tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 11:57:40

بەدىيانۋە بەدىيان يىلتىزى ھەققىدە

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق
ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياكى مېۋىسى
ئارپىبەدىيان، رازىيانەج ناملىرى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.نۇقۇل بەدىيان
دېيىلسىمۇ مۇشۇ ئارپىبەدىياننى كۆرسىتىدۇ،ئېنگىلىزچە fennel ،خەنچە 小茴香
دېيىلىدۇ. ئىچكىرىدىن كېلىدىغانلىرىنىڭ رەڭگى كۆككە مايىل، يۇرتىمىزدىن
چىقىدىغانلىرى ئاققا مايىل كېلىدۇ. يىلتىز پوستى بولسا بىخ بەدىيان نامى
بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنىڭ خېمىيەلىك تەركىبى: بۇنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي
بولۇپ ، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە %50-%60 گىچە ئانىتول، %20-%30 گىچە
فېنېفون، كامفېن، ئاتسدوم ئانىزىكوم، دېپىتىن، ئارپىبەدىيان ئالدىھىدى
قاتارلىقلار بار.

دورىلىق تەسىرى: ئارپىبەدىيان يېغى يەل ھەيداش تەسىرىنى بېرىدۇ. يەنى
يەل ھەيدەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئاشقازاننى بوشاشتۇرۇپ ، غىدىقلاش پەيدا
قىلىپ ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن
ئاستا-ئاستا بوشاشتۇرۇپ ، ئاغرىققا ئارام بېرىدۇ.


ئارپىبەدىيان يېغىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار .
بۇنىڭدىكى ئانىتول باكتىرىيىگە قارشى تۇرغۇچى تەركىب بولۇشى مۇمكىن. فىفون
بولسا كافۇرغا ئوخشاش ئالاھىدە جىسىمدىن تۈزۈلگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم
دەرىجىدە كامفۇراغا ئوخشاش يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاش تەسىرى بار . يەنە
ئارپىبەدىيان يېغى مەلۇم دەرىجىدە ئۈچەينى غىدىقلاپ ۋە سىىقلاشتۇرۇپ ،
يەڭگىل دەرىجىدە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.


تەبىئىتى بولسا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى : غەيرىي تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش،
توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى ، ھۆل سۇغۇق
كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، كۆزنىڭ كۆرۈش
قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش،
ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش؛


ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، دېمى
سىقىلىش، تال، جىگەر توسۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىقى، ئاياللاردىكى سۈت كەملىك،كونا
ئىچ سۈرۈش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، ئېغىز پۇراش، كۆڭۈل ئاينىش، كۆزنىڭ كۆرۈش
قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، يۆتەل ، بەل ۋە يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا
ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى:


1. ئەپسەنتىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 6گرام، سۇمبۇل 3گرام، ئارپىبەدىيان 12گرام
، قارا زىرىدىن 5گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە يەل تارقىتىپ، قورساق
كۆپۈشنى يوقىتىدۇ.


2. ئارپابەدىياندىن 10گرام، ئىزخىردىن 20 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، سۈيىگە
100گرام ھەسەل قوشۇپ بېرىلسە ، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخاغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


3. ئوغرىتىكەن، بەدىيان، بادام مېغىزى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا
ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، كاپ ئېتىپ بەرسە سۈت كۆپەيتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى
ئاشۇرىدۇ.


4. كىچىك بالىلاردىكى كۆڭۈل ئاينىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، تاماق يېگۈسى
كەلمەسلىك ئۈچۈن بەدىيان بىلەن يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قورۇپ، تەرەنجىبىن بىلەن
بىرگە تەمىنى چىقىرىپ بىر-ئىككى قۇشۇق يىگۈزۈپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت
قىلىدۇ.


5. بەدىياننىڭ خاس تەمىنى چىقىرىپ ، ئۈچ گرام بادام يېغى قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


6. بەدىياندىن سىركەنجىۋىل تەييارلاپ بەرسە ، تال ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.


7. بەدىيان بىلەن بادىرەنجىبۇيىدىن ئەرەق تارتىپ ئىچسە بالىياتقۇ ، تۇخۇمدان ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

8.بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، جۇۋىنە،ئوغرىتىكەن قاتارلىقلارنى دەملەپ ئىچىپ
بەرسە بۆرەك،دوۋساقتىكى قۇمسىمان تاشلارنى چۈشۈرىدۇ ۋە تاش چۈشۈشنىڭ
ئالدىنى ئالىدۇ،ياللۇغ ۋە يەللەرنى قايتۇرىدۇ.


ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرامغىچە.


دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ. تۈزەتكۈچىسى بىنەپشە ۋە ھۆل يۇمغاقسۈت.


ئورۇنباسارى: كەرەپشە ئۇرۇقى ، رۇمبەدىيان.


پىششىق دورا ياسالمىسى: ئەرقى بەدىيان، ئىتتىرىفىل بەدىيان، جاۋارىش كۇمۇنى، سۇپۇپى بەدىيان قاتارلىقلار.



--------------------------


بەدىيان يىلتىزى ھەققىدە



بۇنىڭ تەمى بىر ئاز قېرىق، پۇرىقى سۇست كېلىدۇ، رەڭگى ئاق، شەكلى
سىلىندىرسىمان ھالەتتە بولىدۇ.ئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، پوستى بىخ
بەدىيان دېگەن ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.


خېمىيىلىك تەركىبى: يىلتىزىدا ئۇچۇچان ياغ تۇتىدۇ.


تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.


خۇسۇسىيىتى:

ئاشقازان ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم،سەۋدا خىلىتلىرىنى
پىشۇرۇش، ئىسسىق ۋە يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش،
تاش پارچىلاش ، سۈيدۈك ھەيدەش.


ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

ئۈچەي تۇسۇلۇش، بۆرەك-دوۋساق تېشى، سۇلۇق ئىششىق، ئاشقازان سۇۋۇش، ئىستىرخا، پالەچ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

1. ئارپىبەدىيان يىلتىز پوستى ، كەرەپشە يىلتىزى . بەدىيان 10گرامدىن،
تەرخەمەك ئۇرۇقىدىن يەتتە گرام ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ، سۈيدۈك
ھەيدەپ، بۆرەك – دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.


2. قاقىلە، بەدىيان يىلتىزى پوستى، بەدىيان 10گرامدىن، پىننە يەتتە گرام
ئېلىپ قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.


3. بەدىيان يىلتىزى پوستى، بابۇنە 10گرامدىن، ئىكلىلمىلىك ۋە سەۋسەن
يىلتىزىدىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە قاينىتىپ ، پىسىپىنى
ئىششىغان ئورۇنغا چاپسا ، ئىششىق قايتۇرىدۇ .


4 . بەدىيان، سېرىغچىچەك ئۇرۇقى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، قەردمانە
قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل قۇشۇپ
ئىچىپ بەرسە ئىستىرا ۋە پالەچ كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئىشلىتىش مىقدارى:5-7گرام.


دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ئىسسىقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. تۈزەتكۈچىسى: بىنەپشە، نىلۇپەر.


ئۇرۇنباسارى: كەرەپشە يىلتىزى پوستى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 19:44:28

چاي دەملەپ ئىچكەندە ئازراق بەدىيان قۇشۇۋەتسە بەك تەملىك بولىدۇ. ئۆيدە دائىم شۇنداق ئىچەتتۇق چاينى. ئاتام دائىم كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرەي دىسەڭ بەدىيان چاي ئىچ دەيتتى. بەدىياننى كۆزگە بەك پايدىلىق دەپ قارايدىكەن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 20:24:06

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 20:54:20

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 21:03:03

رېتسىپىنى ھازىر يوللاپ قوياي.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 15:32:03


2- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر گەپ بار ئىدىغۇ، ئارپا بەدىيان ئاش ئەمەس دەيدىغان، ئاخرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بىلىدىغانلار قوشۇپ قويۇڭلار.


بۇغداي- قۇناق تاش ئەمەس،


ئالتۇن -كۈمۈش تاش ئەمەس...




man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 16:36:40

بۇغداي قوناق ئاش ئىكەن

ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 10:10:58

مەجۈنى سەرتان مۇرەككەپ(1)

بۇ نۇسخا مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ كىتاۋىدىكى نۇسخا بولۇپ، تولۇقى بىلەن تەييارلانغان مۇشۇ نۇسخا ئۆپكە،ئاشقازان،رېماتىزىم كېسەللىكلىرى،كاناي ياللۇغى،ئۈچەي ،بۇۋاسىر كېسەللىكلىرى، ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى، قالقانبەز ئۆسمىسى ، بالىياتقۇ راكى، بۆرەك راكى، ئۇرۇقدان ۋە مەزى بېزى راكى، يامان سۈپەتلىك لىمفا ئۆسمىسى ،مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كۆپ خىل جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغان ھەممىباب نۇسخا دېيىلگەن.

نۇسخىسى :

ئۇچقۇر پاقا 120گرام، ئاق يىلان 80 گرام،بۇغا مۈڭگۈزى كۈشتىسى 50گرام, ئاقىرقەرھا، كۇندۇر، قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى، ئاقلانغان بىخسۇس، بادام مېغىزى،كاۋاۋىچىن، توم زەنجىۋىل، خەشخەش ئۇرۇقى، ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى، سارغايتىپ ئاقلانغان ئاچچىق ئۈرۈم مېغىزى، سارغايتىلغان تۇخۇم شاكىلى قاتارلىقلار 40گرامدىن؛ئوق يىلان، قورۇلغان چايان، كابۇل ھېلىلىسى،سېرىق ھېلىلە،قارا ھېلىلە ،مەرۋايىت،ئادەمگىياھ،چاچ كۈلى،كۆيدۈرۈلگەن پىلە ، سارغايتىلغان كىرپە تىكىنى،ئاقاقىيا، كەت ھىندى، كەتىرا ،ھاڭگا تىرەك ئۇرۇقى ياكى قوۋزىقى، پىننە، يالپۇز، كۇشتە بىخ مارجان قاتارلىقلار 30 گرامدىن ؛تۇلۇق كۈشتە قىلىنغان سىماب 25گرام، زەھەرسىز كۇچۇلا ، سۈتكە چىلانغان ئامىلە،سەمغى ئەرەبى 20گرامدىن؛ ئىپار تۆت گرام، ھەسەل جەۋھىرى يېتەرلىك مىقداردا .

دورىلارنى قائىدە بويىچە تەييارلاپ ، ئەتىگەن كەچتە ئىككى قېتىم 5-8گرامغىچە تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 12:55:56

yene bhr nusxa bar idi.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 16:40:49

خەتكۈچ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 21:46:18

4- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رېتسىپىنى ھازىر يوللاپ قوياي.



تادۇبەگ بۇ بەدىيان دېگەن نەرسە زادى قۇرۇق ئىسسىقمۇ ياكى سوغۇقمۇ؟


قۇرۇق ئىسسىق بولسا يەنە جىگەرگە پايدا قىلامدۇ؟ ئادەتتە جىگەرگە ئىسسىقلىق نەرسىلەر پايدا قىلمايدۇ دەپ قويىمىزغۇ؟


مەن تېمىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن بەدىياننى بىرنەچچە قېتىم دەملەپ ئىچتىم سوغۇق كەلگەن ئالامەتلەر كۆرۈلدى. بىر تېۋىپتىن سورىسام بەدىيان سوغۇق دەيدۇ.




tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 10:18:49

نىياز دىخان ئەپەندىگە: بەدىياننىڭ ئىسسىق سوغۇقلۇقى تېمىدا دېيىلگىنى بويىچە بولىدۇ.تېبابىتىمىزدە سوغۇق دەيدىغان قاراش يوق،ئەمما بەزى خەلق ئارىسىدا ياكى جۇڭيىلاردا سوغۇق دەيدىغان قاراش بولسا كېرەك .

جىگەرگە ئەلۋەتتە پايدا قىلىدۇ، ھەر قانداق بىر ئەزادا تۆت خىل مىزاج ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ ياكى كېسەللەنگەندە شۇ تۆت مىزاجنىڭ بىر ياكى بىر نەچچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بلوگىمغا كىرىپ جىگەر كىسەللىكلىرى بابىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. قىسقىچىراق دېسەم جىگەردىكى كېسەللىك جىگەر ئاستىدا ياكى ئۈستىدە بولىدۇ،ئۈستىدىكى كېسەللىككە قارىتا بەدىيان مۇھىم دورىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

جىگەرگە زىيادە ئىسسىقلىق قىلىشقا بولمىغاندەك زىيادە سوغۇقلۇق قىلىشقىمۇ ھەم بولمايدۇ،ھەر نەرسىنىڭ بىر تەڭپۇڭ نۇقتىسى بولىدۇ.


بەت: [1]
: بەدىيانۋە بەدىيان يىلتىزى ھەققىدە