بېكھام بارى بىلەن كۆرۈشتى .
6- ئاينىڭ 18- كۈنى بېكھام ئۇيغۇر پۇتبۇلچى بارى بىلەن كۆرۈشتى .
خەۋەر مەنبەسى : شىنلاڭ
ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ لىكىن... ياخشى باشلىنىش!كىرىشتۈرۈلگەن رەسىم ئەمەستۇ ؟
ياق، كىرىشتۈرۈلگەن ئەمەس، بارىنىڭ سىنا مىكروبلوگىدا ئۆزى يوللاپ قويوپتۇ.
راستكەن ، ئاپىرىن ئارسلانلىرىمىزغا . ھازىر مەنمۇ توردىن كۆردۈم . قىسماقلارنىڭ كۆۋرىكى ئىچىشىپ كەتكەندۇ ھە {:92:} مەن مۇنداق چۈشەندىم، بىكھام جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل مۇسابقىسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتملىق سەپىرىدە شۈنتىيەن كوماندىسىغا باردى. بۇ چاغدا بارى بۇ كوماندىدا ئىدى. ئەگەر بىكھام ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىدە خىڭدا(ياكى باشقا خالىغان كوماندا)نى تاللىغان بولسا، بۇ پۇرسەت كەلمىگەن بولاتتى.
يالغۇز بارى بىلەن كۆرۈشكەنمىدۇ . بوپتۇ. بارى ئۆزىنىڭ 7 دىگەن نومۇرىنى بىكخامغا كۆرسىتىۋېتىپتىمۇ نىمە؟ ياشا يىگىت، توپنى تېخىمۇ ياخشى تەپ بېكھام مۇھىممۇ ئېشەكمۇ؟ {:92:} تاقا-تۇقا ئويلاپ كىتىپتىمەن ،
بارى بىكھام بىلەن كۈرۈشسە بىكھامغا شەرەپ كىلەمدۇ ياكى بارىغىمۇ ، ئۇنداقتا بىكھام بارى بىلەن كۈرۈشسىچۇ ؟
بىكھامنىڭ ئىسمى بېشىدا چىقسا ئاساسى گەپ بىكھام ئۈستىدە بۇلۇپ قالمامدۇ ...شى جىنپىڭ ئوبامابىلەن كۈرۈشتى دىسەكچۇ ؟
ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن ئىككىسى بىر يەردە جەم بولغان گەپ ، دىمەك ، بارى دۇنياۋى چولپان بىلەن ئۇچراشتى ، دېھقانچە تىلغا يۇلۇققاندا « خىزىر» غا يۇلۇقتى .....
ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى بارىدىن ئۈمىت كۈتىمىزمۇ ياكى ھازىرچە پەخىرلىنىپ تۇرىمىزمۇ ؟؟
تور ئارىلاپ سەل چارچاپ قالدىم ....
ھەممىنى ئاللاھ ئامان - ئىسەن قىلغاي ...گۈزەل چۈشلەرنى كۈرۈشكە نىسىپ قىلغاي .... ئەسلى دۆلەت كوماندېسىغا مۇشۇندا باللارنى ئەكىرىش كىرەكتى بوپتۇ، بوپتۇ، بارى بېكخام دەپ لەقەم سىڭىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس. بېكخامدىن ئۆگىنىپ توپنى بەلەن ئوينايلى ھە بارى ئۇكام!
7- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يالغۇز بارى بىلەن كۆرۈشكەنمىدۇ .
مەن كۆرگەن باشقا خەۋەرلەردە شۈنتىيەن كوماندىسىدىكى باشقا ئەزالارمۇ بىكھام بىلەن رەسىمگە چۈشكەن چىراي.
12- قەۋەتتىكى izdiniman110نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسلى دۆلەت كوماندېسىغا مۇشۇندا باللارنى ئەكىرىش كىرەكتى
ئاغزىڭىزغا تاش تۇپراق ....................
بارى ئۇ چوشقا قوتىنى تەرەپكە قاراپمۇ تاشلىمىغىيتې........................
رەسىمگە چۈشسە چۈشكەندۇ....چىقارمىغان مۇشۇندا تىما قالغان ئىزدىنىشتىا.
ئىزدىنىشتا چاپلانمىچىلىق ئاينىپ كەتتى تاڭ مۇشۇ يېقىندا...
6-ئاينىڭ 91-كۈنى دىگەن قانداق گەپ ئوڭ بۈرجەك ئۈستىدە ئىزدىنىش دىگەن گەپنىڭ ئاسىتىدا شۇنداق تۇردىيا ... مىنىڭ كومپىيوتىرىم شۇنداقمىدۇ يا ؟دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسى سېسىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى.
جوڭگو پۇتبول كوماندىسى دېگەن خەتتىن جوڭگو دېگەن خەتنى ئېلىۋەتسۇن.
خەن يولداشلارنىڭ تورىنى قاپلاپ كېتىپتىغۇ ئا گەپلەر...
خوش بارىنى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا ئەكىرسىنمۇ؟
بەزى نومۇسسىزلارنىڭ كونا خاماننى سورۇپ گەپ ئاۋۇتقۇسى باركەندە؟
بەت:
[1]
2