iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 12:24:11

قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايوفنىڭ نۇتقى[كۆچۈرۈلمە]

قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ قازاق قىزلارتوغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى :

بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەزەلدىن ئۆزقىزلىرىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزمىغان، شۇڭا بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك.ھازىر بىرقىسىم كىشىلەر بەزى خاتا تونۇۋالغان نەزىرىيەلەر بىلەن ياشلىرىمىزنى ئازدۇرۋاتىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى ئەمەس. ئەگەر بىز ئۇلارغا ئەگەشسەك ئاقىۋەتتە بىز ئۆز قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزىنى يىپىشتىن سىرىت، يەنە بىر داستىخاندا بىللە تاماق يىيىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالىمىز، ئۇلار ئۆزى يالغۇز قاتناش قۇراللىرىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىرىتقا چىقالمايدۇ، نورمال مائارىپ تەربىيىسى ئالالمايدۇ، ئۇنداقتا بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز؟!بىر بۇنداق ناتوغرا ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بۇرچىمىز ياشلىرىمىزنى 21-ئەسىرگە باشلاپ كىرىش، ھەرگىزمۇ بۇ خاتا ئىدىيە سەۋەپلىك ئۇلارنى ئوتتۇرا ئەسىرگە قايتۇرمايمىز. ئەرەپچە ھىجاپلىق كىينىش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ئەمەس، بىز ھەقىقەتەن تەقۋا مۇسۇلمان، ئەمما بىزنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىمىز بار. بىز باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىمىز، بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ۋە ئالدىنقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانداق كىيىنىشى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، بىراق ئۇقۇۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ھىجاپلىنىشقا تەلەپ قىلماڭلار.بىز قازاقلار يايلاق مىللىتى، ئات ئۈستىدىكى مىللەت، ئات ئۈستىدە جەڭ قىلىۋاتقان باتۇرلارنىڭ ھەمراھى دەل ئۇلارنىڭ ئايالى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇغۇل-قىزلىرى، مانا بۇ ھەقىقي قازاق مىللىتى، مانا بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز!






تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-20 01:05):

تورداشنىڭ ياخشى ئىنكاسى:



مەن بۇ نوتۇقنىڭ قازاقچە ئاۋازىنى قايتا قايتا ئاڭلاپ باقتىم. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ ئەستايىدىك كۆرۈپ چىقتىم.   مىنىڭچە بۇ تىمىنى ئەستايىدىك ئوقۇپ چىقسىڭىز ، سەۋىرچانلىق بىلەن پىكىر يۈزگۈزسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا ئەھمىيەت بىلەن قارايسىز.



1. نەزەربايۇف نىڭ پىكىردە ئالدى بىلەن مىللەت بىلەن دىن نىڭ چىگرىسىنى ئايرىپ بەرگەن. (دىن ئۆخشىمىغان مىللەتتە ئوخشاش ئەقىدىنى بارلىققا كەلتۈرسىمۇ، لىكىن شۇ مىللەتنىڭئۆرۈپ ئادىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتەلىگەن ئەمەس. مەسىلەن ئەرەپلەر ئىسلام دىنى قوبول قىلغان بىلەن قىزلىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ كىندىكى ئوچوق قۇيۇپ ئوينايدىغان ئەرەپ ئۇسۇلى)



2. نەزەربايۇف ئۆز مىللىتىنىڭ ئەسلىدىكى يايلاق مەدىنىيتى ۋە جەڭگىۋار روھىنى ئۆز قەۋىمىگە ، ياش ئەۋلاتلىرىغا ئەسلىتىپ قۇيغان. ( چۈنكى ھەرقانداق مەۋىم ئۆز مەدىنىيتىنى يوقاتسا ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرقى ۋە قەدىر قىممىتى تەڭلار يوقايدۇ. شۇڭا بۇ قەرقانداق قەۋىم ئۆز ئەۋلاتلىرىغا توختىماستىن ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك تىما )



3. نەزەر بايۇفتەكىتلىگەن ئەرەپلەرنىڭ كىيىمى دەل يۇزىنى تولۇق يېپىپ كۆزىنىلا ئوچوق قۇيدىغان كىيىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەرەپ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ خاس كىيمى، قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەس . ( قازاقلار ئىسلان دىنغا ئېتىقاد قىلغان شۇنچە ئۇزۇن دەۋىردىن بۇيان ئاياللىرى يۈزىنى تولۇق ياپىدىغان كىيىم كىيگەن ئەمەس. پەقەت چاچنى ئوراپ ئىنەكنىڭ تىگىدىن چىگىدىغان ياغلىقلارنى ئارىتقان. خۇددى خۇيزۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىدەك. بۇ خىل قازاق ئەنئەنىسى ھېلىھەممۇ چەكلەنگىنى يوق. نۇتۇقتا چەكلاۋاتقىنى يۇزۈنى تولۇق ئوراش...)



4. نەزەر بايۇف دۆلىتىنىڭ پۈتۈلىكى، مىللىتىنىڭ ئۆم لىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولىۋاتقان ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئۆزخەلقىگە ئالدىن كۆرسىتىپ بەرگەن.(ئىسلام دۇنياسىدا مۇشۇ نازۇك دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر تۈپەيلى پارچىلىنىپ ، مىللىتى يامان كۈندە قالغان دۆلەتلەر خېلى كۆپىيۋاتىدىغۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ 3 يىل ئىچىدە جەڭ توپۇلاڭ بولىۋاتقان ئەرەپ ئەللىرى ئىسپات.. )



مەنچە نەزەر بايۇف نىڭ تەكىتلىگەن نۇختىلىرى ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان. ھەقىقىي بىر دۆلەت رەھبىرىدەك سۆز قىلغان.



بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئالدىن كۆرەر رەھبەرلەر يىتىشىپ چىققان بولسا مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە تۇرمۇشى بۈگۈنكىدىنمۇ ياخشىراق بولاتتى.



ئەي ياخشىسى مىغىزنى ئېلىپ شاكىنى تاشلاپ ، باشقىلارنىڭ تەجىربىلىرىنى ئۆزىمىزگە كۆپرەك تەتبىقلىساق ياخشى بولامىكى دەيمەن.







تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-20 20:17):

نادىر ئىنكاس:

uyhurjan

بىز خەقمۇزە،ئالدىراڭغۇ،ھاۋاغا مۇشت ئېتىپ،شەھەر ئېلىشنىلا بىلىمىز.موشۇ تېمىغىمۇ شۇنچىلىك كېسىلىپ ئۆزئارا

ئاق تاغلىق-قاراتاغلىق بولۇشۇپ بىر-بىرىمىزنى ھاقارەتلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

نەزەر بايۇفنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇق.چۈنكى مىللەتنىڭ مىللى كىملىكى بولىدۇ ئەلۋەتتە،ھەممە كىشى (ئايال زاتى)ھىجابلانسۇن دەيدىغان ھۆكۈم «قۇر ئان كېرىم»نىڭ نەچچىنچى بېتى قانچىنچى سۆرىسىدە بار .سىلەر شۇنى بىلىپ قېلىشىڭلار كېرەككى خىرىستىيان دىنى مۇخلىسلىرى(مۇناخلارمۇ )ھىجابلىنىدۇ .شۇنۇڭ ئۈچۈن مىللەت چوقۇم دىندىن چەتنىمىگەن يۇسۇندا ئۆز مىللىي كىيىمىنى كېيىپ تۈرۈش كېرەك ئۇنداق بولمىغاندا،بىزنىڭ ئاياللىرىمىزمۇ ئەتلەس كۆينەك،دوپپا دىگەنلەرنى كىيسە بولمايدۇ،ئەرلەرمۇ چوقۇم بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئۈستىگە چەمبىرەك قويۇشى كېرەك...



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-21 01:38):

ئەسلسى:

يۇزىنى يېپىش ئاياللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسى ئەمەس؛بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۇچۇن دۆلەتنى ئوتتۇرا ئەسىىردىكىدەك قىلىپ قويمايمىز،بىز بارلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنى قوغدايمىز ئوخشاشلا ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىمىز،بىزنىڭ ئۈزىمىزگە خاس يۇلىمىز بار،بىز ھەممەيلەننى ھۆرمەت قىلىمىز ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايمىز،بىراق

ئەرەبلەرنىڭ كىيىمىنى ئەر ئاياللارغا كەيدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ(قىزلارنىڭ)يۇزىنى ياپقۇزۇپ ئۇلارنى سىرىتقا چىقارماسلىق بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ئەمەس،مەن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرىپ ئادىتىنى ھۆرمەتلەيمەن(ئولتۇرغانلا چاۋاك چالدى)ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئانىلېرىمز،چوڭلىرىمىز قانداق كىيىنسە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى،بىراق ياشلا رغا ئۇقۇۋاتقان ياشلارغامۇنداق قىلىڭلا دەپ تەلەپ قۇيۇلمىسا ئۇلار ئۇرۇندىمايدۇبۇ ئەمەلىيەت،بىز قازاق ،كۆچمەن چارۋىچى ئات ئۈستىدىكى مىللەت بىز،ئەرلىرىمىز ئات چاپتۇرۇپ جەڭ قلىسا ئاياللىرىمز،قىزلىرىمز ئۇلارغا ھەمدەم بۇلۇپ بىللە كۆرەش قىلدىغان قازاق بىز.(مانا مۇشۇلار نازەربايوفنىڭ يۇزىىنى يېپېۋېلش توغۇرسىدا دىگەن نۇتۇقى)

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 11:54:24

ئىشقىلىپ نەزەربايوپ گىرى ئەمەس..دۈشمەنلىرىڭ يەر بىلەن يەكسان بولسۇن!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 13:37:25

ما قازاققا ھۈمەينى ياكى قەردەۋى ئىككىسىدىن بىرسى پىچىم پىچىپ ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىۋەتسە بولاتتى \"\"

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 14:19:23



نادىر ئىنكاس:

uyhurjan

بىز خەقمۇزە،ئالدىراڭغۇ،ھاۋاغا مۇشت ئېتىپ،شەھەر ئېلىشنىلا بىلىمىز.موشۇ تېمىغىمۇ شۇنچىلىك كېسىلىپ ئۆزئارا

ئاق تاغلىق-قاراتاغلىق بولۇشۇپ بىر-بىرىمىزنى ھاقارەتلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

نەزەر بايۇفنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇق.چۈنكى مىللەتنىڭ مىللى كىملىكى بولىدۇ ئەلۋەتتە،ھەممە كىشى (ئايال زاتى)ھىجابلانسۇن دەيدىغان ھۆكۈم «قۇر ئان كېرىم»نىڭ نەچچىنچى بېتى قانچىنچى سۆرىسىدە بار .سىلەر شۇنى بىلىپ قېلىشىڭلار كېرەككى خىرىستىيان دىنى مۇخلىسلىرى(مۇناخلارمۇ )ھىجابلىنىدۇ .شۇنۇڭ ئۈچۈن مىللەت چوقۇم دىندىن چەتنىمىگەن يۇسۇندا ئۆز مىللىي كىيىمىنى كېيىپ تۈرۈش كېرەك ئۇنداق بولمىغاندا،بىزنىڭ ئاياللىرىمىزمۇ ئەتلەس كۆينەك،دوپپا دىگەنلەرنى كىيسە بولمايدۇ،ئەرلەرمۇ چوقۇم بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئۈستىگە چەمبىرەك قويۇشى كېرەك...



____________________________

تىما ئىگىسى ماۋۇ <<نادىر ئىنكاسى>>نى سىز قايتا قايتا ئۇقۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەڭ ئاخېرقى جۈمۈلىسىنى دەيمەن؟ قۇرئاننى سىز بىر ئېغىزدىن مەن بىر ئېغىزدىن ئۆزگەرتكىلى تۇرساق تېخمۇ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بۇلامىز ؟ ھەممىمىز قۇرئاننى ئاساس قىلساق تېخمۇ ئىتپاقلىشالامىز ؟... خوش ، قۇرئاندا قىزلارنى يۈزنى ياپسۇن دىمىگەن ئەمما ھىجابلانسۇن دىگەن (يەنى بېغىشىدىن تۈۋى ۋە يۈزدىن باشقا چاش بىلەن قۇشۇپ ھەممە يەرنى يۆگىسە بۇلدۇ ، رەختى ئەلۋەتتە ئەتلەس بولسىمۇ بۇلدۇ ، دوپپىنى ھىجاپنىڭ ئۈستىگە كەيسىمۇ بۇلدۇ ، بۇرۇن ھەم شۇنداق كىيىپ كەلگەن)! قۇرئاندا ھىچقاچان ئەرلەرنى بېشىغا چەمبىرەك قويسۇن دەپ گەپ يوق ، بۇ ئىنىقلا ھىجابلانغاننى ئەرەپلەشتى دىگەنلىك بولاي نىمە ... سىزچە ھىجابلانسا ئەرەب بۇلامدۇ ؟ ھازىر مىللى كىملكنى قوغداپ بېرىۋاتقىنى ئەنە شۇ ئىمان !!! مىللى كىملىكنى قوغداشتا مۇۋاپىق مىللەتچىلىك بىلەن ئىسلامنى چىڭ تۇتۇشمىز كىرەك !!! قازاقىستان زۇڭتۇڭى دىسە ئۇ دىگەن ھوقوقى ئۈزىگە ئۈزى ئىگە مىللەت !!! بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز دىنىمزىنى ۋە كىملىكنى قوغداپ قېلىش ... بۇنۇڭدا ئىمان ئەڭ مۇھىم ،(ئەلۋەتتە تلنى مەدىىيەتنى ھەم ئىمان بىلەن تەڭ قوغدىشىمىز كىرەك )،خەنزوغا شۇنچە يىقىن تۇڭگان بىلەن مىللىمەدىيىتى خەندىن شۇنچە يىراق موڭغۇلنى سېلشتۇرۇڭ !!! جوڭگونى سورغان مانجۇلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ !!!! قالغىنى مۇنبەرداشلارنىڭ ئەقلىگە قالدى ....قۇرئان بۇيچە ھىجابلانسا (ھىجابلانغانلار كۆپ بولسىكەن كاشكى ) ئەرەب بولساق ... ئۇنداقتا گەپىنڭ سەتنى قىلغاندا خۇتۇن قىزلىرىمىز ئەمچىكىنى ئېچىپ يۈرسە نىمىگە ئوخشاپ قالا؟؟؟ ھېلىمۇ بىزدە بەزلەر دەۋالغان ئەرەبلىشىش (ئەمىليەتتە يوق گەپ)ئېغىرمۇ غەرىبلىشىپ ئېغىرمۇ بۇ بىزگە ئايان ... كاللىنى چايقىۋىتىپ ئويلاپ باقساق ، توقناق گەپنى ئاز قىلساق ، ئاشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن قانچىلىك بالا بۇلدىغىنى ھەممىزگە ئايان ....

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 14:31:43

بۇ نۇتۇقنىڭ ئەسلى مەزمۇنى بۇنداق ئەمەس.

‹نەزەربايوپ بىز ھىجابلىنىشنى ئوموملاشتۇرالمايمىز ، ئەمما بىزمۇ تەقۋادار مۇسۇلمانبىز› دىدى .

بۇ مۇستاپا كامالنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

ئىنسان شەرىئەتنى ئىنكار قىلىش بىلەن دىندىن چىقىدۇ، ئەمما ئورۇنداش ئورۇندىماسلىق ئۇ باشقا گەپ.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 14:53:07

ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ئالىدۇ.


پاترول ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كىيىن تەھرىرلەندى.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:38:09

ئەر- ئايال، ئۇششاقى چوڭ بىر ئۆيدە يېتىپ ياشاپ كەلگەن خەقنىڭ ئېڭى شۇنچىلىك بولىدۇ دە؟


« ئەگەر بىز ئۇلارغا ئەگەشسەك ئاقىۋەتتە بىز ئۆز قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزىنى
يىپىشتىن سىرىت، يەنە بىر داستىخاندا بىللە تاماق يىيىش ھوقۇقىدىنمۇ
مەھرۇم قالىمىز، ئۇلار ئۆزى يالغۇز قاتناش قۇراللىرىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، ئۆز
ئىختىيارى بىلەن سىرىتقا چىقالمايدۇ، نورمال مائارىپ تەربىيىسى ئالالمايدۇ،
ئۇنداقتا بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز؟!» دېگەن گېپىگە كۈلۈپ كەتتىم .



تېمىدىكى تەھلىلمۇ تايىنلىقكەن.


ئاياللارنى ھىجاپلىماي كۆرگەزمە قىلىش جەڭگىۋار مىللەتنىڭ ئادىتىمىكەن؟ ئەرلىرىدە غۇرۇر يوق مىللەتلا ئاياللىرىنى كوچىغا ، ئۇرۇشقا چىقىرىپ قويسا كېرەك.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:41:36

ئانارخاننىڭ كىنوسىنىڭ تەسىرى خېلى سىڭگەن چېغى. ئاۋۇ تەھلىلچى ئۇرغۇيجان ئانارخاننىڭ كىنوسىدىكى ئاياللار تۇرقىنى كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋالغاندەك قىلىدۇ.

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:50:15

بۇ نەدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن سەپسەتىلەردۇ ئەمدى...

ئۇ قازاقلار نېمە قىلسا قىلمامدۇ (ھازىرچە). ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ھالى بىلەن بولايلى... يۇرت- يۇرتلاردا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ئاز كەپتۇ-دە.

ئاشۇ نادىر ئىنكاسلارنى دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بەرسە، چوقۇم بىر پارچە چىرايلىق قەغەز بىلەن تەقدىرلەيدۇ. (ئېيتىپ قويۇڭ تەقدىرنامىنى ۋاقتىدا ئېلىۋالسۇن).

ئەلۋەتتە ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنىئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز، راۋاجلاندۇرىمىز، قوغدايمىز. ھىجابلىنىش قانداقتۇر ئەرەبچە كىيىم كىيىش دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى خوتۇن- قىزلارنىڭ ھۆرمىتى ئەمەسمۇ. ئۇ قازاقلارنى ئەجدادلىرىمىز ھېجابلانمىغان دېگەن گېپىگىلا مۇناپىقلادەك ئىككى يۈزلىمىچى بولۇپ كەتسەك بولماس. ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا، شامان دىنىغا... يەنە بىر نېمە دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلىپ باققان. ھېجابلاندۇق دەپ ئەرەبچە كىيىنىۋالامدۇق دېگەنلىك، بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزدەك بۇدقا چوقۇنۇپ باقايلى دېگەنلىك بولمامدۇ...

ئېتىقاد دېگەن مۇتلەق بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ، يەھۇدى ۋە ناسارالاردەك ئايەتلەرنى پۇلغا سېتىۋەتمەڭلا، بىر قىسىمىنى ئېتىراپ قىلىپ بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلماڭلا دېگەن.



قۇرئان بىزگە بويسۇنامدۇ ياكى بىز قۇرئانغا بويسۇنامدۇ؟ (ئىنجىل ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان).

قۇرئاننىڭ نەرىدە ئەربچە كىيىنىڭلار دېگەن سۆز بار. ئەرەبچە كىيىنىش بىلەن ھىجابلىنىش بىر سۆزمۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقىنى، شەيتاننىڭ قانداق ئازدۇرۇدىغانلىقىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلەمدۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟



ساختا مىللەتپەرۋەرلەر....

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:50:26

قاغىمۇ قاق ئېتىدۇ،ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 15:53:54


2- قەۋەتتىكى ghalibjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز دىنىمزىنى ۋە كىملىكنى قوغداپ قېلىش ... بۇنۇڭدا ئىمان ئەڭ مۇھىم ،(ئەلۋەتتە تلنى مەدىىيەتنى ھەم ئىمان بىلەن تەڭ قوغدىشىمىز كىرەك )،خەنزوغا شۇنچە يىقىن تۇڭگان بىلەن مىللىمەدىيىتى خەندىن شۇنچە يىراق موڭغۇلنى سېلشتۇرۇڭ !!!



بۇرادەر ، ئىسلام تۇڭگاننىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداپ قالالىپتىمۇ؟ قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ، قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ؟؟؟؟؟؟ ئۇلار مىللەتكە ھىساپما تېخى ؟


سىز موللىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بىزنى ئىككىنچى تۇڭگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ؟


elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:06:55

9



بۇرادەر ، ئىسلام تۇڭگاننىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداپ قالالىپتىمۇ؟ قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ، قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ؟؟؟؟؟؟ ئۇلار مىللەتكە ھىساپما تېخى ؟


سىز موللىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بىزنى ئىككىنچى تۇڭگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ؟






تۇڭگانلار بۇ گىپىڭلارنى بىلىپ قالسا ماي بىكىڭلارنى تىپىپ ئىگىۋاتاركەن ،زادى موللاملارنىڭ دىگىنى بۇيىچەماڭماي پارتىيەمىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە ماڭمامسىلەر ،تىلۋىزۇرلاردا بىرىۋاتىدۇ ،خەۋەردە دىيىلىشىچەئۈچ يىلدىن بىرى بەك تەرەققى قىلىپ كىتىپتىمىز بەلكىم يەنە ئۈچ يىلدا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن پەرقىمىزمۇ قالماس

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:19:41

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن مەركۇز مۇنبەردىن ‹‹قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ نۇتۇقى››نۇتۇقى دىگەن تىمېنى كۆردۇم،ئۇ بىر ئەسلى 2سىكۇنىت 38دەقىقىلىق بىر سىن نۇسخدىكى نۇتۇقبۇلۇپ قازاقىستان پېرىزندىنتى نەزەربايوف سۆزلىگەنكەن،مەركۇز تىمىنى يوللىغۇچى بۇنى تىلىمىزغا تەرجىمە يوللاپتۇ،يەنى تۇۋەندىكدەك:



قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ قازاق قىزلارتوغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى :

بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەزەلدىن ئۆزقىزلىرىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزمىغان، شۇڭا بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك.ھازىر بىرقىسىم كىشىلەر بەزى خاتا تونۇۋالغان نەزىرىيەلەر بىلەن ياشلىرىمىزنى ئازدۇرۋاتىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى ئەمەس. ئەگەر بىز ئۇلارغا ئەگەشسەك ئاقىۋەتتە بىز ئۆز قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزىنى يىپىشتىن سىرىت، يەنە بىر داستىخاندا بىللە تاماق يىيىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالىمىز، ئۇلار ئۆزى يالغۇز قاتناش قۇراللىرىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىرىتقا چىقالمايدۇ، نورمال مائارىپ تەربىيىسى ئالالمايدۇ، ئۇنداقتا بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز؟!بىر بۇنداق ناتوغرا ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بۇرچىمىز ياشلىرىمىزنى 21-ئەسىرگە باشلاپ كىرىش، ھەرگىزمۇ بۇ خاتا ئىدىيە سەۋەپلىك ئۇلارنى ئوتتۇرا ئەسىرگە قايتۇرمايمىز. ئەرەپچە ھىجاپلىق كىينىش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ئەمەس، بىز ھەقىقەتەن تەقۋا مۇسۇلمان، ئەمما بىزنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىمىز بار. بىز باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىمىز، بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ۋە ئالدىنقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانداق كىيىنىشى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، بىراق ئۇقۇۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ھىجاپلىنىشقا تەلەپ قىلماڭلار.بىز قازاقلار يايلاق مىللىتى، ئات ئۈستىدىكى مىللەت، ئات ئۈستىدە جەڭ قىلىۋاتقان باتۇرلارنىڭ ھەمراھى دەل ئۇلارنىڭ ئايالى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇغۇل-قىزلىرى، مانا بۇ ھەقىقي قازاق مىللىتى، مانا بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز!

باشتا مەن سىندىكى ئىككى يېرىم مىنۇتلۇق نۇتۇقنى كۆرمەيلا تىما يوللىغۇچىنىڭ يازغىنىنى ئۇقۇپلا توغرا تەرجىمە قىلىنغان قىلنمىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىكەن،نۇرغۇن كىشلەر مەندەك قىلدى ياكى سىننى كۆرۈپ چۈشەنمىگەچكەتەرجمىسنى ئۇقۇپلا مۇشۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسنى نەزەر بايۇف دەپتۇ دەپ ئويلغان بۇلۇشى مۇمكىن،مەنمۇ ئىككى يېرىم كۈنگىچە ئىككى يېرىم مىنۇتلۇق سىننى كۆرۈپ باقماي تەرجىمىگە ئىشىنپ كىتىپتىمەن،كىيىن سىننى كۆرۈپ تەرجىمدە مەزمۇن جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر مەسلە بارلىقىنى بايقىدىم دە مەنمۇ ئانچە مۇنچە قازاق تىلى ۋە خەنزۇتېلى بىلگەچكە(سىننىڭ ئاستىدا خەنچە تەرجىمىسى باركەن)توغرا تەرجىمە قىلىپ چىكتىم،توغرىسى تۆۋەندىكىچە:

قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ قازاق قىزلارتوغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى :



يۇزىنى يېپىش ئاياللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسى ئەمەس؛بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۇچۇن دۆلەتنى ئوتتۇرا ئەسىىردىكىدەك قىلىپ قويمايمىز،بىز بارلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنى قوغدايمىز ئوخشاشلا ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىمىز،بىزنىڭ ئۈزىمىزگە خاس يۇلىمىز بار،بىز ھەممەيلەننى ھۆرمەت قىلىمىز ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايمىز،بىراق

ئەرەبلەرنىڭ كىيىمىنى ئەر- ئاياللارغا كەيدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ(قىزلارنىڭ)يۇزىنى ياپقۇزۇپ ئۇلارنى سىرىتقا چىقارماسلىق بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ئەمەس،مەن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرىپ ئادىتىنى ھۆرمەتلەيمەن(ئولتۇرغانلا چاۋاك چالدى)ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئانىلېرىمز،چوڭلىرىمىز قانداق كىيىنسە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى،بىراق ياشلارغا، ئۇقۇۋاتقان ياشلارغا مۇنداق قىلىڭلا دەپ تەلەپ قۇيۇلمىسا ئۇلار ئۇرۇندىمايدۇبۇ ئەمەلىيەت،بىز قازاق ،كۆچمەن چارۋىچى مىللەت، ئات ئۈستىدىكى مىللەت بىز،ئەرلىرىمىز ئات چاپتۇرۇپ جەڭ قلىسا ئاياللىرىمز،قىزلىرىمز ئۇلارغا ھەمدەم بۇلۇپ بىللە كۆرەش قىلدىغان قازاق بىز.(مانا مۇشۇلار نازەربايوفنىڭ يۇزىىنى يېپېۋېلش توغۇرسىدا دىگەن نۇتۇقى)

داۋامى

قازاقلار ئەزەلدىن ‹‹يۈز››بۇلۇپ بۇلۇنمىگەن ھەم بۇنداق ئۇقۇممۇ يوق:ئىسىڭلاردا بولسۇن،تارىختا بىز دۇشمەنگە كۇچ جەھەتتىن يېڭلىپ قالمىغان بەلكى دۇشمەنلەر ئارىمزغا زىددىيەت سېلىپ بىزنى ئۇتتۇۋاغان(چاۋاك)، ئۆـمۇشتە،خاقانلىق دەۋېردە،بىز تېخى ئۇرۇسلاغا تەسلىم بولماستا،خاقان جەڭ قىلماقچى بولسا ھەر قەبىلە،شەھەر،ئايماقلاردىن100دىن ئەسكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن،چاررۇسىيە پادىشاھلىقى بۇيەردىكى ‹‹يۈز››دىگەن ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئارىمىزغا زىددىەت سېلىپ بۈلۈنمە ھاسىل قىلدى،ھەمدە بىزدە يوق بولغان‹‹ئۈچ يۇز قازاق››دىگەن بۇ ئۇقۇمنى بىزگە سىڭدۇردى،بىز قازاق ،قازاقىستانىق،11مىليۇن قازاق بىز،ئەگەر دىگەندەك ‹‹يۈز››لەرگە بۈلۇنسەك دۆلەت بولماي قالىمىز،يېكاتېرىنانىڭ بىر بۇيرۇقى بولغان(قازاق سۇلتانلىرىنى ئۆزئارا دۇشمانلەشتۇرۇپ،قازاق بايلىرنى ئۆزئارا ئۆچمەنلەشتۈرۇپ ئۇلارنى ئۆزئارا تالاش تارتىشقا سېلىپ ئۇلانى ئۆزئارا قىرغىن قىلدۇرۇپ ئاندىن ئۇلارنى ئۇڭايلا بوسۇندۇرۇش››دىگەن.

مانا بۇ نەچچە كۈندىن بېرى مۇنبەردە قىززىپ كەتكەن ‹‹قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ نۇتۇقى ››توغرا ئەسلى تەرجىمىسى كۆپچىلىڭ بۇرۇنقىس بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىشنىى،بۇنداق تەرجىمە ئەسەرلەرگە سوغوققانىلق بىلەن مۇئامىلەقىلشنى ئۈمىد قىلمەن،بىزدە چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۇرەر دەيدىغان گەپ بار،بۇلۇپمۇ ئاخپارات،نۇتۇق خاراكتىردىكى تەرجىمىلەر توغرا قىلىنىشى تەرجىماننىڭ ھىسسى كۆزقاراشلىرى ئارلىشىپ قالماسلىقى كېرەك ،تەرجىمە توغرا،ئەينەن،سۈپەتلىك،چۈشىنىشلىك بولمىسا يۇقۇردىكى نۇتۇقنىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسى كىشىگەئىككى تۇيغۇ بەرگەندەك نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر يۈزبىرشى مۇمكىن ،توردىكى تەرجمان دوسىتلانىڭمۇ دىققەت قىلىشنى سۇرايمەن،

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:22:12

يۇقىردىكىسى ئەلكۈيى مۇنبىردىكى بىر تورداشنىڭ يوللىغان تۇلۇقلىما تېمىسى ئىكەن،تېما يوللىغۇچى:يوللىساڭ توغرا بولغان تېمىنى يوللا،بولمىسا ئىزدىنىشتا بوران چىقىرىمەن دىمەي 5موچەنلىك كەمپۈتتىن ئىككىنى شۈمۈپ جىم ئولتۇرۇپ ئىنكاس كۆرە بۇندىن كىيىن............

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:35:02

10- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9



بۇرادەر ، ئىسلام تۇڭگاننىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداپ قالالىپتىمۇ؟ قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ، قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ؟؟؟؟؟؟ ئۇلار مىللەتكە ھىساپما تېخى ؟


سىز موللىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بىزنى ئىككىنچى تۇڭگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ؟






تۇڭگانلار بۇ گىپىڭلارنى بىلىپ قالسا ماي بىكىڭلارنى تىپىپ ئىگىۋاتاركەن ،زادى موللاملارنىڭ دىگىنى بۇيىچەماڭماي پارتىيەمىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە ماڭمامسىلەر ،تىلۋىزۇرلاردا بىرىۋاتىدۇ ،خەۋەردە دىيىلىشىچەئۈچ يىلدىن بىرى بەك تەرەققى قىلىپ كىتىپتىمىز بەلكىم يەنە ئۈچ يىلدا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن پەرقىمىزمۇ قالماس



ئۈچ يىلغىچە ئىچكىرىدىكىلەر تەرەققىي قىلماي توختاپ تۇرامدىكەن؟

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:39:39

نەزەربايوف دىگەن ئۇ قۇرۇق-سەپسەتىنىبىزنىڭ ... بەكرىكام ئاڭلاپ قالسىزە بۇلۇپ بەرگۈدەك جۇما،ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ساقىلىڭنى ئال،ياغلىقنى تاشلا ،كىندىكنى ئاچ،ئەرەپنى دورىما دەپ ......

panda2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:40:57

خەق يالىڭاچ كۈچىغا چىقۋالمىسىلا ئەرەپچە كىينەمدۇ ؟ ياكى ياپۇنچە كىينەمدۇ ؟ يا ئۇيغۇرچە كىينەمدۇ ؟ ياكى ئامرىكىچە كىينەمدۇ ؟ نىمە كارى باردۇ دەيمەن . خەقنىڭ كىيمىگە ئارلىشۋالماي ئىشىنى قىلسا بولمامدۇ دەيىمەن .

خالىساڭ ھىجاپلىنۋال ، خالساڭ ئامرىكىچە كىيىم كىيۋال ، ..............................



خەپ ...................بۇۋىم ئەرەپپەرەس ، ئاشقۇن ئەسەبى دەپ مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلىگەن ، جەرىمانە ئىلىپ قۇساق توقلىغان ، ئۇرۇپ دومبالىغان شۇ زالىملارنى تەكشۇرۇپ ئىنىقلاپ بىر بىرلەپ قىساس ئالىدىغان كۈنلەرمۇ كىلىپ قالار . \"\"

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 16:45:48

4- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توڭگۇز كۈچۈگىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ ۋودكا ئىچكەچ زىياپەت قىلىپ سۆزلىگەن نوتۇقى ئوخشىمامدۇ نەزەربايىۋ ئىۋان ئىۋانوۋىچنىڭ؟



ئۇنداق ئەمەستۇ ............


ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 17:03:20

9- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


2- قەۋەتتىكى ghalibjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز دىنىمزىنى ۋە كىملىكنى قوغداپ قېلىش ... بۇنۇڭدا ئىمان ئەڭ مۇھىم ،(ئەلۋەتتە تلنى مەدىىيەتنى ھەم ئىمان بىلەن تەڭ قوغدىشىمىز كىرەك )،خەنزوغا شۇنچە يىقىن تۇڭگان بىلەن مىللىمەدىيىتى خەندىن شۇنچە يىراق موڭغۇلنى سېلشتۇرۇڭ !!!



بۇرادەر ، ئىسلام تۇڭگاننىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداپ قالالىپتىمۇ؟ قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ، قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ؟؟؟؟؟؟ ئۇلار مىللەتكە ھىساپما تېخى ؟


سىز موللىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بىزنى ئىككىنچى تۇڭگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ؟




گىپىمنى چۈشەنمەپسىز ... ئاساسى مەزمۇنى ئۇ ئەمەس ... تۇڭگانلارنىڭ تىلى خەنچە ،ئۇلار يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىلا تىلى يوقتى . ئەمما مىللى كىملىكنىڭ يەنە ئىككىسى : مەدىنيىتى بۇلۇش ، تارىختىن ياشاپ كەلگەن يۇرتى بۇلۇشى(بۇلار جوڭگۇنىڭ مىلەت ئايرىش ئۆلچىمى ) يەنلا ماۋجۇد ، ئۇلارمۇ ئۈزىگە خاس مەدىنيەت ياراتقان...ئەمما ئۇلارنىڭ تىلى ئەزەلدىن يوق بولغان ئەھۋالدا يەنلا تىرشىپكىملىكىنى ساقلاپ كىتىپ باردۇ !!! ئەگەر يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندا تىلى بولغان بولسىدى ، ئۇلارمۇ قوغدىغان بۇلاتتى ، ...ئەمما ئۇلارغا ئامال قانچە ؟ شۇڭا مەن ھەم باشقىلاردا بولمىغان بايلىقىىمىىزبولغان تىلنى شۇنداق قوغداپ يۈرۈپتىمەن!!! مەن دىمەكچى دىننى خاتا تەشۋىق قىلمىساق !!!





قۇشۇمچە مىنى مۇللۇچاق دىمەڭ ، مەن تېخى موللۇلۇق ماقامىغا يەتمىدىم . مەن دىگەن ئۇقۇغۇچى قايسى ، كۈنى بېكخام ئالاھىدە كۆرگىلى كەلگەن مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى(بۇنداق دىسەم يۇغون تېخمۇئىش !دەپئەزۋەيلەپ كەتمەڭ ، پەقەتلا چاقچاق ئەمما راسلا شۇ مەكتەپتە ئۇقۇيمەن )دىمەكچى دىندىن مىللەتنىن تەڭ ئويغانغان كەلگۈسىدىكى زىيالى بۇلمەن، ئاشۇ دىنىم ماڭا ھىچ بولمىسا مىللتىم ئۈچۈن سەھەر قوپۇپ ئۈگۈنۈشكە دەۋەت قىلىدۇ ، دۇئاغا كۈتۈرلگەن قول ھەر قېتىم ئاشۇ كۈنى ئۈگەنگەننى قۇشۇپ باشقىلىرى بىلەن قىسقا <<ھىساپ>>بىرىشكە ئۈندەيدۇ !!! ھەق ئىسلام دىننى مىللەتنى چەكلىمەيدۇ ، ئاللاھ ئىگەم تىرشقانغا بىرمەن دىدى ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغاچ يەھۇدىلارغا،غەرىبكەتىرىشقانلىرىغا تۇشلۇق پەن تېخنىكا نەتىجىسى بەردى ، بىزمۇ تىرىشساق بىزگىمۇ بىردۇ ،<< پۇتلىرى قاپرىپ كەتكۈچەناماز ئۇقۇغانپەيغەمبەرنىڭ ، كۈزى ئىشىپ كەتكۈچە ئۇخلايدىغان ئۈمۈتى بۇلدۇ >> دەپ بىر گەپ بۇلدغان ، مانا ھازىر رىئالىققا ئايلاندى ، بۇ پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئمۇميۈلۈك ئەھۋال !!1سەۋەبىنى ئىسلامدىن كۆرمەي ئاۋال ئۈزۈمىزدىن كۈرىلى ، ھەممە ئىسلامنى توغرا چۈشەنسە ئىدى كاشكى .... سەھەر تۇرۇپ تەكرار قىلىش ئۇمۇ بىر ئىبادەتنىڭ تۈرى (ناماز بىلەن ئىبادەتنى بىر دەۋالدىغانلارغا ئەسكەرتىش )... ئېغىزىمدا سۆزلەپ ئولتۇرماي ھازىردىن باشلاپ مىللىتىم ئۈچۈن دىنىم ئۈچۈن ئازراقتىن ئىش قىلۋاتمەن .... سىز مەن تىمىدىكى ئېزىپ كەتكەن ياكى كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن بىر نەچچە يەگە ئېسىلۋالماي ئۇمۇمى مەقسىتىمنى ئويلاپ كۈرۈڭ !!! بىز نۆۋەتتە قانداق قىلشىمىز كىرەك ؟ ھەر ئىككىنى تەڭ تۇايلى ، مىللەتچى ياكى نۇقۇل دىنىچى بوپ كەتمەيلى ، بۇ ئىككىسى بى-بىردىن ئايرىلالمايدۇ ...

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 17:04:00

13- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9



بۇرادەر ، ئىسلام تۇڭگاننىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداپ قالالىپتىمۇ؟ قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ، قېنى ئۇلارنىڭ تىلى ؟؟؟؟؟؟ ئۇلار مىللەتكە ھىساپما تېخى ؟


سىز موللىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بىزنى ئىككىنچى تۇڭگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ؟






تۇڭگانلار بۇ گىپىڭلارنى بىلىپ قالسا ماي بىكىڭلارنى تىپىپ ئىگىۋاتاركەن ،زادى موللاملارنىڭ دىگىنى بۇيىچەماڭماي پارتىيەمىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە ماڭمامسىلەر ،تىلۋىزۇرلاردا بىرىۋاتىدۇ ،خەۋەردە دىيىلىشىچەئۈچ يىلدىن بىرى بەك تەرەققى قىلىپ كىتىپتىمىز بەلكىم يەنە ئۈچ يىلدا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن پەرقىمىزمۇ قالماس



ئۈچ يىلغىچە ئىچكىرىدىكىلەر تەرەققىي قىلماي توختاپ تۇرامدىكەن؟


موللاملار بىزنى ئىككىنچى تۇڭگانغا ئايلاندۇرۋىتەرمىكى دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغۇچە پارتىيە بىلەن بىردەكلىكىنى ساخلاپ شۇ پىتى تۇرامىكىن دەيمەن ،خەۋەر روھى بۇيىچە تۇختاپ تۇرار ،ئاتايىن سوراپ كىتىپسىلەر سىلەرمۇ يە تۇڭگانغا ئايلىنىپ كىتەرمەنمىكىن دەپ قۇرقىدىغان بىرىمىتىڭلار
بەت: [1] 2 3 4
: قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايوفنىڭ نۇتقى[كۆچۈرۈلمە]