دوختۇرخانا تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى:
بىر ئاكام بارتى،نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قاتناش ۋەقەسىدە سول قاپىقى يارىلىنىپ،دوختۇرخانىدا نەچچە كۈن داۋالانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتى،بىراق سول كۆزى ناھايتى غۇۋا كۆرىدىغان بوپ قاپتۇ،قەشقەردىكى دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتسەك كۆزىنىڭ مۆڭگۈز پەردىسى ئۈزۈلۈپتۇ دەپ دېئاگنوز چىقاردى.ئەھۋالدىن قارىغاندا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدىغاندەك،ئەمدى ئاكامنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ داۋالىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،بىراق كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا قايسى دوختۇرخانىنىڭ تېخنىكىسى ياخشىراقتۇ بىلەلمەيۋاتىمەن،بەزىلەر ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىنى تەۋسىيە قىلىشتى،زادى مۇشۇ ياخشىمۇ ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقى بارمۇ؟ دوستلارنىڭ بىلىدىغانلىرى بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن. (ما تۈر تاللايدىغان يەردە ياردەم توغرىسىدا گەپ يوقكەن،ئامال يوق ئىجادىيەت دېگىنى تاللىنىپ قالدى،يەنە مېنى سېسىتىۋەتمەڭلار ،بۇ ئەمىلىيەتتە ئىجادىيەت ئەمەس ياردەم سوراش ئىدى)
مىنىڭچە يەنىلا ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىڭ ، ئۇ يەرنىڭ سەۋىيسى ، تەخنىكىسى يۇقۇرى . مەن ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىكى ئاشخانىدا نەچچە ئاي ئىشلگەن ھەم شۇ جەرياندا داۋالاش سەۋيىسىنىڭ يۇقۇرلىقىنى ئاڭلىغان .
ئۇ دوختۇرخانىغا ھەتتا قازاقىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەردىن كىلىپ داۋالانغانلارنىمۇ كۆرگەنتىم .
ئۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆز كىسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە خېلى نامى بار ئۈزىمۇ بەك چوڭ دوختۇرخانا .
ئەڭ توغرا تاللاش ھاۋا قىسىم دوختۇرخانىسى داۋالاش سەۋىيىسى شۇنداق ياخشى، ۋاقتىدا داۋالاتمىسىڭىز يەنە بىر كۆزىمۇ كۆرمەس بۇپ قالىدۇ. ئەڭ توغرا تاللاش ھاۋا قىسىم دوختۇرخانىسى داۋالاش سەۋىيىسى شۇنداق ياخشى، ۋاقتىدا داۋالاتمىسىڭىز يەنە بىر كۆزىمۇ كۆرمەس بۇپ قالىدۇ. @dilnazuk بىلەتتى . ئاپتونۇم رايۇنلۇق (سابىق ) 1- دوختۇرخانا ( كېرەمباغ) نىڭ كۆز كېسەللىكىنى داۋالاش سەۋىيەسى خېلى يۇقۇرىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم.ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا كۆز كىسەللىكلىرى بۇيچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ يەرگە ئاپرىڭ،ئۇ يەردە ھەتتا چوڭ كىسەللەرنى شاڭخەي،بىيجىڭ دىن بىۋاستە چوڭ ھەربى دوختۇرلار كىلىپ ئوپراسېيە قىلىۋىتىپ يەنە ئايروپلان بىلەن شۇ كۇنى قايتىپ كىتىدىكەن. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. خەنزۇچە ئاتىلىشى نېمە ئىكەن كېسەلنىڭ ،ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا بارماڭ ، ئۇ يەردىكى ئۇستا دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پىنىسيەگە چىقىپ باشقا دوختۇرخانىلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ، كېسەلنى دوختۇرخانا كۆرۈپ ئوپىراتسىيە قىلمايدۇ ،تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى ھەر قاچان ئىلغار بولغان تەقدىردىمۇ ئاخىرى دوختۇر قىلىدۇ ، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدىكى ھەدىيە خانىم ،پولات دوختۇرلار ئايرىم دوختۇرخانا قۇرىۋالدى ، جياڭ گوئەن بىلەن ۋۇ شېڭچۈەن قاتارلىق نوچىلىرىنى يەنە باشقا دوختۇرخانىلار تارتىپ ئەكەتتى ،ھازىر ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسدىكى دوختۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن باشقا ناھىيەلىك دوختۇرخانىلاردىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەنلەر، ئۇلار قىلغان ئوپىراتسىيە ، داۋالاشنى باشقا دوختۇرخانىلارمۇ قىلالايدۇ ، ئۇنچە ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، يەنە كېلىپ ئۇ يەرنىڭ دورىلىرى ،داۋالاش ھەققى يۇقىرى ، دورا بېدىكلىرى پىقىرايدىغان دوختۇرخانىنىڭ ئالدى ئۇ
كۆز كېسەللىكلىرى ھەر خىل بولىدۇ ، دوختۇرلارنىڭمۇ ئىقتىدارى ، قايسى خىل كۆز كېسەللىكلىرىنى دىئاگنوز قىلىپ داۋالاش قابىلىيتى ئوخشاش بولمايدۇ ،ھەر مۇرەككەپ كۆز كېسەللىكىرىنى داۋالىۋەتكەنلەرنىڭ ئادەتتىكى ئالغايلىق ئوپىراتسىينى تۈزۈك قىلالماي ئىش تېرىپ قويغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن داۋالاشتىن كېين ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى بىلەن ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ ، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى ئۇششاق دوختۇرخانىلارمۇ قىلىدىغان ئاقنى داۋاالاپ ساقايتىپ قويسا يەنە بىر دوختۇرخانىدا كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش ئوپىراتىسيەسىنى قىلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى ئەسلىگە كەلمىگەن بىرسى بىلەن سېشلىتۇرۇپ ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىنى چوڭ بىلىپ كېتىدىغانلارنى كۆپ كۆردۈم ، بولسا ئاۋۋال كېسەل راستلا مۈڭگۈز تور پەردىسى 角膜دىكى مەسىلىمۇ ياكى 视网膜دىكى مەسىلىمۇ شۇنى ئېنىق قىلىپ دەپ بەرسىڭىز بولار ئىدى ، مۈڭگۈز پەردىكى مەسىلە ئەمەستەك تۇيۇلىۋاتىدۇ ماڭا ئىچكىرىگە ئەكىلەمسىز يا؟
ھەدىيە خانىم كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسى بۇلىدۇ. مەن بەش يىل بۇرۇن كۆزۈمنى داۋالاتقان ئىدىم. ئۇيغۇر دۇختۇر، ئۇيغۇر سېستىرالار ئىشلەيدۇ ئاساسەن. ھاۋا ئارمىيە دۇختۇرخانىسىنىڭ نامى بار، ئەمما ھەدىيە خانىم دۇختۇرخانىسىمۇ ياخشى داۋالايدىكەن. ھاۋا ئارمىيە دۇختۇرخانىسىنىڭ نامى بار، ئەمما ھەدىيە خانىم كۆز كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانىسىمۇ ياخشى داۋالايدىكەن.
موشۇ 2 دوختۇرخانىنى ئويلىشىپ بىرىنى تاللاڭ .
7- قەۋەتتىكى dilnazukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خەنزۇچە ئاتىلىشى نېمە ئىكەن كېسەلنىڭ ،ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا بارماڭ ، ئۇ يەردىكى ئۇستا دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پىنىسيەگە چىقىپ باشقا دوختۇرخانىلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ، كېسەلنى دوختۇرخانا كۆرۈپ ئوپىراتسىيە قىلمايدۇ ،تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى ھەر قاچان ئىلغار بولغان تەقدىردىمۇ ئاخىرى دوختۇر قىلىدۇ ، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدىكى ھەدىيە خانىم ،پولات دوختۇرلار ئايرىم دوختۇرخانا قۇرىۋالدى ، جياڭ گوئەن بىلەن ۋۇ شېڭچۈەن قاتارلىق نوچىلىرىنى يەنە باشقا دوختۇرخانىلار تارتىپ ئەكەتتى ،ھازىر ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسدىكى دوختۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن باشقا ناھىيەلىك دوختۇرخانىلاردىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەنلەر، ئۇلار قىلغان ئوپىراتسىيە ، داۋالاشنى باشقا دوختۇرخانىلارمۇ قىلالايدۇ ، ئۇنچە ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، يەنە كېلىپ ئۇ يەرنىڭ دورىلىرى ،داۋالاش ھەققى يۇقىرى ، دورا بېدىكلىرى پىقىرايدىغان دوختۇرخانىنىڭ ئالدى ئۇ
كۆز كېسەللىكلىرى ھەر خىل بولىدۇ ، دوختۇرلارنىڭمۇ ئىقتىدارى ، قايسى خىل كۆز كېسەللىكلىرىنى دىئاگنوز قىلىپ داۋالاش قابىلىيتى ئوخشاش بولمايدۇ ،ھەر مۇرەككەپ كۆز كېسەللىكىرىنى داۋالىۋەتكەنلەرنىڭ ئادەتتىكى ئالغايلىق ئوپىراتسىينى تۈزۈك قىلالماي ئىش تېرىپ قويغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن داۋالاشتىن كېين ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى بىلەن ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ ، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى ئۇششاق دوختۇرخانىلارمۇ قىلىدىغان ئاقنى داۋاالاپ ساقايتىپ قويسا يەنە بىر دوختۇرخانىدا كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش ئوپىراتىسيەسىنى قىلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى ئەسلىگە كەلمىگەن بىرسى بىلەن سېشلىتۇرۇپ ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىنى چوڭ بىلىپ كېتىدىغانلارنى كۆپ كۆردۈم ، بولسا ئاۋۋال كېسەل راستلا مۈڭگۈز تور پەردىسى 角膜دىكى مەسىلىمۇ ياكى 视网膜دىكى مەسىلىمۇ شۇنى ئېنىق قىلىپ دەپ بەرسىڭىز بولار ئىدى ، مۈڭگۈز پەردىكى مەسىلە ئەمەستەك تۇيۇلىۋاتىدۇ ماڭا
قەشقەردە شۇنداق دەپ دېئاگنوز قويۇپتۇ.
مەن ھەدىيەنى تەۋىسىيە قىلىمەن، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ، قولاي، داۋالاش تېخنىكىسىمۇ يۇقىرى... پۇرۈي دەپ بەك داۋراڭ سالىدىغۇ ..... يەنىلا ھەدىيە ياكى 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ @dilnazuk سىز بىلەن ئايرىم ئوبدانراق پاراڭلاشسام بولغۇدەك. ئەمىىسە ئامال بولسا ئىچكىرىگە ئاپىرىڭلار ،چىڭداۋدىكى 谢立信دوختۇرنى كۆز كېسەللىكلىرى مۈڭگۈز پەردىسى ئالماشتۇرۇش ئوپىراتىسىيدە ئەڭ ئۇستا دەيدۇ ، قارىچۇق پەردە يىرتىلغان بولسا قارىچۇق پەردە ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق ، شەخسي دوختۇرخانىلار بۇ ئوپىراتسىنى قىلالمايدۇ ، ،قايتا يەنە بىر دىئاگنوز قويۇپ باقىمەن ، داۋالتىش ئايرىم ئەھۋال دېىسىڭىز پۇرۇق كۆز كېسەللىكلىرى ، ھەدىيە ، پولاتلار بولىدۇ ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدىن ئىككىنچى دوختۇرخانىنى ياخشى دەيدۇ . تيببىيي ئۇنۋىرسىتتىكى قارىچۇق پەردىسى ئوپىراتسىينى قىلىدىغان ئەن شىياۋ دوختۇر ھازىر پۇرۇيدە ،لېكىن ئوپىراتسىيە قىلمايدۇ، قېرىپ چۇس مىجەز بولۇپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يامان ئەمەس كۆرىدۇ
15- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@dilnazuk سىز بىلەن ئايرىم ئوبدانراق پاراڭلاشسام بولغۇدەك.
بولىدۇ قەشقەر ھەدىيە كۆز دوختۇرخانىسىغا (ئورنى سەمەندە ) كۆرسېتىپ بىقىڭلار ، شۇلار ئۇرۇمچىگە يۆتكە ياكى بىر مۇتەخەسىس چاقىرىپ بېرەيلى دېيىشى مۇمكىن ... مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆز ئۈزۈمسىمان پەردە ياللۇغى كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، كۆپ قاتراپ كەتتىم. پەقەت 1-دوختۇرخانىغا بارمىدىم، قالغان ھاۋا ئارمىيە، 2-دوختۇرخانا، ھەدىيە، جۇڭيى دوختۇرخاناغا تەكشۈرۈتۈپ، بالنىستقا ئالدۇردۇم. شۇ جەرياندا ھېس قىلىشىمچە، دوختۇرخانا تاللاشتىن مۇھىمى دوختۇر تاللاشكەن. بولمىسا بەرىبىز داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدىكەن.