zulum612 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 08:37:06

ئارزۇ تولدۇرۇشتا جىددى ياردەم كىرەك!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

بارلىق تورداشلار مەن ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئازراق قىينچىلىققا يولۇققان ئىدىم.ياردەم قىلساڭلار. مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ يۇمشاق دىتال لاھىيلەش، پىروگىرامما تۈزۈش كەسپىدە ئوقۇماقچى ئىدىم. قارىسام بۇر مۇنچە تۈرلەر تۇردۇ مەن قايسىنى تاللاش پەقەت بىلەلمەيلا قالدىم. شۇڭا مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ مىنىڭ قىينچىلىقنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ بىرشىنى سورايمەن.

مەن يوللۇققان مەسلە:

1. ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستىمىسى

2. ئۇچۇر ۋە كومپيۇتېر ئىلىمى

3. كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە تىخنىكىسى

4. ئىلىكتىرۇن ئۇچۇر قۇرلۇشى

5. ئىلكتىرۇن قۇرلۇشى ۋە ئۇنى ئاپتىماتلاشتۇرۇش

مۇشۇ تۇرلەرنىڭ قايسى يۇمشاق دىتال لاھىيلەش، پىروگرامما تۈزۈش تۈرىگە كىرىدۇ.



كەڭ تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلشڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.



2013- يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 09:13:23

1،2،3 تۇردىكىلەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ماس كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن كەلگۇسىدە كۆمپىيۇتىرغا سېستىما قاچىلاش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلالايسىز   {:90:}  ....

4،5 دېگەنلەرگە ئېلېكتىر ئارلىشىدۇ ، كومپىيۇتىرمۇ ئۆتىدۇ لېكىن كەسىپ يۆنىلىشى قاتتىق دىتالغا پىروگىرامما يېزىش ، مەسىلەن سىڭدۇرمە سىستما ، مىكرو كونتىروللىغۇچ ، مىكرو كومپىيۇتىر قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىپ قالىدۇ . قولىڭىزغا داغمال ئېلىپ ئەمەلىي توك تولىنى پاياتلاش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ .



ش ج ئۇ ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدا كومپىيۇتىر ۋە ئېلېكتىرۇن كەسپى ئېچىلغان . توك يولى مەسىلەن قارشىلىق ، كوندىساتۇر ، كاتوشكا ..... ئوم قانۇنى دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن خوشىڭىز بولمىسا ، ساپ نەزەرىيە پىروگىراممىرى بولماقچى بولسىڭىز 1،2،3 تۇرلەر بولىدۇ .



مەنچە سىزگە 1.2.3 تۈرلەر ماس كەلگۇدەك ...

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 09:14:54

مېنىڭچە ھېچقايسىسى ئەمەس، 2،3لىرى ئازراق يېقىن كېلىدۇ شۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 09:29:18

1-جىسى يۇمشاق دېتاق دېتال تۈزۈش ئەمەس، ئاساسەن يېقىن كەلمەيدۇ.

2-جىسى بىلەن 3-جىسى سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ئازراق يېقىن كېلىدۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ كەسپلىرى ئەمەس. بەلكى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ كەسپلىرى.

4-جىسى قاتتىق دېتال تەرەپكىرەك ياتىدۇ. يەنى كومپىيۇتېر ياكى يۇمشاق دېتال كەسپى ئەمەس.

5-جىسى ئېنىقلا ئېلېكتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ كەسپى، ساپلا توك يولى ئۆگىنىدىغان ئىش.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:17:22

3-سى شۇ.

4-5-سىگە يېقىن يولاپ قالماڭ،بولمىسا تېلگراف ئىدارىلىرىدە تونۇشىڭىز بولمىساخىزمەت تاپالمايسىز، جەميەتتە ئەسقاتمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ..... \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:18:23

شۇ كەسپتە ئۇقۇۋاتقانلار ئۆگىنىدىغان پەنلەرنى بىر -بىرلەپ دەپ بەرسەڭلار ، ئاندىن تېىخىمۇ توغرا تاللىغىلى بۇلىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:30:23

http://kaoshi.edu.sina.com.cn/college/m/080611.shtml


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:33:30

软件工程           所属类别:工学 > 电气信息类 学年:4年 授予学位:工学学士

主要课程:C/C++程序设计、Java程序设计、数据结构、计算方法、编译原理、软件工程、操作系统原理、数据库系统原理、网络数据库、计算机网络技术、微机原理及汇编语言程序设计、基于Web的程序设计、软件开发技术、软件测试技术、多媒体技术、网络安全技术等

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:34:25

http://kaoshi.edu.sina.com.cn/collegedb/majorlist.php?_action=t&majorname=软件工程

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 11:22:53

مەن بىر دەپ باقاي ، ئۇنۋېرستىت دېگەن شۇنداق يەر ھەممە ئادەم قاقشاپ قويىدۇ ئۆز كەسپىدىن.

لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىڭ سىز ھاياتىڭىزنى قانداق تاللىسىڭىز ھاياتىڭىز شۇنداق بولىدۇ.سىز قايسىلا كەسىپكە بېرىڭ ھەممىسى ئوخشاش ، ئوخشاش مۇھىت ، ئوخشاش شارائىت بار ، ئۇنۋېرستىتتا مۇئەللىم قولىڭىزنى تۇتۇپ ئۆگىتىپ قويمايدۇ، مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسى ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆگنىش مۇھىتى ... قاتارلىق شارائىتلار ئۆگنىمەن دېسىڭىزلا ھەممىسى تەييار ، بىر يىل ئوقۇۋېلىپ ئاندىن باشلاي دەپ يۈرمەڭ ، دەرسنى ئۆگىنىپ ھۆددىسىدىن چىقىۋېتىپ قالغىنىنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئۆگىنىڭ، ئۆگىنەي دېسىڭىز ۋاقىت بەك كۆپ، شارائىتمۇ بەك ياخشى، كەسىپ بىلەنلا ھەممە نەرسە پۈتۈپ كەتمەيدۇ.

كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇپ سېستىما قاچىلاشنى بىلمەيدىغانلارنى، ئەدەبىياتتا ئوقۇپ كومپىيۇتېرنى ژىتىۋەتكەننى كۆپ كۆرۈپ كەتتىم.

قىسقىسى ھەممە نەرسە ئۆزىڭىزگە باغلىق ، قانداق ئادام بولۇش ئىستىكىڭىز بولسا شۇنداق بولالايسىز.



شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى سىز ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۆگنىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ(تىرىشسىڭىزلا)

مەكتەپتىن كەسىپتىن قاقشىغان ئادەمنىڭ بىرمۇ گېپىگە ئىشەنمەڭ.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 11:29:58

97-يىلى كومپىيوتىر بىلەن تونۇشۇپ، 98-يىلىدىن باشلاپ ئۆزلىكىمدىن C تىلى ئۈگەنگەن. 99-يىلى كومپىيوتىر دەرىجە ئىمتاھانىنى C تىلىدا بېرىپ ئۆتكەن ئىدىم. 2000-يىلىدىن باشلاپ VB,VC لارغا كۆچىۋالغان. ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغان كەسپى باشقا، كومپىيوتىر، پروگرامما دىگەنلەر بىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى يوق. ھازىرمۇ ئانچە مۇنچە شۇغۇنلىنىپ قويىمەن. پەقەت ئۆزەمنىڭ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا.

يۇمشاق دىتال لايھەلش، پروگرامما تۈزەش جەھەتتە ئۆزۈمىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئېيتسام:

1. ئېنگىلىز تىلىدا مۇئەييەن ئاساس بولىشى كېرەك، ناۋادا ياخشى ئۈگۈنۈپ كەتسىڭىز تېخى ياخشى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياردەم ئۇچۇرلىرى، ئۈلگە پروگرامما، ھەقسىز پروگرامما ئاساسەن ئېنگىلىز تىلىدىكى توربەتلەردە. خەنچە تور بېكەتلىرى ھەممىسى دىگۈدەك ئوغرى، ياكى ئېنگىلىزچىدىن ئوغۇرلاپ ئەكىلىدۇ ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭكىنى ئوغۇرلايدۇ. ھەقىقى نەپ تېگىدىغان ماتىرياللارنى تاپماق بەك تەس.

2. مەيلى قايسى پروگرامما تىلىنى ئۈگەنگەن بولۇڭ جەزمەن بىرنىلا تۇتۇپ باشقا ئېلىپ چىقىڭ، شاختىن - شاخقا سەكرەيدىغان ئىشنى قىلماڭ. بىر تىلىنى باشقا ئېلىپ چىقىۋەتكەندە، باشقا تىللارنى ئۈگۈنۈش ئاسانغا توختايدۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام C تىلىنى مۇكەممەل ئۈگەنگەندىن سىرت، باشقا تىللارنى مۇنتىزىم ئۈگۈنۈپ باقمىغان بولساممۇ، لىكىن ھازىرقى مودا تىللارنىڭ ھەممىسىدىلا ئاساسەن پروگرامما تۈزەلەيمەن. ھازىقى مودا كومپىيوتىر تىللىرى ئاساسەن C ۋە basic

ئىككى كومپىيوتىر تىلىدىن تۈرلىنىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.

3. چىدامچان بولىشىڭىز كېرەك، گەرچە توردىكى تەييار پروگىراممىلاردىن پايدىلانغاندا، ۋاقىتنى كۆپ تىجەپ قالغىلى بولسىمۇ، ئىمكان قەدەر بېۋاستە كۆچۈرمەي، ئۆزىڭىز بېسىپ كىرگۈزۈڭ. بۇ ئادەتنى بىر تىلنى مۇكەممەل ئۈگۈنۈپ بولغىچە قەتئى داۋاملاشتۇرۇپ بولۇش كېرەك.

4. ئەمدى سىز تېمىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقىي مەخسەتكە كەلسەك، مەن يۇقۇردا دىگەندەك پروگرامما لايھەلەش ئۈچۈن سىزدە يېتەرلىك ۋاقىت بولسىلا ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنىۋالغىلىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەممىمىزگە ئايان، بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئارزۇيىڭىزنى قاتتىق دىتالغا مۇناسىۋەتلىك 5 تۈرگە قاراتسىڭىز ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم. پروگرامما تۈزەش ساھەسىدە چوڭ ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەنسىز قاتتىق دىتال بىلەن جەزمەن تونۇشلۇق بولشىڭىز كېرەك.

بالام بەك يىغلاپ خاپا قىلىپ كەتتى، يەنە پۈرسەت بولسا تەپسىلى قىلىپ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويىمەن.

uggame يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 12:13:28

بىرىنجىسى ئىقتىسات ۋە باشقۇرۇش فاكولتىتىنىڭ كەسپى بولسا دەل مەن ئوقۇغان كەسىپ شۇ بولىدۇ.

كەسىپتە ئاساسەن ئىككى يىل ئىقتىساد+ئىككى يىل (كومپىيوتىر+ ئىقتىسات) ئۆگىنىسىز، ماتىماتىكا جەھەتتىن سىتاستىكا جەھەتتىكى پەنلەردە سەل قىينالغانمەن.

پۈتتۈرگىچە كومپىيوتىردىن ساۋادىڭىزنى چىقىرۋالالايسىز.

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 12:14:11

مېنىڭچە ئۈستىدىكى 3 تۈرنى نەزەردىن ساقىت قىلۋېتىڭ ، ئاستىدىكى 2 سىگە قىزىقالىسىڭىز ۋە ئۆگىنىپ باشقا ئەپ چىقالىسىڭىز مېنىڭچە ئىستىقبالى زور كەسىپلەر . ئۈستىدىكى بىر تورداش دېگەندەك كومپىيۇتېر پىروگرامما تىلىنى ئۆزىڭىز قىزىقسىڭىزلا ، چۇيۇندەك مۇستەھكەم كۆتىڭىز بولسىلا ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز ، لېكىن تېخنىكا ئۆگىنىمەن دەيدىكەنسىز ، ئاستىدىكى 2 تۈرنى ئاسانلىقچە ئىگەللەش مۈشكۈل ، شۇڭا ئاشۇ ئىككى تۈرنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ .

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى قاتتىق دېتال تېخنىكىلىرىمۇ كومپىيۇتېر پىروگرامما تىلىدىن ئايرىلالمايدۇ ، شۇڭا پىروگرامما دەرسىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن . مېنىڭچە 5 تۈرنىڭ ئىستىقبالى بار ، 4 تۈردە خەۋەرلىشىش ، يىراق مۇساپىلىق ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش دېگەندەك دۆلەت ئىچىدىكى مۇنۇپۇل كەسىپلەر ئۆگىتىلىشى مۇمكىن .

ilham08 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 13:24:17

zulum612نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

بارلىق تورداشلار مەن ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئازراق قىينچىلىققا يولۇققان ئىدىم.ياردەم قىلساڭلار. مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ يۇمشاق دىتال لاھىيلەش، پىروگىرامما تۈزۈش كەسپىدە ئوقۇماقچى ئىدىم. قارىسام بۇر مۇنچە تۈرلەر تۇردۇ مەن قايسىنى تاللاش پەقەت بىلەلمەيلا قالدىم. شۇڭا مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ مىنىڭ قىينچىلىقنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ بىرشىنى سورايمەن.

مەن يوللۇققان مەسلە:

1. ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستىمىسى

2. ئۇچۇر ۋە كومپيۇتېر ئىلىمى

3. كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە تىخنىكىسى

4. ئىلىكتىرۇن ئۇچۇر قۇرلۇشى

5. ئىلكتىرۇن قۇرلۇشى ۋە ئۇنى ئاپتىماتلاشتۇرۇش

مۇشۇ تۇرلەرنىڭ قايسى يۇمشاق دىتال لاھىيلەش، پىروگرامما تۈزۈش تۈرىگە كىرىدۇ.



كەڭ تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلشڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.



2013- يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى

مەنمۇ شۇ كەسىپتە ئوقۇي دەيمەن

qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 13:34:24

بىرىنجى كەسىپ ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتوتلىرىدا بوللىدۇ، شۇڭا ئىقتىساد ئاساسلىق ئۆتىدۇ قوشۇمچە كومپىيوتېر ئۆتىدۇ،شۇڭا ھەرگىز كومپىيوتېر كەسپى دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى 信息管理与信息系统 .

ئىككىنجى كەسىپ ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماتىماتىكا ئىنىستىتوتلىرىدا بولىدۇ، شۇڭا ماتىماتىكىنى ئاساسلىق كومپىيوتېرنى قوشۇمچە ئۆتىدۇ ، بۇنىمۇ كومپىيوتېر كەسپى دەپ ئويلاپ قالماڭ. خەنزۇچە ئىسمى 信息与计算科学.

ئۈچىنجى كەسىپ كومپىيوتېر كەسپى شۇ ، خەنزۇچە ئىسمى 计算机科学与技术.

تۆتىنجى كەسىپنى تازا چۈشەنمەيدىكەنمەن، خەنزۇچە ئىسمى 电子信息工程

  بەشىنجى كەسىپنىڭ خەنزۇچە ئىسمى 电气工程及其自动化. بۇ كەسىپ فىزىكا بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭراق كەسىپ. توك بىلەن ھەپىشىدىغان كەسىپ.

كەسىپنىڭ ئىسمىنى بەيدۇلىسىڭىز كەسىپنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە قانداق دەرسلەرنى ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز، تەپسىلى ئوقۇپ تاللاڭ .

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرلىشى دەپ كەسپى باتتى (软件工程)، يىلدا توققۇزمىڭ كوي ئالىدىغان ، سىلەرگە ئۇ كەسىپنى بەرمەپتۇدە ، مىنكاۋخەنلەرنى ئالىدۇ دپ ئاڭلىغانتىم.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 13:54:21

ئۇچۇر ئىلمى ۋە ئىنژىنىرلىقى ئىنىستىتوتى 信息科学与工程学院 نىڭ ھېچبىرخىل كەسپىدە يۇمشاق دىتال لاھىيلەش،پروگرامما تۈزۈشنى مەخسۇس ئۆگەتمەيدۇ. پروگرامما تىلى ئوقۇتىشى C ۋە C++ دىلا توختايدۇ، دەرىس سائىتى ئاز، قالغىنىنى ئۆزلىگىڭىزدىن ئۆگىنىسىز. بۇ ئىنىستىتوتتا سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ئەڭ ماس كېلىدىغان كەسىپ بار دىيىلسە 3- چىسى، يەنى \"كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە تىخنىكىسى\" دىگىنى شۇ.

يۇمشاق دىتال ئىنىستىتوتى 软件学院 دەپ بىر ئىنىستىتوت بار. 2-دەرىجىلىك ئىنىستىتوت ھىساپلىنىدۇ، شۇنىڭ يۇمشاق دىتال كەسىپلىرى بولىشى مۈمكىن، سىزگە ئەڭ ماس كەلسە كىرەك. بۇ ئىنىستىتوتنىڭ ئالاھىدىلىكى : 1. ئوقۇتۇش رايۇنى شىمالى مەكتەپ رايۇنىدا 2. ئالي مەكتەپتىن قوبۇل قىلىش نومۇرس سىزىقى تۆۋەن 3. ئوقۇش پۇلى يۇقرى 4. دەرىس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ دەرىس ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش كەيپىياتى يۇقرى بولىشى ناتايىن، پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق.




kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 13:59:02



مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ يۇمشاق دىتال لاھىيلەش، پىروگىرامما تۈزۈش كەسپىدە ئوقۇغۇم بار دەپسىز .

بۇ كەسىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىدا ،ئادەتتە مىللى تىلدا (ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز تىللىرى )(توغرىسى يېزىقمۇ؟يېزىقچە بىرىمىزغۇ ئىمتىھاننى) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان كەسىپلەر تىزىملىكىدە يوق .

قوش تىل تەجرىبە (ھازىر رەسمىلىشىپ بولدىغۇ؟) سىنىپىدا ئوقۇغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، خەنزۇۋانلار(خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان مىللى ئوقۇغۇچىلار) نىڭ ۋە خەنزۇلارنىڭكىدە بار .دېمەك تولۇق ئوتتۇرىدا ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇغان بولسىڭىز(قوش تىلدا ئەمەس دېمەكچى)،بۇ كەسىپنى تاللىيالمايسىز.

دېمەكچى بۇ كەسىپكە مىللى ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلمايدۇ.

يۇقىرىدا سىز دېگەن بەش كەسىپكە مىللى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەربىر كەسىپكە ئاز بولغاندا 30-40، كۆپ بولغاندا 70-80 ھەتتا يۈزلەر ئەتراپىدا ساندا قوبۇل قىلىدۇ، ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىنغانلار سانى ھەر يىلى ئوخشاش بولمايدۇ .



ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەسىپنىڭ ئوقۇش پۇلى باشقا كەسىپلەرنىكىدىن خېلىلا يۇقىرى، يىللىقى 9800 يۈەن ( ئوقۇش پۇلىلا). (بۇ تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى باھا، ھازىر قانداق بىلمىدىم ).



يۇقارقى سىز تىزغان كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە يۇمشاق دېتال تۈزۈش ،پىروگرامما يىزىشقا ئەڭ يېقىن كىلىدىغىنى 2.چىسى كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى (مەن ئوقۇغان ۋە بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان كەسىپ)، سىزنى ئوقۇماڭ دېمەيمەن ، ئوقۇسىڭىز بولىدۇ ،لېكىن مەكتەپتە سۆزلىگىنىگىلا قاراپ قالسىڭىز كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلمەيسىز ، ئۆگەنگەنلىرىڭىز كۆپىنچىسى نەزىرىيە خارەكتىرلىك بىلىملەر، يۇقارقى تورداشلار دېگەندەك مەنبەدىن ،دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىسىڭىز،كۆپ نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز ئۆگىنىسىز ،ئۆگىنەلەيسىز …

marjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 14:08:13

14- قەۋەتتىكى qalaziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرىنجى كەسىپ ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتوتلىرىدا بوللىدۇ، شۇڭا ئىقتىساد ئاساسلىق ئۆتىدۇ قوشۇمچە كومپىيوتېر ئۆتىدۇ،شۇڭا ھەرگىز كومپىيوتېر كەسپى دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى 信息管理与信息系统 .

ئىككىنجى كەسىپ ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماتىماتىكا ئىنىستىتوتلىرىدا بولىدۇ، شۇڭا ماتىماتىكىنى ئاساسلىق كومپىيوتېرنى قوشۇمچە ئۆتىدۇ ، بۇنىمۇ كومپىيوتېر كەسپى دەپ ئويلاپ قالماڭ. خەنزۇچە ئىسمى 信息与计算科学.

ئۈچىنجى كەسىپ كومپىيوتېر كەسپى شۇ ، خەنزۇچە ئىسمى 计算机科学与技术.

تۆتىنجى كەسىپنى تازا چۈشەنمەيدىكەنمەن، خەنزۇچە ئىسمى 电子信息工程

بەشىنجى كەسىپنىڭ خەنزۇچە ئىسمى 电气工程及其自动化. بۇ كەسىپ فىزىكا بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭراق كەسىپ. توك بىلەن ھەپىشىدىغان كەسىپ.

كەسىپنىڭ ئىسمىنى بەيدۇلىسىڭىز كەسىپنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە قانداق دەرسلەرنى ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز، تەپسىلى ئوقۇپ تاللاڭ .

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرلىشى دەپ كەسپى باتتى (软件工程)، يىلدا توققۇزمىڭ كوي ئالىدىغان ، سىلەرگە ئۇ كەسىپنى بەرمەپتۇدە ، مىنكاۋخەنلەرنى ئالىدۇ دپ ئاڭلىغانتىم.

توغرا جاۋاپ بىرىپسىز ، 1- جىسى ئادەم ئۇقۇيدىغان كەسىپ ئەمەسكەن ، خىزمەت يوق ، پەقەت كەسىپ تاللىمايدىغان ئىمتىھانغا ئاران يارايدۇ ، مەكتەپلەر مۇشۇنداق ئاقماس كەسىپنى ئېچىپ نىمە قىلىدىغاندۇ دەيمەن !

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 14:18:13

قىزىقىشىڭىزغا ۋە سىز يوللىغان بەش تۈرلۈك تاللاشقا ئاساسلانغاندا 3-سىنى تاللىسىڭىز سىزگە ئەڭ ماس كەلگۈدەك. بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشاشلىقى يۇقىرى كەسىپلەركەن (5-سى ئېنژىنىرلىق كەسپى، كومپىيۇتىر بىلەن ئالاقىسى چوڭ ئەمەس)، ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشى بۇ كەسىپلەرنىڭ قايسىسىدا ئوقۇماڭ پۈتۈنلەي سىزنىڭ قانداق ئوقۇشىڭىزغا باغلىق. كومپىۇتىر ئىلىمى ۋە تېخنىكىسىدا ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەرنىڭ سانى سەل ئازراق (تولۇق كۇرستا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بىر ياتاقدىشىم شۇ كەسىپتە ئوقۇيتتى)، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئېنگلىز تىلى ۋە باشقا كومپىيۇتىر بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگىنىشىڭىزگە كۆپرەك ۋاقىت چىقىدۇ. بۇنى خالىمىسىڭىز 4-سىنى ئوقۇسىڭىز دەرىسلىرى بىر قەدەر كۆپرەك (شۇ ۋاقىتلاردا نەۋرە ئاكام مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇغان). 1،2،5نى تاللىسىڭىز سىز كۆزلىگەن مەقسەتكە بەك يىقىنلاشمايدۇ. 3 ۋە 4-كەسىپلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى 信息科学与工程学院 دىگەن فاكۇلتىتتا، پىرافىسور ھوشۇر ئىسلاممۇ مۇشۇ فاكۇلتىتتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىڭىز بۇ ئىككى كەسىپتىن قايسىسىدا ئوقۇشىڭىزدىن بەكرەك قانداق ئوقۇشىڭىزغا باغلىق. سىزگە ئامەت تىلەيمەن، ئۇكام. ياخشى ئوقۇڭ!

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 14:46:56

مەن رەت تەرتىپىنى خاتا كۆرۈۋاپتىمەن ،3.چىسى كەنتۇق مەن 2.دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن .
بەت: [1] 2
: ئارزۇ تولدۇرۇشتا جىددى ياردەم كىرەك!