇلۇپ 960يۈەن بۇلىدىكەن.ئاق يەرنىڭ باھاسى 138يۈەن ئىكەن. لېكىن شۇنىڭ قارشىسىدىكى بىر بىنادىكى ھەر بىر كىۋادىرات مېتىر ئوينىڭ باھاسى 2200يۈەن.شۇنداق بولغاچقا دادام بېرىدىغان پۇلۇڭلار ئازكەن. مەن ئۆينى بۇنداق تۆۋەن باھادا بېرەلمەيمەن دېسە، ئەمدى بولغاندا مېنى ئىنىقلاپ مەكتەپكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مېنى 10 كۈن ئىچىدە دادامنىڭ ئۆيىنى ۋە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىنى چېقىشقا ئورۇنلاشتۇردى.   ئەمدى ئىزدىنشتا قانۇن بىلىدىغانلار كۆپرەك، شۇڭا مېنىڭ سورايدىغىنىم مەن ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟   مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باققانلار بولسا ماڭا قانۇني جەھەتتىن قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرسەڭلا.


tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 11:29:13

بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن بار!چېقىلماقچى بولغان ئۆي ئېگىسىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغانلا تۇغقىنى بولسىلا شۇنىڭغا بېسىم چۈشىرىدۇ،ئىككى تەرەپ تەڭقىسلىقتا قېلىپ ئاخىرى ئۆي چېقىلىدۇ!!ئاۋۇ 10كۈن دېگىنى قۇرۇق گەپ ،ئەمما سىز چېقىشقا قايىل قىلىپ،ئۆي چېقىلىپ بولغىچە سىزنى ئاۋارە قىلىپ ،سىزگە بېسىم ئىشلىتىدىغىنى ئېنىق!

قېنى قانۇن بىلىدىغانلار بىرنېمە دېسۇن!

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 11:29:32

نىمە ئۈچۈن ‹ھەربىر ئائىلىدە ئاز بولغاندا بىردىن دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇش › دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 11:39:38

خاتىرجەم 10-15 كۈن ئارام ئېلىۋالسۇن دەپتىغۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:23:28

گەرچە قانۇن بىلمىسەممۇ بۇ ئىشنى قانۇنسىز دەپ ئويلايمەن.

بەلكىم قانۇنلۇق چىقىپمۇ قالار، ئىنسان تۈزگەن قانۇن ئەمەسمۇ \"\"

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:34:08

مۇشۇنداق بېسىم سەۋەپلىك مائاش ئالدىغان ئۇرۇق-تۇققانلار ئالدىدا بېسىم ھىس قىلىپ ۋازكەچكەن بىزمۇ.

ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ئىشىدا ياخشى ئويلىشىڭ!!!!ئۆي چىقىش داۋا ئىشىدا ئىشەنچىلىك ئادۋوكات بولمىسا ،قوساق كۈپىكى،ئۈستىگە قوساق كۈپىكى بولىدىكەن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:38:42

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:40:47

70پۇشتۇڭغىچە بىشىڭنى يەسەن خۇدايىم.مۇناپىق قاراقچى \"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:46:32

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:00:43

6- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

bangbaxنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


مەن قەشقەردىكىمەلۇم بىر مەكتەپتە ئىشلەيمەن. دادامنىڭ ئۆيى ئۆي چېقىش دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، چېقىلماقچى ئىكەن.   لېكىن بىرىدىغان پۇلى ناھايىتى ئاز ھەر بىر كىۋادىرات مېتىرى 520 يۈەن، تولۇقلىمىسى 440يۈەن قۇشۇلۇپ 960يۈەن بۇلىدىكەن.ئاق يەرنىڭ باھاسى 138يۈەن ئىكەن. لېكىن شۇنىڭ قارشىسىدىكى بىر بىنادىكى ھەر بىر كىۋادىرات مېتىر ئوينىڭ باھاسى 2200يۈەن.شۇنداق بولغاچقا دادام بېرىدىغان پۇلۇڭلار ئازكەن. مەن ئۆينى بۇنداق تۆۋەن باھادا بېرەلمەيمەن دېسە، ئەمدى بولغاندا مېنى ئىنىقلاپ مەكتەپكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مېنى 10 كۈن ئىچىدە دادامنىڭ ئۆيىنى ۋە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىنى چېقىشقا ئورۇنلاشتۇردى.   ئەمدى ئىزدىنشتا قانۇن بىلىدىغانلار كۆپرەك، شۇڭا مېنىڭ سورايدىغىنىم مەن ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟   مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باققانلار بولسا ماڭا قانۇني جەھەتتىن قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرسەڭلا.




باغباش ئەپەندىم، سىز نەدىن؟ سىز قانۇن خادىمىما؟ نىمىشقا سىزنى ئۆي چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇدەك؟ مانا مەنمۇ قانۇن خادىمى، مىنىداداڭنىڭ ئۆيىنى چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق دىسە، قىنى قايسى قانۇنغا، قايسى قارارغا، قايسى ئىجرا ئۇختۇرۇشىغا ئاساسەن مىنى بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇڭلار؟ مىنىڭ مۇشۇنداق سالاھىتىم بارمۇ؟ مىنىڭ ئىجراقىلىش ھوقۇقۇم بارمۇ؟ دەپ سورايتىم. ھەم ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرىۋىرەتتىم.

سىزگە دىسەم قانۇننىڭ تەرتىۋى بار. ئەگەر سىز مەمۇر بولسىڭىز ھىچقانداق قانۇن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ سىزنى خىزمەتتىن ھەيدىيەلمەيدۇ.بۇ ئىشقا ئارلاشماڭ. چىقىش ئۇختۇرۇشىدىكى باھانى قايسى دەرىجىلىك ئورۇن چىقاردى؟قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇنغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىڭىز بارمىكەن؟ ئەگەر قارار چىقىرىلغان بولسا، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەنمىكەن ياكى ئەسلى ئورۇن ئۆزئالدىغا چىقىرۋالغان مىكەن.دادىڭىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يېرىنىڭ خارەكتىرى قانداق؟ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يېزا كەنتنىڭ ئۆي ئورنىغا كۆرسىتىپ بىرىلگەن يەرمۇ ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شەھەر ، بازارلاردىكى يەرلەرمۇ بۇنى ئىنىق ئايرىۋىلىشىڭىز كېرەك.

ئىسمى « بەڭباش» كەن.


بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى مۇنداق:


بۇ بۇرادەرنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىنى بىرتەرەپ قىلىشقا مەسئۇللار بۇ بۇرادەرنىڭ مەكتىۋى ئارقىلىق ئىشنى پۈتتۈرۈپ شىرىنكانە ئالماقچى.


مەكتەپ بۇ بۇرادەرگە « ئۇنۋان، يىللىق مۇپاكات، خىزمىتىنى يۆتكەش » دېگەندەكلەر بىلەن بېسىم قىلىدۇ.


مۇئاشى توختۇتۇپ قويۇلغان، يىراق جايغا يۆتكىۋىتىلگەنلەر بار.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:11:10

ئىملايىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا قاراپ خەنسۇچە سەۋىيەسىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ قالدىم.

بۇ ئىشتا رەھبەرلەرگە خەت يېزىش، ھۆكۈمەت تورلىرىغا خەت يوللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشمۇ يېفىشىراق ئۇسۇلمىكىن.

totem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:40:03

ھەممە يەردە ئوخشاشكەن.

بۇرۇن مەنمۇ ئۆي چىقىشقا ماسلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپىسى بۇلۇپ نەچچە ئائىلىگە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ باققان. «پىڭ مۇ گۇڭسى»دەيدىغان ئۆي باھالاش شىركىتىنى چوقۇم تەكلىپ قىلىدۇ.«دىتى»بارلار باھالىغۇچىلارنىڭ يانچۇقىغا كاللەك سىلىپ قۇيىدۇ.مىسال 10 مىتىر كەڭلىكتىكى ئۆي 15 مىتىر بۇلىدۇ.«شاشۇيداۋ»نىڭ چوڭقۇرلۇقى،ئۆي زىننەتلەش ھالتى،كىسەكمۇ ياكى پىششىق خىش،كۈلەم ...ھالەتلېرىگە ئايرىم باھا بار.قىزىق يېرى 30 يىلدىن ئاشقان بىر تۈپ دەرەخنىڭ باھاسى 150 سوم،لېكىن بىر تۇنۇرنىڭ باھاسى 500 سوم باھا قۇيىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە 4-5 تۇنۇر،ئۆگزىدە نەچچە كەپتەرخانە،چۈنچە،سەگدەيدىغان بالخانا دىگەنلەر شەكىلگە تۇشۇپ كەتكەن بۇلىدۇ.خىزمەتتىن توختىتالمايدۇ.دادامغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ يۇرۇپتىمەن،دەپ ئارامنى بۇلۇشىغا ئالدىغان ۋاقىت كەپتۇ.بىرەر ئايلىق مائاشنى تۇتۇپ قالار،لېكىن كېيىن تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. ئۆي چىقىش ئىشلېرىدىكى بىنورمال ھادىسىلەر قىزىق ھەم بىمەنە دىسە.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:13:09

مانداق بىر ئىش بولۇپ ئۆتتى، دوستىمىزنىڭ ئۆيى 6 قەۋەتلىك بىنادا بولۇپ، شەھەر مەركىزىدە، مۇشۇنداق بىنادىن بىر يەردىلا ئۈچى بارئىدى، ئاز دىگەندە 12 كورپۇس چىقىدۇ، يىغىپ كەلسە بۇ بىنا ئۆيلەرنى سالغىلى 10 نەچچە يىللا بولغاندۇ، ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇرلار، لىكىن يىقىندا شۇ بىنا ئۆينىڭ ئالدىدىكى بوش يەرگە خوجايىنلار 20 نەچچە قەۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلماقچى بولۇپ دوستىمىزنىڭ ئۆيىنى ۋە باشقا ئۆيلەرنىمۇ بىرگە چاقماقچى بوپتۇ، دوستۇمغا ۋە شۇ بىنادىكلەرگە ئون نەچچە مىڭ يۈەندىن بىرىپ 1يىل سىرتتا پاناھلىنىپ تۇرۇشقا كىلىشىپتۇمىش، كىيىن دوستۇمدىن ئۇقسام چاقمايدىغان بوپتۇ، سەۋەبىنى سورىسام بۇ بىنادا 3-4 خەنزۇلار ئۆيلىرىگە بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە پۇل بىرىشنى تەلەپ قىپتىكەن، خوجايىنلار قورقۇپ كەتتىمۇ، چاقمايدىغان بوپتۇ، دوستۇم خوشاللىقىدىن ھەنىم بولسا چاقمايدىغان بولدى دەپ يۈرۈيدۇ.

bangbax يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:28:32

6- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

bangbaxنىڭ تېمىسىدىن نەقىل




باغباش ئەپەندىم، سىز نەدىن؟ سىز قانۇن خادىمىما؟ نىمىشقا سىزنى ئۆي چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇدەك؟ مانا مەنمۇ قانۇن خادىمى، مىنىداداڭنىڭ ئۆيىنى چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق دىسە، قىنى قايسى قانۇنغا، قايسى قارارغا، قايسى ئىجرا ئۇختۇرۇشىغا ئاساسەن مىنى بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇڭلار؟ مىنىڭ مۇشۇنداق سالاھىتىم بارمۇ؟ مىنىڭ ئىجراقىلىش ھوقۇقۇم بارمۇ؟ دەپ سورايتىم. ھەم ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرىۋىرەتتىم.

سىزگە دىسەم قانۇننىڭ تەرتىۋى بار. ئەگەر سىز مەمۇر بولسىڭىز ھىچقانداق قانۇن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ سىزنى خىزمەتتىن ھەيدىيەلمەيدۇ.بۇ ئىشقا ئارلاشماڭ. چىقىش ئۇختۇرۇشىدىكى باھانى قايسى دەرىجىلىك ئورۇن چىقاردى؟قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇنغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىڭىز بارمىكەن؟ ئەگەر قارار چىقىرىلغان بولسا، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەنمىكەن ياكى ئەسلى ئورۇن ئۆزئالدىغا چىقىرۋالغان مىكەن.دادىڭىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يېرىنىڭ خارەكتىرى قانداق؟ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يېزا كەنتنىڭ ئۆي ئورنىغا كۆرسىتىپ بىرىلگەن يەرمۇ ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شەھەر ، بازارلاردىكى يەرلەرمۇ بۇنى ئىنىق ئايرىۋىلىشىڭىز كېرەك.



مېنىڭ ئىسمىم باغباش ئەمەس بەڭۋاش. مەن ئوقۇتقۇچى.بۇ ئۆي شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مەن دۆلەت مەمۇرى ئەمەس بەلكى ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى. بىزنىڭ ئۆي شەھەر-بازار ئۆيلىرىگە تەۋە.بىزنىڭ مەھەللىگە ئۆي چېقىشقا چىققانلارنىڭ يۇقىرىسى ناھىيىلىك دائىمي كومتىتنىڭ مۇدىرى تۆۋىنى ھەر قايسى ئىدارىلەرنىڭ ئىدارە باشلىقى.   تېخى تۈنۈگۈن تېخى ئۇلار ماڭا. ئۆينى 10 كۈندە چېقىپ بولالمىساق سىزمۇ، مەنمۇ، مۇشۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى خىزمەتتىن توختايمىز دېدى.(بۇ گىپى ئۈنگە ئىللىغلىق)   مەن كېيىنلىكنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ مۇھىم گېپىنىڭ ھەممىسنى ئۈنگە ئېلىپ مېڭىۋاتىمەن.    بۇ مېنى قورقۇتقانلقمىدۇ ياكى راسلا شۇنداق قىلىپ خىزمەتتىن بىكار قىلىپ قىلارمۇ دەپ ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن.   مېنىڭ قىلدىغان ئىشىم ھازىر ھەر كۈنى ئەتتىگەندە مەھەللىگە ئۈنمەن، ئۆيگە كىرىۋالماي قوشنىلار بىلەن ئىشىك ئالىدىدا پاراڭلىشپ ۋاقىت توشقاندا ئۆيگە كىتىمەن.(ھازىرقى ئۆيۈم باشقا مەھەللىدە)سۆھبەتلەشتڭىزمۇ دېسە:ئۇلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈپ قۇيىمەن.      لېكىن ئالدىمىزدا تەتىل كېلىۋاتدۇ ئۇنىغا ئەگىشىپ رامىزان كېلىۋاتدۇ.ئارام ئالالمەسمەنمۇ دەپ قورقىمەن شۇ.




uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 14:38:13

ئىشقىلىپ چىڭ تۇرۇش كېرەك...مائاشىڭىزنى تۇختىتىپ باقىدۇ ، تىللاپمۇ باقىدۇ ، ئانى قىلىمىز مانى قىلىمىز دەپمۇ باقىدۇ ، بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بولغان بۇنداق ئىشلار ، شوجاڭ دىگەندەكلەر بىلەن قەتئى قائىدە سۆزلىشىپ يۈرۈپ ئاۋارە بولماڭ ، ئۇلار سىزگە باشلىقنىڭ بىر ھەيۋىسىنى 10 قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، يۇقىرىدىكىلەر دىگەندەك بەزى گەپلەرگە ھە ماقۇل دەپقۇيۇپ ئىشتىن توختىتىپ ئىدىيىۋى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرسا ئۆيدە يەپ ئىچكەچ دادىڭىزبىلەن مۇڭدىشىپ دەم ئالمامسىز...يامىنىغا كەلسە ئىسپات توپلاپ قويۇڭ ، ئىشىنىڭكى ھازىر ھۆكۈمەتمۇ قانۇن دىگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە باشلىدى...قانۇنغا تايانماي بوش تۇرسىڭىز موتورولا قىلىمەن دەيدىغىنى ئېنىق .

ئەگەر كىلىشىپ قالساڭلار توختامغا بەك دىققەت قىلىڭ ، ھازىر ھەممە ئىشتا رازى بولدۇق ، بىز دىگەندەك بولىدىغان بولدى دەپ خوش بولغانلارنى توختامدا ئوڭدا قويىۋاتىدۇ . توختامنى كۆرمەي تۇرۇپ ئېغىزدىكى گەپكە ئۆينى بوشىتىپ بېرىپ سالماڭلار . توختامنى راۋرۇس بىر ئادۋۇكات كۆرۈپ بەرسۇن .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:14:15

ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى بولدى قىلىڭ ئۇنداق مالمانلارغا ئۇسسۇل ئوينىماڭ. ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى يەرلىك مالىيە ئىدارىلىرى بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سىزنىڭ مائاشىڭىزنى تۇتۇپ قالىدىغان پۇلىمۇ يۇق. ئىشتىن قوغلىۋەتسە ئىنتىزام تەكشۈرۈشكە بېرىڭ كادىر شوجاڭ دىگەننى جايلايدىغان يەر.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:33:31

ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى بولدى قىلىڭ ئۇنداق مالمانلارغا ئۇسسۇل ئوينىماڭ. ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى يەرلىك مالىيە ئىدارىلىرى بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سىزنىڭ مائاشىڭىزنى تۇتۇپ قالىدىغان پۇلىمۇ يۇق. ئىشتىن قوغلىۋەتسە ئىنتىزام تەكشۈرۈشكە بېرىڭ كادىر شوجاڭ دىگەننى جايلايدىغان يەر.

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:58:30

سىزمۇ يامانكەنسىز ئۆيىڭىزدە دەم ئىلىشتىن باشقا مودىرىڭىزغا تەھتىت سالىدىغان ئىسپاتلانىمۇ تەييار قىلىپ قويۇپسىز؟!

tawpik يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 17:28:10

جۇڭگۇ چىلىقتا بەزى ئىشلارغا ئامال يوق.قانۇن بولغان بىلەن يەنە بىر قانۇن بار ھەممە يەر ئۆزئەھۋالىغا قاراپ .ئىش تۇتسا بولدۇ دەپ مۇشۇ نەرسە چاتاق ئەمەسمۇ ھەي

Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 21:08:09

مىنىڭ ياغلىقىمنى ئالدۇردىغانغىمۇ ئوقۇتقۇچى ئاكامغا بېسىم ئشىلەتكەن. مەن ئاكامدىن قورقماي، ھۆكۈمەت ئاكامغا ئامال قىلالماي ئۆتەپ كەتكەن. \"\"

قوقماس بولۇڭ، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ \"\"
بەت: [1] 2
: مۇشۇنداق قىلسا بۇلامدۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟