بىلمەسجاننىڭ بوستانلىق شەھەرگە ساياھېتى
بىر - ئىككى يىل بۇرۇن بالىلىرىمىزغا ئوقۇيدىغانغا مۇۋاپىق كىتاب تېپىش توغرىلىق گەپ سۆزلەر بولغان بىر تېمىنىڭ سەۋەبى بىلەن ، مۇنبەردىكى @avar بۇرادەر بىلەن بىرلىكتە " بىلمەسجاننىڭ بوستانلىق شەھەرگە ساياھېتى دىگەن بۇ كىتابنى ئېلكىتاب قىلىپ چىققان ئىدۇق .
« بىلمەسجاننىڭ بوستانلىق شەھەرگە ساياھېتى » دىگەن بۇ كىتابنى مەن سايىلەپ كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈپ ، ئاندىن avar غا ئەۋەتىپ بەرگەن ، ئاۋار ئېلكىتاب قىلىپ ياساپ ماڭا ئەۋەتكەن ئىدى ، مېنىڭ سايلىشىم ئانچە ياخشى بولمىغانمۇ قانداق كىتاب سەل سۈپەتسىزرەك چىقىپ قاپتىكەن ، ئاندىن بىز قايتا قىلىدىغان بولغان ئىدۇق ، كىيىن مەن سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ بۇ ئىش تاشلىنىپ قالغان ،
قولۇمدا بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ياخشى كىتابلار بار ، چۆچەك ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان باللىرىمىزغا تازا باپ كېلىدىغان ، ئەمما مەن ئېلكىتاب ياساشنى تا ھازىرغىچە ئۈگىنىپ بولالمىدىم چاتاق يېرى .
|
لېكىن بۇ يوللىغىنىڭىزنى ئوقۇماپتىكەنمەن. رەھمەت سىزگە.. مۇمكىنجاننىڭ ياستۇقى ،بېسىۋاپتۇ پوشكالنى . « بىلمەسجان » جەمئى ئۈچ كىتاپكەن ، ماۋۇسى بىرىنجىسى ، « قوياش شەھرىگە ساياھېتى » ، « ئايغا ساياھېتى » قاتارلىق قالغان ئىككى كىتابنىڭ خەۋىرى بولسا بولاتتى ئەمدى ...
4- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
« بىلمەسجان » جەمئى ئۈچ كىتاپكەن ، ماۋۇسى بىرىنجىسى ، « قوياش شەھرىگە ساياھېتى » ، « ئايغا ساياھېتى » قاتارلىق قالغان ئىككى كىتابنىڭ خەۋىرى بولسا بولاتتى ئەمدى ...
ئۇيغۇرچىغا تەرجخمە قىلىنغىنى شۇ ئىككىسىلاممىكىن.