izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 12:38:44

بىكخام ۋەقەسىدە 7 ئادەم يارلاندى



   




پەيشەنبە كۈنى بىكخام شاڭخەيدە توڭجى ئۇنىۋىرسىتىتىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن مەستانىلىرىنىڭ  كۆپلىكىدىن ئاخىرىدا دەسسىلىپ يەتتىسى يارلاندى.شۇنىڭ بىلەن بىكخامنىڭ قالغان ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىيتىشىچە شۇ ۋاقىتتا بىكخامنى كۆرۈۋىلىشقا كەلگەنلەر مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن. ئۇلار مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ  ئەھۋالنى ياخشى كونتىرول قىلالمىغانلىقىدىن ئاغرىنغان.يارلانغانلارنىڭ ئۈچى ساقچى،ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى يەنە ئىككىسى ئوقوغۇچى ئىكەن.



مەنبە: http://www.chinadaily.com.cn/china/2013-06/21/content_16642094.htm

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 12:08:24

شۇنداق ھورمىتىنى قىلىۋاتسا يەتتە ئادەمنى دەسسىۋەتكىنى قاملاشماپتۇ بۇ بىكخامنىڭ، ئەرىز قىلىشى كىرەك ئۇستىدىن،،،  {:107:}

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 12:19:11

20- قەۋەتتىكى nurbikeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بېكھام كېلىپ يەتتە ئادەم دەسىلىپتۇ، دۆلەت كوماندىسى كەلگەن بولسا ئون بىر ئادەم دەسسىلىپ كېتەتتى چوقۇم.............. \"\"

\"\"

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 14:39:14

ۋاي بەسەيلەر ...ساقچىلار بىر ئوبدان تەشكىللەپ،بېرىپ  ئولتۇڭلار ، بىزگە توپ بەرسۇن دىسە قىلغان ئىشى شۇ بولدى ... بىكخام دىگەن بۇ ئاداشنىڭ مەكتىپىمگە كىلىپ توپ تىپىدىغىنى ئاڭالاپ بىر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرساق ، ھەممىسى يۈگرەپ بېرىپ چىۋىندەك ئولاشتى ... ھەممىسى رەسىمگە تارتقىلى ئالدىراپ ... ئاخېردا توپمۇ يوق بولدى ... ھۇ كالۋا بەسەيلە!!!بىر ئىككى پارچە رەسىمنى دەپ چوڭ ئىشتى قۇرۇق قالدۇق دىسە خەپ !!! ھەي نەق مەيداندىكى ياۋايلىقلارنى كۈرۈپ .... ھەي..... مەدىنيەتسىز پادىلار ...دىمىگەن بىلەن تازا ماز بولدى ، نەدىكى ھىچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان باشلىق كەلسە خىل قوغدىغىچلار !!! ئاشۇ كۈنى قويغانلار مەكتەپ قوغداش بۈلىمىنىڭ قوغدۇغۇچسى بۇلۇپ ئارا 5 ئادەم، ئادەمنىڭ كۆپ يىغىلدىغىنى بىلمىگەندىمۇ پوق باشلار ...

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 14:53:18

مايمۇننىڭ ئەۋلادى بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ-دە.

پەقەت بىرلا زاتقا ئېتىقاد قىلىش ۋە چوقۇنۇشنى بىلمەيدۇ.

ئۇ بىچارە بىكخام ئاداشمۇ خەنلەرنىڭ توختىماي داۋراڭ سالىدىغان 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى كۆرۈگۈسى كېلىپ كەلگەن بولىغىدى...

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 14:59:18

بىكخام شىنجاڭغا كەپ قالسا قانداق بولار ؟ يەنىلا ئېشەك مۇھىم دەپ كۆرگىلى بارماسمىكىن ئۇيغۇر بالىلار.

eluyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:13:56

ئۈستۈن قەۋەتىكىسى يۇمۇر ئوخشىمامدۇ .

بۇ يەرگە كەلسە ئۇيغۇر باللار چوقۇم كۆرگىلى بارىدۇ ، بىرەر مەيدان لىق توشقىدەك بارىدۇ ،بارىمۇ كۆرۈشىپتىغۇ ، يۇقارقى پائالىيەتتە ئۇيغۇر باللارمۇ بار ، ئۇ ۋاقتى ئۆتكەن، قۇرۇق پاراڭلاغا بەك ئېسلىۋالماي ، كەڭ قوساقراق بولىلى !

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:17:43

بىكخامنىڭ ئىسمى چىقسىلا يادىغا كەپ قالىدىكەن ئاشۇ ۋاقتى ئۆتكەن قۇرۇق پاراڭلار.

eluyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:20:14

ئۇنۇتقىلى بولىدۇ ، ئۇنداق قۇرۇق پارڭلارغا ئازاپلىنىپ كېتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق ، كەڭ قوساق بولساقلا بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ !

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:53:53

مەدىنىيەتكە قاغجىراپ كەتتى- دە ،بەشمىڭيىللىق سانلىق مەدىنىيەتنىڭ ئىگىلىرى. ..

oghuzhan2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:18:31

ھەممىسى دۆلەت كوماندىسى تىرىغان جىدەل

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:46:04

چولپان دىگەنگە خەقلەر نىمىشقا شۇنچىلىك قىلىپ كېتىدىغاندۇ دەپ قالىدىغان، Angelina Jolie تونۇشتۇرۇلغان بىر فىلىمنى كۆرۈپ، ئەسلى پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلار ئەتىۋارلايدىغان ئاشۇ شەخىسلەرنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق قىلغان-ئەتكەنلىرى بولىدىكەن دەپ قالدىم. دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، دۇنيا مۇشۇنداق ئۈلگىلەرگە مۇھتاج ئىكەن.


uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 17:23:16

بەسەيلەر دۆلەت كوماندىسىدىن زېرىكتى شۇڭلاشقا چەتىەللىكلەرگە ................. \"\"

uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 17:27:04

باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن بىرسى كەتتى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 21:55:31

بۇ خەۋەر ياھۇغىمۇ چىقىپ بولاپتۇ، ياھۇدا كۆپرەك رەسىملەر باركەن:


\"\"



\"\"


\"\"



تىخىمۇ كۆپ رەسىملەرنى بۇيەردىن كۆرۈڭلار:



http://sports.yahoo.com/photos/david-beckham-mobbed-in-china-slideshow/david-beckham-photo-1665724396.html

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 22:02:11

بىزنىڭ مەكتەپنىڭ سېسىق نامنى يەر شارىغا پۇر كىتىپتۇدە ... ھەي ئاپلا ...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 06:57:28

13- قەۋەتتىكى ghalibjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ مەكتەپنىڭ سېسىق نامنى يەر شارىغا پۇر كىتىپتۇدە ... ھەي ئاپلا ...



تازا زاڭلىق قىلىۋىتىپتۇ چەتئەل جاھانگىرلىكىنىڭ  تور پارازىتلىرى \"\"

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 07:40:30

ئالامەت .

چوقۇنۇشنىڭ ئوبيىكتىنى مەڭگۈ بىلمەيدىغانلار.

jimjit يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 07:55:46

شۇنچىلىك پائالىيەتنىمۇ ئوڭلاپ قىلالماپتۇيا بۇتۇڭجى،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ \"\" \"\"

Almihan84 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 08:25:21

ئاھ خۇدا ! ياخۇ دىكى چەتئەللىكلەرنىڭ بۇلار توغۇرسىدا دىيشكەن ئىنكاسلىرنى كۆرۈپ...  {:107:}  1  

1.!really PATHETIC behaviour

2.These asian dogs make me sick

بۇ ئاسىيا ئىتلىرى كۆڭلۈمنى زەپ ئېلەشتۈردى.

3.؟؟؟Why, wasn\"t he wearing any underwear

نىمىشقا ئۇنچە قىلىپ كىتىدۇ؟ بېكھام كۇسار كەيمەپتىكەنما؟؟؟

\"\" \"\" \"\" ئىشقىلىپ ... \"\" \"\"
بەت: [1] 2
: بىكخام ۋەقەسىدە 7 ئادەم يارلاندى