izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 22:17:02

ئىنسان گېنىگە پاتنىت تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ

     ئامېرىكا ئالىي سوتى پەيشەنبە كۈنى  بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجە گېنلىق ئۆزگىرىشچان تەنچىنى ئايرىش ھەرگىزمۇ پاتنىت تەلەپ قىلغۇدەك كەشپىيات ئەمەس دەپ قارار چىقاردى.بۇ  قارار تەتقىقاتچىلارنىڭ گېنلىق  تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئاسانلىق يارتىدۇ.

   ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى قارارىدا ئىنسان گېنى ۋە گېنغا مۇناسىۋەتلىك  ئۇچۇرلار ھەرقانداق تببىي تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پاتنىت  تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ دىيىلدى.شۇنىڭ بىلەن گېنلىك تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلىش ئاسانلىشىشى ۋە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ گېنلىق تەكشۈرۈش قاتنىشى ئەرزانلىشدۇ دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.

   ئۇشبۇ بىرەك ماقۇللانغان قارار بىر قېتىملىق  ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان ئاياللاردىكى  تۇخۇمدان ۋە كۆكرەك راكى خەتەرىنىڭ يۇقىرىلاپ كىتىشىنى ئالدىن بىلگىلى بولىدىغان مەلۇم  گېنلىق ئۆزگىرىشچان تەنچىنىڭ  پاتنىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان دىلودا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گېنلىق تەكشۈرۈش مەسلىسى يىقىندىن بۇيان خەۋەرلەردە  داڭلىق ئارتىس ئەنجۇلىينا  جۇلىينىڭ ئاشۇ دىلوغا چىتىشلىق شىركەت تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلىغان گېنلىق تەكشۈرۈشىدە تۇخۇمدان ۋە كۆكرەك راكى خەتەرىنىڭ يۇقىرىلىقى توغرىسىدا دىياگونۇز قويۇلغاندىن كىيىن  ئىككى قىتىم كۆكرەك ئوپىراتسىي قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ئاشكارلاندى.

Myriad Geneticsگېن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات شىركىتىنىڭ  گېن پاتنىتى تەلەپ قىلىشىنى ئامېرىكا ئالىي سوتى بىكار قىلىپ مۇنداق دىدى:<گەرچە ئۇشبۇ شىركەتنىڭ گېنلىق ئۆزگىرىشچان تەنچىنى ئايرىش  توغرىسىدكى تەتقىقاتى گەرچە مۇھىم بۆسۈش خاراكتىردىكى نەتىجە بولسىمۇ،لىكىن بۇ پاتنىت سۇنىدىغان كەشپىيات ئەمەس>.

مەنبە:ياھۇ تورى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 08:45:56

ياخشى خەۋەركەن، لىكىن تەرجىمە سەل چۈشىنىكسىز چىقىپ قاپتۇ.

گەپنىڭ پوستكاللىسى مۇنداق: ئىنسانلار گېنلىرى ئىچىدىكى BRCA1 ۋە BRCA2 دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل گېن ئۆزى ئىپادىلەنگەن ھۆجەيرىلەردىكى باشقا زەخمىلەنگەن گېن (DNA) لارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئەگەر مۇشۇ گېنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى زەخمىلەنگەن بولسا ئۇ ھالدا ئەمچەك راكى ۋە تۇخۇمدان راكىنىڭ كىلىپ چىقىش خەۋىپىنى يۇقىرىلىتىۋىتىدۇ. بۇ گېنلارنى 1994-يىلى Myriad Genetics مىرىياد گېنتكىسى نامىدىكى شىركەت تۇنجى بولۇپ كلونلاپ چىققان (گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلاپ چىققان)، شۇنداقلا بۇ گېنلارنى تەكشۈرۈش پاتىنىت ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزىۋالغان. شۇنداق بولغاچقا بۇ خىلدىكى گېنتىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمچەك راكى ۋە تۇخۇمدان راكى خەتىرىنى ئالدىن بايقاشنىڭ تەننەرخى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئامرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ خىل پاتېنىتنى بىكار قىلغان چۈنكى ئۇلار تەبىئەتتە ئۆزى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان گېنلارنى قانداق ئايرىپ ئىلىپ تەرتىپىنى ئېنقلاشنىڭ ئۆزى بىر كەشپىيات ئەمەس، شۇنداقكەن پاتېنىت ھوقۇقى بىرىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان. شۇنداق بولغاندا ھەممە دوختۇرخانىلار خالىغان ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى گېنتىكىلىق تەكشۈرۈشنى ئىلىپ بارالايدۇ. دوختۇرلار نۆۋەتتە بۇ زور قارار بىمارلار ئۈچۈن ناھايتى پايدىلىق ھەم بىمارلارنىڭ كۈتۈنۈشىنى يەنىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 08:58:41

بۇ ھۆكۈمنى يەنە باشقا ئىلىم پەن ساھەسىدىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىمۇ تەدبىقلاشقا بولدىغانلىقىدىن دىرەك بېرەمدۇ ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 09:11:42

مىدىتسىناغا ئائىت يەنە بىر خەۋەرنى بۇ يەرگە قوشۇپ قوياى:

http://newsroom.cumc.columbia.edu/2013/06/18/nyscf-and-columbia-researchers-demonstrate-use-of-stem-cells-to-analyze-causes-and-treatment-of-diabetes/

يۇقىرىدىكى خەۋەردە دىيلىشىچە، كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدىكى غول ھۆجەيرە تەتقىقاتچىلىرى غول ھۆجەيرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىققان. بۇ بايقاش ئاساسلىقى قورامىغا يەتكەن مەزگىلدە باشلىنىدىغان دىئابىت تىپىدىكى (II تىپلىق) كىشىلەرگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئون مىڭ ئادەمدىن بىرى مۇشۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولىدىكەن. كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار تىرە ھۆجەيرىسىدىن ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە (iPS) نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى بېتا ھۆجەيرىلىرىنى مۇۋاپىققىيەتلىك يىتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ بۇ ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىگە يۆتىكىگەندە ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشى نورماللىشپ كېسەل ساقىيدىكەن.

قوشۇمچە: كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى نىيۇيورك شەھرىگە جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋىرىستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتى بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدە ئامرىكىدا 5-قاتارغا تىزىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ بىئو-مىدىتسىنا تەتقىقات سەۋىيەسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك ئىلغار...مۇشۇ ئىنىستىتۇتتا بىر ئۇيغۇر ئاكىمىز تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئالدىنقى ئايدا نەق مۇشۇ كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا دوكتۇر-ئاشتىلىققا ئىلتىماس قىلىپ يۈز تۇرانە ئېمتىھانغا بارغان ئىدىم، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قايىل بولماي تۇرالمىدىم. يۈز تۇرانە ئېمتىھاننىڭ ئەتىسىلا ئۇلار مىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەپسۇس، نۇرغۇن تاللاشلىرىمنىڭ ئالدىدا بۇ مەكتەپتىن كەلگەن تەكلىپنى رەت قىلدىم. بۈگۈن بۇنى كۆرۈپ باشتىن سەل بىر قىسمىلا (خاتا قارار چىقارغاندەك) بوپقالدىم....ئادەم دىگەن ئاجايىپ نەرسە..

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 09:13:52

2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ھۆكۈمنى يەنە باشقا ئىلىم پەن ساھەسىدىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىمۇ تەدبىقلاشقا بولدىغانلىقىدىن دىرەك بېرەمدۇ ؟

===============

بۇ پەقەت مۇشۇ خىل خاراكتىردىكى ئىشلارغا قارىتىلىدۇ. مەنچە ھەممە تېخنىكىنىڭ ھەقىقىي بىر كەشپىيات ئىكەنلىكىگە قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت ئامرىكىنىڭ قارارى، باشقا دۆلەتلەردە قانداق بولىدۇ، بۇنىسىنى بىلمەيمەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 11:06:00

1- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى خەۋەركەن، لىكىن تەرجىمە سەل چۈشىنىكسىز چىقىپ قاپتۇ.

گەپنىڭ پوستكاللىسى مۇنداق: ئىنسانلار گېنلىرى ئىچىدىكى BRCA1 ۋە BRCA2 دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل گېن ئۆزى ئىپادىلەنگەن ھۆجەيرىلەردىكى باشقا زەخمىلەنگەن گېن (DNA) لارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئەگەر مۇشۇ گېنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى زەخمىلەنگەن بولسا ئۇ ھالدا ئەمچەك راكى ۋە تۇخۇمدان راكىنىڭ كىلىپ چىقىش خەۋىپىنى يۇقىرىلىتىۋىتىدۇ. بۇ گېنلارنى 1994-يىلى Myriad Genetics مىرىياد گېنتكىسى نامىدىكى شىركەت تۇنجى بولۇپ كلونلاپ چىققان (گېن تەرتىپلىرىنى ئېنقلاپ چىققان)، شۇنداقلا بۇ گېنلارنى تەكشۈرۈش پاتىنىت ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزىۋالغان. شۇنداق بولغاچقا بۇ خىلدىكى گېنتىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمچەك راكى ۋە تۇخۇمدان راكى خەتىرىنى ئالدىن بايقاشنىڭ تەننەرخى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئامرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ خىل پاتېنىتنى بىكار قىلغان چۈنكى ئۇلار تەبىئەتتە ئۆزى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان گېنلارنى قانداق ئايرىپ ئىلىپ تەرتىپىنى ئېنقلاشنىڭ ئۆزى بىر كەشپىيات ئەمەس، شۇنداقكەن پاتېنىت ھوقۇقى بىرىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان. شۇنداق بولغاندا ھەممە دوختۇرخانىلار خالىغان ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى گېنتىكىلىق تەكشۈرۈشنى ئىلىپ بارالايدۇ. دوختۇرلار نۆۋەتتە بۇ زور قارار بىمارلار ئۈچۈن ناھايتى پايدىلىق ھەم بىمارلارنىڭ كۈتۈنۈشىنى يەنىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىگەن راست گەپكەن، \"\" ئاخشام تىببىي ئاتالغۇلار لۇغىتى تاپالماي ئازراق قىينالغانىدىم.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 11:13:47

3- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىدىتسىناغا ئائىت يەنە بىر خەۋەرنى بۇ يەرگە قوشۇپ قوياى:

http://newsroom.cumc.columbia.edu/2013/06/18/nyscf-and-columbia-researchers-demonstrate-use-of-stem-cells-to-analyze-causes-and-treatment-of-diabetes/

يۇقىرىدىكى خەۋەردە دىيلىشىچە، كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدىكى غول ھۆجەيرە تەتقىقاتچىلىرى غول ھۆجەيرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىققان. بۇ بايقاش ئاساسلىقى قورامىغا يەتكەن مەزگىلدە باشلىنىدىغان دىئابىت تىپىدىكى (II تىپلىق) كىشىلەرگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئون مىڭ ئادەمدىن بىرى مۇشۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولىدىكەن. كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار تىرە ھۆجەيرىسىدىن ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە (iPS) نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى بېتا ھۆجەيرىلىرىنى مۇۋاپىققىيەتلىك يىتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ بۇ ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىگە يۆتىكىگەندە ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشى نورماللىشپ كېسەل ساقىيدىكەن.

قوشۇمچە: كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى نىيۇيورك شەھرىگە جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋىرىستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتى بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدە ئامرىكىدا 5-قاتارغا تىزىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ بىئو-مىدىتسىنا تەتقىقات سەۋىيەسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك ئىلغار...مۇشۇ ئىنىستىتۇتتا بىر ئۇيغۇر ئاكىمىز تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئالدىنقى ئايدا نەق مۇشۇ كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا دوكتۇر-ئاشتىلىققا ئىلتىماس قىلىپ يۈز تۇرانە ئېمتىھانغا بارغان ئىدىم، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قايىل بولماي تۇرالمىدىم. يۈز تۇرانە ئېمتىھاننىڭ ئەتىسىلا ئۇلار مىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەپسۇس، نۇرغۇن تاللاشلىرىمنىڭ ئالدىدا بۇ مەكتەپتىن كەلگەن تەكلىپنى رەت قىلدىم. بۈگۈن بۇنى كۆرۈپ باشتىن سەل بىر قىسمىلا (خاتا قارار چىقارغاندەك) بوپقالدىم....ئادەم دىگەن ئاجايىپ نەرسە..

سىزگە بولغان قايىللىق تىخىمۇ ئاشتى. مۇشۇ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە قابىلىيتىڭىز بىلەن تىخىمۇ ياخشى يەرە خىزمەت قىلالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 14:45:14

بارىكاللا!!! سىزدەك قېرىندىشىم بىلەن ھىچ بولمىسا  تورداش بولغىنمىدىن پەخرلىنىش ھىس قىلدىم.
بەت: [1]
: ئىنسان گېنىگە پاتنىت تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ