izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 07:23:48

دوختۇرلار سۈنئىي ئاشقازان بىزى ياساشتا ئىلگىرلەشكە ئىرىشتى






     دوختۇلار مىدىسسىنا ساھەسىدىكى يەنە بىر چوڭ قەدەم سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بىزى ياساشتا ئىلگىرلەش بولغانلىقى،بۇ ئەسۋاب  ئارقىلىق دىئابىت كىسىلى بار بىمارلارنىڭ قان تەركىبىدىكى قەنتنى توختىماي ئۆلچەپ ،ئىنسۇلىن يىتەرسىز بولغاندا ئۆزلىكىدىن تولۇقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.


     بۇ ئەسۋابنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى - كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلىسە  ئەسۋابدىكى  ئىنسۇلىن پومپىسى ئىتىلىدۇ،ئەگەر قەنت مىقدارى ئاشسا ئىنسۇلىن پومپىسى ئىچىلىپ ئىنسۇلىن تەمىنلىنىدۇ.بۇ ئەسۋابنى ئۈچ ئاي ئىچىدە 247 بىمارغا سىناق قىلىنىپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.


بۇ ئەقلىي پومپىنى  Medtronic شىركىتى ياسىغان بولۇپ ئاللىبۇرۇن ياۋرۇپا سىتىلىشقا باشلىغان، نۆۋەتتە ئامېرىكا يىمەكلىك -دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرىشىدە ئىكەن،بۇ ئەسۋابنىڭ ھەقىقى ئاشقازان ئاستى بىزىنى قانچىلىك تەقلىد قىلىنغانلىقى، قان قەنتىىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى توختىماي ئۆلچەشتىن كىلىپ چىققان سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئىنسۇلىننى تەڭشاش نىسبىتىنى توغرا-خاتالىقىنى تىخمۇ كۆپ تەكشۈرۈش كىتىدىكەن.دوختۇرلارنىڭ ئىيتىشىچە دىئابىت كىىسىلىنى مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىپ كونتىرۇل قىلىش تامامەن مۇمكىن ئىكەن.


Medtronicشىركىتىدىن باشقا يەنە Johnson & Johnson  ۋە بىرقانچە تەتقىقات گۇرۇپپىرىمۇ سۈنئي ئاشقازان ئاستى بىزى ئەسۋابىنى ياساشنى تەتقىق قىلىۋىتىپتۇ.



مەنبە:http://news.yahoo.com/doctors-progress-toward-artificial-pancreas-150106873.html



بۇ ھەقتە بىلگەجان @bilgejan كۆپرەك بىر نەرسە بىلىشى مۇمكىن؛


tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:51:43

http://www.yulghun.com/imla

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:37:51

بۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئىنسۇلىن ئىشلەش مىخانىزمى بولمىغان سۈنئى ئاشقازان ئاستى بېزى ئىكەندە...ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ ، بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىنسۇلىن مىقتارىنى تەڭشىگەندە دىئابىت كېسىلىنى داۋالىيالمىغان تەقدىردىمۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇراقلىق كونتىرول قىلىپ دورىنى ئارتۇق ئىشلىتىۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدىكەن . ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قەرەللىك ئىنسۇلىنلىق سۇيۇقلۇقنى قاچىلاپ تۇرۇش زۆرۈر بولسا تەن سىرتىدىن قاچىلامدىكەن ياكى ئىچىدىن ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:26:07

1- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://www.yulghun.com/imla



{:181:} بۇدا دىققەت قىلاي




arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 21:44:06

دېمىسەكمۇ ئەتراپىمىزدا دىئابىت كىسىلى خېلى كۆپقۇ دەيمەن !!!! \"\"  كۆپىنچىسىنى ئىرسىيەت دەيدىكەن !

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 10:32:20

شۇنچە كۆپ دېئابىتنى ئېرسىيەت قالدۇرغۇدەك ئەجدادلار يوق بولغىيتتى ،بەدەندىكى تەبىئەت كۈچىنى بۇزسا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 10:43:44

بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ماۋۇ خەۋەرنى بۇ يەرگە چاپلاپ قوياي:

كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدىكى غول ھۆجەيرە تەتقىقاتچىلىرى غول ھۆجەيرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىققان. بۇ بايقاش ئاساسلىقى قورامىغا يەتكەن مەزگىلدە باشلىنىدىغان دىئابىت تىپىدىكى (II تىپلىق) كىشىلەرگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئون مىڭ ئادەمدىن بىرى مۇشۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولىدىكەن. كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار تىرە ھۆجەيرىسىدىن ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە (iPS) نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى بېتا ھۆجەيرىلىرىنى مۇۋاپىققىيەتلىك يىتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ بۇ ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىگە يۆتىكىگەندە ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشى نورماللىشپ كېسەل ساقىيدىكەن.



مىنىڭ تەھلىلىم: بۇ تىمىدىكى سۈنىئىي ئاشقازان دىيلگەن ئەسۋابنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلسىمۇ، لىكىن مەنچە ھەقىقىي بىر كېسەل داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. يۇقىرىدا مەن چاپلاپ قويغان خەۋەردىكىدەك ئادەم بەدىنىنى تەبىئىي ھالدا ئۆزى ئىنسۇلىن ئىشلەپچقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان ئۇسۇل ئەمەليەتتە قوللىنىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازىنىلسا بۇنى ھەقىقى بىر كېسەلنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان داۋاسى دىيىشكە بولىدۇ چۈنكى بۇ ئۇسۇلدا بىر قېتىملىك ھۆجەيرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىدىن كىين بەدەن خۇددى ساغلام كىشىلەردەك ئۆزلۈكىدىن ئىنسۇلىن ئىشلەپچقىرىشقا باشلايدۇ ھەتتا ئىنسۇلىنغا قارشىلىقمۇ تۈگەيدۇ.


bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 10:47:54



يەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم: گەرچە دىئابىت بىمارلىرىغا كۈنلۈك ئىنسۇلىن تولۇقلاپ تۇرۇش ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولسىمۇ، بىلىشىمىز كىرەككى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىئابىت (I تىپلىق دىئابىت) بىمارلىرى پەقەت بارلىق دىئابىت بىمارلىرىنىڭ 10-15% نى ئىگەللەيدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلار ئىنسۇلىن ئىشلەپچقىرىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، ئىنسۇلىنغا قارشىلىق شەكىللىنىپ قالغان دىئابىت (II تىپلىق) بىمارلىرىدۇر. شۇڭا، ئادەمنى تەبىئىي ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان ۋە ئىنسۇلىنغا قارشىلىقنى تۈگىتەلەيدىغان ئۇسۇللار ئاندىن دىئابىت بىمارلىرىنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتالايدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، يۇقىرىدىكى ئۈسكىنە ھەر ھالدا بىر قەدەر ئىلمىي، قولايلىق ئۇسۇلدا دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ئىنسۇلىن تولۇقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن، شۇڭا نۇرغۇن بىمارلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىشى تەبئىي.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 11:49:39

7- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



يەنە بىر ئەسكەرتىدىغىنىم: گەرچە دىئابىت بىمارلىرىغا كۈنلۈك ئىنسۇلىن تولۇقلاپ تۇرۇش ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولسىمۇ، بىلىشىمىز كىرەككى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىئابىت (I تىپلىق دىئابىت) بىمارلىرى پەقەت بارلىق دىئابىت بىمارلىرىنىڭ 10-15% نى ئىگەللەيدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلار ئىنسۇلىن ئىشلەپچقىرىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، ئىنسۇلىنغا قارشىلىق شەكىللىنىپ قالغان دىئابىت (II تىپلىق) بىمارلىرىدۇر. شۇڭا، ئادەمنى تەبىئىي ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان ۋە ئىنسۇلىنغا قارشىلىقنى تۈگىتەلەيدىغان ئۇسۇللار ئاندىن دىئابىت بىمارلىرىنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتالايدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، يۇقىرىدىكى ئۈسكىنە ھەر ھالدا بىر قەدەر ئىلمىي، قولايلىق ئۇسۇلدا دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ئىنسۇلىن تولۇقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن، شۇڭا نۇرغۇن بىمارلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىشى تەبئىي.


رەھمەت ئۇچۇرىڭىزغا.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 18:38:48

خېلىدىن بېرى مەن دىئابىت كېسىلىنى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراپ قەنت مىتابولىزىمى نورمالسىزلىقتىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئىنسۇلىن تۇلۇقلاش كېرەك دەپ چۈشىنىپتىكەنمەن. ئەمدى بىلۋالدىم بۇنىڭ تۈرىنى...رەھمەت \"\"
بەت: [1]
: دوختۇرلار سۈنئىي ئاشقازان بىزى ياساشتا ئىلگىرلەشكە ئىرىشتى