choice يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 16:11:26

[تەرجىمە]‹‹زەھەرلىك دوست››

‹‹ ‹‹ زەھەرلىك›› دوست

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا لى فامىلىلىك قىز ساۋاقدىشىم بىلەن مۇناسىتىمىز يامان ئەمەس ئىدى، ھەمىشە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ بىر بىرىمىزنى ئەڭ ياخشى دوست دەپ قارايتۇق. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپچىلىك ھەممىمىز ھەرتەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق،گۇاڭجۇۋغا كەلگەندىن كېيىن ئاستا- ئاستا بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلگەن ئىدى.تېخى يېقىندىلا يۇرتۇمغا قايتىپلى فامىلىك بۇ كونا دوستۇم بىلەن   قايتا كۆرۈشۈپ قالدۇق. ئۇ ھازىر 7 ياشلىق ئوغۇلغا ئانا بوپتۇ ،يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندا ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى ۋە ئادرىسلىرىىزنىقالدۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك ئىزدىشىدىغانغا كېلىشىپ ئايرىلدۇق.

گۇاڭجۇۋغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا   دوستۇم لىدىنكېلىدىغانتېلفۇنكۆپۈيۈشكەباشلىدى، كەلگەن تېلفۇننىڭ قېتىم سانى كۆپەيگەنچە مەن شۇنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم ئۇ مۇنداق 2 چوڭ مەسىلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى: بىرى ئائىلە كىرىمىم، بولۇپمۇمېنىڭ پۈتۈنلەي ئائىلە ئايالىغا ئايلىنىپ كەتكىنىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇقەستەن گەپ ئەگىتىپ مۇنداق سۇئال سورىدى: ۋېيەي، ئېرىڭ چوقۇم بەك جىق پۇل تاپىدىغۇ دەيمەن؟ بولمىسا سەن قانداقمۇ ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئائىلە ئايالى بولالايتىڭ؟!.

ئۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككىنچى چوڭ مەسىلە بىزنىڭ بالىلىق بولۇش بولماسلىق مەسىلىمىز ئىدى. بۇ مەسىلىدە ئۇ گاھىدا ئاپامدىنمۇ بەكرەك ئالدىراپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ھەر قېتىم تېلفۇن كەلگەندە ئۇ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدامەندىن مۇشۇ ئىشنى سوراپ ئەپ تېپىپ ئوغلىنىڭ قانچىلىك ئوماق ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى، ئانا بولۇشنىڭ قانچىلىك بەخت ئىكەنلىكى ھەققىدە ماختىنىپ قوياتتى. ئاخىرىدا گەپنى ئەگىتىپخۇددى بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزدە مەسىلە بولغانلىقتىن بالا ئالالمايۋاتقاندەك بىر قىسما گەپلەرنى قىلاتتى.

ئۈلۈشكەن سەھەردە 6 بولماي تۇرۇپلا تېلفۇن يەنە سايراپ كەتتى، تېلفۇننى ئالسام يەنە شۇ ئىكەن، ئۇ ناھايىتى شاتلانغان ھالدا ئېرىنىڭ گۇاڭ جۇۋغا كاماندۇرۇپكىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، قانداق كىيىملەرنى ئېلىۋېلىشى كېرەكلىكىنى سوراشقا باشلىدى. يولدۇشۇم كېچىلەپ سىمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن مەنمۇ ھەمرا بولۇپ تېخى سەھەرگە يېقىن ئۇخلىغان ئىدىم. تېلفۇننى ئېلىپ راستىمنى ئېيتقاندا ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى. بىراق ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ دىدىم:--ھاۋا رايى مەلۇماتىغا قاراپ باقساڭمۇ بولىدىغۇ؟

ئۇ،ھاۋا رايى ئالدىن مەلۇماتىغىغۇ قاراپ باقتىم ،بىراق يەنىلا سوراپ بىلسەم تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولغۇدەك دەپ جاۋاپ بەردى ھەم   مەندىن گۇاڭجۇۋدا قانداق پاسۇندىكى، قايسى رەڭدىكى كىيىملەر مودا بولىۋاتقانلىقىنى سوراپ،- ئېرىم ئۇ يەردە سەھرا چىراي بولۇپ قالمىسۇن ، شۇڭا بىلىپ باقاي دەيمەن-- دىدى.

مەن ئاخىرى زېرىكىپئۇنىڭغاتۈنۈگۈن كەچتە بەك كەچ ئۇخلىغانلىقىمىزنى شۇڭا تېلفۇننى چۈشتە ئۇرۇشىنى ئېيتتىم، ئۇ تېلفۇندا بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئاچچىقلانغان ھالدا : بۇ قانداق پوزىتسىيە ئەمدى ؟ دەپلا تېلفۇننى تاراققىدە قويىۋەتتى.

خېلى كۈنلەرگىچەئۆزۈمنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۆزەمنى   ئەيىپلەپ،   سەل تەتۈر بولۇپ قالدىممۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. كېيىن توردىن مۇنداق بىر ماتىرىيالنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى. ماتىرىيالدا مۇنداق يېزىلغان ئىدى:ــ ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىغا ئاساسلانغاندائەگەر بىر ئادەم چارچاش،ھالىدىن كېتىش   تۇيغۇسىغا كەلسە ياكى ئۆزىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالسابۇ يالغۇز شۇ كىشىگىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي يەنەشۇ كىشىنىڭ دوستلىقى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىكەن.

‹‹ زەھەرلىك ›› دوست دىگەنلىك   گەپ -سۆز ياكى ئىش ھەركىتى ئارقىلىق كىشىنى تەڭلىكتە قويىدىغان ، كىشىنى چارچىتىدىغان، كەيپىنى ئۇچۇرىدىغانئاخىرىدا تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان دوستنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇلار ‹‹زەھەرلىك دوست››نى مۇنداق بىرقانچە تۈرگە ئايرىپتۇ:--

يوشۇرۇنچە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تىپتىكىلەر: بۇنداق دوست سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك بايرىقىنى كۆتىرىۋېلىپ سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىز، ئادىتىڭىز ھەم ئىش ھەركەتلىرىنىڭىزنى ئاسترىتتىنتەنقىدلەيدۇ.

توختىماي سۆزلەيدىغان تىپتىكىلەر: ئامال قىلىپ خەقنىڭ دىققىتىنى تارتسام دەپ ئويلايدۇ،ئۇنداقلارنىڭ ئىختىيارىچەبولسا سىز ئۇنى ھەرزامان چۆگىلەپ كېتەلمىسىڭىز، پ گەپنىڭ ھەممىنى شۇلا قىلسا، سىز خۇددى ياغاچ ئادەمدەك ئاڭلاپ بەرسىڭىز.

شەخسىيەتچى، ئۆزىنىلائويلايدىغان تىپتىكىلەر: دوستلۇقنى قارماق قىلىۋېلىپ،ئۈلۈك تىرىكىڭىز بىلەن كارى يوق، ئۆزىگىلا يول قويۇشقا قىستايدۇ.مەسلەن ئەتە سەھەردە ئىشقا چىقىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ كېچىچە ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ ئويناشقا قىستايدۇ.

ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان تىپتىكىلەر: بازارغا بارىمىز دەپ ئالدىن كېلىشىپ قويغان بولساڭلارمۇ بۇنىڭدىن كۆڭۈللۈكرەك ئۇچرىشىش بولسائاخىرقى پەيتتە ھىچ ئىككىلەنمەي سىزنى تاشلاپ كېتىۋېرىدۇ.

دىلى نازۇك مىسكىن تىپتىكىلەر:دائىم سىزگە زارلاپ بېرىدۇ، بىراق مەسىلىنى ھەل قىلماي سىزنى چارچىتىۋېتىدۇ. سىزنى كۆڭۈل يارىسىنىداۋالايدىغان ھەقسىز داۋالىغۇچى قىلىۋالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىچىك ئىشنى يوغانتىشقا ئامراق تىپتكىلەر بىلەن تەتۈر يول تۇتىدىغانلارمۇ بار.

قاراپ باقسام كىچىكىمدە تۇتقان يېقىن دوستۇم لى ھازىر مەن ئۈچۈن ‹‹ زەھەرلىك دوست›› قا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن.

يىللارنىڭ ئىزناسى، تۇرمۇشنىڭ ئۆزگۈرىشى ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.   دوستۇمنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، ھەسەتخورلىقى،مۇدئەسسىپلىكىسەۋەپلىك بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىككىمىزنىڭ گېپى پەقەتلابىر يەردىن چىقمايدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇنداق نەتىجە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلسىمۇ بىراق بۇنداق دوستتىن يىراق تۇرۇشمۇ بەلكىم مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولىشى مۈمكىن

دوستلۇقنى شۇنچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمغا قارىمايبۇنداق‹‹زەھەرلىك ›› دوستلۇقتىن ۋاز كېچىش ماڭا كۆپرەك خوشاللىق ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس.

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 23:17:33

بەزىلەر مالۇ دۇنيارىمغا دوست،

تۈگكىچە يانچۇقتا بارىمغا دوست،

.................................



ئېيتىۋاتاتتى بىر ناخشىدا.......

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 03:47:02

ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ دەردى يوقتەك ئەتىدىن كەچكىچە قاقشاپ چىقىدىغان، ئاندىن كىيىم-كېچەك ياسىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ۋە كەچكىچە خۇددى ئۆزى بەك مۇكەممەلدەك خەقنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرىۋېلىپ تەنقىتلەپ چىقىدىغان ئادەملەر بىلەن باردى كەلدى قىلىشنى ھەتتا بەش مىنۇت ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشنىمۇ بەك ھار ئالىمەن .

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 10:20:04

1- قەۋەتتىكى umidwar99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزىلەر مالۇ دۇنيارىمغا دوست،

تۈگكىچە يانچۇقتا بارىمغا دوست،

.................................



كۇلسە يالغان قاملىشار راس كۈلكىدەك


زادى تۇگمەس ھىيلىس قۇۋ تۇلكىدەك


دەپمۇ بار




بەت: [1]
: [تەرجىمە]‹‹زەھەرلىك دوست››