ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:44:38

ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردۇق؟ «ئىپارئاي»

ئۆمرىمىزدە ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك بولغان 39 تۈرلۈك ئاددىي ئىشلار، سىز قىلىپ بېرەلىدىڭىزمۇ؟

1. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ.

2. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پارچە خىراجىتىنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماڭ.

3. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ياش ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىغان ئارزۇسىنى ئورۇنداڭ.

4. ئاتا- ئانىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ بۇرۇن تۇرغان جايلىرىغا ساياھەتكە ئېلىپ بېرىڭ.

5. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى يوقلاڭ.

6. ئاتا- ئانىڭىزنى پات پات رەسىمگە چۈشۈرۈپ تۇرۇڭ.

7. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.

8. ئاتا- ئانىڭىزنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىڭ.

9. ئاتا- ئانىڭىز سىزگە ئۇچۇر يوللىسا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇچۇر قايتۇرۇڭ.

10. پات- پات لايىقىڭىزنى ياكى ئايالىڭىزنى ئۆيگە ئاپىرىڭ.

11. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىڭ.

12. ئۆز قولىڭىز بىلەن ئاتا- ئانىڭىزغا تاماق ئىتىپ بىرىڭ.

13. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يىشىڭ.

14. قانچە يىراقتا بولسىڭىزمۇ، ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئۇنۇتماي ھەر ھەپتىدە ئاتا- ئانىڭىزغا تېلىفۇن ئۇرۇڭ.

15. ئاتا- ئانىڭىزغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.

16. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ نىمىلەرنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بىلىڭ.

17. ئاتا- ئانىڭىز ئۆتكەن ئىشلىرىنى سۆزلىگەندە دېققەت بىلەن ئاڭلاڭ.

18. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ.

19. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئىلاج بار ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈڭ.

20. تۇل قالغان ئاتا- ئانىڭىزغا ھەمراھ تېپىپ بېرىڭ.

21. ئاتا- ئانىڭىزنى چوڭ تاماقخانىلارغا تاماققا تەكلىپ قىلىڭ.

22. ئاتا- ئانىڭىز سىزگە ئىشىنىدىغان بولسۇن.

23. ئاتا- ئانىڭىزغا سىز ئوقىۋاتقان مەكتەپ ياكى شىركىتىڭىزنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇڭ.

24. ئاتا- ئانىڭىزغا قول شىلتىماڭ.

25. ئانىڭىزنى پەردازخانىغا ئاپىرىپ ھۆسۈن تۈزەتكۈزۈپ قويۇڭ،

26. ئاتا- ئانىڭىزنى ماس كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇڭ.

27. ئاتا- ئانىڭىزغا سۇلغۇن، سوغۇق، تۈرۈلگەن يامان چىرايىڭىزنى كۆرسەتمەڭ.

28. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە بەدەن چېنىقتۇرۇڭ.

29. ئانىڭىزنى ئازادە كىيىندۇرۇڭ.

30. دادىڭىزنى سالاپەتلىك كىيىندۈرۈڭ.

31. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىڭ.

32. ئاتا- ئانىڭىزغا ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەردىن سوۋغا قىلىڭ. (گۈل، قۇش، پاقلان، موزاي، كىتاپ، چالغۇ ئەسۋاپ...)

33. ئاتا- ئانىڭىزغا تورغا چىقىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ.

34. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆيىنى سەرەمجانلاشتۇرىشىغا ئىلھام بېرىڭ.

35. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئائىلنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قىلىڭ.

36. ئاتا- ئانىڭىزنى بىرلىكتە كىنوخانىغا ئېلىپ بېرىپ بىر مەيدان كونا فىلىم كۆرۈڭ.

37. ئاتا- ئانىڭىزغا بالىلىرىڭىزنى دائىم كۆرسىتىپ تۇرۇڭ.

38. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسلىرىنى شەرتسىز قوللاڭ.

39. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىپ تۇرۇڭ.





*** *** *** دەرەخ جىم تۇراي دىسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمايدۇ... بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى بەكلا كىچىكىپ ھېس قىلىدىكەنمىز، چۈنكى ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئەگەر سىز ۋاپادار ئوغۇل، ۋاپادار قىز بولسىڭىز ئۇنداقتا ئاتا- ئانىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولىسمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بېرىڭ. ھايات ئىنتايىن چەكلىك، ئاتا- ئانىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىنى قەدىرلەيلى، قۇربىمىزنىڭ يىتىشىچە كۈتۈپ ئۇلارنى رازى قىلىۋالايلى. *** *** --- ئىپار





ئىزاھات: خەنچىدىن تەرجىمە قىلىندى، بەزى جايلار ئازدۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. بەك پىرىنسىپقا كۆتىرىۋالماي تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزگە ماس كېلىدىغان تەرەپلەردىن بەھىرلىنىپ قويايلۇق.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 17:21:58

تەرجىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ \"\" ئەسلى تېكىستىنى كۆرگۈم بار.

forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 18:56:28

ئەڭ ئاستىدىكى ئەسكەرتىشنى ئوقىمىغان بولسام،ئىش چاتاقتى! \"\" رەھمەت.

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 19:43:03

غەزنىچىمۇ سىز؟

nurbike يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 11:30:11

3- قەۋەتتىكى kukhelal2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غەزنىچىمۇ سىز؟



بۇ نىمە گەپتۇ

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 14:34:48

مەن ئويلاپ باقسام ئاپامغا قارىغاندا دادام بىلەن جىق يېقىن ئاغىنە بوپ ئۆتىۋېتىپتىمەن جۇمۇ .

2000 - يىلى كومپىيۇتېر ئالغان ئىدىم . شۇ چاغدا دادام 3000 كوي قېتىپ بەرگەن ۋاي بولدى دىسەم ئۇنىماي . شۇ چاغدىن باشلاپ كومپىيۇتېر ئۈگىتىپ قويغانتىم . بىر مەزگىل ئۈگىنىپ يەنە ئۇنتۇپ قالدى . كېيىن 5 يىللاردىن كېيىن يەنە زېرىكمەي - تېرىكمەي كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى ئۈگىتىپ قويدۇم . ھازىر تورغا چىقىپ تور بەتلەرنى راۋان كۆرىدۇ . بوۋاينىڭ ئەسلىدىنلا خەنزۇچە سەۋىيەسى بەك ياخشى ئىدى . (ئەينى يىللاردا مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تارىخ ، ئەدەبىياتلاردى دەرس ئۆتكەن)شۇڭا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تورى خوڭكوڭ نىڭ سۇمرۇغ تورى . كېيىن مەن ئىزدىنىش تورىنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم .بوۋاي 70 لەردىن ئاشقاندا . بۇ توردا تېمىدىن بەك ئىنكاس نوچىكەن ھە بالام دەيدۇ بىر كۈنى . كېيىن ئىزدىنىشنىڭ ئايرىلماسلا ئەزاسى بوپ كەتتى . شۇ ھازىر خاپىلايدۇ ئەينى چاغدا ئۇيغۇرچە خەت بېسشنى ئۈگەتكەن بولساڭ ئۈگىنىپ كېتەتتىمكەن دەپ .

ئەمما 7-8 يىلدىن بېرى تېلىفوندا قىسقا ئۇچۇر يېزىپ كېلىۋاتىدۇ . 3 يىلدەك بوپ قالدى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا ئۇچۇر ياز دەپ ئۈگىتىپ قويغان . مانا 3 يىلدىن بېرى ئۇچۇر يازسا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا ئۆلچەملىك توپ-توغرا يازىدۇ . بەزىدە مەن پىنيىنچىنى ئىشلىتىپ قويسام ، ئۆزەڭ ئۈگىتىپ ئۆزەڭ دىققەت قىلمايسەنكەنا ۋۇي دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ چ ئەمەس ق دەپ چۈشەندۈرۈپ كېتىدۇ . ھى ، ھى .

بۇ يىل 1- ئايدا چوڭ ئېكرانلىق تېلىفون ئالغان . ۋېيشىن ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالدى .

بىر ھەپتىدە 2-3 قېتىم كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىپ ، يېڭىلىقلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ قويىمىز . بەزى كۈنلىرى تېلىفونىغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ۋاقىت بارما دىسەم بار باشقا پىلان يوق دەيدۇ . ئۇنداق بولسا باراي دەپ ماشىنامنى ھەيدەپ بارىمەن دە، ماشىنامغا سېلىپ شەھەرنى بىر ئىككى پىقىرىۋېتىمىز . بەزىدە شەھەردىن خېلى يىراق ناھيىلەردىكى تۇققانلار ۋە ئاغىنىلىرىنڭكىگە ئاپىرىپ كېلىمەن .

يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېڭى چىققان رومان ، بەزى نوچى ھېكايىلەرنى ئەڭ ئاۋۋال دادامغا دەرھال ئېلىپ بېرىمەن .

بۇ يىل چىققان نوچى كىنولارنىڭ ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ بەردىم . ‹لىنكولىن› ‹توم كىروس نىڭ يېڭى ئىككى كىنوسى› ‹شىۋاشىنگىرنىڭ بۇ يىلدىكى ئەڭ يېڭى كىنوسى بازارلىق ساقچى باشلىقى بولىدىغان› ‹شىمالدىن قاچقۇچى دىگەن كورىيە كىنوسى› ‹زەنجىرسىزلەنگەن جانگو › ئەمما مۇشۇ كىنولار ئىچىدە قۇلدارلىق تۈزۈم تەسۋىرلەنگەن جانگو دىگەن لىئوناردو دىكاپرىئو چىقىدىغان كىنونى بەك ماختاپ كەتتى . نۇرغۇن يىللار بوپتىكەن بۇنداق نوچى نىيۇزەيلەرنىڭ كىنوسىنى كۆرمىگىلى دەيدۇ .

ئۆتكەندە زۇلمەتلىك تۇپراق نى ياخشى يېزىپتۇ جۇمۇ دەپ كۆرسىتىپ قويسام 2 كۈنگە قالماي بېسىپ ئوقۇپ بولدى . كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ . «سەن دىققەت قىل جۇمۇ ، بۇندىن كېيىن يەنە مۇنداق بېسىپ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرساڭ بۇنداق كىتاپ ماقالىلارنى ساڭا تەۋسيە قىلمايمەن» دەپ ئانچە مۇنچە خاپىلاپ قويدۇم . 10 ياشلىق بالىلارغا خاپىلىغان دادىلاردەك .

ئەمدى ئويلاپ باقسام ، ئاپام بىلەن ئانچە بەك كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمەيمەنكەن . ھەپتىدە يا ئايدا بىرەر قېتىم . تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ قويىمىز . ئەمما يېراق يېقىندىكى يوقلايدىغان ئىشلىرىغا ۋاقتىم بولسىلا ماشىنىدا ئاپىرىپ ئەكىلىمەن . ئويلاپ باقسام ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئانچە ئېلىپ كېتەلمىگەن ئوخشايمەن .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 20:32:14

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 20:35:26

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 20:37:12

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 22:34:36

ئەسما ،

تىما دىگەننىڭ ھەممىسىگە ئىنكاس يېزىش شەرتما؟{:107:}

بەزىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ كىتىمىز، بەزىلىرىگە تىما ئىگىسى دىگەندەك لايىقىدا چۈشۈنۈپ مۇۋاپىقلىرىنى قۇبۇل قىلىمىز.

تىمدىن تاتىپ ئىنكاسقىچە ئۆز كۆز قارىشىمىزنى قارقۇيۇق سۆزلەپ يۈرسەك قاملاشماس. دىمەكچى ھەممە نەرسە جايىدا بولسا ياخشى بولاتتى.



ئىنكاسلارغا قارا-قۇيۇق ئىنكاس يېزىپ گەپ قىپ يۈرسىڭىز باشقىلارنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ خاپا قىلىۋالىسىز.

سەمىمي تەكلىپ

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 10:46:24

چىشقاق كالا نەگىلا بارسا شاتراقشىيدۇ دەۋاتقان بىر كىملەر

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 12:27:04

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 17:10:35

ipar-ayنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئۆمرىمىزدە ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك بولغان 39 تۈرلۈك ئاددىي ئىشلار، سىز قىلىپ بېرەلىدىڭىزمۇ؟

1. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ.

2. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پارچە خىراجىتىنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماڭ.

3. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ياش ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىغان ئارزۇسىنى ئورۇنداڭ.

4. ئاتا- ئانىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ بۇرۇن تۇرغان جايلىرىغا ساياھەتكە ئېلىپ بېرىڭ.

5. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى يوقلاڭ.

6. ئاتا- ئانىڭىزنى پات پات رەسىمگە چۈشۈرۈپ تۇرۇڭ.

7. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.

8. ئاتا- ئانىڭىزنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىڭ.

9. ئاتا- ئانىڭىز سىزگە ئۇچۇر يوللىسا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇچۇر قايتۇرۇڭ.

10. پات- پات لايىقىڭىزنى ياكى ئايالىڭىزنى ئۆيگە ئاپىرىڭ.

11. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىڭ.

12. ئۆز قولىڭىز بىلەن ئاتا- ئانىڭىزغا تاماق ئىتىپ بىرىڭ.

13. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يىشىڭ.

14. قانچە يىراقتا بولسىڭىزمۇ، ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئۇنۇتماي ھەر ھەپتىدە ئاتا- ئانىڭىزغا تېلىفۇن ئۇرۇڭ.

15. ئاتا- ئانىڭىزغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.

16. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ نىمىلەرنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بىلىڭ.

17. ئاتا- ئانىڭىز ئۆتكەن ئىشلىرىنى سۆزلىگەندە دېققەت بىلەن ئاڭلاڭ.

18. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ.

19. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئىلاج بار ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈڭ.

20. تۇل قالغان ئاتا- ئانىڭىزغا ھەمراھ تېپىپ بېرىڭ.

21. ئاتا- ئانىڭىزنى چوڭ تاماقخانىلارغا تاماققا تەكلىپ قىلىڭ.

22. ئاتا- ئانىڭىز سىزگە ئىشىنىدىغان بولسۇن.

23. ئاتا- ئانىڭىزغا سىز ئوقىۋاتقان مەكتەپ ياكى شىركىتىڭىزنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇڭ.

24. ئاتا- ئانىڭىزغا قول شىلتىماڭ.

25. ئانىڭىزنى پەردازخانىغا ئاپىرىپ ھۆسۈن تۈزەتكۈزۈپ قويۇڭ،

26. ئاتا- ئانىڭىزنى ماس كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇڭ.

27. ئاتا- ئانىڭىزغا سۇلغۇن، سوغۇق، تۈرۈلگەن يامان چىرايىڭىزنى كۆرسەتمەڭ.

28. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە بەدەن چېنىقتۇرۇڭ.

29. ئانىڭىزنى ئازادە كىيىندۇرۇڭ.

30. دادىڭىزنى سالاپەتلىك كىيىندۈرۈڭ.

31. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىڭ.

32. ئاتا- ئانىڭىزغا ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەردىن سوۋغا قىلىڭ. (گۈل، قۇش، پاقلان، موزاي، كىتاپ، چالغۇ ئەسۋاپ...)

33. ئاتا- ئانىڭىزغا تورغا چىقىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ.

34. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆيىنى سەرەمجانلاشتۇرىشىغا ئىلھام بېرىڭ.

35. ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئائىلنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قىلىڭ.

36. ئاتا- ئانىڭىزنى بىرلىكتە كىنوخانىغا ئېلىپ بېرىپ بىر مەيدان كونا فىلىم كۆرۈڭ.

37. ئاتا- ئانىڭىزغا بالىلىرىڭىزنى دائىم كۆرسىتىپ تۇرۇڭ.

38. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسلىرىنى شەرتسىز قوللاڭ.

39. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىپ تۇرۇڭ.





*** *** *** دەرەخ جىم تۇراي دىسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمايدۇ... بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى بەكلا كىچىكىپ ھېس قىلىدىكەنمىز، چۈنكى ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئەگەر سىز ۋاپادار ئوغۇل، ۋاپادار قىز بولسىڭىز ئۇنداقتا ئاتا- ئانىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولىسمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بېرىڭ. ھايات ئىنتايىن چەكلىك، ئاتا- ئانىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىنى قەدىرلەيلى، قۇربىمىزنىڭ يىتىشىچە كۈتۈپ ئۇلارنى رازى قىلىۋالايلى. *** *** --- ئىپار





ئىزاھات: خەنچىدىن تەرجىمە قىلىندى، بەزى جايلار ئازدۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. بەك پىرىنسىپقا كۆتىرىۋالماي تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزگە ماس كېلىدىغان تەرەپلەردىن بەھىرلىنىپ قويايلۇق.



ئىپار ئاي نىجات. تەرجىمە ماھارىتىڭىز بەكلا ئۆسۈپتۇ جۇمۇ ....


tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 19:10:58

مۇۋاپىقلىرىنى قۇبۇل قىلسىڭىز بولمىدىمۇ؟
بەت: [1]
: ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردۇق؟ «ئىپارئاي»