تەڭرىتېغى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى«شىنجاڭتەڭرىتاغلىرى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى»
بۈگۈن(6-ئاينىڭ 21-كۈنى) بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن 10 ئۆتكەندە، كامبودژانىڭ پىنومپىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 37-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا،شىنجاڭ تەڭرىتاغلىرى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەنمەملىكىتىمىزدە دۇنيا مىراسلىرىدىن 44 بولۇپ، ئىتالىيەدىن (ئىتالىيەنىڭ 46)قالسا ئىككىنچىكۆپ ئورۇنغا ئۆتۈپ ، ئىسپانىيە بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇردى.دۆلىتىمىزنىڭ يەنە بىر ئىلتىماس قىلغان تۈرى يۈننەننىڭ خۇڭخې خانى پەلەمپەيسىمان ئېتىزلىرى نۆۋەتتە يىغىندا ئاۋازغا قويۇلماقتا.
تەڭرىتاغلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقى قىسمىغا( كۆپ قىسمى جۇڭگو شىنجاڭ تەۋەسىدە) جايلاشقان چوڭ تاغ تىزمىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسېپ ئۆتۈپ، قازاقىستان زىمىنلىرىغىچە سوزۇلىدۇ. قەدىمدە ئاقتاغ 白山،قىش-ياز قار بولغاچقا قارلىق تاغمۇ 雪山 دەپ ئاتالغان، ھونلار دەۋرىدە تەڭرىتېغى، تاڭ دەۋرىدە 折罗漫山 دەپمۇ ئاتالغان، ئېگىزلىكى 21مىڭ چى، ئۇزۇنلىقى،2500 كىلومېتىر، كەڭلىكى 250-300 كىلومېتىرغىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 5000 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز چوققىسى تۆمۈر چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 7435.3 مېتىر ئىگىزلىكتە، خانتەڭرى چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن6995 مېتىر ئىگىز. بۇ تاغلار جۇڭگو چىگرىسىدا بولۇپ، تاغ چوققىلىرى ئاق قار ، كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان، سىر دەرياسى، چۇ دەرياسى، ئىلى دەريالىرىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى تەڭرىتاغلىرىدۇر. تەڭرىتاغلىرى شىنجاڭنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ، شىمالىدا جۇڭغار ئويمانلىقى، جەنوبىدا تارىم ئويمانلىقى بار.
كېلىش مەنبەسى: سۇمرۇغ تورى
http://news.ifeng.com/mainland/detail_2013_06/21/26660224_0.shtml
بۇنىڭ مۇنداق تەرىپىمۇ بار:
قوغدىلىدۇ، قالايمىقان ئېچىشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا پايدىسى بار مېنىڭ قويلىرىمنى چورتلا ئەچىققىلى قويمايدىكەندە ئەمدى. تەشۋىقاتتىن باشقا نىمىگە پايدىسى باردۇ؟ قەشقەرنىمۇ ب د ت قوغدايدىغان دۇنيادىكى بىر قانچە شەھەرنىڭ بىرسى دەۋاتقاندەك قىلغان ساياھەت ۋە دۇنيا پىروگراممىسىدا، قېنى قوغدىغىنى؟ بىلەت تاشلاڭلا دېسە ب د ت نىڭ توربىتىگە ئەينى ۋاقىتتا قارشى دەپ بىلەت تاشلاپ ھالىمىز قالمىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنۇم رايونى دەپ تولۇق بىر ئالساڭلار ،،،،بىركىملەرنىڭ كۆڭلىگە كىلىپ كەتمەستى10- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنۇم رايونى دەپ تولۇق بىر ئالساڭلار ،،،،بىركىملەرنىڭ كۆڭلىگە كىلىپ كەتمەستى
نادىر قىستۇرما! تەڭرىتاغ دەپ ئەنگە ئىلنارمۇ ياكى تىيانشان دەپ؟ تاڭ دەۋرىدە 折罗漫山
نېمە گەپ بۇ ئۇيغۇرچە؟ خەنلەر ئۇيغۇرچىدىن ئۆرۈۋالغان گەپتەك قىلىدۇ، تېپىپ باقىلى مەنبەسىنى
12- قەۋەتتىكى totemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تەڭرىتاغ دەپ ئەنگە ئىلنارمۇ ياكى تىيانشان دەپ؟
مەنچە تىيانشان دەپ ئالىدۇ، روسچىدىمۇ، ئېنگىلىزچىدىمۇ شۇنداق كېتىپ قالدى، ھازىر يۇرت ناملىرىمزىنىڭ ئېنگىلىزچىسى خەنچە پىنيىن بويىچە كېتىۋاتىدۇ، ئەپسۇس